كۆرۈش: 5729|ئىنكاس: 12

تاماكا ۋە ئۇنىڭ زىيىنى ھەققىدە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
48260
يازما
3
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2013-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-11
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 14:43:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەت يۇسۇپ
1. سوئال: تاماكا دېگەن نېمە؟

جاۋاب: تاماكا — چەيزە ئائىلىسىنىڭ بىر تۈرى بولغان، ياپراقلىرى ئاق كېلىدىغان، ھىدى سېسىق بىرى خىل ئۆسۈملۈكنىڭ نامى بولۇپ، ئۇ نىكوتىن، پۇتاس، نېكوتيانې، كوللىدىي قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار بىلەن تەركىبلىنىپ، ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېن قوشۇلۇپ ياسىلىدىغان چېكىملىكتۇر.

2. سوئال: تاماكا چېكىش ئادىتى قاچان ۋە نەدىن پەيدا بولغان؟

جاۋاب: «تاماكا» سۆزىنىڭ ئەسلىسى ھىندى تىلىدىكى «tobaco» سۆزىدىن كېلىپ چىققان دەيدىغان قاراش بار. يەنە بەزىلەر «tobaco» سۆزى مېكسىكا قولتۇقىدىكى بىر ئارالنىڭ نامى بولۇپ، تاماكىنىڭ شۇ جايدا تېپىلىپ كېيىنچە ئىسپانىيىگە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن شۇ ئارالنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ قالغان، دەپ قارايدۇ. تاماكىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى مەلۇم ئەمەس. بىراق ئۇنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئېنىقتۇر. كولومبو ئۆزىنىڭ ئىسپانىيىلىك ھەمراھلىرى بىلەن ئامېرىكا قىتئەسىنى كەشىپ قىلىش ئۈچۈن 1492 - يىلى تۇنجى قېتىم بارغىنىدا، ئۇلار تاماكا ماددىسى بىلەن تونۇشقان ۋە شۇندىن بېرى تاماكا ماددىسى بارچە ياۋروپا قىتئەسىگە تارقالغان ئىكەن.

3. سوئال: تاماكا تەركىبىدىكى ئەڭ زەھەرلىك ماددىلار قايسىلار؟

جاۋاب: تاماكا كۆپلىگەن زەھەرلىك خىمىيىۋى ماددىلار بىلەن ياسىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ زەھەرلىك ماددا ئىككى بولۇپ، بىرى نىكوتىن، يەنە بىرى قەتىراندۇر.

4. سوئال: نىكوتىن دېگەن قانداق ماددا؟

جاۋاب: نىكوتىن — زەھەرلىك خىمىيىۋى ماددا بولۇپ، زەھەرلەش كۈچى شۇنچىلىك يۇقىرىكى، تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بىر تال تاماكىدا بولغان نىكوتىننى شپىرىس بىلەن تېنى ساق، ئۆزى قاۋۇل بىر ئادەمنىڭ بەدىنىگە سالغان ھامان ئۇ ئادەم ئۆلىدىكەن.

5. سوئال: قەتىران دېگەن نېمە؟

جاۋاب: قەتىران — تاماكا چەككەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىسىدىن فىلتىردا پەيدا بولىدىغان، خۇددى يوللارغا بېسىلىدىغان قارا مايغا ئوخشايدىغان ئاققۇچى خاراكتېرلىك ماددا بولۇپ، ھۆل ئوتۇنلارنى كۆيدۈرگەندە ئۇنىڭ كۆيگەن يېرىنىڭ ئاستىدىن ئاقىدىغان قارا سۇغا ئوخشايدىغان ئىسلىق ماددىدۇر.

6. سوئال: تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى قايسىلار؟  

جاۋاب: تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:

(1) بالىلارنىڭ بەڭگى ئاتا - ئانىلىرىنى دورىشى ۋە ئاتىلارنىڭمۇ ئۇلارنى توسماسلىقى.

(2) بەڭگى دوستلار بىلەن ئارىلىشىش، خۇسۇسەن بالىلار يىگىتلىك ياشلىرىدا بەڭگىلەر بىلەن دوست بولۇشى.

(3) بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەرلىكىنى كۆرسىتىش دەيدىغان سەپسەتىگە ئىشىنىپ زورىغا تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىۋېلىشى.

(4) بەزىلەرنىڭ غەم - قايغۇ، ئەندىشىلەردىن قايسىبىر يول بىلەن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇش مەقسىتى بىلەن تاماكىغا يۈزلىنىشى.

(5) تاماكىنىڭ تەن ساقلىقىغا قاتتىق زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك ياكى ئۇنىڭ خەتىرىنى ئاددىي ساناش.

(6) ئىرادىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە سەۋر - تاقەتنىڭ كەملىكى.

7. سوئال: نېمە ئۈچۈن تاماكا يامان يولغا مېڭىشنىڭ مۇقەددىمىسى دېيىلىدۇ؟

جاۋاب: تاماكا چېكىش ھاراق ۋە ئاق چېكىملىككە يۈزلىنىشنىڭ ئالدىنقى ئامىلى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. چۈنكى ھەر قانداق بەڭگى ئاق چەكمەيدۇ، ئەمما ھەر قانداق ئاق چەككۈچى بەڭگىدۇر! بىر تال تاماكىنى چېكىشنىڭ ئۆزىمۇ ھارام. بۇ ھارامغا داۋام قىلىش ھارام ئۈستىگە – ھارامنى سادىر قىلغانلىق بولۇپ، گۇناھ كۆلىمى ئاشقانسېرى، ئۇنىڭ ئازدۇرۇش دائىرىسى كېڭىيىدۇ، ئۇنى چەككۈچىنىڭ ئۆپكىسىنى سېسىق تۈتۈنى بىلەن قارايتقاندەك، ئۇنىڭ قەلبىنىمۇ شۇنداق قارايتىدۇ. ئادەمنى گۇناھ ئىشلەشتىن قورقمايدىغان، ھارامدىن ھەزەر قىلمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.

8. سوئال: تاماكىنىڭ كىچىك بالىلارغا قانداق يامان تەسىرى بار؟

جاۋاب: تاماكىنىڭ بالىلارغا بولغان يامان تەسىرى كۆپ، ئۇلاردىن:

(1) ئاتا - ئانىسىدىن بىرەرسى تاماكا چېكىدىغان بالىلار تاماكا ئارقىلىق گۇناھ - مەسىيەت ئىشلارنى ئىشلەيدىغان بولۇپ يېتىشىدۇ.

(2) تاماكا چېكىدىغانلارغا ئارىلاشقان بالىلار تەدرىجىي تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قالىدۇ.

(3) ئاتا - ئانىسى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ تۇرمىغان بالىلار تاماكا چېكىش ۋە باشقىمۇ يامان ئادەتلەرگە تېزلا ئادەتلىنىپ قالىدۇ.

9. سوئال: تاماكىنىڭ نارەسىدە بالىلارغا تەن ساقلىقى جەھەتتىن قانداق زىيىنى بار؟

جاۋاب: تاماكىنىڭ نارەسىدە بالىلارغا تەن ساقلىقى جەھەتتىن بېرىدىغان يامان تەسىرى تۆۋەندىكىچە:

(1) ئاتا - ئانىسى ياكى ئۇلارنىڭ بىرەرسى تاماكا چېكىدىغان بالىلارنىڭ ئۆپكە ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى كۈچلۈك.

(2) بالىلاردىكى پاڭلىق ھالىتىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئاتا – ئانىسىدىن بىرەرسىنىڭ تاماكا چېكىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بەڭگى ئانا ھەر قېتىم تاماكا چېكىپ بولغاندىن كېيىن، قاننىڭ ھەرىكىتىنىڭ پەسلىشى بالىنىڭ ئاڭلاش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

(3) ئاتا - ئانىسى ياكى ئۇلاردىن بىرەرسى تاماكا چېكىدىغان بالىلاردا نەپەس سىقىلىش، بۇرۇن ۋە كاناي ئېلىرگىيىسى، ئانگىنا قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.

(4) ئاتا - ئانىسى ياكى بۇلاردىن بىرەرسى تاماكا چېكىدىغان بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىش نىسبىتى ئاز بولىدۇ. ئاتا - ئانىسىدىن بىرەرسى تاماكا چېكىدىغان بالىلار بىلەن ئاتا - ئانىسى تاماكا چەكمەيدىغان بالىلار ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلار بۇنى ئىسپاتلىغان.

10. سوئال:  تاماكا چېكىشىنىڭ تەن ساقلىقىغا بولغان زىيانلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: مەلۇمكى، تەن ساقلىقى ئەڭ چوڭ نېمەت بولۇپ، دۇنيانىڭ لەززىتى ۋە سائادىتى، تۇرمۇشنىڭ ھالاۋىتى شۇ تەن ساقلىقىغا باغلىقتۇر. دۇنيادا ھېچقانداق نېمەت تەن ساقلىقىغا يەتمەيدۇ. تاماكىنىڭ تەن ساقلىقىغا زىيانلىق تەرەپلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تېببىي مۇتەخەسسىسلەر تاماكىنىڭ يۈرەك ئېغىشى، ئۆپكە كېسىلى، قىزىل تومۇرىنىڭ قېتىپ قېلىشى، بوغما ئۈچەي ياللۇغى، ئانگىنا، ئاشقازان كېسىلى، جىنسىي ئاجىزلىق ۋە باشقىمۇ كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

تاماكىنىڭ نەپەسلىنىش تۇرۇبىلىرىغا بولغان زىيىنى

تاماكىنى شوراش ئارقىلىق نەپەسلىنىش تۇرۇبىلىرىدا قېپقالغان تۈتۈننىڭ قالدۇقلىرى بەلغەم ۋە قاتتىق ھۆتەل پەيدا قىلغاننىڭ سىرتىدا، تەدرىجىي ھالدا راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.

تاماكىنىڭ ئۆپكىگە بولغان زىيىنى

ئىنساندىكى ئۆپكە تەنگە پايدىلىق بولغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىپ زىيانلىق بولغانلىرىنى چىقىرىپ تاشلايدىغان ناھايىتى مۇھىم ئورگان. ئۆپكە ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىش ئارقىلىق ئوكسىگېننى قوبۇل قىلىپ، زىيانلىق بولغان كاربون ئوكسىدىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. ئۆپكىگە تاماكىنىڭ تۈتۈنى كىرگەندە، ئۇنىڭدىكى نىكوتىننىڭ زەھىرى ئۆپكىدە سەلبىي ئەھۋاللارنى تۇغدۇرىدۇ. نەپەسنىڭ سىقىلىشى، ئۆپكىنى تۈتۈننىڭ قالدۇقى بولغان قارا لەشنىڭ قاپلاپ كېتىشى ۋە ئاخىرىدا تەدرىجىي ھالدا راك ئاغرىقنى پەيدا قىلىشى قاتارلىق زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.

