كۆرۈش: 436|ئىنكاس: 9

ئانا تىلىم (نەسىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
48804
يازما
2
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-4-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 21:16:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    ئانا تىلىم، ئانامنىڭ تىلى! مەن سەن بىلەن تۇنجى رەت "ئانا" دېگەن، ھەم تۇنجى رەت ئانامنىڭ سەن بىلەن "بالام" دېگىنىنى ئاڭلىغان.

    ئانا تىلىم، سەن ئانام ئۆگەتكەن تىل، ماڭا قانداق سۆزلەشنى، قانداق يىغلاشنى، قانداق كۈلۈشنى...قانداق ياشاشنى ئۆگەتكەن تىل سەن.

    ئەي، ئانا تىلىم، سەن ئانامنىڭ تىلى، ئانامدەك گۈزەل تىل؛ سەن ئاتامنىڭ تىلى، ئاتامدەك جەسۇر تىل؛ سەن مومامنىڭ تىلى، مومامدەك سېخىي تىل؛ سەن بوۋامنىڭ تىلى، بوۋامدەك خىزىر تىل. سېنى سۆزلەپ-سۆزلەپ قانمايمەن، كۈيلەپ-كۈيلەپ ھارمايمەن. ھەر قېتىم سېنى تىلغا ئالغىنىمدا قەلبىم ئىللىق بىر سېزىم ئىلكىدە ئۇرغۇيدۇ، چۈنكى سەندە ئەجدادىمنىڭ يۈرەك سوقۇشى بار، تىنىقى بار، ھارارىتى بار!

    ئانا تىلىم، سەن بىلەن مەڭگۈ تاشلارنىڭ سىرىنى ئۇقتۇم، كۈلتېكىن ئات ئۈستىدە قىلىچ ئوينىتىپ، ئۆتۈكەن تاغلىرىغا مەغرۇر ئەلىمىنى قادىغاندا يۈرىكىم باتۇرلۇقنىڭ جىلۋىسىدە ھاياجانغا تولدى. "كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق" دېگەن بۇ مۇقەددەس سادا قەلبىمنى تىترەتتى.

    ئانا تىلىم، سەن بىلەن "ئوغۇزنامە" نى ئوقۇدۇم، ئوغۇزنىڭ كىملىكىنى تونۇدۇم. ئۇ ئۇيغۇر قەۋمىنى باشلاپ ئىدىل دەريا بويىدا "ئاتلان!" دەپ نەرە تارتقاندا بۇ بۈيۈك چۇقاندىن جىسمىم لەرزىگە كەلدى، لاۋۇلداپ يانغان گۈلخانلارنىڭ تەپتىدە قانلىرىم قايناپ تاشتى. كۆك بۆرىنىڭ ھۇۋلاشلىرىدىن ئاداققى غەلىبىنىڭ يارقىن نۇرلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم.

    ئانا تىلىم، سەن ماڭا "ئالتۇن يارۇق" نى تونۇتتۇڭ، سىڭقۇسەلى ئاشۇ ئالتۇن ئاسماندىكى يورۇق چولپاندەك يۈرىكىمگە ئەقىل نۇرلىرىنى چاچتى.

    ئانا تىلىم، سەن بولغاچقا ئاپرىنچۇر تېكىن ھايات ئادەمدەك ئالدىمدا شېئىر ئوقۇدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن چەكسىز سۆيۈنۈشنى كۆردۈم. قوچۇ باغرىدىن تارالغان مۇھەببەتلىك لىرىكىلار قەلبىمنى تاتلىق ھېسلارغا چۆمدۈردى.

    ئانا تىلىم، سەن "ئىككى تېگىننىڭ ھېكايىسى" بىلەن ماڭا نېمىنىڭ ياخشىلىق، نېمىنىڭ يامانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۈڭ. ئالدىمدا گويا پارلاق مەنزىلگە تۇتاشقان داغدام يول ئېچىلغاندەك بولدى.

    ئانا تىلىم، سەن بىلەن "قۇتادغۇبىلىك" تەك شاھانە ئەسەرنى ئوقۇشقا نائىل بولدۇم، ئۇنىڭدىكى تېرەن ھېكمەتلەر روھىمنى ئەسىر قىلدى، پاراسەت چاقناپ تۇرغان قۇرلار مېنى ھەم دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇردى.

    ئانا تىلىم، سەن بولغاچقىلا "تۈركىي تىللار دىۋانى" دەك بۈيۈك دەستۇرنى تونۇدۇم. بۇندىن مىڭ يىل مۇقەددەم ئۇيغۇرۇمنىڭ تىلىنى ئەرەب، پارس تىللىرى بىلەن بەيگىگە سالغان بوۋام مەھمۇدقا غايىبانە ئېھتىراملار بىلدۈردۈم.

