- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 294
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 294
- تىزىملاتقان
- 2013-3-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-18
- UID
- 47513
- يازما
- 294
- تېما
- 40
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 294
- تىزىملاتقان
- 2013-3-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-18
- توردا
- 267 سائەت
|
(ھېكايە)
بىر كۈنى تاغامنىڭ دۇكىنىدا ئولتۇراتتىم ،ئىككى مويسىپىت كىشى كىردى ،ئۇلاربىلەن قىزغىن سالاملاشقاندىن كىيىن ،تۆرگە باشلىدۇق .ئۇلار بىلەن بىرەر قۇر ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن ،تاغامدىن مىنى سۈرۈشتۈرۈپ قالدى .
تاغام قىسقا قىلىپ :«ئىچكىردە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ » دېدى .بۇ گەپنى ئاڭلىغان بوۋامدەك كىلىدىغان ئۇزۇن ئاقساقاللىق بىر كىشى ماڭا باشتىن ئاياق بىر قۇر قارىۋەتتى-دە ،سۆزلەشكە باشلىدى .
ــ ھازىرقى ئالىي مەكتەپ باللىرى كارغا كەلمەيدۇ جۇمۇ ،بىر نىمىنى بىلمەيدۇ ،كەچكۈچە ئاتا ئانىسىنىڭ پۇلىنى خەجلىگىنى خەجلىگەن ،يا بىلىم يوق ،يا دىندا يوق .بۇنداق بالىلار كەلگۈسىدە قانداق كۈننى كۆرەر...!ــ،ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى ناھايتى ئېغىر چىقتى .
تاغام مىنىڭ ئاچچىقىمدا بولالماي قالغىنىمنى بايقاپ ،«ئۇنى دىگىنى قوي » دىگەن مەنىدە ئىشارەت قىلىپ قويدى ،مەنمۇ ئاچچىقىمنى بېسىپ جىم ئولتۇردۇم .مىنى قويىۋەتسە شۇ خۇيۇمدا نەچچە ياراملىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنى مىسالغا ئېلىپ ،ئۆزەمنىڭمۇ بىرمۇنچە ئىشلىرىمنى ئوتتۇرىغا تاشلىۋىتەتتىم .
ــ بىرەر دەرتلىرى باردەك قىلىدۇغۇ ھاجىمكا ــ تاغام ئۇنىڭ دەرت مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدىغان چىرايىغا سەپسېلىپ قاراپ سورىدى .
ــ ئۇقىمەن بالام ،مۇشۇ تاپتا سېنىڭ ئۆزۈڭنىڭ يارامسىز ئەمەس ئىكەنلىكىڭنى مىسالغا ئېلىپ ،بىرمۇنچە سۆزلىگۈڭ بار ،ــدېدى ئۇ ماڭا قاراپ ،مەن ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن ئۇنى مىنى قەستەن كەمسۇندۇرماقچى ئەمەسلىكىنى بىلۋالدىم-دە ،
ــ مەن سىلىگە خاپا بولمايمەن ھاجىم تاغا ،قېنى گەپلىرىنى قىلىۋەرسىلە .ــ دېدىم ئۇنىڭغا ئازىراق تەسەللي بولسۇن دەپ .
ــ مىنىڭ بىر نەۋرەم بار ئىدى ،ئۇنىڭ دادىسى كىچىكىدە قاتناش ۋەقەسىدە تۈگەپ كەتتى ،ئانىسى بولسا كىسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتتى ،ئۇ تېخى بۇ ئىشلار يۈز بەر گەندە ئويناپ كۈلۈپ يۈرەتتى .
