تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1507|ئىنكاس: 25

ئۈرۈمچىدە تاكسى قوزغىلىشى10يۈەن بولماقچى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1396
يازما
17
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
43
تىزىملاتقان
2009-2-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-9
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈمچى شەھىرىدە تاكسىلارنىڭ قوزغىلىش ھەققى ئون يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈشى مۇمكىن

21   ۋەكىل 3 – ئاپرېل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تاكسىنىڭ قوزغىلىش ھەققىنى ئالتە يۈەندىن ئون يۈەنگە تەڭشەش ھەققىدىكى لايىھەنى مۇزاكىرە قىلدى.
    ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى 2010 – يىلى 9 – دېكابىر تاكسىنىڭ قوزغىلىش ھەققىنى ئالتە يۈەندىن سەككىز يۈەنگە تەڭشەش ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچقان. يىغىندىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تاكسىغا ئىشلىتىلىدىغان تەبئىي گاز باھاسى ۋە تاكسىنىڭ يول كىراسى ھەققىنى تەڭشىمىگەن. تاكسىغا ئىشلىتىلىدىغان تەبئىي گازدا مالىيەدىن تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، ھەر بىر تاكسىغا كۈنىگە 40 كۇب مېتىرلىق ئۆلچەم بويىچە، ھەر كۇب مېتىرغا 1.99 يۈەن تولۇقلىما بەرگەن، بۇلتۇر 31 – دېكابىرغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تاكسىلارغا جەمئىي 277 مىليون يۈەن تولۇقلىما بېرىلگەن.
    ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاپتوموبىللارغا ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گاز باھاسىنى ھازىرقى ھەر كۇب مېتىرى 2.08 يۈەندىن ھەر كۇپ مېتىرىنى 4.07 يۈەنگە ئۆستۈرگەن، تەڭشەش نىسبىتى %95.67كە يەتكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تاكسىلاردا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان دەسلەپكى ئۈچ كىلومېتىرغا ئالتە يۈەن ھەق ئېلىش، كېيىنكى ھەر بىر كىلومېتىرغا 1.3 يۈەندىن ھەق ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ سەۋىيە ئون يىل تەڭشەلمىگەن. ئاپتونوم رايوننىڭ تاكسى كەسپىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن، تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئەمگەك سىجىللىقى ئېغىر، كىرىم سەۋىيەسى نىسبەتەن تۆۋەن بولغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تاكسىنىڭ كىرا ھەققىنى مۇۋاپىق تەڭشەيدىكەن.
    بۇ قېتىمقى ئىسپات ئاڭلاش لايىھەسى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: تاكسىنىڭ قوزغىلىش ھەققىنى ئالتە يۈەندىن ئون يۈەنگە تەڭشەش؛ ھۆكۈمەتنىڭ تاكسىلارغا بېرىلىدىغان تەبىئىي گاز تولۇقلىمىسىنى بىكار قىلىش، كىرا ھەققى تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئاشقان كىرىمنى تەبىئىي گاز باھاسى ئۆسۈشتىن كېلىپ چىققان شوپۇرلارنىڭ تەبىئىي گاز چىقىمىغا ئىشلىتىش، تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ كىرىمى ئاشقاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش، بۇ ئارقىلىق تەبئىي گاز باھاسىنىڭ لەيلىمە ھالەتتە بولۇشىغا بوشلۇق يارىتىش.
    ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقان 21 ۋەكىل بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: تاكسىنىڭ كىرا ھەققىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
    تاكسى شوپۇرى جاڭ شياۋبو مۇنداق دېدى: تاكسىنىڭ قوزغىلىش باھاسىنى ئۆستۈرگەندە، قاتناشنىڭ يۇقىرى دولقۇنى مەزگىلىدىكى ‹‹تاكسى توسۇش تەس›› بولۇش ھالىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، چۈنكى ئىلگىرى ھۆكۈمەت بېرىدىغان تەبىئىي گاز تولۇقلىمىسىنى شوپۇرلار بىۋاسىتە ئۈستىگە ئالىدىغان بولغاچقا، زىيان تارتماسلىق ئۈچۈن، چوقۇم ۋاقتى – قەرەلىدە قاتنايدىغان بولىدۇ، قاتناشنىڭ يۇقىرى دولقۇنىدا تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ يولغا چىقمايدىغان ئەھۋاللىرىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
    ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، تاكسى تىجارەتچىلىرى، ئاممىۋى قاتناش شىركىتى، ئىستېمالچىلار ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكىلەر تەكلىپ قىلىندى، ئۇلار تاكسىنىڭ كىرا ھەققىنى ئۆستۈرۈش كېرەكمۇ – يوق؟ دېگەن تېمىدا تەكلىپ – پىكىر بەردى.
    ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش – تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى باھانى تەڭشەش ئارقىلىق كۆپلىگەن كىشىلەرنى ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، بايلىق مەنبەسنىڭ مۇۋاپىق تەڭشىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
    ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر تاكسى ھەققىنى تەڭشەش لايىھەسىگە پىكىر – تەكلىپلەرنى بەرگەندىن كېيىن، يەنە ئاپتوماتىك تالون چىقىرىش، تېلېفون ئارقىلىق تاكسى زاكاز قىلىش ئىشلىرىنى تېزرەك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.

                        مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2847
يازما
66
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
96
تىزىملاتقان
2010-6-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-13
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باللا  تىخى پىكىر ئىلىش باسقۇچىدا تىخى ئويلىشىش باسقۇچىغا كەلمىدى .

UID
17827
يازما
9
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2011-11-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-13
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلىشىش باسقۇچىدا ئەمەس،ئاللىقاچان ئويلىشىپ بولدى،ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئىجرا قىلىدۇ،تېلۋىزوردا ئېلان قىلىپ بولدى

UID
26613
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-12
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇمچىلىكلەر شۇنچە بىيىپ كەتكەنمىدۇ، ئۈرۈمچىلىكلەر ئۆزۈڭلار پىكىر بىرىپ قارشى تۇرۇڭلار،بۇيەردە خاپا بولۇپ ئولتۇرغاننىڭ پايدىسى يوق  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەرىز سۇنۇڭلار!

UID
48632
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2013-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس بۇ ئىش پات يېقىندا ئىجىرا بولىدۇ.

UID
48807
يازما
2
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-4-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-12
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
8يۈەن بولسا مۇۋاپىق

كۆيۈمچان ئەزا

ıytılıp boldi nurgun gap so

UID
2725
يازما
212
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
6243
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-9
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بەكلا ئېشىپ كېتىپتۇغۇ ،بېيجىڭ شاڭخەيلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈرۈمچىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن تۇرسا قانداقمۇ ئۇلار بىلەن ئوخشاش ھەق ئېلىش ئۆلچىمى قويغىلى بولىدۇ .

UID
47578
يازما
54
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2013-3-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-12
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كورلا دىن  رەنجىمىسەم بولغىدەك ، ھازىر مۇ  5  يۈئەن  . كەشلىكى 6 يۈئەن  ماڭىدۇ.

پ

UID
47930
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2013-3-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ئۆرە بولۇپ كەتكۈدەك جۇمۇ

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1402
تېما
37
نادىر
0
جۇغلانما
43136
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-12
توردا
48 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇمچىدە  ئۆسۇشى بىلەن تەڭ   شىنجاڭنىڭ باشقا يەرلىرىگىمۇ  بارىدۇ دە،،،بۇ سىياسەت،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش