
ئەلكۈيى تورى ئۈمىد 8-كۈنى خەۋىرى: جۇڭگو سانائەت ئۇچۇر مېنىستىرلىكىنىڭ مېنىستىرى نەۋرۇز ئېيىنىڭ 31-كۈنى ئۈندىداردىن ھەق ئېلىنىشى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ، بىر تور بېكەت ئامما ئارىسىغا چۈشۈپ ئاممىنىڭ بۇ ئىشقا نىسبەتەن راي تەكشۈرۈش سىنىقى ئېلىپ باردى. نەتىجىدە %90 ئادەم ئەگەر ئۈندىداردىن ھەق ئېلىنىشى رەسمىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا، بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتتى.ئۈندىدار ئابونىتلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئۈندىدار ئىشلەتكەندە نۇرغۇن تور ئېقىمغا ھەق تۆلەيمىز، ئەگەر يەنە ھەق ئېلىنسا، ئۇ چاغدا قوش ھەق ئېلىنغان ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈندىدارسىزمۇ نۇرغۇن مىكرو تىپتىكى ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرى بار يەنى مىكرو بىلوگ قاتارلىقلار. بۇلارمۇ ئۈندىدارنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە يۇمشاق دېتالدۇر.
تېڭشۈن تەمىنلىگەن ئۈندىدار ھەقسىز ئىقتىدارلىرى ئاۋازنى ئۈنگە ئېلىش، خەت، چىراي ئىپادىسى، رەسىم، سىن، ئورۇن بەلگىلەش ھەمدە سىن ئارقىلىق پاراڭلىشىش ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۆۋەتتە،دۇنيادا ئۈچ يۈز مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئۈندىدار ئىشلىتىدۇ.
جۇڭگونىڭ بىرنەچچە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى يېقىنقى بىرنەچچە ئايدىن بۇيان، ئىزچىل تۈردە ئۈندىدارغا بولغان قارشىلىقىنى ئىپادىلەپ كەلدى. چۈنكى، ئۈندىدارنىڭ مودا بولۇش، قاپلىنىش دەرىجىسى ئۇلارنىڭ قىسقا ئۇچۇر، رەڭلىك ئۇچۇر،ھەتتا ئاۋازلىق تېلىفۇننىڭ ئىشلىتىلىشىدىن كىرىدىغان كىرىمىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. پوچتا تېلىگىراف ئىدارىسىنىڭ دېيىشىچە، ئۈندىدارنىڭ ئىشلىتىلىشى نۇرغۇن كەڭ بەلباغلىق تور مەنبەسىنى سەرپ قىلىدۇ شۇنىڭ بىلەن تورغا زور بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.ئۇنداقتا دوستۇم سىزدىن سوراپ باقايلى ناۋادان ئۈندىداردىن ھەق ئېلىنسا سىزمۇ ئۈندىدار ئىشلىتەمسىز؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-9 15:03