كۈنلەر ئۆتتى ،مەن بىلەن مومىسى شۇنداق جاپالار بىلەن ئۇنى ئوقۇتتۇق ،ئۇنىڭ نەتىجىسى باشلانغۇچتىن تارتىپلا بەك ياخشى ئىدى ،ئاخىرى ئۇ نى تولۇقتا ئوقۇتۇش ئۈچۈن مەن قېرى جېنىم بىلەن بازادا موزدوزلۇق قىلدىم .مومىسى ئېتىزدا ئىشلدى ،ئۇ رەھمەتلىك ئەر كىشىدەكلا چەبدەس ئىدى .مەن ھېرىپ قالساممۇ .«بوۋاي ،مۇشۇنداق قىلىۋەرسەڭلا بالىنى قانداق ئوقۇتىمىز ؟بالىمىز چوڭ بولسا خىزمەتكە چىققاندا بىزگە بەخىت بىرىدۇ »دەپ ماڭا تەسەللى بىرەتتى .بىزمۇ يىلدىن يىلغا قېرىدۇق ،ئۇ ئالىي مەكتەپكىمۇ باردى ،لىكىن بىزدە مىدىرلايدىغان جان قالمىغىلى تۇردى .ئالىي مەكتەپتە ئۇنى قېينىلىپ قالمىسۇن دەپ موماي بىر ئۆمۈر يىغقان ئالتۇن جابدۇقلىرىنى ساتتۇق .ئۇبىچارە كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن دەردىنى ئۆزى بىلەتتى ،بىر ئۆمۈر يىغقان ،ھېچكىمگە بەرمەي ساقلىغان جابدۇق دىگەنگە ئادەمنىڭ مىھرى بولىدۇ -دە ، ئۇ مەن ئۈچۈن كۈلۈپ يۈردى .ــ ئۇ سۆزلەپ شۇ يەرگە كېلىپ كۆز ياشلىرى ئىختىيارسىز خۇددى مۇھەببەتكە تولغان بىر بۇلاقتىن چىققاندەك ئاستا-ئاستا ئېقىشقا باشلىدى .ھەممەيلەن بىرەر ئىككى ئېغىزدىن تەسەللىي بېرىپ ئۈلگۈردۇق .ئۇ يەنە سۆزلەشكە باشلىدى :
ـــ ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئىشلىمىدى ،ئوقۇشۇم ياخشى دەيدۇ ،شۇڭا بىز قىينالساقمۇ ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئۈگەنسۇن دەپ ئۇنى ئىشلىمەسلىككە زورلايىتتۇق .ئۇ تەتىلدە كەلمىدى ،بىز تېخى ئىشلەيدىغان ئوخشايدۇ دەپتۇق ،لىكىن يەنە بىزدىن ئوخشاش پۇل تەلەپ قىلدى .شۇ يىلى مومىسى قازا قىلدى ،لىكىن مەن ئۇنىڭغا بىلدۈرمىدىم .ئىككىنجى يىلى تەتىلدە كىلىپ ئازراق يىغلاپ قويدى .شۇنداق قىلىپ ئۇ يەنە ئوقۇشقا كەتتى ،مەن ئۆيدە بەك يالغۇزچىلىق تارتتىم ،مومىيىم بولمىغاچقا ئۆي ماڭا قورقۇنۇچلۇق گۆردەك بىلىنىدىغان بولۇپ قالدى .
مەن ھەمىشە «يالقۇنجان مەن سىنى كۆرۈپ كىلەي بالام »دېسەم ئۇ پەقەت ئۇنىمايتتى .