تاماكىنىڭ ئاشقازانغا بولغان زىيىنى

تاماكىدىكى نىكوتىن دېگەن زەھەر ئېغىزغا يىغىلغان سۇغا ئارىلىشىپ ئاشقازانغا كېتىدۇ، ئاشقازاندا سەلبىي تەسىرلەرنى قوزغاپ ئىشتىھانىڭ ئازىيىشى، ئومۇمىي بەدەننىڭ ئاجىزلىشىشى قاتارلىقلارغا سەۋەب بولىدۇ.

11. سوئال: تاماكا چېكىشنىڭ دىنىي جەھەتتىكى زىيىنى قايسىلار؟

جاۋاب: بارلىق ئىسلام قانۇنشۇناس ئالىملىرى ۋە باشقا ھەر ساھە ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن تاماكا چېكىش، تاماكا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش قەتئىي ھارامدۇر. تاماكا سودىسى بىلەن تاپقان پۇلمۇ ھارامدۇر.

تاماكا ئۆزى ھارام نەرسە، ئۇ تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بولغىنىنىڭ سىرتىدا، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەخلاقىي تەرەپلەردىنمۇ زىيانلىقتۇر.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، ئىنسانلارنى ئۆزلىرىنىڭ تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن مەنئى قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار»، «ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە ئىتتەرمەڭلار» بۇ ماۋزۇدا كەلگەن مۇندىن باشقا ئايەت ۋە ھەدىسلەر كۆپتۇر.

12. سوئال: تاماكىنىڭ يەنە قانداق زىيىنى بار؟

جاۋاب: تاماكىنىڭ تەن ساقلىقى، دىنىي، ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن كەلتۈرىدىغان ھېسابسىز زىيانلىرىدىن باشقا، ئادەمنى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىشتەك ئەھۋاللارغا ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن: بەڭگىنىڭ خۇمارى تۇتقان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىدۇ، كىشىلەرگە قىلىدىغان مۇئامىلىسىمۇ ياخشى بولالمايدۇ. بۇ ھالەتتە ئۇ تاماكا چېكىپ خۇمارىدىن چىقمىغۇچە قولى ئىشقا بارمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ئىشلەپچىقىرىشقا توسقۇنلۇق دېگەنلىك.

13. سوئال: نېمە ئۈچۈن تاماكىغا ئۆگىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش شۇنچە زۆرۈر؟  

جاۋاب: تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قېلىش دېگەنلىك قۇتۇلۇش ئەڭ قىيىن بولغان خەتەرلىك بىر يولنى تاللىۋالغانلىقتۇر. چۈنكى تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن ماددىسىنىڭ تاماكا چەككۈچىلەر بەدىنىدە قوزغاش كۈچىنىڭ زورلۇقى ۋە بەدەننىڭ تەلەپلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك، تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قالغان كىشىلەر ئۇنى تاشلاش يولىدا كۆپ ئازابلانماقتا. زىيانلىق ماددىلار ئىچىدە تاماكا ئىنسان ساقلىقىنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى. شۇڭا خەلقئارادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر كىشىلەرنىڭ ئۈستى يېپىق جايلاردا، خۇسۇسەن، ئىش ئورۇنلىرىدا تاماكا چېكىشنى قەتئىي تۈردە مەنئى قىلىپ كەلمەكتە.

تاماكىنىڭ زىيانلىرى ۋە ئاۋارىچىلىكلىرى شۇنداق كۆپ بولغان ئىكەن، ئۇنى چېكىشنى ئۆگىنىپ قېلىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىش ئەڭ ياخشىدۇر. «ساقلىنىش داۋالىنىشتىن ئەۋزەل» دەيدىغان ھېكمەت ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان.

14. سوئال: نېمە ئۈچۈن تاماكا چېكىش ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش دېيىلىدۇ؟

جاۋاب: تېببىي مۇتەخەسسىسلەر تاماكا چېكىشنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەيدۇ. چۈنكى تاماكا سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ سانى باشقا ھەر قانداق بىر تەبىئىي ئاپەت ياكى ئۇرۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ بولماقتا.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ستاتىستىكىلىق دوكلاتىدا مۇنداق دەپ قەيت قىلىنغان: «دۇنيادا يىلىغا تاماكا سەۋەبلىك ئىككى يېرىم مىليون ئادەم ئۆلىدۇ. بۇ سان 1945 - يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ياپونىيىنىڭ ھىروشىما ۋە ناگاساكى شەھەرلىرىگە ئاتوم بومبىسى تاشلىغاندا ئۆلگەن ئادەم سانىدىن تەخمىنەن 10 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئاتوم زەربىسى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 250 مىڭ ئادەم ئىدى. دۇنيادا ئەيدىز كېسىلى تارقالغاندىن كېيىن 1981 - يىلىدىن 1992 - يىلىنىڭ ئاخىرغىچىلىك بولغان 12 يىلغا يېقىن ۋاقىت مابەينىدە، ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى دۇنيا بويىچە 250 مىڭدىن ئازراق ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، دۇنيادا تاماكا سەۋەبىدىن بىر يىل ئىچىدە ئۆلىدىغان ئادەم سانى ياپونىيىگە تاشلانغان ئاتومدا ئۆلگەن، ئەيدىز كېسىلى سەۋەبلىك 12 يىل ئىچىدە ئۆلگەن ئادەم سانىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولماقتا.»

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2002 - يىلى 31 - ماي كۈنىدىكى ستاتىستىكىلىق دوكلاتىدا: «ھازىر ھەر يىلى دۇنيادا تاماكا سەۋەبلىك ئۆلىدىغانلارنىڭ سانى ۋابا، ئىچ سۈرۈلۈش، يۇقۇملىنىش، زەھەرلىنىش، كولىرا، تىفوس ۋە باشقا ھەر قانداق كېسەل سەۋەبلىك ئۆلىدىغانلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتمەكتە. تاماكا چېكىدىغانلاردىن ھەر ئون كىشىدىن 3 ى تاماكىدىن تەدرىجىي زەھەرلىنىش بىلەن ئۆلىدۇ. قالغانلىرىنىڭ كۆپ سانلىقى تاماكىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن قىينىلىدۇ. تاماكا چېكىدىغانلاردىن %90 كىشىنىڭ  ئۆپكىسى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قىزىل قان تومۇرىنىڭ قېتىپ قېلىشى ئايرىم بىر مۇشكىلە.» دەپ قەيت قىلىنغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر ستاتىستىكىدا يەنە مۇنداق دەپ قەيت قىلىنغان: «تاماكا دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئۆلۈمگە سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئالدىنقىسى ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادا بىر مىليارد بىر يېرىم مىليوندىن ئادەم تاماكا چېكىدۇ، ئۇلاردىن 800 مىليونى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەھۋال مۇشۇ بويىچە كېتىۋەرسە، دۇنيادا تاماكا سەۋەبىدىن ئۆلىدىغانلارنىڭ سانى 2020 – يىلىغا يەتكەندە ھەر يىلىغا 4 مىليونغا يېتىدىغانلىقى،  2030 - يىلىغا بارغاندا دۇنيادا يىلىغا تاماكا سەۋەبى بىلەن ئۆلىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ 10 مىليونغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.»

15. سوئال: نېمە ئۈچۈن تاماكا چېكىش ھازىرقى ئەسىرنىڭ ئەڭ پالاكەتلىك ئاپىتى دېيىلىدۇ؟

جاۋاب: پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تاماكىنىڭ ئىنسان ساقلىقىغا كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى ۋە خەتەرلىرى ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېنىق ۋە كەسكىن ئىسپاتلانغان. بىر يىل ئىچىدە تېنى ساق كىشىلەردىن  ئىككى يېرىم مىليون كىشىنىڭ پەقەت تاماكا سەۋەبىدىنلا دۇنيادىن ئايرىلىشى ھەقىقەتەن چوڭ پاجىئە بولۇپ، ھازىرقى ئەسىرنىڭ ئەڭ زور پالاكەتلىك ئاپىتى بولۇپ سانىلىدۇ.

16. سوئال: قانداق قىلغاندا تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

جاۋاب: تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئادەتتە تاماكىغا خۇمار بولۇپ قېلىش ھاراققا خۇمار بولۇپ قېلىشتىن تىز ۋە ئاسان بولىدۇ. 100 ئادەم ھاراق ئىچسە، ئۇلارنىڭ %10 ياكى %15 ى ھاراققا خۇمار بولسا، 100 ئادەم تاماكا چەكسە، ئۇلارنىڭ %85 ى تاماكىغا خۇمار بەڭگى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قېلىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىش كېرەك. تۆۋەندىكى چارە – تەدبىرلەر تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا ياردەمچى بولۇشى مۇمكىن:

(1) تاماكا چېكىدىغانلار بىلەن ئىمكان قەدەر ئارىلاشماسلىق. ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن چارىسىز ئارىلىشىشقا مەجبۇر بولغان تەقدىردىمۇ، تاماكىغا سەلبىي نەزەر بىلەن قاراش، ئۇنى بىر خەتەرلىك ئاپەت دەپ تونۇش ۋە شۇنداق مۇئامىلە قىلىش.

(2) ئۆگىنىپ قالمايمەن دېگەن ئىشەنچ بىلەن بىر قېتىم، ئىككى  قېتىم چېكىپ بېقىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىش.

(3) تاماكىغا زورلىغۇچىلارغا قەتئىي بوي ئەگمەسلىك ۋە شۇنداق ئەھۋالغا مۇپتىلا بولۇپ قالماسلىقنىڭ چارىسىنى قىلىش.

(4) تاماكا چېكىدىغانلار بار سورۇنلاردىن مۇمكىن قەدەر ئۆزىنى قاچۇرۇش. ئامالسىز قاتنىشىپ قالغاندىمۇ، بەڭگىلەردىن يىراقراق ئولتۇرۇش.

(5) سىزگە تاماكا سۇنغان كىشى ھەر قانچە يېقىن كىشىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ خاتىرىسىنى قىلماستىن قەتئىي رەت قىلىش.

17. سوئال: قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

جاۋاب: بالىلارنىڭ تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئاتا - ئانىلارنىڭ رولى ناھايىتى چوڭدۇر. ئۇلار بالىلىرى توغرۇلۇق تۆۋەندىكىلەردىن مەسئۇل ۋە جاۋابكاردۇر:

(1) ئائىلىدە دىنىي تەربىيىنى كۈچەيتىشى، ھالال - ھارام، ياخشى - يامان ۋە توغرا - خاتالارنىڭ ھەممىنى بالىلارغا توغرا يوسۇندا بىلدۈرۈشى ۋە قانائەتلىنەرلىك ھالدا چۈشەندۈرۈشى.

(2) تەقۋادارلىق، نەپسىنى يىغىش ۋە ئېسىل ئەخلاقلاردا بالىلىرىغا ئۈلگە بولۇشى.

(3) بالىلىرىنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشلىرىنى كونترول قىلىپ تۇرۇشى. ئۇلارنىڭ يانچۇقلىرىنى ۋە سومكىلىرىنى پات – پات تەكشۈرۈپ تۇرۇشى.

(4) بالىلىرىنىڭ ئارىلىشىدىغان دوستلىرى، ساۋاقداشلىرى ۋە قوشنىلىرىنى ئېنىق بىلىشى ۋە بالىلىرىنى ئەخلاقسىز، يامان، بەڭگى بالىلارغا قەتئىي ئارىلاشتۇرماسلىقى.

(5) بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالىنى مۇئەللىملىرىدىن ۋە ياخشى ساۋاقداشلىرىدىن ھەمىشە ئىگىلەپ تۇرۇشى.

(6) تاماكا چېكىدىغانلار بار سورۇنلارغا بالىلىرىنى ئېلىپ بارماسلىقى ۋە ئۇلارنىڭ يالغۇز بېرىشىنىمۇ توسۇشى (يەنى مەنئى قىلىشى).

(7) ئاتا - ئانىلار ئۆزلىرى بالىلىرىنىڭ يېنىدا تاماكا چەكمەسلىكى، ئۆيدە تاماكا ساقلىماسلىقى.

(8) بالىلىرىنىڭ بېرەر قېتىم تاماكا چەككەنلىكىنى ياكى بەڭگى بالىلارغا ئارىلاشقانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان بالىلىرىنى قانائەتلىنەرلىك ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە قايتا قىلماسلىققا ۋەدە ئېلىشى.

(9) بالىلىرىنىڭ يامان ئادەتلەرگە كۆنۈپ قالماسلىقى، گۈزەل ئەخلاقلىق پەرزەنت بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھقا سېغىنىپ ھەر دائىم دۇئا قىلىشى.

(10) تاماكا، ھاراق، ئاق چېكىملىك ۋە باشقىمۇ زىيانلىق نەرسىلەرنىڭ خەتىرىدىن بالىلىرىنى  ھەمىشە ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشى.

18. سوئال: قانداق قىلغاندا تاماكىنى تاشلىغىلى بولىدۇ؟

جاۋاب: دۇنيادا ھەر قانداق بىر مۈشكۈلىنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ. تاماكىنى تاشلاش ئىشى شۇنچىلىك قىيىن كۆرۈنسىمۇ، ئۇنى تاشلاش مۇمكىندۇر. تۆۋەندىكىلەر تاماكىنى تاشلاش ئۈچۈن ياردەمچى بولالايدۇ:

(1) ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ دۇئا قىلىش ۋە بۇ نىجىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا چىن ئېسىلىش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن» دەپ ئوچۇق جاكارلىدى. يۈرەكتىن قىلىنغان دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولۇشىدا شەك يوق. ئەمما دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈن بەزى شەرتلەرمۇ بار. مەسىلەن: يېمەك - ئىچمەكنىڭ ھالالدىن بولۇشى، دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىغا چىن ئىشەنچ بىلەن قىلىش، دۇئادا راستچىل، سەمىمىي بولۇش، ئاللاھنىڭ دۇئانى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىش، ئىجابەت بولمايۋاتىدۇ، دەپ دۇئادىن زېرىكمەسلىك ۋە باشقىلار.

(2) ئاللاھ تائالا غا تەقۋالىق قىلىش، يەنى ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ ئۇنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدىغان ئىشلاردىن قېچىش ۋە ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولۇش. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ھىمايىسىگە ئالغان كىشىنى ھېچ ۋاقىت زىيانغا ئۇچراتمايدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «كىمكى ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسان قىلىدۇ» ۋە «كىمكى ئاللاھ تائالاغا تەقۋالىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ»،  دەپ كۆرسەتكەن.

(3) تاماكىنى دەر ھال تاشلاش. ئۇنى دەرھال تاشلاش چىن ئىرادە تەلەپ قىلىدىغان ئىش. لېكىن ئۇ بەزىلەر ئويلىغاندەك قىيىن ئىشمۇ ئەمەس. ئۇنى قىيىن كۆرگەن كىشى رامىزان كۈنلىرىدىكى ھالىنى ئەسكە ئالسا بولىدۇ. رامىزان كۈنلىرىدىمۇ يېمەك - ئىچمەك، تاماكا چېكىش ۋە باشقىمۇ ئىشلاردىن مەجبۇرى ئۆزىنى توسىدۇ. بۈگۈن تاشلايمەن، ئەتە تاشلايمەن دەپ كەينىگە سوزۇش شەيتاننىڭ قارمىقىغا ئېسىلغانلىق بولۇپ، شەيتانىي نەپس ئۇنى تاشلاشقا پۇرسەت بەرمەسلىككە تىرىشىدۇ. ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە، تاماكىنى تاشلاش قارارىغا كەلگەن ھامان ئۇنىڭدىن دەرھال قول ئۈزۈشتۇر.

19. سوئال: تاماكىنى تاشلىغاندىن كېيىن قايتا چەكمەسلىك ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: تاماكىغا قايتا ئۆگىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن مۇنۇلارنى قىلىش كېرەك:

(1) تاماكىنى تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇنى قەتئىي ئېسىگە كەلتۈرمەسلىك، كۆرۈپ قالغان ياكى ئېسىگە چۈشۈپ قالغان ئەھۋاللار ئاستىدا خىيالىنى باشقا ياققا بۇراش كېرەك.

(2) تاماكا چېكىدىغان دوستلاردىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىش ۋە ئارىلاشماسلىق.

(3) تاماكا چېكىش ئەسناسىدا ئىستېمال قىلىپ كەلگەن شەيئىلەرنى ئىستېمال قىلىشنى تەرك ئېتىش.

(4) گىمناستىكا ھەرىكەتلىرى بىلەن كۆپرەك شۇغۇللىنىش.

(5) مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش.

(6) تاماكا خۇمارى تۇتقان بىر قانچە مىنۇتلۇق قىيىنچىلىققا سەۋر بىلەن تاقابىل تۇرۇش. خۇمار تۇتقان شۇ بىر قانچە مىنۇتقا چىدىغان ئادەم ئۇنى چوقۇم تاشلاپ كېتەلەيدۇ.

(7) تاماكا خۇمارى تۇتقان ۋاقىتتا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، خىيالىنى باشقا ياققا بۇراش، باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش.

20. سوئال: تاماكىنى تاشلاشنىڭ باشقا چارىلىرىمۇ بارمۇ؟

جاۋاب: تەلىم - تەربىيە مۇتەخەسسىسلىرى تاماكىنى تاشلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى تەۋسىيە قىلىدۇ:

(1) تاماكا ئورنىغا نىكوتىن ماددىسىدىن ياسالغان مەخسۇس رىۋاشكىلارنى چايناش تاماكىغا بولغان ئىشتىھانى پەسەيتىدۇ. چۈنكى كىشىلەرنى تاماكا چېكىشكە ئادەتلەندۈرۈپ قويغان نەرسە، ئۇنىڭدىكى نىكوتىن ماددىسىدۇر. مىسۋاك قوللىنىشمۇ تاماكىنى تاشلاشقا ياردەمچى بولىدۇ. خۇمار قاتتىق تۇتقان لەھزىلەردە مىسۋاكنى ئېغىزىدىن چىقارماي تۇرۇش ياخشى ئۇسۇلدۇر.

(2) تاماكىنى تەدرىجىي تاشلاشقىمۇ بولىدۇ. بۇ كۈندىلىك چېكىدىغان تاماكا نىسبىتىنى ئازايتىش ئارقىلىق بولىدۇ. مەسىلەن: كۈنىگە بىر پاچكا چېكىدىغان كىشى ئۇنى بىر ياكى ئىككى تالغا چۈشۈرۈشى، ئىمكان قەدەر ئاز چېكىشكە تىرىشىش ئارقىلىق بولىدۇ. لېكىن ئەڭ ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك چارە — يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك — دەرھال تاشلاشتىن ئىبارەتتۇر.

(3) تاماكا چەكمەيدىغان ھەمراھلار بىلەن بىرگە كۆپرەك سەيلىگە ۋە سەپەرلەرگە چىقىش. شۇ ئارقىلىق تاماكا چەكمەسلىككە ئۆزىنى كۆندۈرۈش مۇمكىن. لېكىن بۇ ئەسنادا ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەسلىك ھەتتا ئۆزىگە تاماكا ھەققىدە خىيال سۈرۈشكىمۇ پۇرسەت بەرمەسلىك كېرەك.

(4) تاماكىغا قارشى تۇرىدىغان مەخسۇس تېببىي مەركەزلىرى بولىدۇ. ئۇلار خىتاي يىڭنىلىرى ۋە بەزى دورىلار ئارقىلىق تاماكىنى تاشلىماقچى بولغانلارنى داۋالايدۇ. بۇ ئورۇنلارغا مۇراجىئەت قىلىشمۇ ئالاھىدە ياردەمچى بولىدۇ.

(5) تاماكا چېكىدىغان دوستلاردىن ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ سورۇنلىرىنى تەرك ئېتىپ، تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن كۆپ ئارىلىشىش.

(6) بېرەر ياكى ئىككى قېتىم مەغلۇپ بولۇش بىلەن ئۈمىدسىزلەنمەسلىك كېرەك. ئادەتتە تاماكىنى تاشلىماقچى بولغانلاردىن 60% كىشى ئىرادىسىدىن يېڭىلىپ يەنە تاماكا چېكىش ئادىتىگە قايتىدۇ. لېكىن تاماكىنى تاشلىماقچى بولغان ئادەم بىر ياكى ئىككى قېتىم يېڭىلغىنىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئاجىز نۇقتىسىنى بىلىۋېلىپ، بارچە ھىممىتى ۋە كۈچىنى شۇ ئاجىزلىق تەرىپىنى يېڭىش يولىغا سەرپ قىلىدىكەن، ئۇ تاماكىنى تاشلاش جېڭىدە ئاخىرى چوقۇم غەلىبە قىلالايدۇ. ئىرادىلىك ئادەم ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ۋە ئاجىزلىق نۇقتىسىنى تونۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېڭىلمەسلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. مەلۇمكى، ھارماي كۈرەش قىلغانلار ئاخىرى چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ.

(7) ئۆز - ئۆزىگە سۆز بېرىش ئۇسۇلى بىلەنمۇ تاماكىنى تاشلاش جېڭىدە غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئىنسان قانچىلىك سۆزىدە تۇرمايدىغان بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ئۆزىنى ئالدىماسلىقى كېرەك. ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ۋىجدانى ئوتتۇرىسىدا سەمىمىيەت بولۇشى كېرەك. تاماكىنى قەتئىي تاشلاش ئۈچۈن ئۆزىگە چىن ۋەدە بەرگەن ئادەم ھەر ۋاقىت خۇمارى تۇتۇپ ۋەدىسىنى بۇزۇشقا مەجبۇر ھالەتكە چۈشۈپ قالغىنىدا ئۆز - ئۆزىگە بەرگەن ۋەدىسىنى ۋە ئۆزىنى ئالدىماسلىقى كېرەكلىكنى ئويلاپمۇ ۋەدىسىنى بۇزۇشتىن يانىدۇ.

(8) يۇقىرىقى ئۇسۇللار بىلەنمۇ تاماكىنى تاشلاش جېڭىدە غەلىبە قىلالمىغانلار ئۈچۈن، يەنە بىر چارىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ، تاماكا چەكمەسلىككە قەسەم قىلىش. ئەگەر قەسىمىدە تۇرالماي گۇناھكار بولۇپ قېلىشتىن قورقسا، ۋاقىتلىق قەسەم قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: بىر يىللىق، ئۈچ ئايلىق، بىر ئايلىق. بۇ ئۇسۇل بىلەن تاماكا چېكىشنى تاشلىغانلارمۇ كۆپ.




بۇ تېمنىڭ كىلىش مەنبەسى:http://noqi.blogbus.com/logs/138415625.html

UID
48286
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 17:56:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماكىنىڭ زىيىنى مانا  http://yarp.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=1995

UID
36502
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-3-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 13:52:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن

UID
47578
يازما
105
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
105
تىزىملاتقان
2013-3-18
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-11
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 19:41:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماكىنىڭ تارىخى AuQ|CXG-\  
) E- n1 m  J  J  {4 ]4 Y1 t& m: o2 E 6"G(Iq'2t3  
K*j OrQf`  
1492 – يىلى ئىسپانىيلىك دېڭىزچى كۇلۇمبو ئامېركا قۇرۇقلۇقىنى بايقىغاندا كۇبالىق يەرلىك ئاھالىكلەرنىڭ قۇرۇق تاماكا يۇپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئىسنى شوراۋاتقانلىقىنى كېمىدىكى ئىككى ماتۇرۇس كۆرگەن، ئىككى ماتۇرۇسنىڭ بىرى ئىسنى شوراپ باققان، بۇ تاماكا چەككەن تۇنجى ياۋرۇپالىق ھېسابلىندۇ، ئىسپانىيگە قايتقاندىن كىيىن، ئۇ قۇرۇق تاماكا يۇپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئىسنى شوراپ يۈرگەن، بۇنى كۆرگەن قوشنىلىرى قاتتىق ھەيران قالغان ھەمدە ئۇنىڭغا جىن چاپلىشۋاپتۇ دەپ قاراپ ئۇنى دىننى سوتنىڭ تۈرمىسىگە قامىتىۋەتكەن. n R,QG8  
1496 – يىلى تاماكا ئۇرۇقى ئىسپانىيگە تارقىلىپ مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرى قاتارىدا تېرىلغان. :;Z/$M16B  
1518- يىلى ئىسپانىيەلىك ئىكىسپىدىتسىيچىلەر ئازىتاكلار ۋە مايالىقلارنىڭ قۇرۇق قۇمۇش نەيچىسى بىلەن تاماكا چېكىۋاتقانلقىنى كۆرگەن، ئېكىسپىدىتيىچىلەرمۇ ئۇلاردىن ئېلىپ چىكىپ باققان. بۇ تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق تاماكا تىلەپ چىكىش ھىسابلىنىدۇ. CrI<rD%'  
1530- يىلى ئىسپانىيەلىكلەر ھاياتىدا تاماكا تېرىغان. E|;>!MMA;  
1560- يىلى فىرانسىيەنىڭ پورتىگالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يان نىكوتىن تاماكىنى فىرانسىيەگە ئېلىپ كېلىپ كېسەل داۋالاشقا ئىشلەتكەن ھەم خانىشنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايىتقان. نىكوتىننىڭ تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، خېمىيە ئالىملىرى كۆك تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىغا « نىكوتىن » دەپ ئىسىم قويغان. شۇندىن كىيىن كۆك تاماكا فىرانسىيەدە تېرىلىشقا باشلىغان. #9(+)~irz`  
1575- يىلى كۆك تاماكا فىلىپىندىن جۇڭگۇغا كىرگەن. $Mg O)bH  
1595- يىلى ئەنگىليەلىك دورىگەر ئالىملىرى يازغان « تاماكا ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ۋە قىممىتى بار كۆز قاراش» دېگەن ئەسەردە تاماكنىڭ ئادەم بەدىنگە زىيىنى بارلىقى كۆرسىتىلگەن ھەم ناھايىتى زور تەسىر قوزغىغان. $)*qoV  
1600- يىلى كۆك تاماكا لاۋاندا ( خۇش پۇراق ئۈسۈملۈك) بىلەن ئارلاشتۇرلۇپ لوندوندىكى ھەشەمەتلىك چىركاۋلارنىڭ ئەتىرى قاتارىدا ئىشلىتىلگەن. rEp\ld  
1612- يىلى لوندوندىكى تاماكا سودىگەرلىرنىڭ ئوتتۇرا ئامىركىدىكى جامىستوندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى يوھان رولفېي شىمالى ئامىركىدىكى ۋېرگىنىينىڭ جىمىس دىگەن بازىردا دۇنيادىكى تۇنجى تۈركۈم سودا قىلىندىغان تاماكا تېرىغان ھەمدە ئەنگىليەگە 10 توننا يۆتكىگەن. شۇ يىلى ئامىركىدا تاماكا سىناق تەرەقىسىدە تېرىلغان. 8cZ[Kl%  
1616- يىلدىن 1627- يىلغىچە كۆك تاماكا بىر قانچە يولدىن مەملىكىتىمىزگە كىرىشكە باشلىغان، يەنى فىلىپىندىن تەيۋەن، فۇجىيەنگە، ۋېيتنامدىن گۇاڭدۇڭغا، ياپۇنيىدىن چاۋشىيەن ئارقىلىق لىياۋدۇڭ يېرىم ئارىلغا، روسيەدىن شىنجاڭغا كىرگەن. "PTEt{qn  
1639- يىلى مىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى پەرمان چۈشۈرۈپ تاماكىنى چەكىلگەن ھەمدە تاماكا چەككەنلەرنى ئۈلۈمگە بۇيرىغان. /AX)n:,  
1666- يىلى ئەنگىليەدە گېزىتقا تاماكا ئېلانى بېسىلغان. =_E$* }  
1799- يىلى ناپالىئون تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا، ئەنقەرە شەھرىنى قوغداۋاتقان بىر توپ تۈركىيە ئەسكەرلىرنىڭ چىلىمى توپ ئۇقىدا پارتىلاپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلار مىلتىق دورىسىنى تۇتاشتۇردىغان قەغەزدە تاماكا ئوراپ چەككەن، بۇنىڭ بىلەن تاماكىنى قەغەز بىلەن ئوراپ چىكىش دۇنياغا كەلگەن. GZ5DI+3  
1825- يىلى شىۋىتسارىيەلىك خېمىيە ئالىمى ئا. پىكتې تۇنجى بۇلۇپ كۆك تاماكا تەركىبىدىن تاماكا ئىشقارى نىكوتىننى ئاجىرتىۋالغان. !j  #8zN  
1881- يىلى كۈنىگە 120 تال تاماكا ئورىيالايدىغان ماشنا پاتنىت ھۇقۇقىغا ئىرىشكەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن تاماكا ئوراش پۈتۈنلەي قول بىلەن قىلناتتى. `1900- يىلغا كەلگەندە تاماكىنىڭ ماركىسى 160 تىن ئېشىپ كەتتى. :Id8N~g  
1902- يىلى تاماكا چېكىشكە قارشى تۇنجى تەشۋىقات كىتابى « تاماكا زىيىننى يۇقىتىش ھەركىتى » ئەنگىليەدە نەشىر قىلىندى. lM#/F\  
1927- يىلى ئەنگىليەلىك دوختۇر تايلور كوت تېببى ژورنالدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۆزى بىلىدىغان ئۆپكە راكغا گىرىپتار بولغان بارلىق بىمارلارنىڭ تاماكا چېكىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويدى. eGKvzu  
1941- يىلى 2- دۇنيا ئۇرشى مەزگىلىدە ئامېركا زۇڭتۇڭى روزىۋېلىت تاماكىنىڭ ئاساسى زىرائەت قاتارىغا كىرگۈزىلدىغانلىقىنى، تاماكا تېرىغۇچىلارنىڭ ھەربى سەپكە قاتنىشىش مەجبۇريىتىنى كەينىگە سۈرۈشكە بۇلدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. \qW^AD(it<  
1948- يىلى « ئامرىكا تىببى جەميىتى ژۇرنىلى » دا، « پىسخىلوگىيە نوقتىسىدىن قارىغاندا، تاماكا جىددىيلەشكەن روھى ھالەتنى پەسەيتىدۇ، تاماكا چىكىشكە قارشى تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق » دىيىلدى. NP\/9 8|1  
1955- يىلى ئامېركا قوشما شىتات سودا كومتىتى تاماكا ئېلانلىردا سالامەتلىككە پايدىلىق دىگەن سۆزنى ئىشلىتىشنى چەكىلىدى. @Z ""|H"0  
1957- يىلى ئامېركا راك كېسەللىكلىرى ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى بىر تەتقىقات گورۇپىسى قۇردى. بۇ گورۇپپا مۇنداق تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى: تاماكا چېكىش بىلەن ئۆپكە راكى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ھەمدە سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئىگە. ^Kl< 1966- يىلدىن باشلاپ تاماكا قېپىغا « دىققەت: تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق» دېگەن خەت بېسىلدى. Q 'e[(^8  
1967- يىلى نيۇ يۇرۇكتا تۇنجى قېتىملىق « تاماكا ۋە سالامەتلىك » خەلقارا يىغىنى ئېچىلدى، شۇنىڭدىن كىيىن ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق يۈكسەلدۈرلۈپ، تاماكا تاشلاش خىزمىتى كۈچەيتىلدى. {9F}2 SJ  
1980- يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ باش ئىش بىجۈرگۈچىسى دوكتۇر مالۇر1980- يىلى 4- ئاينىڭ 7- كۈنىنى تاماكا تاشلاش كۈنى قىلىپ بىكىتىش تەكلىپىنى بەردى ھەمدە پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە « سىزگە تاماكا كېرەكمۇ ياكى سالامەتلىكمۇ، ئۆزىڭىز تاللاڭ » پائاليىتىنى قانات يايدۇردى. G&N),wsNZK  
1983- يىلى ئامىركا ھەر يىلى تاماكا چىكىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 300 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. bM W}.v!  
1987- يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 4- ئاينىڭ 7- كۈنىنى دۇنياۋى تاماكا تاشلاش كۈنى قىلىپ بىككىتى ھەمدە بۇ كۈنى تاماكا چەكمەسلىكنى ۋە تاماكا سېىۋالماسلىقنى تەلەپ قىلدى. M}" KAa  
1989- يىلى ئامېركا سەھىيە ئىدارىسى بىر قېتىملىق دوكىلاتىدا، تاماكا چېكىدىىغانلارنىڭ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش ئېھتىماللىقى تاماكا چەكمەيدىغانلاردىن 15 ھەسسە يۇقۇرى دەپ كۆرسەتتى. l2!ztK1^  
' b- ~% J1 ]# l7 x' F %LL?'&&  
چەت ئەللىك مەشھۇر زاتلارنىڭ تاماكا تاشلىشى "? 5@j/ e`  
$ ~& X. v6 ]' F3 _* m3 l5 p' C# T +\B.3%\-  
" Y1 X8 V" h$ P2 b/ m _~b]/]|z#N  
1.   ماركىس 19- ئەسىرنىڭ 70- يىللىردا ئۇلۇغ ئىنقىلابى ئۇستاز كارل ماركىس ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىردا تاماكا چېكەتتى. ئۇ بېرلىن ئونىۋېر سىتېتىدا پەلسەپە دوكتۇرلىقى ئىنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتقاندا، ۋاقىتىنى تاماكا ئىسى ئارسىدا دىگۈدەك ئۆتكۈزگەن، ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە ئۇنىڭ تاماكا خۇمارى بارغانسىرى كۈچۈيۈپ، بىر قولىداتاماكا، بىر قولىدا قەلەم تۇتۇپ يىزىقچىلىق قىلدىغان بولغان. «كاپتال»نىڭ 1- تومىنى يىزىپ تاماملىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە كۈيئوغلىغا: « بۇ كىتابنىڭ قەلەم ھەققى تاماكا پۇلۇمغا يەتمەيدۇ» دېگەن. `hl1R3nBM  
« كاپتال» نەشىردىن چىققىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ توختىماي يۈتۈلدىغان، ھاسىرايدىغان، دىمى سىقىلدىغان، ھاسىرايدىغان بۇلۇپ قالغان. دوختۇر ئۇنىڭ كېسىلگە كانايچە سۇزۇلما ياللۇغى، ئۆپكە ھاۋاللىق ئىشىقى دەپ دىئاگىنوز قويغان. 50 ياشقا كىرگەندە دوختۇر ئۇنىڭغا تاماكا تاشلاش ھەققىدە نەسىھەت قىلغان. ماركىس دوختۇرغا: « مىنىڭ خۇدانىڭ دەرگاھىغا كېتىدىغان ۋاقتىم بۇلۇپ قالدى، تاماكا تاشلاش مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس» دېگەندە، دوختۇر: « تاماكىنى يەنە چېكىۋەرسىڭىز، يۈتەل سىزنى خىزمەت قىلدۇرمايدۇ» دېگەن. « سىزنى خىزمەت قىلدۇرمايدۇ» دىگەن سۆز ماركىسنى ئەندىشىگە سالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسىراپ، « كاپتال»نى داۋاملىق يېزىش ئۈچۈن دوختۇرنىڭ نەسىھىتىگە ئاساسەن تاماكا تاشلاشقا ئىرادە باغلىغان. ئۇ يىزىقچىلىق قىلۋاتقاندا تاماكا خۇمارى تۇتۇپ كەتسە، سىگارتىنى ئېلىپ ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا مىجىپ تاشلاپ ئاغزىغا سېلىپ تاكى كۆڭلى ئېلشقۇچە چاينىغان. كىيىن ئۇ تاماكىنى كۆرسىلا كۆڭلى ئېلشىدىغان ھالەتكە كەلگەن. شۇنداق قىلىپ تاماكىنى تاشلىۋەتكەن، كېسىلىمۇ بارا- بارا ياخشىلانغان. ماركىس « كاپتال» نىڭ 2-، 3- تومىنىڭ دەسلەپكى ئارگىنالنى يىزىپ تاماملاپ، پۈتۈن دۇنيا پىرولتارلىيات ئىنقىلابىغا نەزىريىۋى ئاساس سالدى. بۇ شۇنى چۈشەندۈردۇكى تاماكا تاشلىغلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس، مەسلە شۇ كشىنىڭ ئىرادىسى ۋە جاسارىتىگە باغلىق. ='.G,aJ9  
2.  ئېنگىلىس ياش ۋاقتىدا تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قالغان. ئۇ دوسلىرغا مۇنداق دېگەن: « قۇياش پارلاپ چىققان باھار كۈنلىرنىڭ ئەتىگەنلىرى، باغچىدا قۇياشقا كەينىنى قىلىپ ئولتۇرۇپ تاماكا چەككەچ كىتاب كۆرۈش ھەقىقەتەن راھەت» ھايتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىردە، ئېنگىلىس تاماكا چەككەنلىكنىڭ ئېغىر زىينىنى چۇڭقۇر ھىس قىلغان. سالامەتلىكنى ئاسىراش ئۈچۈن ئۇ بىر مەزگىل تاماكىنى پۈتۈنلەي تاشلىغان، كېيىن ئۇ دوسلىرىغا مۇنداق دېگەن: « تاماكا نېرۋىغا زىيان قىلدىكەن، شۇڭا مەن تاماكا تاشلىمسام بولمايدۇ، تاماكا تاشلاشقا ئانچە كۆپ كۈچ كەتمەيدۇ، ھازىر مەن ئىككى، ئۈچ كۈندىمۇ بىر تال تاماكىنى چېكىپ بۇلالمايمەن.» EDGAaN*Q  
3.  لېنىن 17 ياش ۋاقتىدا تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قالغان. لېنىنىڭ ئانىسى مارىيا ئالىكساندىروۋنا دوختۇرنىڭ قىزى بولغاچقا، تاماكىنىڭ زىينىنى ياخشى بېلەتتى. ئۇ لېنىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەندىشە قىلىپ، نۇرغۇن قېتىم لېنىنغا تاماكا تاشلاشنى ئېيىتقان. چۈنكى، لېنىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. ئۇ لېنىنغا: « ئۆزۈڭ ئىشلەپ پۇل تېپىشتىن ئىلگىرى، زۆرۈر بولمىغان بارلىق چىقىمنى ئازايتىشىڭ كېرەك. داداڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن كىرىمىمىز ناھايىتى چەكلىك بۇلۇپ قالدى، تاماكا سېتىۋالساڭ ئائىلىمىزىنىڭ بىر تۈرلۈك چىقىمى كۆپىيىپ كېتىدۇ» دېگەن. شۇ چاغدا لېنىن ئىنقىلابىي پائاليەتلەرگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن ھەيدەلگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇلۇپ، ھىچقانداق ئائىلە كىرىمى يوق ئىدى. ئائىلىسمۇ ناھايىتى نامرات ھەم ئىككى يىل ئىلگىرى دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن بۇلۇپ، نەپىقە پۇلىغا تاينىپ تۇرمۇشنى قامدايتتى. ئانىسنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىغان لېنىن ئانىسنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئېشىپ قالغان تاماكىنى يانچۇقىدىن ئېلىپ ئانىسنىڭ كۆيدۈرۋېتىشىگە بەرگەن ھەم: « كەچۈرۈڭ ئانا مەن بۇلارنى ئويلاپ باقماپتىمەن، مەن بۈگۈندىن باشلاپ تاماكىنى تاشلايمەن» دېگەن. لېنىن ئىنتايىن جاسارەتلىك ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ زادىلا تاماكا چىكىپ باقمىغان. كىيىن لېنىن ئۆزىنىڭ ئىشخانىسغا « تاماكا چېكىش مەنئى قىلىندۇ» دېگەن خەتنى چاپلاپ، ئۆزىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ چەكلىگەن. بىر كۈنى لېنىنىڭ ئىشخانىسدا يىغىن ئېچىلغاندا، لېنىن ئۆينىڭ ئىسقا تۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ، تامدىكى « تاماكا چېكىش مەنئي قىلىندۇ» دېگەن خەتنى يىرتىپ تاشلاپ: « قائىدە- تۈزۈمنى مۇشۇنداقمۇ ئاياغ ئاستى قىلغان بارمۇ!» دېگەن. بۇ باشقىلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن لېنىننىڭ ئشخانىسىدا ھېچكىم تاماكا چەكمەيدىغان بولغان. ')v 4.  دې گول فرانسىينىڭ سابىق زۇڭتۇڭى دې گول ياش ۋاقىتلىردىلا تاماكىغا خۇمار بۇلۇپ قالغان. ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنى « قولىدىن تاماكا، ئاغىزىدىن ئىس ئايرىلامايدۇ» دەپ مازاق قىلغان. لېكىن، ئۇ 50 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن تاماكىنى بىراقلا تاشلىۋەتكەن، ھەم شۇنىڭدىن كىيىن تاماكىنى ئاغىزىغا ئېلىپ باقمىغان. دې گولنىڭ دوستلىرى بۇنىڭدىن ناھايىتى ھەيران بۇلۇپ، ئۇنىڭ تاماكا تاشلاش سىرىنى سورىغان، دې گول قىسقىلا قىلىپ: « مۇرەسسە قىلماسلىق» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئۇنىڭ تەجىربىسى بۇيچە تاماكا تاشلىماقچى بولغان كىشى ئىرادە ۋە ئىشەنىچ تىكلەشتىن باشقا، ئۆز ھەركىتىگە ئىزچىل كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۇ تاماكا تاشلىغان كۈندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ تاماكا بىلەن ئۇچرىشىشى پۇرسىتىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئازايىتقان. ئۇ ئۆز تەسىراتىنى سۆزلەپ: « تاماكا تاشلاشتا مەغلۇپ بولغان كىشلەر تاماكا چىكىلۋاتقان مۇھىتنىڭ ئېزىقتۇرشىغا تاقابىل تۇرالمىغان كىشلەردۇر» دېگەن. شۇڭا، دې گول بارلىق سورۇنلاردا بىرەرى تاماكا سۇنۇپ قالسا: « مەن تاماكىنى قايتا چەكمەسلىككە ئۆزۈمگە ۋەدە بەرگەن، مەن گېپىمدە تۇرىمەن» دەپ رەت قىلغان. تاماكا مۇھىتى بىلەن مۇرەسسە قىلماسلىق- دې گولنىڭ بىر قېتىمدىلا تاماكىنى تۇلۇق تاشلىيالىشنىىڭ سىرى. vM /D7YS:  
5.  رېگان ئامېركىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى رېگاننىڭ تاماكا خۇمارى خېلىلا كۈچلۈك بۇلۇپ، قولىدىن تاماكا چۈشمەيتى. 1985- يىلدىن باشلاپ ئۇ تاماكىنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىننى تۇنۇپ يېتىپ، تاماكا تاشلاشقا ئىرادە باغلىغان. 1987- يىلى رېگان تاماكا قېپىغا « تاماكا سالامەتلىككە زىيانلىق» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش سۆزىنى يىزىش ھەققىدىكى قانۇن لاھىيسىگە ئىمزا قويغان ھەمدە 2000- يىلىدىن بۇرۇن ئامېركىنى ھىچكىم تاماكا چەكمەيدىغان جەمىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرشىشنى ئوتتۇرغا قويغان. mwqe@7  
6.  كاستىرو كۇبا جەميىتىنىڭ رەئىسى كاستىرونىڭ سىگارىت خۇمارى دۇنياغا داڭلىق، ئۇ بەش يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئاندىن تاماكىنى رەسمى تاشلىغان. ئۇ ھاۋانادا چىقىدىغان «سىگارىت ھەۋەسكارلىرى» ژۇرلىنىڭ مۇخبىرىغا: «ئەمما مەن چۈشۈمدە تاماكا خۇمارىدىن چىقىمەن» دىگەن. ئۇ يەنە: « مەن بىر مەيدان تاماكا تاشلاش پائاليىتى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدىم، شۇڭا ئۈزۈم ئۈلگە كۆرسىتىپ تاماكا تاشلىمسام بولمايتتى» دىگەن. ئۇنىڭ تاماكا تاشلاش ھەركىتىدىكى تۆھپىسىنى تەقدىرلەپ ب د ت نىڭ دۇنيا ساھىيە تەشكىلاتى ئۇنىڭغا بىر دانە ئالاھىدە ئوردىن تەقدىم قىلغان. Ru^j~Cj5  
b+ v!3|  
  A6 A; R: L3 I( [ D|R,$ v:  
8 M! p3 o6 X; o7 @  b8 S9 Aتاماكىنىڭ زىينى x*z$4)RP  
6 g$ h7 B6 Q" ]+ J/ U! I  D- N6 ] $P%b?Y/  
YF<;s^&@u  
   تاماكا چېكىش ئىنتايىن ئۇمۇملاشقان ئىجتىمائى ھادىسە، ئەمما ئۇنىڭ ئشلەپچىقرىلىشى ۋە ئىستىمال قىلنىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققتىنى قوزغاۋاتقان ئىجتىمائى مەسلە. بۇنىڭ سەۋەبى، كىشلەر تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزدىغانلىقىنى تەدرىجى تۇنۇپ يەتتى ۋە بۇ ھەقتە ئورتاق تۇنۇشقا كەلدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىردىلا تەتقىقاتچىلار ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن- قىسقا بۇلۇشنىڭ تاماكا چېكىش بېلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، تاماكا چېكىش ئۆمۈرنى قىسقارتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەندى، ئەمما بۇ تەتقىقات نەتىجىسى كىشلەرنىڭ يىتەرلىك دىققەت ئىتبارىنى قوزغىمىغانىدى. 7IH^5r  
تەتقىقاتچىلار تاماكا چېكىشنىڭ ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سېلىش دەرىجىسىنىڭ كىشلەرنىڭ تەسەۋۇردىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. مېدىتسىنا، گېگىنا ئالىملىرى ۋە سىياسىيونلار تاماكىنى «20- ئەسىردىكى تارقىلىشچان كېسەللىك» ، يەر شارىدىكى « ئەڭ زور ئامىۋى سەھىيە مەسلىسى » دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدىن بۇيان نۇرغۇن دۆلەتلەر ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تاماكا چېكىشنى تېزگىنلەش دولقۇنى قوزغىدى، تاماكا چېكىشنىڭ زىينىغا ئۇچىرغان « بەگىلەر » تاماكا تاشلىدى. ئەمما تاماكا چېكىش بىلەن كېسەللىككە گېرىپتار بۇلۇش ئارلىقىدا مەلۇم ۋاقىت بولغاچقا، بەزى « بەڭگى » لەر يەنىلا ئويغانمايۋاتىدۇ. تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى زادى قانچىلىك؟ ئالىملار ھايۋاناتنى سىناق قىلىش، ئادەم تىننى ئاناتومىيلىك تەكشۈرۈش ۋە سىتاتسىكا قىلىش ئارقىلىق، تاماكا چېكىشنىڭ ئادەمىنىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيان يەتكۈزدىغانلىقىنى، ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا تاماكا چەككەندە نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە گېرىپتار قىلدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. مەسلەن، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا ئۆپكە راكىغا گېرىپتار بولۇش نىسبىتى 10~20 ھەسسە، كاناي ياللۇغى، ئۆپكە سۇلۇق ئىشىقىغا گېرىپتار بۇلۇش نىسبىتى 3~6 ھەسسە، يۈرەك تاجىسىمان ئارتىريەسى بوتقىسىمان قېتىش كېسىلگە گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتى 5~10 ھەسسە يۇقىرى بۇلىدۇ. تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ ئۆپكە تۇقۇلمىلىرى ھال رەڭ ياكى قىزىل، تاماكا چىكىدىغانلارنىڭ بولسا ئىلاستىكىلىغى ئىنتايىن ناچار ھەم قارا بولىدۇ، ئۆپكە- كاناي بوشلىقىدا كۆپ مىقداردا كاربۇن زەرىچىلىرى بار قۇڭۇر رەڭلىك بەلغەم پەيدا بۇلىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈشكە بۇلىدۇكى، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئۆپكە- كانىيى خۇددى تۇرخۇنغا ياكى مەش كانىيغا ئوخشايدۇ. بۇنىڭ كۈنلەرنىڭ ئۈتىشى بىلەن كېسللىك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلىش تەس ئەمەس. c|^#v8x^/  
تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدە ئۈلۈمگە سەۋەپ بۇلىدىغان ئالدىنىقى تۆت خىل كېسەللىك، يەنى يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى، راك كېسىلى، مىڭە قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى، نەپەسلىنىش سېستىمسى سۇزۇلما كېسەللىكلىرى تاماكا چېكىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 90 پىرسەنتى، يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 25 پىرسەنتى، نەپەس يۇلى سۇزۇلما كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 75 پىرسەنتى تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ تۇخۇمدان راكى، دوۋساق راكى، ئېغىز بوشلىقى راكى، ئاشقازان يارىسى، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بۇلۇش ئېھتىماللىقى يۇقۇرى بۇلىدىكەن. ھامىلدار ئاياللار تاماكا چەكسە، يۇقۇرى قان بېسىمى، تۇتقاقلىق، بالدۇر تۇغۇش ياكى بالا كىچىك تۇغۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردىكەن. ھازىر دۇنيا بۇيچە ھەر يىلى تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3 مىليۇندىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 2 مىليۇنى جۇڭگۇدىكى « بەڭگىلەر» دۇر.  B Ji  
تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى مۇشۇنداق چوڭ بولسىمۇ، ئائىلىدىن جەمئىيەتكىچە ئادەم بار جايلارنىڭ ھەممىسىدىلا تاماكا چېكىدىغانلارنى ئۇچراتقىلى بۇلىدۇ. بۇنىڭدىكى ئىقتىسادى زىياننى ھىساپلاپ كۆرەيلى، ھازىر دۆلىتىمىزدە 400 مىليۇن « بەڭگى» بار، ھەر بىر « بەڭگى » ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر كۈنى بىر قاپ تاماكا چەكسە، بىر قاپ تاماكىنى 5 يۈەندىن ھېسپلىغاندا، بىر كۈندە 200 مىليۇن، بىر يىلدا 73 مىليارد يۈەن بۇلىدۇ. سىتاتسىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ئازادلىقتىن كىيىنكى 40 يىلدا تەبئى ئاپەتلەر دۆلىتىمىزدە جەمئى 300 مىليارد يۈەن ئىقتىسادى زىيان پەيدا قىلغان، بۇ يىلغا 7 مىليارد 500 مىليۇن يۈەندىن توغرا كېلىدۇ، ئەمما بۇ تەبئى ئاپەتلەر پەيدا قىلغان ئىقتىسادى زىياننى ئۆزىمىز پەيدا قىلغان تاماكا ئاپىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن يوق دىيەرلىك! }TS4D={1  
   " )87GQ(R  
تاماكىنىڭ ئىقتىسادى زىيىنى Gf{FF Ie(  
>b.wk3g@>  
تاماكىنىڭ شەخىسگە كەلتۈرگەن ئىقتىسادى زىينىنى مۆلچەرلەش ۋە ھىسابلاش ئىنتايىن ئاسان. ئۇمۇمى ئىقتىسادى زىياننى ھىسابلساق، مەملىكىتىمىزدىكى 300 مىليۇندىن ئارتۇق « بەڭگى»نىڭ ھەر بىرى ھەر كۈنى ئىككى يۈەنىلىك تاماكىدىن بىر قاپ چەكسە، بىر كۈندىلا 600 مىليۇن يۈەننى، بىر يىلدا 219 مىليارد يۈەننى چىكىپ تۈگىتىدۇ، ئەگەر ھەر بىر بەڭگى ھەر كۈنى ئۈچ يۈەنىلك تاماكىدىن بىر قاپ چەكسە، بىر كۈندىلا 900 مىليۇن يۈەن، يىلدا 328 مىليارد يۈەن كىتىدۇ، مۇشۇنداق زور بايلىق بىكاردىنلا ئىسراپ قىلىندۇ. Iq-+X3i  
تاماكا ئىستىمالى ئىقتىسادى كىرىمى ئوخشاش بولمىغان ئائىلەردە ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ، تاماكىنىڭ تۈرى، سانى، باھاسىدا روشەن پەرىقلەر مەۋجۈت بۇلىدۇ. نۇرغۇن ئائىلەردە بەزى تۇرمۇش بۇيۇملىرغا قارىغاندا تاماكىغا كۆپرەك پۇل چىقىم قىلىندۇ. قىسقىسى، «بەڭگى»لەر تاماكىغا پۇل خەجلەشكە ئىككىلەنمەيدۇ، كۈزى قىيدۇ. شەخىسلەرنىڭ تاماكا چىقىمىنى ھېساپلاپ كۆرەيلى: ئەگەر مەلۇم كىشى 20 ياشتىن باشلاپ ھەر كۈنى بىر قېپى بىر يۈەنلىك تاماكا ( ئەمىليەتتە بۇنداق ئەرزان تاماكا يوق) چەكسە ھەم 60 ياشتا كېسەل سەۋەبى بىلەن تاماكا تاشلىسا، 40 يىلدا جەمئي 14400 يۈەن پۇلنى چىكىۋەتكەن بۇلىدۇ. L[Dr[  
مەملىكىتىمىزدىكى 400 مىليۇنغا يىقىن «بەڭگى» ھەر ئايدا ھەر بىرى 20 يۈەنلىكتىن تاماكا چەكسە، ھەر يىلى 96 مىليارد يۈەننى كۆيدۇرۇپ تۈگىتىدۇ. ئەگەر بۇ 400 مىليۇن «بەڭگى»نىڭ ھەممىسى تاماكا تاشلىسا ھەم ھەر بىرى ھەر ئايدا 20 يۈەندىن ئامانەت قويسا، 10 يىلدا غايەت زور پۇلغا ئايلىناتتى. بۇ پۇل پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەدەنيەت، مائارىپ، ئىلىم- پەن، سەھىيە ئىشلىرى خىراجتنىڭ 30 ھەسسىگە توغرا كېلەتتى. تاماكا تاشلاپ ئامانەت قويغان پۇل تاماكا بېجىغا قارىغاندا دۆلەتكە تېخىمۇ زور بايلىق ئېلىپ كەلگەن بۇلاتتى. Z+< zKn}  
7 d% l2 Q3 }" n# z% `: ]6 {, q/ X C>vp oCA  
كۈندە ئىككى قاپ تاماكا چەكسە 5 ap~;t  
9 w; W! D' ~! W5 I6 P1 x" _. b9 a! x eUyQSI4A  
9 Y9 Q$ J" T2 T5 W$ J1 Q D2`tWRm0  
تاماكا چېكىش قان تومۇرىدا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان باش جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى . سالامەتلىكىڭىز ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ ، كۈندە ئىككى قاپ تاماكا چەكسىڭىز قانتومۇرىڭىز زەھەرلىنىپ ، بارغانسېرى ئاجىزلايدۇ . ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ 50 نەچچە يىللىق تەتقىقاتىغا قارىغاندا ، كۈندە 20 تالدىن كۆپرەك تاماكا چەككەندە ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئىككى ، ئۈچ ھەسسە ئاشىدىكەن ؛ يەنە باشقا تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ، تۈنىگەندە تاماكا چەكسە قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى نورمال ۋاقىتتىكىدىن سەككىز ھەسسە ئاشۇرىۋېتىدىكەن . ?d*0-mhQ,  
ھەرىكەت ئاز بولسا قان تومۇرىدىكى ئەخلەت كۆپىيىدۇ . ئادەمنىڭ تۆۋەنكى مۈچىسىمۇ ناھايتى ناھايتى مۇھىم ، ئەمما كۆپچىلىك ئۇنىڭغا ھەمىشە سەل قارايدۇ . مېڭەقان تومۇرىدا مەسلە كۆرۈلسە ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشلەرنىڭكىدىن ئىككى –ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ ؛ تۆۋەنكى مۈچ قانتومۇرىدا مەسلە كۆرۈلسە ، بۇ ئېھتىماللىق تۆت ھەسسىگە يېتىدۇ . نورمال ئادەمنىڭ ھەر كىۋادىرات مىللىمېتىر تېرىسىدە 600 تال قىلدام تومۇر بولۇپ ، ئادەتتە ئاران 100–200 ىلا ئېچىلىدۇ ، كۆپ ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە ، تېخىمۇ كۆپ قىلدام قان تومۇر ئېچىلىپ ، مىكرو قان ئايلىنىش تېزلىشىدۇ . ئۇزاق مۇددەت ھەرىكەت قىلمىغاندا ، قان تومۇرىدىكى ئەخلەت تەدرىجى كۆپىيىپ ، بوتقىسىمان داغ پارچىلىرى بولۇپ شەكىللىنىدۇ ، يەنە قىلدام قان تومۇرنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ . &95iGL28Q  
تاماكا چېكىشنىڭ ئىسلام پرىنسىپىدا چەكلىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ نېمە؟4I# ` [Yx)`e  
" %ec9`0^4S  
WKf->W  
B5>1T[T'-  
بارچە مەدھىيە   ۋە ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر. 03ol!|X "9  
بىرىنچى:  بەلكىم بىلىشىڭىز مۇمكىن، دۇنيادىكى ھەممە مىللەتلەر-مەيلى مۇسۇلمان ياكى كافىر بولسۇن، ھازىر تاماكىغا قارشى تۇرۇۋاتىدۇ.چۈنكى ئۇلارمۇ تاماكىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئىسلام ئادەمگە زىيانلىق ھەرقانداق نەرسىنى چەكلەيدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: « دىندا زىيان  يەتكۈزۇش ۋە يەتكۈزۇلۇش» (يەنى ئىسلام دىنىدا ئۆزىگە ۋە غەيرىگە ۋاستلىق ياكى ۋاستسىز زىيان يەتكۈزۇش چەكلىنىدۇ) . $]4>;gTL'  
شۈبھىسىزكى، يېمەك-ئىچمەكتە پايدا قىلىدىغان ۋە زىيان قىلىدىغان نەرسىلەر بولىدۇ. ئاللاھ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مۇنداق تەرىپلەيدۇ : «ئۇ، ئۇلارنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ» سۈرە ئەئراف 157-ئايەتنىڭ بىر قىسمى .  D(}w$hi8  
تاماكا چېكىش ياخشى ئىش ۋە پاك نەرسىمۇ ياكى يامان ئىش ۋە ناپاك نەرسىمۇ؟ HS{a^c%  
ئىككىنچى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئاللاھ سىلەرنى مىش-مىش سۆزلەرنى قىلىش، تولا سوئال سوراش ۋە پۇل-مالنى ئىسراپ قىلىشتىن چەكلىدى». ئاللاھ تائالا يەنە تۆۋەندىكى ئايەتتە ئىسراپخورلۇق قىلىشتىن چەكلەيدۇ: «...يەڭلار،ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ» سۈرە ئەئراف 31-ئايەتنىڭ بىر قىسمى . X<\y%2B|l  
ئاللاھ يەنە مۆمىن بەندىلىرىنى تۆۋەندىكىدەك سۈپەتلەيدۇ: « ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر)خىراجەت قىلغاندا ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇراھال خىراجەت قىلىدۇ» سۈرە فۇرقان 67-ئايەت . 9$&+0  
ھازىر پۈتۈن دۇنيا خەلقى تاماكىغا پۇل خەجلەشنى ھېچقانداق پايدا يەتكۈزمەيدىغان ئىش، پۇل-مالنى ئورۇنسىز يەرگە ئىشلەتكەنلىك دەپ قارىماقتا. ئەلۋەتتە بۇ زىيانلىق نەرسىگە پۇل خەجلەش بولىدۇ. ئەگەر پۈتۈن دۇنيادىكى تاماكىغا خەجلىنىۋاتقان پۇل ئىقتىساد قىلىنغان بولسا ئاچلىقتىن ئۆلۈۋاتقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇپ قېلىنغان بولاتتى. قولىدىكى پۇلىنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈۋەتكەن ئادەمدىنمۇ ئەخمەق ئادەم بولامدۇ؟ !. تاماكا چەككۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ جىسمانىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي زىيانلىرىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇنىڭدىن ئارتۇق ئەخمەقلىق بولمىسا كېرەك. 2ZMYA=[!  
ئۈچىنچى: تاماكا چەككەنلىك سەۋەبىدىن ھەر - خىل مەسىلىلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. مەسىلەن؛ تاماكىنىڭ قالدۇقىنى تاشلاش بىلەن كېلىپ چىقىدىغان ئوت ئاپىتى دېگەنگە ئوخشاش.گاز قاچىدىغان جايدا تاماكا چېكىپ ئوت ئاپىتى كېلىپ چىققان ئەھۋاللارمۇ نۇرغۇن. >hcA:\UPk  
تۆتىنچى: تاماكىنىڭ ئىس - تۈتەكلىرى باشقىلارنى راھەتسىز قىلىدۇ، بولۇپمۇ مەسچىتتە تاماكا چەككەن كىشنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ناماز ئادا قىلىش ھەقىقەتەنمۇ   كۆڭۈلسىزلىكتۇر. بەلكى باشقا ھەرقانداق سېسىق پۇراقمۇ تاماكا چېكىدىغان كىشى ئورنىدىن ئەمدى تۇرغان چاغدىكى پۇراقتەك يېقىمسىز بولمىسا كېرەك. ئەرلىرى تاماكا چېكىدىغان ئاياللار ئېرىنىڭ ئاغزىدىكى پۇراققا قانداق چىدايدىغانلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ!. t.sbfLu  
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خام سامساق ياكى پىياز يېگەن كىشىنىڭ مەسچىتتە جامائەت بىلەن ناماز ئادا قىلىشىنى چەكلىشىدىكى سەۋەبمۇ، باشقىلارغا سېسىق پۇراق بىلەن ئازار بېرىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىن ئىبارەت ئىدى . سامساق ياكى پىيازنىڭ پۇرىقى تاماكا چەككۈچىنىڭ پۇرىقى ۋە ئاغزىنىڭ ھىدىدىن ياخشىراق بولسا كېرەك. pK=$) يۇقىرىقىلار تاماكىنىڭ ھارام بولۇشىدىكى بىر قىسىم سەۋەبلەردۇر. c@RMy$RTF  
Nx~9U g  
)X{x\ /N  
مەنبە : چولپانلارمۇنبىرى
  
         

UID
48085
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2013-3-27
ئاخىرقى قېتىم
2015-2-7
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 23:23:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماكا تاشلايلى دوسلا!!!!!!!

UID
47447
يازما
40
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2013-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2015-5-5
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 23:27:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيمەن ، تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قالمىغانلىقىمدىن
تولىمۇ پەخىرلىنىمەن .

باھا سۆز

korla.0996  ئوخشاشكەنمىز ... مەن مۇ تاماكا چىكىپ باقمىغان، مەنمۇ ئۇزەمدىن پەخىرلىنمەن!  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 23:43:48

UID
9190
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
53
تىزىملاتقان
2011-2-7
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-14
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 11:19:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تاماكا چىكىمەن، چەككەندىمۇ خېلى چىكىمەن.....سىناپ باقتىم زىنھار تاشلىيالمىدىم، تېرىككەك، جىدەلخور بولۇپ قالدىم،......ئەڭ چاتاق يېرى تاماكا چەكمىسەم زېھنىمنى يىغالمايدىغان، ئوڭلاپ بىرەر ماتىريال يازالمايدىغان بولۇپ قالدىم، مۇشۇ تېمىنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپمۇ، ئىنكاسنى يېزىپ ئولتۇرۇپمۇ تاماكا چېكىۋاتىمەن.......قانداقمۇ قىلارمەن،

UID
41858
يازما
128
تېما
21
نادىر
0
جۇغلانما
128
تىزىملاتقان
2012-6-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-4
توردا
55 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 13:52:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى بىلىملەردىن خەۋەردار قىلدىڭىز، رەخمەت سىزگە.

UID
48531
يازما
7
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2013-4-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-9
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 20:28:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئەجرىڭىزگە. پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى تېما يوللاپسىز. تاماكا چېكىدىغان قېرىنداشلارنىڭ تاماكا تاشلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

UID
48627
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2013-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 18:29:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ   تاشلىسام دەيمەن ......ا للە خالىسا چۇقۇم تاشلايمەن !~~~~
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