    ئانا تىلىم، سەن بىلەن يۈكنەكىنىڭ ئەقىل ئۈنچىلىرىنى ئوقۇدۇم، "ئەتەبەتۇل ھەقايىق" نىڭ ھەربىر بېتىدىن يۈزلىگەن ھەقىقەت گۈللىرى ئېچىلدى.

    ئانا تىلىم، نەۋائىي سەن بىلەن ناۋا قىلدى. بۇ بۈيۈك شەرق بۇلبۇلىنىڭ ئاۋازى جاھاننى غەزەل دېڭىزىغا چۆكتۈردى. بۇ ناۋالارنى يەنىلا سەن بىلەن ئاڭلىيالىدىم...

    ئەي، ئانا تىلىم، شاھ مەشرەپنىڭ غەزىلىدە سەن بار، نەۋبەتىنىڭ ئۈنلىرىدە ھەم سەن بار؛ ھىرقىتىنىڭ مىسرالىرىدا سەن بار، ئاماننىسانىڭ كۈيلىرىدە ھەم سەن بار. سەن_غېرىب جانانىغا قوشاق قاتقان تىل؛ سەن_پەرھاد مەشۇقىغا مەكتۇپ يازغان تىل؛ سەن_ئابدۇخالىق ئۇيغۇر "ئويغان!" دېگەن تىل؛ سەن_تەۋپىق "ئىزچى مارشى" نى ياڭراتقان تىل؛ سەن_لۇتپۇللا "خىيالچان تىلەك" لىرىنى بايان ئەتكەن تىل...ئۇزاق تارىخنىڭ ئىزناسى سەندە، تالاي ئۆتمۈشنىڭ سىماسى سەندە؛ شانلىق سەلتەنەتنىڭ جۇلاسى سەندە، قانلىق كۈرەشلەرنىڭ نىداسى سەندە! جېنىمىزمۇ سەن، قېنىمىزمۇ سەن، تۈۋرۈكىمىزمۇ سەن، كۆۋرۈكىمىزمۇ سەن...بارىمىز پەقەت سەن بىلەنلا بار بولۇپ تۇرالايدۇ. سەن تەپەككۇرنىڭ جەۋھىرىسەن، ھاياتلىقنىڭ كەۋسىرىسەن. جاھان تىل سەھنىسىنى نەپىس كەشتىگە ئوخشاتسام، سەن شۇ كەشتىگە ئۆزگىچە رەڭ، ھۆسىن قوشۇۋاتقان مەشۇت يىپىسەن. تىل گۈلزارلىقىدا بەرق ئۇرۇپ ئېچىلىپ، خۇشپۇراقلار چېچىۋاتقان كۆركەم گۈلسەن.

    ئانا تىلىم، سەككىز مىليون بۇلبۇل سەندە ناۋا قىلىدۇ، سەندە سايرايدۇ. سەندە كۈلىدۇ، سەندە يىغلايدۇ. سەندە تەپەككۇر قىلىدۇ، سەندە تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. سەندە چۈشىنىدۇ، سەندە چۈشەندۈرىدۇ. مانا بۇ بىر رىۋايەتلىك مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئاساسى.

    ئانا تىلىم، تەرىپىڭگە تىلىم ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ. نان ئۇيغۇرغا قانچىلىك مۇھىم بولسا، سەنمۇ ئۇيغۇر پۇشتىغا شۇنچىلىك مۇھىمسەن. سېنى ئۇنتۇغان كۈنىمىز قەلبىمىز زۇۋاندىن قالىدۇ. سېنى تاشلاپ تىنغان ھەر تىنىقىمىز زەھەردىن ئاچچىق، نەشتەردىن قاتتىق. سەن بىزگە جاندىن ئەزىزسەن پاسىبان تىلىم. بىزنى قوغدىغۇچى زۇلپىقارمۇ سەن، بىزنى ياشناتقۇچى روزىغارمۇ ھەم سەن، بىزنى ئەللەيلىگۈچى غەمگۈزارمۇ سەن، بىزنى تونۇتقۇچى جىلۋىكارمۇ يەنىلا سەن! پەرزەنتلىرىڭنىڭ بەختىگە ئامان بول ئانا تىلىم، يۈزۈڭگە چاڭ قونمىسۇن، ساڭا تەشنا قەلبلەر زۇۋاندىن قالمىسۇن. ئۇيغۇر ئەۋلادى يەنە مىڭ يىلدىن كېيىنمۇ قەددىنى تىك تۇتۇپ ئانا تىلى بىلەن قىلچە ھودۇقماي "مەن ئۇيغۇر!" دەپ ئېيتالىسۇن!




مەنبە : ئۆز قەلىمىم


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
47930
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2013-3-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-18
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 09:24:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                               كەچسەممۇ گەر  ئەزىز جېنىمدىن ، كېچەلمەسمەن ئانا تىلىمدىن !

