- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 40
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 40
- تىزىملاتقان
- 2013-3-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- UID
- 47447
- يازما
- 40
- تېما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 40
- تىزىملاتقان
- 2013-3-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- توردا
- 38 سائەت
|
گېرمانىيە مەنزىرىلىرى (2)
2012-يىلى8-ئاينىڭ 12-كۈنى، ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، كۆك ئاسماندا بىرمۇ بولۇت كۆرۈنمەيتتى، بىزنىڭ
گېرمانىيەگە كەلگىنىمىزگە ئەندىلا ئىككى كۈن بولغانىدى. سەپەر ھاردۇقىدىن كېيىن، سەيلىگاھلارغا يۈرۈپ كەتتۇق.
بىز ئولتۇرغان جېپ ماشىنا باۋارىيە شىتاتىنىڭ مەركىزى ميۇنخېن شەھرىدىن يولغا چىقىپ، بۆك-باراقسان
ئورمانلىقلار، بۇغدايلىرى يىغىلىپ بولغان يانتۇ ئېتىزلار ۋە گېرمانىيە دېھقانلىرىنىڭ چىرايلىق مەھەللىلىرىنى ئارىلاپ
25 كىلومېتىر ئەتراپىدا يول يۈرگەندىن كېيىن، گۈزەل مەنزىرىلىك شتارېنبرگ كۆلى ساياھەت مەنزىرە رايونىغا كېلىپ
توختىدى.
گېرمانىيەنىڭ غەربى قىسمىدا كىشىلەر سەيلە-ساياھەت قىلىدىغان چوڭ-كىچىك كۆللەر كۆپ بولۇپ، شتارېنبرگ كۆلى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدىكەن. كۈلىمى ھەممىدىن چوڭ بولغان بۇ كۆلنىڭ توغرىسىدىن قارىغاندا، قارشى قىرغاقنى كۆرگىلى بولىدىكەن، ئۇزۇنىسىدىن قارىغاندا قارشى قىرغاق كۆرۈنمەيدىكەن، قارىغاندا
بۇ كۆل سوقىچاق شەكىلدە بولسا كېرەك. كۆلنىڭ ئەتراپىدىكى رېستۇران، مېھمانخانا، قەھۋەخانا ۋە كىچىك بالىلار
پائالىيەت ئورنى قاتارلىقلار ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدىكەن. زۇمرەتتەك سۈپسۈزۈك كۆل يۈزىدە
ئۈچ،تۆت قەۋەتلىك سەيلە پاراخۇدلىرى، موتۇرلۇق، يەلكەنلىك كېمە،قېيىقلار ئۇياقتىن-بۇياققا قاتناپ تۇرىدىكەن.
سۇ يۈزىدە ئۈزۈپ، بوشلۇقتا ئۇچۇپ يۈرگەن بېلىقچى قۇشلار كۆلنىڭ ھەممىلا يىرىدە ئۇچرايدىكەن.
بۇ كۈنى ھاۋا ئوچۇق بولغاشقا، بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەر ناھايتى كۆپ ئىدى. بەزىلىرى پاراخۇد،
كېمىلەرگە چۈشۈپ كۆلنى سەيلە قىلسا، بەزىلىرى كۆل قىرغىقىدا ئولتۇرۇپ بېلىقچى قۇش ۋە ئاققۇلارنى تاماشا
قىلاتتى، بەزىلىرى كۆل بويىدىكى ياپيېشىل دەرەخزارلىق ئىچىدە يېتىشىپ ئاپتاپقا قاقلىناتتى. بىز تۆت قەۋەتلىك سەيلە پاراخۇدىغا چۈشۈپ كۆلنى ئۈچ سائەت ئەتراپىدا سەيلە قىلدۇق. پاراخۇدنىڭ ئەڭ ئۈستىگە چىقىپ قارىسا،
پۈتۈن ئەتراپتىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى ئوچۇق كۆرگىلى بولىدىكەن. كۆل بويىدىكى بەزى جايلاردا تۆت ئەتراپىنى
يېشىللىق قاپلىغان چىرايلىق داچىلار كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىكەن، بۇ بەلكىم شۇ يەردىكى بايلارنىڭ داچىلىرى بولسا
كېرەك، سىرتىدىن قارىغاندا تولىمۇ گۈزەل ۋە ھەيۋەتلىك كۆرىنىدىكەن. كۆلنىڭ پۈتۈن ئەتراپى ئورمانلىق بولۇپ ،مەنزىرىسى ناھايتى گۈزەل ئىكەن.
