كۆرۈش: 1506|ئىنكاس: 15

شىنجاڭ كوماندىسى ئۇتتاردى،ئەمما گۇرۇپپىدىن چىقتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
47232
يازما
220
تېما
51
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
96 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 16:28:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان شىنجاڭ كوماندىسى جىياڭسۇ كوماندىسى بىلەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنى پۇتبول مۇسابىقىسى جىياڭسۇ رايۇنى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنى ئوينىدى. ئالدىنقى مەيدان باشلىنىپ ئەزمەتلىرىمىز كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ 5 مىنۇت بولغاندا 10-نۇمۇرلۇق ماھىرىمىز كاپىتان ئەخمەتجان قارشى تەرەپ قاپقىچىسىنىڭ ئالدىغا چىققان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا مەيداندىن بىر ئاسما توپ ئۇرۇپ ۋاقىتىلىق ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. مۇسابىقە 20 مىنۇت بولغاندا جىياڭسۇ كوماندىسى يان تەرەپتىن توپ باشلاپ 7-نۇمۇرلۇق ماھىرى بىر توپ ئۇرۋالدى. بۇ توپتا مۇداپىئەچىللىرىمىزدا سەۋەنلىك كۆرۈلدى. يەنە توپقا ئىنكاس قىلماي توپنىڭ قاپقىغا كىرىپ كېتىشىگە قاراپ تۇردى دىسەك بولىدۇ. ماھىرلىرىمىز ئالدىنقى مەيداندا كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ ئەمما مۇسابىقە نەتىجىسىنى ئۆزگەرتەلمىدى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە 2-نۇمۇرلۇق ماھىرىمىز مۇستافا ئىككى قېتىم ئىختىيارى توپ تەپتى، لىكىن قارشى تەرەپ قاپقىچىسى بۇ ئىككلا توپنى بىر تەرەپ قىلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە 1-1 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.  
   كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئەزمەتلىرىمىز يەنىلا بوشاشماي داۋاملىق كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغغىغان بولسىمۇ لىكىن مۇسابىقە نەتىجىسىنى ئۆزگەرتەلمىدى. مۇسابىقە 65 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا قارشى تەرەپنىڭ 3-نۇمۇرلۇق ماھىرى بىر توپ ئۇرۇپ ۋاقىتىلىق ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. مۇسابىقە ئاخىرىدا ئەزمەتلىرىمىز قاتتىق كۈچىگەن بولسىمۇ لىكىن مۇسابىقە نەتىجسىنى ئۆزگەرتەلمەي 2-1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى. گەرچە مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ لىكىن 12-نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشش شەرىپىگە ئېرىشتى.
  بۈگۈن مۇسابىقە مەيدانىغا كەلگەن شىنجاڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ سانى 600دىن ئاشىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ 50دىن ئوشۇقراق مەستانىلىرى كىلىپ مەدەت بەردى.
  يەنە بىر ئەسكەرتىشكە تىگىشلىك ئىش مۇسابىقىگە رېپىر بىزنىڭ ئەزمەتلىرىمىزنى بەك بىسىۋەتتى. يەنى ئەزمەتلىرىمىز 12ئادەم بىلەن ئويىنىدى دىسەك بولىدۇ. ھەتتا قارشى تەرەپ ئەزالىرى پۇت سالسا ھېچ گەپ يوق بىزنىڭ ئەزمەتلىرىمىز ئادەتتىكىدەك بىر ھەرىكەت ئىشلەپ قويسا كارتا دىگەننى ئايىماي بېرىۋەردى. ھەتتا بىزنىڭ كوماندىمىزنىڭ تېرىنىرى بولغان ئادەممۇ پۈتۈن مۇسابىقە تۈگگىچە بىر ئېغىز گەپ قىلماي ئولتۇردى. ھازىرىقى ئاڭلىغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا تېرىنىرىمىز سېتىلغان دىگەن گەپ بار. تەپسىلاتىنى ئەتىگىچە يوللايمەن. بىزنىڭ باللارنىڭ ئىپادىسى شۇنداق ياخشى بولغان.ئەپسۇس ئۇتتۇرۇپ قويدى. مۇسابىقىدىن كىيىن باللارنىڭ ئىپادىسىمۇ شۇنداق ناچار. ھەتتا گەپ قىلىشمۇ خوشياقماي قاپتۇ.  ئۇنىڭ ئۈستىگە كىيىنكى يېرىم مەيداندا ئاساسلىق ئەزالارنىڭ ھەممىسىنى ئالماشتۇرۋەتتى.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
47742
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2013-3-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 18:56:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنى ساتىدىغان مۇشۇنداق تېرىنىرلارنى بىرنىمە قىلىۋەتسە زادى . . . . . . . . .

UID
48453
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
32
تىزىملاتقان
2013-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-20
توردا
43 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 19:14:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامال يوق .... بۇنداق ئىشىلار دىگەن ئادەتتىكى گەپ بوپقادىغۇ... ھازىر تېخى ئەمدى باشلىنىشى،، قالغىنى تېخى ئالدىمزدا جىق كۆرىمىز .... 1 مېليارد 300 مىليون خەقتىن ھەققىي ئوينايدىغان 11 دىسەم سەل سەت تۇرمىسۇن بوپتۇ ئازراق قوشۇپ قوياي 20 ئادەم چىقمىغاندىكىن .. مۇشۇنداق ساختىلىق ئىشلەتمەي نېمىش قولدىن كىلەتتى...

UID
18011
يازما
61
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
181
تىزىملاتقان
2011-12-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-23
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 19:56:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خەخنىڭ ئالدىدا كۈنىمىز تەس .

UID
22128
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2012-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-14
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 19:56:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرەت قىلىڭلار.

UID
25197
يازما
119
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
119
تىزىملاتقان
2012-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
55 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 23:01:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم شۇ ساختىكارلارغا ھەقىقەت دەپ ھۆركىرەلمىگەن لەقۋا تېرىنىر؟!!!

UID
15371
يازما
104
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1424
تىزىملاتقان
2011-9-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 01:25:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
42702
يازما
72
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2012-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 07:25:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېزنىڭ ئارىمېزدىن تېل مەسلېسنى ھەل قىلىش ئۇچۇن يۇرىكى سوقىدىغان، ۋېژدانى ئويغاق ،تېل مىللەت ئۇچۇن جىنېنى پىدا قىلالايدىغان ھەقىقى ئەركەكلەر بارمىدۇ؟راس بۇنى بۇنداق ئېكراندىكې مەۋھۇم دۇنياغا يىزىىپ قويغان بىلەن بولدېغان ئىش ئەمەس !!!ھەممېمىز تورغا چىقساق مۇشۇ توغۇرلۇق پاراڭلارنى قىلشېمىز !!!لىكىن ئەمەلى ھەركەت يوق  !!!!
قىنى ھەركەتكە كىلېپ بېزنىڭ سۆيۇملۇك ،كۆيۇمچان،بېزنىڭ گەپ سۆزىمېزنى ئوڭ قۇلقىدا ئاڭلايدىغان پارتىيەگە يۇرەكلىك ھالدا تېل مىللەت توغۇرلۇق سۆز ئاچالايدىغان،مىللەت ۋە تېل ئۇچۇن ۋېژدانى گۇلخان بولۇپ يانىدنغان ھەقىقى ئەركەكلەر بىر يەرگە كىلەلەمسېلەر ؟؟؟ئاڭلاڭ قىرېندېشىم!! ۋەتېنىم ۋېژدانى ئويغاق ئەركەكلەر نەگە كەتتېڭلار دەپ پەريات قىلماقتا.                                          تېل ۋە مىللەت‹‹››

UID
12571
يازما
17
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
107
تىزىملاتقان
2011-6-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 12:05:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىنىر ۋاقىراپ قويسا 'چەتئەلدىكى ئۈچ خىل كۈچ  كۈشكەرتكەن ' دىگەن قالپاقنى كىيىپ قالىدىغىنىنى بىلىدۇ ئەمەسمۇ

UID
18331
يازما
81
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
81
تىزىملاتقان
2011-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
توردا
77 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 12:40:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزمەتلىرىمىز غەيرەتقىلىڭلار !!!!!!! سىلەر توپ تەپكەندىن باشلاپ خەلىقىمزدە ئويلىنىش ، ئويغىنىش بولدى ، بىز نەتىجىگە ئېرىشىپ بولدۇق .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش