كۆرۈش: 1239|ئىنكاس: 5

لىللا مەشىرپىدىكى لىللا پاراڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22516
يازما
1
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-21
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 13:33:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىللا مەشىرپىدىكى لىللا پاراڭلار
مەن لىللا شىركىتى شىنجاڭ تېلۋىزىىيە ئىستانىسسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن، لىللا مەشرىپىنى كۆرگەندىن كىيىن، قەلبىم چەكسىز ھاياجانغا چۆمدى.خۇددى چۆچەكلەر دۇنياسىغا بىرىپ قالغاندەك بولدۇم.چوڭلارغا پەندى-نەسھەت،كىچىكلەرگە ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگتىپ كىلۋاتقان مەشرەپ پىروگىراممىسنىڭ، يېڭى شەكىل، يېڭى تۈس بىلەن خەلقىمىز ھوزۇرىغا سۇنۇلغانلىقىدىن ئالەمچە خۇشاللىققا چۆمدۈم.
خەلقىمىز ئەزەلدىن سەمىيمىلىكنى ئۆزنىڭ تىجارەت قىلىشىدىكى مىزانى قىلىىپ كەلگەن. لىكىن يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئازغىنە پايدىنى دەپ، كۆز بويامچىلىقى قىلىپ، خەلقىمىزنى ئالداپ كېلۋاتقان مەككار سودىگەرلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئۇلار كىچككىنە پايدىنىڭ ئارقىسىدىن، ئاچ بۆرىلەرگە ئوخشاش تېمسىقلاپ يۈرۈپ، بىچارە، نادان خەلقىمىزنى ئالداپ، قاقشىتىپ، ئۆزنىڭ نەسلى ۋە ئەسلىنى ئاچكۆزلىككە تېگشىپ بەختىنى قارا قىلماقتا.
لىللا مەشرىپىدىكى ئاشۇ ئىبرەتلىك چۆچەكنىڭ مەزمۇنى مېىنى ناھايتى چوڭقۇر ئويغا سالدى. بىز نېمىنى يوقاتتۇق؟ نېمىگە ئىرىشمەكچى دىگەن سۇئالغا جاۋاب تاپقاندەك بولدۇم. توغرا، بىز سەمىيمىلىكىنى يوقۇتۇپ قويۇپتىمىز ئەمەسمۇ؟ھەتتىڭەي، بۇنىڭغا تېخى ئۇيەر، بۇيەردىن سەۋەب، جاۋاب ئىزدەپ يۈرۈپتىمىز ئەمەسمۇ؟مانا بۇنىڭ جاۋبىنى، بىزنىڭ چۆچەكلىرىمىز ئېتىپ بەردى. سەمىيمىلىك بىزنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقىمىز ئىكەن.نېمشقىمۇ چۆچەك ئوقۇيدىغان،چۆچەك ئېيتىپ بىرىدىغانلار ۋە ئاڭلايدىغانلار ئازلاپ كەتكەندۇ ھە ؟!
بۇ بىزگە بىر ھەقىقەتنى تونۇتۇپ قويدى.يەنى ئۆزىنى ،ئۆزىدىن ئىزدەش كىرەككەن. ئۆزىمىزنى ياخشى تونۇيلى،ئۆزىمىزنى ياخشى كۆرەيلى. ئەنە شۇندىلا بەخت بىزگە نائىل بولىدۇ.
لىللا مەشرىپى ھەقىقەتەن مۇۋاپىقيەتلىك چىققان مەشرەپلەرنىڭ بىرى.ئۇنىڭ مۇۋاپىقيىتى يالغۇز يۇقىرىدىكى بايانلاردىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرپلەردە روشەن ئىپادىلىنىدۇ.
1.ناخشا تېكىستلىرى ئالاھىدە تاللانغان.ناخشا تېكستىلىرنىڭ مەزمۇنى تۇرمۇشتىن ئىلىنغان،پەلسەپىۋىلىكى ۋە تەربىۋىيچانلىقى كۈچلۈك. ئەلۋەتتە بۇنى خەلقىمىزنىڭ داڭلىق شائىرى، كۆزگە كۆرۈنگەن رىژىسور مۇختار بۇغرا ئەپەندىنىڭ ئىجادىي ئەمگىكىنىڭ مەسئۇلى دىيىشكە تامامەن بولىدۇ. ئۇ بۇ كىچىلىكنىڭ مۇشۇنداق مۇۋاپىقيەتلىك چىقىشىغا ئالاھىدە كۈچ قوشقان. مەن بۇيەردە ئۇنىڭ ئىجادىي ئەمگىكىنىڭ مەڭگۈ پۇرەكلەپ ئېچىلىپ تۇرشىنى، يېڭى-يېڭى ئەسەرلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيتىپ تۇرشىنى ئۈمد قىلمەن.
2. تېكىت،مۇزىكا،ئورۇنلىغۇچى دەل ماس كەلگەن. بۇ ئۈچ ماس كىلىش، بۇ قېتىمقى مەشرەپنىڭ پەللىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن. كەڭ تاماشىبىنلارنى چوڭقۇر ئويغا سىلىپ، ھەقىقىي سەنئەتنىڭ سېھرى كۈچنى نامايەن قىلىپ بەرگەن.
3.قۇرۇق،ئاشۇرۇپ ماختايدىغان، ساختىلىقىتىن مۇستەسنا بولغان.  ھەقنى، ھەق دىگەن. بۇنىڭ  ئىشەنچ كىرزىسىغا پېتىپ قالغان بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ ئۆزنى تونۇۋىلىشغا ھەققى ياردىمى بولىدۇ.
4.خەلقىمىزنىڭ ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، چىن –ساداقەتمەن خارەكتىرىنى، سودىدا ھالاللقىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان خارەكتىرىنى يورۇتۇپ بەرگەن.
ئەمدى ئاينىڭمۇ يۈزىدە داغ بولغىندەك، بۇ قېتىملىق مەشرەپتىمۇ بىر نۇقسان كۆرۈنگەن. ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ توغرا بولشىغا سەل قارالغان.
مەسىلەن:ياش ناخشچى ئەيسابەگ مامۇتنىڭ ئىسمى، ئەيسابەگ مامامۇت دەپ يېزىلىپ قالغان. ئەمىليەتتە باشقىلار بۇنى تېلغا ئالغۇدەك نۇقسان ياكى سەۋەنلىك دەپ قارىماسلىقى مۇمكىن. لىكىن مەن ئۇنداق دەپ قارىمايمەن.ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى توغرا، جايىدا قوللىنىش ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن مۇقەددەس بۇرۇچ. ئۇنى بىز ئۆزىمىز توغرا يازمىساق،دەل جايىدا ئىشلەتمىسەك، ئۇنى كىم بىز ئۈچۈن توغىرلاپ بىرىدۇ؟كىم قەدىرلەيدۇ؟!
پەخرلىك شائىرىمىز روزى ساھىت ئاكا مۇنداق دىگەن:
ئۇيغۇر تىلى ئوماق تىل، ئۇيغۇر تىلى ئۇۋاق تىل،
سەككىز مىليون بۇلبۇلنىڭ ئاشۇ تىلدا ناۋاسى.
ئۇيغۇر تىلى ئوماق كىچىك تىل،ئەمما تاتلىق چۈچۈك تىل،
مەن شۇ تىلنىڭ شەيداسى،مىراسخورى،ھەغداسى.
ئۆز تېلىمىزنى ئاسېراپ، قەدىرلەپ ئىشلىتىش،ھەممىزنىڭ بۇرچى،مەن شنجاڭ تېلۋىزىيە ئېستانسسى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىنىڭ يۇقىرقىدەك كىچىكىنە خاتالىقىنىڭمۇ كۆرۈلۈشىگە يول قويماسىلىقىنى، ھەر خىل پىروگىراممىلاردىكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ توغرا بولشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمۈد قىلىەن.