بىر قېتىملىق پۇرسەت بىلەن مەھەللىدىن ھەرەمگە بارىدىغان سان ماڭا كەلدى .مەن پۈتۈن يېرىمنى سېتىپ ،ساتقان پۇلنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۈرۈمچىگەبېرىپ ئۇنىڭغا بېرۋىتىپلا، ئۆلۈشتىن ئاۋال ھەرەمگە بىر بېرىپ كىلەي دەپ يولغا چىقتىم .بىراق بېرىپ ھەيران قالدىم .ئۈرۈمچىدە كوچىدا ئۇنىڭ مەكتىپىگە باراي دەپ كىتىپ بارسام ئۇ بىر قىز بالىنى قۇچاقلاپ كىلىۋاتىدۇ ،مەن ھەيران قالدىم،ئۇ خېلى چوڭ بولغۇچىمۇ قىز بالىنىڭ گېپى چىقسا قىزىرىپ كىتەتتى ،ئۇ مىنى كۆرمىدى .مەن ئاستا ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم . ئۇ گۇي ئۇتتۇ بېرىپ بىر كوچىنىڭ كەينىدىكى قورۇدىكى بىر ئۆيگە كېرىپ كەتتى .مەن كەينىدىن ئۈسسۈپلا كىردىم .قارىسام نىشىنىڭ ،ھەرخىل نەرسىلەرنىڭ پۇراقلىرى ،مەن تىنالماي ھۆتىلىپ كەتتىم ،تۈتۈن ئىچىدە بىر نەچچە قىز ئوغۇل ئوڭ تەتۈر يېتىشىپتۇ .ئۇلار دەرھال ماڭا قاراشتى ،يالقۇن مىنى كۆرۈپ دەرھال كىلىپ مىنى تارتىپ سىرتقا ماڭدى .بۇ چاغدا بىر خەنزۇ قولۇمنى تۇتىۋالدى ،مەن ھەيران قالدىم .بالام خەنزۇغا بىرمۇنچە سۆزلەپ كەتتى ،ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچىمۇ خېلى ئارلىشىپ قالغان ئىدى. لىكىن ئۇ يەنە «سا يىسا»دەپ تۇراتتى .بالام ئۇنىڭغا گەپ چۈشەندۈرەلەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى . بۇنى كۆرگەن يېقىندىكى بىر ئۇيغۇر كىچىك بالا دادىسى بىلەن كىلىپ ماڭا تەرجىمە قىلىپ بەردى .ئەسلى يالقۇن ئالغان ئۇ ئۆينىڭ ئىجارە ۋاقتى تولغان ئىدى .بۇدۇقى ئايدىن باشلاپ ئۇنى بۇ يەردىن يوقالسۇن ،كەلمىسۇن دەپتۇ .مەن ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ قالدىم .«نىمە ئوقۇغانسە بالام ؟ »دېسەم ئۇ گەپمۇ قىلمىدى . ماڭا باكمۇ ھار كالدى ،شۇ يەردە يىغلاپ كەتتىم .ئىچ-ئىچىمدىن بىر خىل يىغا تۇتاتتى.ئۇ ئاڭلىسام بىرمۇنچە قەرىزگە بوغۇلۇپ قاپتۇ ،ئوقۇشىمۇ قانداق بولغانلىقىنى جىق سورمىدىم،لىكىن قانداق ئوقۇغىنىنى بىلگىلى بولىدۇ .شۇنىڭدىن كىيىن مەن ھەرەمگە باردىم ،كىلىپ ئۈرۈمچىدە بىرنەچچە باينىڭ ياردىمى بىلەن ئۆيلۈك بوپقالدىم ،ئۆيلەندىم .لىكىن ئۇ مەكتەپتىن قوغلۇنۇپتۇ ،نەگە كەتكىنىنى بىلمىدىم ،شۇنچە ئىزدىدىم ،ھازىرمۇ ئىزدەۋاتىمەن .شۇڭا بەزى ئالىي مەكتەپ باللىرىغا «ئالىي مەكتەپ باللىرى ھارام تاماق يىمەڭلار »دىگۈم كىلىدۇ .ــ گەپنى دەپ بولۇپ ئۇ جىم بوپ قالدى ،بىزمۇ پەقەت ئۇنىڭغا تەسەللىيلا بىرەلەيتتۇق .
راست ،بىزمۇ بۇ مەسىلىنى ئويلىنىپ باقساق بولىدۇ ،بىز ستۇدىنت بولۇپ نىمىشقىلۋاتىمىز ،كەلگۈسىنى ئويلاپ تېرشىۋاتامدۇق؟تېرىشقىنىمز زادى نىمە ئۈستىدە بولىۋاتىدۇ ؟سورۇندىمۇ ياكى تۆت بەش يىللىق ئايغى چىقماس مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئايرىلىپ كىتىدىغان مۇھەببەت ئۈستىدىمۇ ؟ياكى ئاتا -ئانىمىزغا توينىڭ ،ئۆينىڭ ۋە باشقا نەرسىنىڭ غېمىنى قىلدۇرمايدىغانراق خىزمەت ۋە ئۇلۇغۋار نىشان ئۈچۈن تېرىشتۇقمۇ ؟ۋە ياكى ھارام تاماق يىدۇقمۇ ؟ھەممىسى كۆڭلىمىزگە ئايان .
م.ئوغلان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-9 15:05
|
|