كۆرۈش: 1293|ئىنكاس: 10

ئۇيغۇر دوپپسى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

tunuxup pikhr almaxtursam man

UID
7601
يازما
191
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
4451
تىزىملاتقان
2010-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-21
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 17:42:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         ئەسسالاملەيكۇم ئەلكويى توردىكى بارلىق ئەزىز تورداشلار ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام ،مەن خىزمەت ئالدىراشلىقى تۈپەيلى ،تورداشلار بىلەن ھەمسۆ ھبەت بولمىغلى بەك ئۇزۇن بوپتۇ ، ئالدىمىزدا يىتىپ كېلىش ئالددا تۇرغان ئويغۇرلارنىڭ مىللى ئەنئەنۋى دوپپا بايرىمنى قىزغىن تەبرىكلەش ھەم تورداشلار بىلەن ھەم سۆ ھبە ت بۇلۇش ئۈچۈن تۇرغۇن ئۇبۇلقاسىمنىڭ 2002- يىلى مىللەتلەر ژۇرنىلدا ئېلان قلىغان‹ ئويغۇر دوپپىسى › دىگەن قەسىدىسنى كەڭ تورداشلارغا سۇندۇم ، گەرچە بۇ ئەسەرنى مەن يازمىغان بولساممۇ ،بۇ ئەسەر شۇنداق جانلىق ، شۇنداق ياخشى يېزىلغان بۇلۇپلا قالغاي ، ھەر قانداق ئويغۇر يىگىت قىزلىرىمىزنىڭ مىللى مەدىنيىتىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئۇلۇغلاش ، تەشۋىق قلىش ئىستكىنى ئويغاتقۇسى !   دەپ قارايمەن .

       باش كىيىملەر شاھىدۇر جاھانغا ئۇيغۇر دوپپىسى،  
      ماس، ياراشقاي ھەر زامان-دەۋرانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
      كىيسە نورۇز-نەۋباھار، ياز، كۈزدە قوش سۆلەت ئىرۇر،
      مەيلى پۇقرا، مەيلى شاھ-سۇلتانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
      قول ھۈنەرۋەن سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى، گۈلتاجى ئۇ،
      ھەم ۋەكىل مىللەت، غۇرۇر، ۋىجدانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
      نۇسخىلاردا پارلىغاي چىن تارىخىي ئەۋرىشكىلەر،
      دەرس بېرەر سىردىن دېڭىز-ئوكيانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
      بىر «چىمەن دوپپا» دېسە، تۈر- نۇسخىسى بار نەچچە ئون،
      باشلىغاي بوستانغا، گاھ پىنھانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
      سىز «بادام دوپپا» كۆرۈپ: چاغلىق، بادامكەنغۇ دېمەڭ،
      دوست قۇياش، يۇلتۇز ۋە ئاي، چولپانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
     «مامپۇ»، «راۋاب» باغىدا بال ھەرىسى، قۇش، «كېپىنەك»،
      مۇڭ، مۇزىكا بۇلبۇلى خەندانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
     «پاختا»، «ئۈنچە»، «ئالماگۈل»، «ياپراق»، «ئۈزۈم» سەھراسى كەڭ،
     ئوخشىغاي خوپ مول ھوسۇل، خامانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
      «كالۋىتۇن»، «مەزەڭگە»، «ئىلمە»، «چاچما»، «زەر» دۇنيا بۆلەك،
      ئۇستىكارغا بەيگىدۇر جەۋلانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
      «بەش تالا»، «چەكمەن»، «يۈرەك»، «شەيدائى» سىمۋول سۆيگۈگە،
      يول ئاچار ئالىي تىلەك-ئارمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
      ئايىمى ھېيىت، تويدا «ئەگىم قاش»، «گىلەم»، «كۆز» كۆرگى قىز،
      كاتتا سۆلەت ئەر-ئايال مېھمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
      ئالدىراپ كۈلمەڭ «شاپاق  بۆك»، «پوچى كۈلگۈنچەك» دېسە،
      نۇر تۆكەر «گۈلخان» كەبى غىلمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
      «يا»، «قىلىچ»، «بايتامغا»، «يۇلتۇزتامغا» دەپ تۈرلەر تولا،
      خاس جىگەرلىك قىز، يېتۇك ئوغلانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
      دوپپا ئازمۇ «غۇلجا»، «تۇرپان»، بەلكى «تاشكەنت» نامىدىن،
      بىرىنىڭ يەتكەي خىلى چەندانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
      شۇنچە كۆپ تۈر-نۇسخىلارنى ھېچ كىشى بولماس ساناپ،
      جان بېرەر مىزانغا، يەر-ئاسمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
      ياش-قېرى، ئۆسمۈر-بوۋاقنىڭ تاللىشى ئۆز ئالدىغا،
      بار مۇۋاپىق ھەركىشى - ئىنسانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
      يىپ دېمەڭ ئاددىي، تومۇرلار ئىلكىدە ئۆزلۈك مۇدام،
      روزغار دەرمان، ئىشەنچ - ئىمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
      بۇ ھۈنەرنىڭ پىرلىرىدۇر ئەسلىدە قەشقەر، خوتەن،
      باب ئېسىل سەنئەت دېگەن ئۈنۋانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
      ئەنئەنە يىلتىز گۈزەللىك، ئىزگۈلۈك پاكلىق ئۈچۈن،
      كۈيلىسەم سىغماس تۈمەن داستانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.

                  مەنبە:  جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژۇرنىلى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-15 16:40  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
22128
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2012-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-14
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 19:58:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمىزنىڭ سىمۋولى.

UID
47447
يازما
34
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2013-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-21
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 23:30:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  دوپپا-مىللىتىمىزنىڭ سىمۋولى، مەن بۇنى چەتئەلگە چىققان ۋاقتىمدا چوڭقۇر ھېس قىلدىم.
ئۆتكەن يىلى مەن گوللاندىيە پايتەختى ئامىستىردام شەھرىدە ساياھەت قىلىۋېتىپ، بىر جايدا
سۈرەتكە چۈشۈۋاتساق، گوللاندىيەلىك ئىككى ياش قېشىمىزغا كېلىپ بىزدىن:«سىلەر ئۇيغۇرمۇ؟»
دەپ سورىدى. يېنىمدىكى ھەمرايىم ئۇلارغا ئېنگىلىزچە:«ھەئە، بىز ئۇيغۇر، سىز بۇنى قانداق
بىلدىڭىز؟»دىۋىدى، ئۇلار مىنى كۆرسىتىپ:«ماۋۇ كىشىنىڭ بېشىدىكى دوپپىسىدىن بىلدۇق،
بىز شىنجاڭغا بارغان ، مۇشۇنداق دوپپا كەيگەن ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن » دىدى. ئۇچاغدا
مەن بېشىمغا چىمەن دوپپا كېيىۋالغان ئىدىم. دىمەك دوپپا-مىللىتىمىزنى باشقىلارغا
تونۇتىدىغان بىر مۇھىم بەلگە ، مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ ئاددى، ئەڭ يۈكسەك سىمۋولى.

UID
42702
يازما
72
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2012-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 07:21:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېزنىڭ ئارىمېزدىن تېل مەسلېسنى ھەل قىلىش ئۇچۇن يۇرىكى سوقىدىغان، ۋېژدانى ئويغاق ،تېل مىللەت ئۇچۇن جىنېنى پىدا قىلالايدىغان ھەقىقى ئەركەكلەر بارمىدۇ؟راس بۇنى بۇنداق ئېكراندىكې مەۋھۇم دۇنياغا يىزىىپ قويغان بىلەن بولدېغان ئىش ئەمەس !!!ھەممېمىز تورغا چىقساق مۇشۇ توغۇرلۇق پاراڭلارنى قىلشېمىز !!!لىكىن ئەمەلى ھەركەت يوق  !!!!
قىنى ھەركەتكە كىلېپ بېزنىڭ سۆيۇملۇك ،كۆيۇمچان،بېزنىڭ گەپ سۆزىمېزنى ئوڭ قۇلقىدا ئاڭلايدىغان پارتىيەگە يۇرەكلىك ھالدا تېل مىللەت توغۇرلۇق سۆز ئاچالايدىغان،مىللەت ۋە تېل ئۇچۇن ۋېژدانى گۇلخان بولۇپ يانىدنغان ھەقىقى ئەركەكلەر بىر يەرگە كىلەلەمسېلەر ؟؟؟ئاڭلاڭ قىرېندېشىم!! ۋەتېنىم ۋېژدانى ئويغاق ئەركەكلەر نەگە كەتتېڭلار دەپ پەريات قىلماقتا.                                          تېل ۋە مىللەت‹‹››

UID
47282
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2012-9-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-29
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 08:48:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويغۇر ئەمەس ئۇيغۇر. مىللىتىمىزنىڭ نامىنى ھەم يوللانغان تىمىنىڭ ماۋزۇسىنى بولسىمۇ توغرا يېزىشقا دىققەت قىلىساق.

UID
2847
يازما
68
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
98
تىزىملاتقان
2010-6-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-7
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 10:40:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنڭمۇ دوپپام بار ،لىكىن بەك ئاز كىيىمەن .

UID
47388
يازما
72
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2013-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-10
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 12:36:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوپپا ئەتلەس كۆينەك ، ئوغۇللارغا ئىشلەك كۆينەك نىمىدىگەن يارىشىدۇ ھە ....
ئۇ بىزنىڭ گۈلتاجىمىز ....

UID
46873
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2013-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-21
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 16:17:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست، ئۇيغۇر دوپپىللىرى يارىشىملىق كۆرۈكلا بوپ قالماستىن ،ئۇ مىللىتىمىزنىڭ خاسلىقىنىڭ بەلگىسى. ئەمما بۈگۈنكى دەۋىردە دوپپا ئاياللارنىڭ بېشىغا مىللىي تۈس ئالغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدە ، ئەرلەرنىڭ بېشىغا ئۆلۇم_ يىتىم، ھېيىت _بايراملاردىلا چىقىۋاتىدۇ . بۇ ئەھۋال ئادەمنى ئۈمۈتسىزلىك ئالىمىگە باشلايدۇ .ھەممە نەرسە ئۆز خاسلىقى بىلەن مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالىدۇ .

UID
49006
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-4-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 20:22:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز دوپپا بىلەن ئۇيغۇرغۇ شۇنداققۇ!

UID
11177
يازما
234
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1764
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
55 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 22:34:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇيغۇرلىقىمدىن ۋە دوپپامدىن مەڭگۈ پەخىرلىنىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش