- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 192
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 192
- تىزىملاتقان
- 2013-4-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-6
- UID
- 48517
- يازما
- 192
- تېما
- 13
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 192
- تىزىملاتقان
- 2013-4-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-6
- توردا
- 95 سائەت
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك نورۇز ئەھلى،مەن خاربىن پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى قزغىن تەبرىكلەيمەن.ھەممىڭلارنىڭ قىممەتلىك قەدىمىڭلارغا مەرھابا!
خوش ھەممەيلەننىڭ بۈگۈنكىدەك بىرگە يىغىلىپ پائالىيەت ئۇيۇشتۇرمىقمز ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس،مەن بۇ قىتىمقى نورۇز پائاليتىنىڭ رەڭگارەڭ مول مەزمۇنلۇق شۇنداقلا تىخمۇ ئەھمىياتلىك پائالىيەت بولۇپ قىلشى ئۈچۇن ئۆزىمزنڭ ئانا تىلى ئۇيغۇر تىلى توغرىسىدا ئازراق يۈرەك سۆزلىرىمنى ئېلىپ كەلدىم.
بۈگۈنكىدەك ئەھمىيەتلىك سورۇنلاردا،كۆپچىلىك بىلەن ئەھمىيەتلىك تېمىلاردا سۆزلىشىش كىشىگە ھوزۇر ئاتا قىلسا يەنە نۇرغۇن قىممەتلىك بىلىملەرنىمۇ ئاتا قىلىدىكەن،شۇ ۋەجىدىن مەنمۇ كۆپچىلىك ئاكا-ھەدىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان ئازراق كۆڭلۈمنى ئېلىپ كەلگەن،كۆپچىلىكنىڭ قىرىداشلارنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىم بولسا كەڭ قورساقلىق بىلەن ئەپۇ قىلىپ كۆپرەك يول كۆرسىتىشىنى سورايمەن!مېنىڭ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان تېمام بولسا: ئۇيغۇرتىلى ھەققىدە،
ھەممىمىزگە مەلۇمكى ،تىل بىلەن يىزىق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدىكى ئاسىاسى بەلگە شۇنداقلا بىردىبىر جىنى ھىساپلىنىدۇ.تىل يىزىق بولمايدىكەن مىللەتنىڭ نامىلا قىپقالىدۇ خالاس.ئەلۋەتتە بۇ كەسكىن رىقابەتتە بىر مىللەت ئۆزىنىڭ تىل يىزىقىنى ساقلاپ قىلقش شۇنداقلا تىخمۇ ئىلگرلىگەن ھالدا تەرەققى قىلدۇرۇش ناھايتىمۇ ئاسان ئەمەس.بىزنىڭ ئۇيغۇر تىل يىزىق تەرەققياتىمىز مۇ ھەم شۇنداق .بىز ئشلىتىۋاتقان تىل يزىقىمىز بىزگە يىتىپ كىلىش جەريانىدا نۇرغۇن داۋالغۇشلارنى باشتىن كەچۈردى ،كۆپ قىتىم يىزىق ئملاسىنى ئۆزگەرتتى.
قەدىمكى زامان ئۇيغۇر يىزىقى ئەڭ دىسلەپتە تۈرك يىزىقىدىن باشلانغان بولۇپ ئالدى كەينى سوغدى يىزىقى ،ئەرەپ يىزىقىدىن ئۆزگەرتىپ شەكىللەنگەن خاقانىيە يىزىقى ،چاغاتاي يىزىقى قاتارلىق باسقۇچلارنى بىسىپ ئۆتكەن .
20 –ئەسىردىن بۇيان ئۇيغۇر يىزىقى بىر قانچە قىتىم ئۆز .ئىملاسىنى ئىسلاھ قىلغان .يەنى 1930 –يىللاردا بىرىنجى قىتىم ئىسلاھ قىلىنىپ چاغاتاي ئۇيغۇر يىزىقىنىڭ ئەنئەنۋى ئىملاسى زور دەرىجىدە ئاددىلاشتۇرۇلغان .1940-1950 يىللاردا ئككىنىجى قىتىم ئىسلا قىلنىپ سوزۇق تاۋۇشلار ئۈچۈن بىر قىسىم ھەرپلەر قوشۇلغان ۋە ئوخشاش ئۈزۈك تاۋۇشلار ئۈچۈن ئشلىتىلىۋاتقان ئەرەپ يىزىقىدىكى ئوخشاش بولمىغان ھەرپلەر قىسقارتىغان يەنى بىر ئۈزۈك تاۋۇش ئۈچۈن بىرلا ھەرپ ساقلاپ قىلىنغان
.1960-يىللارغا كەلگەندە ئەرەپ يىزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يىزىقى ئەمەلدىن قالدۇرلۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا خەنزۇ تىلىنىڭ پنيىن ئاساسىدىكى لاتىنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر يىڭى يىزىقى قوللىنىشقا باشلىغان .ئۇيغۇر يىڭى يىزىقىدىكى ھەرپلەر خەنزۇ تىلىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن قوشما فونىملارنى توغرا ئپادىلەش مەقسىتىدە ئەسلىدىكى فونما سىستىمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ،ھازىرقى زامان تىلىنىڭ تاۋۇش ۋە ھەرپلىرىنى 35 كە يەتكۈزگەن .ۋاھالەنكى ،بۇ خىل سىياسى تۈسنى ئالغان يىزىق ئۆزگەرتىش ھەركىتى 1980-يىللىرىنىڭ باشلىرىغا بارغاندا مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى .شۇنىڭ بىلەن .ئەسلىدىكى ئۇيغۇر كونا يىزىقى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.لىكىن ئۇنىڭ ئىملاسى يەنىلا -1960-يىللاردا ئىسلاھ قىلنغان .ئۇيغۇر كونا يىزىقىنىڭ ئىملاسىنى ساقلاپ قالدى.1984-يىلىغا بارغاندا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى رەسمى نەشىر قىلىنىپ،ئۇيغۇر تىلىدىكى تۆت لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشنى ئپادىلەيدىغان مەخسۇس ھەرپ بەلگلىرى تەسسس قىلىندى ھەمدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ئىملا قائىدىسى ئىلان قىلىندى.1987-يىلىغا كەلگەندە ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى ئىلان قىلىنىپ يەنىمۇ ئىلگرلىگەن ھالدا قىلپلاشتۇرۇلدى