葡京赌场 游戏赌博平台 那个网上娱乐城最好 万达国际tt娱乐城 欧洲杯球衣正品专卖 永利博网上娱乐城 超级大玩家下载 爱博彩社区论坛 云鼎娱乐场 信誉最好的娱乐城 博彩网址导航 苏州国际影视娱乐城 金盛国际娱乐城 九龙国际娱乐城 澳门赌场玩法 五湖四海是什么意思 娱乐城 88娱乐城 盈丰时时彩平台 欧洲杯澳门足球盘 永利博网上娱乐城 水经注软件 澳门威尼斯人 娱乐城哪家好 胜负彩比分 qq欢乐斗地主下载 永利博网上娱乐城 网上娱乐城排行榜 英皇娱乐城英皇国际 永利博网上娱乐城 在线娱乐城天上人间 利澳娱乐城天上人间 欧洲杯决赛专题 哪家网上花店最好 欧洲杯澳门即时盘 澳门新葡京官网 422488 鱼雨大乐透13036 88娱乐城 信誉最好的娱乐城 哪家网上药店最好 澳门威尼斯官网 乾讯网网址 国际十大博彩娱乐城 娱乐城天上人间 百家乐玩法 京城娱乐城 金沙国际娱乐城 血洗唐人街 皇冠假日 高尔夫网球频道 bet365官方网站 网上现金棋牌 菲律宾太阳城娱乐网 银河娱乐场 利来国际娱乐 网上娱乐城排行榜 球探网比分 澳门赌场有那些玩法 喜达博彩真钱娱乐 百利宫影城 娱乐城去澳门 a8娱乐城看天上人间 今晚欧洲杯 红桃k说明书 脉动棋牌 真龙香烟价格英皇国际 网上娱乐城哪家最好 澳门利澳娱乐城 圣淘沙娱乐天上人间 金山海上皇宫 德甲球队队徽 太阳城娱乐城管理网 2012最新电影网址 娱乐城内部管理制度 太阳城集团 鸿运国际娱乐城 竞彩篮球比分直播 百博国际娱乐城 澳门金沙娱乐场 22555官方网 鸿运国际娱乐城 百利宫娱乐城 永利博网上娱乐城 88娱乐城 苏州国际影视娱乐城 中华娱乐城影讯 娱乐城哪家好 娱乐城天上人间 韩国华克山庄赌场 网上娱乐城排行榜 澳门永利 网上娱乐城 必赢国际 鸿利会娱乐城 澳门巴比伦娱乐城 娱乐城 京城国际娱乐城 吟唱新乐园 网上娱乐城排行榜 太阳城娱乐城管理网 菲律宾欢乐谷娱乐城 娱乐城天上人间 新豪娱乐城天上人间 网上娱乐城排行榜 淘金盈娱乐城 kk娱乐城天上人间 亿博国际娱乐城 新浪娱乐首页 明升娱乐城 88娱乐城 88娱乐城天上人间 永利博网上娱乐城 欧洲篮球比分直播 九龙国际娱乐城 kk娱乐城天上人间 360大乐透胆拖 tt娱乐城官网 苏州国际娱乐城 tt娱乐城 博九网娱乐城 在线娱乐城天上人间 德国比利时 皇冠娱乐城开户 百乐娱乐新澳博 皇冠即时水位 皇冠足球论坛 篮球即时比分 体彩投注站 网上娱乐城哪家最好 博彩通评级 环球娱乐城天上人间 澳门博彩网上投注 博久娱乐城 娱乐城去澳门 88娱乐城代理tlyd 2012欧洲杯pptv直播 皇冠开户网 博坊娱乐城天上人间 五湖四海指什么 博坊娱乐城天上人间 国际十大博彩娱乐城 kk娱乐城天上人间 美国大西洋城 0点直播吧 2012年欧洲杯qq直播 88娱乐城 国际足球新闻 娱乐城天上人间 京城国际娱乐城 皇冠网址 欧洲杯决赛博彩开盘 街拍 微博 澳门星际 美女斗地主 娱乐城内部管理制度 88娱乐城天上人间 永利高平台 至尊国际娱乐城 越豪门之娱乐后宫 利来国际娱乐城 娱乐城去澳门 tt娱乐城 新加坡圣淘沙度假村 威尼斯人赌场 澳门金沙娱乐场网址 尊龙国际娱乐城 e世博官方网站 博e百娱乐 e世博yjsol 足彩网 大乐透那个台开奖 赢钱专家粤语 澳门威尼斯人官方网 娱乐城天上人间 湖北棋牌游戏平台 北京天上人间后台 宝马会国际娱乐会所 红桃k集团 网上最大娱乐城 英国布莱顿天体海滩 博彩通首页 新加坡圣淘沙 网上棋牌室 星际娱乐场 网上娱乐城 网上娱乐城哪家最好 今天有没有欧洲杯 讯盈比分 娱乐城天上人间 大发888娱乐场下载英皇国际 浙江体彩网11选5 优博娱乐城天上人间 乐百家国际娱乐城英皇国际 足球 大西洋城赌场 希尔顿酒店集团 360大乐透杀号定胆 tt娱乐城 百丽宫影城 富国天合基金净值 九龙国际娱乐城 澳门金沙官网 澳门葡京赌侠诗 新豪娱乐城天上人间 足球小将国语版全集 北京太阳城医院 网上娱乐城哪家最好 bet365备用主页器 宝马会全讯网 玩老虎机技巧 利来国际娱乐城 太阳城管理娱乐网 bet365备用网站 京城国际娱乐城 皇冠代理25900 波恩利vs诺丁汉森林 甘肃云鼎集团 利澳娱乐城天上人间 新豪娱乐城天上人间 网上娱乐城哪家最好 皇冠足球 tt威龙电源怎么样英皇国际 88娱乐城天上人间 皇冠开户网址 网上最好药店 九龙国际娱乐城 网上赌城@黄金城 东方太阳城 88娱乐城天上人间 天朝博彩论坛 爱博彩论坛 邯郸市 金赞娱乐到天上人间 新澳门娱乐城 网络赌博 澳门新葡京娱乐城 欧洲最大的博彩公司 棋牌游戏网站 舟山星空棋牌 娱乐城哪家好 博彩论坛bozhidao 金宝博会不要给钱 赛尔号谱尼在哪 圣淘沙娱乐天上人间 娱乐城天上人间 百博娱乐城 娱乐城天上人间 娱乐城 新乐园娱乐城 a8娱乐城看天上人间 网上娱乐城 国际赌场 上海电视台劲爆体育 利澳娱乐城天上人间 福建大乐透开奖结果 2012澳门葡京赌场 大乐透专家预测单注 三国志网页游戏 万达国际tt娱乐城 上海中超地板 博彩网推百拉好吗 太阳城 网上娱乐城 海上皇宫大酒店菜单 百丽宫影城 国贸店 万达国际tt娱乐城 粤海之星 娱乐城 环球娱乐城天上人间 开彩票投注站 网页版足球游戏 tt娱乐城 阳城贴吧 环球娱乐城天上人间 欧冠足球吧 利澳娱乐城天上人间 网上娱乐城排行榜 人气最高的棋牌 吧吧在线 欧洲杯决赛亚洲指数 澳门哪个赌场好 澳门赌场娱乐城视频 沙龙国际娱乐城网站 澳门赌场新葡京 皇冠足球论坛 环球娱乐城天上人间 在线娱乐城天上人间 百家博 立即博娱乐城 棋牌游戏注册送10元 尊龙国际娱乐城 葡京国际娱乐城 现金流游戏 球探篮球即时比分 新宝投注 威尼斯人多少钱一晚 bet365去澳门娱乐城 bet007篮球 澳门彩票 皇冠足球投注平台 红9娱乐城 娱乐城注册送体验金 博彩网去澳门 必博娱乐城 宋代足球小将2全集1 御龙在天群英会喝酒 博彩网 网上娱乐城排行榜 苏州国际影视娱乐城 明星斗地主官网 球探篮球即时比分 斯科尔斯告别赛 最新皇冠网址 宜昌海上皇宫 利澳娱乐城天上人间 永利博网上娱乐城 狮威亚洲娱乐城 娱乐城哪家好 百博娱乐城

娱乐城博彩
娱乐城博彩网站排名
娱乐城代理
娱乐城鼎盛
娱乐城管理
娱乐城管理制度
娱乐城金沙国际权威
娱乐城金赞
娱乐城开户
娱乐城开户送
娱乐城开户送彩金
娱乐城开户送钱新澳博
娱乐城开户送钱英皇国际
娱乐城乐放
娱乐城哪家好
娱乐城内部管理制度
娱乐城排行榜
娱乐城棋牌
娱乐城去澳门
娱乐城去澳门
娱乐城去英皇开户吧新澳博
娱乐城去英皇开户吧英皇国际
娱乐城体验金
娱乐城天上人间
娱乐城网址
娱乐城韦德亚洲
娱乐城新澳博
娱乐城新澳博好
娱乐城新锦江6544
娱乐城新锦江xjj665
娱乐城信息资讯网
娱乐城信誉排行榜
娱乐城英皇国际
娱乐城英皇国际在线
娱乐城游戏机
娱乐城云鼎好
娱乐城注册
娱乐城注册送
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
天上人间国际娱乐城
天上人间娱乐城
天天乐娱乐城
天天乐娱乐城新澳博
天天乐娱乐城英皇国际
万博88娱乐城
万博娱乐城
万达国际tt娱乐城
万达娱乐城
万豪娱乐城
万豪娱乐城怎么样
网络娱乐城
网上 娱乐城
网上澳门赌场
网上博彩娱乐城
网上欢乐谷娱乐城
网上信誉最好娱乐城
网上娱乐城
网上娱乐城代理
网上娱乐城老虎机
网上娱乐城老虎机新澳博
网上娱乐城老虎机英皇国际
网上娱乐城哪个好新澳博
网上娱乐城哪个好英皇国际
网上娱乐城哪家最好
网上娱乐城哪家最好新澳博
网上娱乐城哪家最好英皇国际
网上娱乐城那个最好
网上娱乐城排行榜
网上娱乐城排名
网上娱乐城是真的吗
网上娱乐城是真的吗新澳博
网上娱乐城是真的吗英皇国际
网上娱乐城网站
网上娱乐城新澳博
网上娱乐城英皇国际
网上娱乐城注册
网上真钱娱乐城
网上最大娱乐城
百家乐必赢法
百家乐必赢法视频
百家乐彩
百家乐策略
百家乐策略技巧
百家乐大小技巧
百家乐代理
百家乐代理加盟
百家乐代理开户
百家乐代理哪里好
百家乐的玩法
百家乐的下注技巧
百家乐斗地主
百家乐改单
百家乐高手打法
百家乐高手看路
百家乐高手论坛
百家乐合作
百家乐会员开户
百家乐技巧策略
百家乐技巧打法赌博技巧
百家乐技巧大全
百家乐技巧公式论坛
百家乐技巧在那里
百家乐技巧之写路
百家乐交流群
百家乐开户
百家乐开户就送现金
百家乐看路
百家乐路
百家乐路单软件
百家乐路纸
百家乐论坛
百家乐论坛在线
百家乐论坛在线提供
百家乐免费试玩
百家乐免费在线开户
百家乐哪家好
百家乐哪里开户
百家乐牌技群
百家乐平台
百家乐破解
百家乐破解的方法
百家乐破解方法
百家乐破解秘籍
百家乐棋牌
百家乐群
百家乐试玩
百家乐试玩得真钱优惠
百家乐太阳城开户
百家乐投注技巧
百家乐投注开户在哪里比较好
百家乐玩法
百家乐玩法百科
百家乐玩法技巧
百家乐玩法揭秘
百家乐玩法介绍
百家乐玩法秘诀
百家乐玩法与规则
百家乐网
百家乐网上真钱娱乐城
百家乐下注策略
百家乐线上开户
百家乐线上游戏
百家乐赢钱的秘籍
百家乐赢钱技巧
百家乐用品
百家乐游戏的致胜玩法
百家乐游戏攻略
百家乐游戏规则
百家乐游戏规则是怎么样的
百家乐游戏机
百家乐游戏机破解
百家乐游戏技巧
百家乐游戏哪里比较好
百家乐游戏哪里玩好
百家乐游戏哪里有
百家乐游戏平台
百家乐游戏破解-皇冠投注
百家乐游戏软件
百家乐游戏下载
百家乐游戏有技巧吗
百家乐游戏有什么技巧
百家乐游戏真人真娱
百家乐游戏桌租赁
百家乐有什么必赢的绝技
百家乐娱乐城
百家乐娱乐城真钱游戏
百家乐娱乐官方网
百家乐园
百家乐怎么作弊
百家乐真人游戏娱乐城
百家乐注码法
百家乐庄闲必胜打法
百家乐最高概率打法
百家乐作弊
百家乐怎么玩
百家乐怎么玩才能赢钱

چوققىغا قايتىش