UID
31144
يازما
401
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
401
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
94 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 13:19:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى ،ئانا تىلىمىز قوش تىل مائارىپى تۇپەيلىدىن ئانا تىلىمىز ئۇنتۇلۇپ كەتمىسىۇن . جەميىتىمزىدكى 民考汉بالىلارغا قارىسىام بىز بىلەن پەقەتلا ئوخشىمايدىكەن .تەپەككۇرۇمۇ بىز بىلەن ئوخشىمايدۇ ،يولدشىم خەنزۇچە ئوقۇغان ، خەت ساۋاتى بولمىغاچقا نۇرغۇن ياخشى كىتاپلارنىمۇ ئوقۇيالمايدۇ !ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىنى پىشىقق ئۆگەنگەن ئاساستا باشقا تىللارنىمۇ ئوبدان بىلىشىمىز زورۇر !

UID
48843
يازما
5
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-4-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-16
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 16:50:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل ھەققىدە  يۅرەك قتىدىن ئۇرغۇپ چىققان  ساپ سۆيگۈدىن  قەلبىم لەرزىگە كەلدى....

UID
30558
يازما
62
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
62
تىزىملاتقان
2012-2-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
71 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 23:36:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         
               

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1416
تېما
37
نادىر
0
جۇغلانما
43151
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-6
توردا
52 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 12:04:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل بىگەن كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغۇم كېلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن  ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.



UID
47388
يازما
68
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2013-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 14:48:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىدىن دىلىم سۈيۈندى تنىم يايرىدى ،
ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى ئۇنى سۈيەيلى قەدىرلەيلى .......

UID
42702
يازما
72
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2012-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 08:42:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بېزنىڭ ئارىمېزدىن تېل مەسلېسنى ھەل قىلىش ئۇچۇن يۇرىكى سوقىدىغان، ۋېژدانى ئويغاق ،تېل مىللەت ئۇچۇن جىنېنى پىدا قىلالايدىغان ھەقىقى ئەركەكلەر بارمىدۇ؟راس بۇنى بۇنداق ئېكراندىكې مەۋھۇم دۇنياغا يىزىىپ قويغان بىلەن بولدېغان ئىش ئەمەس !!!ھەممېمىز تورغا چىقساق مۇشۇ توغۇرلۇق پاراڭلارنى قىلشېمىز !!!لىكىن ئەمەلى ھەركەت يوق  !!!!

UID
42702
يازما
72
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2012-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 09:04:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېزنىڭ ئارىمېزدىن تېل مەسلېسنى ھەل قىلىش ئۇچۇن يۇرىكى سوقىدىغان، ۋېژدانى ئويغاق ،تېل مىللەت ئۇچۇن جىنېنى پىدا قىلالايدىغان ھەقىقى ئەركەكلەر بارمىدۇ؟راس بۇنى بۇنداق ئېكراندىكې مەۋھۇم دۇنياغا يىزىىپ قويغان بىلەن بولدېغان ئىش ئەمەس !!!ھەممېمىز تورغا چىقساق مۇشۇ توغۇرلۇق پاراڭلارنى قىلشېمىز !!!لىكىن ئەمەلى ھەركەت يوق  !!!!
قىنى ھەركەتكە كىلېپ بېزنىڭ سۆيۇملۇك ،كۆيۇمچان،بېزنىڭ گەپ سۆزىمېزنى ئوڭ قۇلقىدا ئاڭلايدىغان پارتىيەگە يۇرەكلىك ھالدا تېل مىللەت توغۇرلۇق سۆز ئاچالايدىغان،مىللەت ۋە تېل ئۇچۇن ۋېژدانى گۇلخان بولۇپ يانىدنغان ھەقىقى ئەركەكلەر بىر يەرگە كىلەلەمسېلەر ؟؟؟ئاڭلاڭ  ۋەتېنىم ۋېژدانى ئويغاق ئەركەكلەر نەگە كەتتېڭلار دەپ پەريات قىلماقتا.                                          تېل ۋە مىللەت‹‹››

كۆيۈمچان ئەزا

tunuxup pikhr almaxtursam man

UID
7601
يازما
193
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
4453
تىزىملاتقان
2010-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-9
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 11:00:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن ئۆ تكۈر قۇرلار  ھە بۇ ! چىن يۈرەكتىن ئۇرغۇغان كۈيلەردىن قاتتىق ھاياجانلاندىم . بەك بەك بەك ياخشى يىزىپسىز قېرىندىشىم . شۇنداق تەسرلەندىم . ئادەمنى ھاياجانلاندۇردىغان ، ئادەمنى ئويغىتدىغان ، ئويغا سالدىغان ، ئىجاتكار مەشھۇرلارنى ئەسكە ئالدۇردىغان  قورلارنى بەخىش ئەتكىىڭىزگە كۆ پ رەھمەت . تولمۇ سۇيۇندۇم . قەلمىڭىز ھارمىغاي ، داۋاملىق مۇشۇنداق جاراڭلىق كۈيلەرنى ياراتقايسىز . ئانا تىلمىزنى ھەممە قوغدايلى .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش