- ھوقۇقى
 - 1
 - يازما
 - 40
 - نادىر
 - 0
 - جۇغلانما
 - 40
 - تىزىملاتقان
 - 2013-3-16
 - ئاخىرقى قېتىم
 - 2015-5-5
  
 
 
 
- UID
 - 47447
 - يازما
 - 40
 - تېما
 - 3
 - نادىر
 - 0
 - جۇغلانما
 - 40
 - تىزىملاتقان
 - 2013-3-16
 - ئاخىرقى قېتىم
 - 2015-5-5
 - توردا
 - 38 سائەت
  
 | 
                               گېرمانىيە مەنزىرىلىرى   ( 1 ) 
             ئۆتكەن يىلى مەن تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن ياۋروپاغا بېرىپ ، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە سەيلە- 
 ساياھەتتە بولدۇم . 
            گېرمانىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بىر قەدەر تەرەققى قىلغان ، زامانىۋىيلاشقان ، مۇھىتى گۈزەل 
 دۆلەت ئىكەن . ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلغىنى ، بۇ دۆلەتنىڭ ئورمانلاشقان ، باغچىلاشقان تەبىئىي مەنزىرىسى، 
 چاڭ-توزانسىز ساپ ھاۋاسى بولدى . قەيەرگىلا قارىسىڭىز بۆك باراقسان ئورمان ، ياپيېشىل چىمەنزارلىق ، 
 گۈل-گىياھلارغا ئورالغان چىرايلىق ھويلا-ئاراملار كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىكەن . شۇنچە يىللاردىن بۇيانقى 
 شەھەر قۇرۇلۇشى ، يول قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردا ھىچقانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماي ياخشى 
 قوغدىلىپ قالغان تەبىئىي ئورمانلىقلار ، تۆمۈر يول ، تاشيول بويلىرىدىكى ئاسمان بىلەن بوي تالىشىپ 
 ئۆسكەن قارىغاي ، ئارچىلار ، ياپيېشىل چىملىقلار ، ئاھالىلار تورالغۇ ئۆيلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يېشىللىقلار ، 
 گۈل-چىمەنلەر گېرمانىيەدىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيىتىنىڭ گوۋاھچىسى سۈپىتىدە ساياھەتچىلەرنىڭ كۆز 
 ئالدىدا نامايەن بولىدىكەن . گېرمانىيەلىكلەرنىڭ تەبىئەتنى سۆيۈش ، تەبىئەتنى قوغداش ، تەبىئەت بىلەن 
 ئىناق ئۆتۈشتەك ئېسىل ئەنئەنىسى بۇ يەرگە ساياھەتكە كەلگەن كىشىلەرنى چىن كۆڭلىدىن قايىل قىلماي 
 قالمايدىكەن . 
           مەن گېرمانىيەدە ساياھەتتە بولۇش داۋامىدا تارتىۋالغان تۆۋەندىكى بىر قىسىم سۈرەتلەر يوقۇرقى 
 بايانلىرىمىزنى ئاز-تولا بولسىمۇ ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ ، دەپ قارايمەن . قېنى ئەمىسە ، بۇ سۈرەتلەردىن 
 بىرلىكتە بەھىرلىنەيلى . |   
 
  
 |