بىز بۇ سەيلىگاھتا يېرىم كۈن سەيلە قىلغاندىن كېيىن، ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا قايتتۇق. ئەندى بىزنىڭ بارىدىغان ئىككىنچى سەيلىگاھىمىز گېرمانىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان مەشھۇر ئالپېن تېغى ساياھەت مەنزىرە رايونى ئىدى.8-ئاينىڭ 23-كۈنى بىز ميۇنخېن شەھرىدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ ئالپېن تېغى ساياھەت مەنزىرە رايونىغا
يۈرۈپ كەتتۇق. پويىز يول بويلىرىدىكى ياپيېشىل چىملىقلار، بۆك-باراقسان ئورمانلىقلار، ئوتلاقلىقلار، قۇلماقزارلىقلار ۋە كىچىك شەھەر، بازارلارنى كەينىدە قالدۇرۇپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. ئەتراپىمىزدا ئولتۇرغان گېرمانلار پويىزدا كېتىۋېتىپمۇ قوللىرىدىكى كىتاپ، ژورنالدىن باش كۆتەرمەيدىكەن، ئەمما بىزگە ئوخشاش گېرمانىيەگە ئەندىلا كەلگەن چەتئەللىكلەر يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن پويىزنىڭ
دېرىزىسىدىن كۆزىمىزنى ئۈزەلمەي قالىدىكەنمىز. ئىككى سائەت ماڭغاندىن كېيىن، پويىزدىن چۈشۈپ ئاپتوبۇسقا
ئالماشتۇق. ئاپتوبۇستا يېرىم سائەت مېڭىپلا ئالپېن تېغى باغرىغا يىتىپ كەلدۇق.
بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكىگە گەپ كەتمەيدىكەن، ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق ساياھەت مەنزىرە رايونى ئىكەن. تاغ ئۈستى، تاغ باغرىدىكى ياپيېشىل قارىغايزارلىق، ئارچىزارلىقلار بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىنى
ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزۈۋەتكەن ئىكەن، شۇڭلاشقىمۇ بۇ گۈزەل سەيلىگاھقا دونيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى
ساياھەتچىلەر ئايىقى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدىكەن. بۇ سەيلىگاھتا ئىككى ئات قوشۇلغان ساياھەت ھارۋىلىرى بولۇپ،
تاغقا چىقىدىغان، چۈشىدىغان ساياھەتچىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىكەن.
ئالپېن تېغىدا 16-ئەسىردىكى باۋارىيە كېنەزلىكىنىڭ پادىشاھى لۇدۋېك-2 نىڭ چوڭ-كىچىك قەلئەلىرى جايلاشقان بولۇپ، بىز تاغ ئۈستىگە جايلاشقان ئەڭ چوڭ بىر قەلئەنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇق. قەلئەدىكى ئۆيلەرنىڭ
ئىچىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئىشىك بېلىتى ئېلىش زۆرۈر ئىكەن، بىراق بىز چۈشتىن كېيىن يەنە
قايتىپ كېتىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن، پادىشاھنىڭ ياشىغان ئۆيلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا ۋاقتىمىز يىتىشمەي قالدى.
بۇ يەردە يەنە ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىغا سېلىنغان بىر ئاسما كۆۋرۈك بولۇپ، بۇ كۆۋرۈكتىن قارىغاندا يىراقتىكى
مەنزىرىلەر ناھايتى گۈزەل كۆرىنىدىكەن. بۇ سەيلىگاھتا ساياھەتچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئارامگاھلار، تۈرلۈك مۇلازىمەت سورۇنلىرى ۋە خاتىرە بۇيۇم تىجارىتى قىلىدىغان دوكانلار ناھايتى كۆپ ئىكەن.
ساياھېتىمىز ئاخىرلىشاي دىگەندە سۈزۈك ئاسماننى بىردىنلا قارا بولۇت قاپلاشقا باشلىدى، بىز ئالدىراپ-تىنەپ
تاغدىن چۈشۈۋالدۇق. ئاپتوبۇس بېكىتىگە كەلگىچە شاقىراپ يامغۇر قويىۋەتتى، يامغۇرغا چىلىشىپ بىردەم ئۆچىرەت
ساقلىغاندىن كېيىن، ئاران دىگەندە ئاپتوبۇسقا چىقىۋالدۇق، ئاندىن پويىزغا ئالمىشىپ كەلگەن يولىمىز بىلەن قايتتۇق.
تۆۋەندە شتارېنبرگ كۆلى ساياھەت مەنزىرە رايونى بىلەن ئالپېن تېغى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا تارتقان بىر
قىسىم سۈرەتلىرىمنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشىغا سۇندۇم.
|
|