1997يىلى-ئاخىرقى قىتىم تۈزۈتۈش كىرگۈزىلىپ قايتا ئىلان قىلىندى .بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇر يىزىقى دەل مۇشۇ قىتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزىگەندىن كىيىنكى يىزىقتۇر.ئىتىسادنىڭ ئىششى ۋە ئۇچۇر تىخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى بىزنىڭ ئۇيغۇر يىزىقىمىزغا يەنە نۇرلىغان بىسىملارنى ئىلىپ كەلدى.ئۇيغۇر يىزىقىنى تىخمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ،ھازىقى زامان ئۇچۇر تىخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشش ،شۇنداقلا ھازىرقى زامان ئۇيغۇركونا يىزىقىنى ئىلغار ئۇچۇر تىخنىكا ۋاستىلىرىدا نورمال قوللنىشقا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن شنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى لاتىن ئۇيغۇر يىزىقىنى يۈرگۈزدى.بۇ يىزىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇن تەرىپىدىن ھۆكۈمەت يىزىقى دەپ ئاتالدى . ئەلۋەتتە ئۇچۇر تخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى بىزنىڭ ئۇيغۇر تىل يىزىق تەرەققىياتىغا يىڭى تۈس ئىلىپ كەلدى.ھەرخىل ئاپتۇماتىك پۇل ئىلىش ،پۇل قاچىلاش ماشىنلىرىغا ئۇيغۇرچە سىستىما كىر گۈزىلدى.ئەمما ماشىنلارنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا بۇ ئۇيغۇرچە تۈرىنى تاللاش ناھايتى ئاز بولدى.ھەم بەزىدە شۇ ئازغىنە مىىللىي تىل يېزىقنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇش-قالدۇرماسلىق توغرىسىدا تالاش تارتىشلار يۈز بەرمەكتە،
ئۇيغۇر-تىل يېزىقى بىزنىڭ تەڭدەشسىز بايلىقىمىز،ھەم بىزنىڭ ئەڭ چوڭ پەخرىمىز،بىز ئەتراپىمىزدىكى ئاشۇ بىرقىسىم تىل-يېزىقسىز مىلەتلەرنى كۆرگەن ۋاقىتتا ئۆزىمىزنى چەكسىز بەختىك ھېس قىلساق،ئانا تىلىمىز دىن چەكسىز پەخىرلەنسەك،بىراق بەزىدە ئاشۇ ئانا تىلىمىزنىڭ قەدرىنىڭ بولمايۋاتقانلىقىنى،كىشىلەر تەرىپىدىن،ھەتتا ئۆزىمىز تەرىپىدىن رەھىمسىز ھەم نادانلارچە دەسسەپ چەيلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە ئىچىمىز شۇنچە بىئارام بولماي تۇرالامدۇ؟
زامانىمىز سىتودېنتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن،ھەربىرىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى ھۆرمەتلەش،ئانا تىلىمىزنى قوغداش بۇرچى بار دەپ ئويلايمەن ئەلۋەتتە،ھۆرمەتلىك نورۇز ئەھلى گەرچە بىز چوڭ ئىشلارنى قىلالمىساقمۇ،پەقەت ئۆزىمىز قىلالايدىغان كىچىك ئىشلارنى،تۇرمۇشتىكى ئەڭ كىچىك نۇقتىلىرىدىن تۇتۇپ ياخشى قىلساق،ئەڭ مۇھىمى مىللىتىمىز نىڭ كەلگۈسى تىل يىزىق تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىغانلا بولساق،ئىشىنىمەنكى كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ ۋابالارنى چوقۇم تۈگۈتۈپ كېتەلەيتتۇق!
ھۆرمەتلىك نورۇز ئەھلى مەن يۈرەك سۆزۇمنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا سىلەردىن كۈتكەن ئۈمىدىم سۈپتدە تۆۋەندىكى شئىرنى سوۋغا قلماقچىمەن
تىل دىگەن مىللەتنىڭ قىنى
تىل دىگەن تارىىخنىڭ جىنى
تىلدىن ئايرىلغان قەدىرسىز مىللەت
راۋاج ئۇ تاپتىمۇ قىنى
مىللىە ت دىگەن تىل بىلەن مىللەت
تىلدىن ئايرىلسا بولۇر ئۇ ئەخلەت
تىلسىز تارىخنى چۇشىنىپ بولماس
مەۋجۇت بولالماس تارىخسىز مىللەت
تىل بىرەر ساڭا ئۇ ئۆمۈرلۇك قىممەت
تىلىڭدۇر ساڭا ئۇ ئۆمۈرلۈك زىننەت
دۇنيادا ھەممىدىن تىسىزلىق يامان
شۇڭا ئۇ ئنسانغا جاندىنمۇ قىممەت
كۆپچىلىككە رەھمەت
مۇھەممەتنياز خۇدەبەردى
خاربىن پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-5 12:16
|
|