[ attachimg]5254[/attachimg]
ساڭا يېزىلغان خەت
ئارىلىقىمىز مىڭ چاقىرىم كېلەر
كۆڭۈللىرىمىز بىر چاقىرىم.
تەقەززامەن تىۋىشلىرىڭغا
گۈس-گۈس دەسسەپ مېڭىشلىرىڭغا
سېنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپ جېنىم.
خاتا سۆيگۈمدە مېنى سۆيدى دەيمەن
ئارىلىقىمىزدىكى ئارىلىققا ئوت قويغۇم بار.
ئەسلىمەمنىڭ چوڭقۇر يېرىدە،
بىردە باھار،بىردە قار ياغار.
پەسىل قۇشلىرى ئۇزاپ كەتتى
جىمجىتقىنا كۆمۈپ قويدۇم خازانلارنى.
كۆمۈپ قويدۇم شادلىقلارنى
سۆيۈپ قويدۇم ئالقىنىمدىكى
سەن قالدۇرغان ئازابلارنى
خەيىر دىدىم
ساڭا يازغان خېتىمنى ئاخىرلاشتۇردۇم
بىراق
قويالمىدىم چېكىتنى
2013-يىلى نەۋرۇز ئېيىنىڭ 25-كۈنى |