- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 94
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2291
- تىزىملاتقان
- 2011-2-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-18
- UID
- 9520
- يازما
- 94
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2291
- تىزىملاتقان
- 2011-2-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-18
- توردا
- 13 سائەت
|
ھۈرمەتلىك ساردور ئەپەندى . بۆرىلەر ۋادىسى - پۇسۇ دىگەن فىلىمنىڭ تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەۋجۇتلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسى تەشۋىقاتى دىگەن پىكرىڭىزدىن قارىغاندا سىز تىلۋىزىيە فىلىمىنىڭ سىياسىيدىكى رولىنى ئالاھىدە چوڭ بىلىدىغان ئوخشايسىز .تىلفىلىم ئارقىلىق سىياسىيدا مەلۇم مەقسەتكە يېتىش دىگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ دۆلەتنىڭ ئەمەلى كۈچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايتى چوڭ . يەنى ھەر قانداق بىر دۆلەت تىلفىلىم ئارقىلىق سىياسى تەشۋىقات ۋە ئېدىلوگىيە جەھەتتىن باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىش ياكى سىڭىپ كىرىش ئۈچۈن چوقۇم شۇ دۆلەت پەن - تېخنىكا ، ئارمىيە ، ئىقتىساد ، ئۇنۋىرسال سىياسەت تۈزۈش ئىقتىدارى ، دۆلەتنىڭ ئەقىل ئامبىرى شۇنداقلا خەلقنىڭ دۆلەتنى ھىمايە قىلىش ۋە ئۇيۇشۇش ... قاتارلىق جەھەتلەردە يىتەكچى ئورۇندا تۇرىشى كېرەك . مەنچە تۈركىيە بۇنداق ئارزۇدا بولسىمۇ تېخى بۇ سەۋىيەدە ئەمەس . دېمەك ، ھازىرچە ، تۈركىيە تىلفىلىملەرنىڭ تەشىۋىقاتچىلىق رولىدىن پايدىلنىپ سىياسىيدا مەلۇم مەقسەتكە يىتىپ بولالمايدۇ .
يەنە كېلىپ ، بۆرىلەر ۋادىسى ... قاتارىدىكى تۈركىيە فىلىملىرى ھەممىلا دۆلەتتە قىزغىن قارشى ئېلىنىپ كېتەلىشى ناتايىن . « تۈركىيە ئامىرىكا بىلەن ياۋروپا ئىككىسىدىن پايدىلىنىش مەقسىتىدە ياۋروپا ۋە ئامىرىكىنىڭ ئاسىيادىكى سىياسى ،ھەربىي بازىسى بولۇپ ،ئەرەبلەر بىلەن بولغان تاخرىخى زىمىن تالاش-تارتىشى ۋە تارىخى ئاداۋەتلىرىن ساقلانماقچى . » دىگەن سۆزلىرىڭىزمۇ ئىنتايىن بىر تەرەپلىمە ئېيتىلغان . ئەرەبلەر بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق تارىخى ئاداۋىتى ۋە زېمىن تالاش - تارتىشى بارلىقى توغرىسىدىكى پىكرىڭىز بەكلا مۈجمەل بولۇپ قاپتۇ . دىمەكچى بولغىنىڭىز - ئوسمان ئېمپىرىيەسى ئەرەبلەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋالغان ، ئەرەب خەلقىنى ئېكىسپالاتاتسىيە قىلغان - دىمەكچىمۇ ؟!!! ... ئەرەبلەر ئىككى قېتىملىق ئىراق ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلگەن مىڭلىغان ئەرەب خەلقىنىڭ بىھۇدە ئۆلۈملىرى ، پەلەستىن ۋە غەززادىكى كىشىلەرنىڭ ياۋۇز ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىپلاس يەھۇدى قىساسچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقلىرى ، ش ئا ئە ت نىڭ ئەھلى سەلب يۈرۈشلىرىنى ئەسلىتىدىغان ۋە ئەرەب ئىسلام دۇنياسىغىلا قارىتىلغان ھەربى ھەرىكەتلىرىدىن پەقەت ئەرەبلەردىنلا ھاسىل قىلىنغان ھازىرقى پارچە - پارچە مىللى دۆلەتلىك ھالىتىدىكى ئاجىزلىقىنى ئاللىبۇرۇن چۈشىنىپ بولدىغۇ - دەيمەن . ئوسمان ئېمپىرىيەسىگە قارشى ئەنگىلىيە سىياسەتچلىرىنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىغانلىقىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلىقلىرىنى ھەر قانداق سەگەك ئەرەب زىيالىيلىرى چوقۇم بىلىدۇ . ( ئەردۇغاننىڭ ئەرەب دۇنياسىدا قانچىلىك ئالقىش ۋە ھۈرمەتكە سازاۋەر بولغىنىغا قاراڭ ) ئەجەبا ، يەنە مۇشۇنداق چاغدىمۇ تۈركىيە بىلەن قايسى ئەرەب دۆلىتىنىڭ تارىخى ئاداۋەت ۋە زىمىن ماجراسى باردۇر ، ھە قېرىندىشىم ؟! ...
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-4-8 11:21):
پەلەستىن ۋە غەززادىكى كىشىلەر ئۇچراۋاتقان ياۋۇز ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ |
|