ئەسقەر توختىمەت   
2013-يىلى 3-ئاينىڭ 26كۈنى .شەھرى پوسكام ،سەھراھى ئاقتام.
(ئەسكەرتىش:يۇقىردىكىلەر مىنىڭ شەخسىي قارىشىم، بەزىلەرنىڭ قالايمىقان سۆز قىلماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن )

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
47388
يازما
68
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2013-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 19:11:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىڭىزنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك خۇش بولدۇم . تىمىڭىزدىن سۈيۈنمدۈم ھەممە ئادەم سەۋەنلىكلنى ئۆزىدىن ئىزدىسە يەخشى ئەلۋەتتە لىكىن بەزىلىرىمىز ھامان سەۋەنلىكىتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ يۈرۈيدىكەنمىز ....
سىز يەنە شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسسى ئۇيغۇر تەھرىر بۈلۈمىنىڭ ئۇيغۇر تىلى يېزىقىمزىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ مۇكەممەلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن دىققەت قىلىشنى ئالاھىدە تەشەببۇس قىپسىز . مەن بۇ تەشەببۇسىڭىزنى قوللايمەن . تېلۋىزىيە ئىستانسسى دىمەك ئۇ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم تەشۋىقات ھەم تاراتقۇلارنىڭ بىرى شۇڭا چۇقۇم دىققەت قىلىشى كىرەك ئەلۋەتتە . بولمىسا باشقىلارنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ .

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-3-26 19:13):
سۈيۈنمىدىم ئەمەس سۈيۈندۈم .يەخشى ئەمەس ياخشى .....خاتا كىتىپ قالدى ...

كۆيۈمچان ئەزا

ھاياتنىڭ ھەققى م

UID
2457
يازما
358
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
10131
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-11
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 19:24:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ دېققەت قىلدىم باشتا ئانچە زەن سالماپتىكەنمەن  كېيىن كۆرۈپ سەل ئاچچىقىم كېلىپ قالدى .«شۇنداق ياخشى ناخشا ئېيتىپ بەرسە ئىسمنى خاتا يېزىپتىغۇ بۇلار» دەپ ئويلاپ كەتتىم .دېمىسىمۇ بۇ تېلىۋىزيە
ئىستانىسدىكىلەر دېققەت قىلشقا تېگشلىك مەسىلە.

ئەمما مەن بۇ مەشرەپنى ناھايىتى ياخشى كۆردۈم ،بولۇپمۇ ناخشىللىرى شۇنداق يارىدى ،تېكىستنىڭ ھەممىسىنى دېگىدەك مۇختار بۇغرا ئاكىمىز يېىزىپتۇ قارسام ،ئەرتىسلەرمۇ شۇنداق ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپتۇ ،«ھەمراھ» «يەتتە پەرزەنىت»....بۇ ناخشىلار ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ دىل تارسنى چەككۈدەك ناخشىلار ئىكەن «يەتتە پەرزەنىت»-نانغا زۇۋۇلا ئۈزىدۇ ئانام  ،جانغا فورمۇلا تۇزىدۇ دادام ....دېگەن يەرلىرى  بەك ئېسىل چىقىپتۇ .

UID
47447
يازما
37
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2013-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-23
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 23:14:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى يوللاپ ياخشى قىپسىز ، كۆڭلىمىزدىكى گەپلەرنى قىپسىز .
مەن بۇ يازمىڭىزدىكى « ئىجادىي ئەمگىكىنىڭ مەسئۇلى » دىگەن
جۈملىنى « ئىجادىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى » دەپ تۈزىتىپ قوياي ،
چۈنكى « مەسئۇلى » بىلەن « مەھسۇلى » نىڭ مەنا جەھەتتىكى
پەرقى چوڭ .

UID
11258
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
311
تىزىملاتقان
2011-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 10:05:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەتەندە بولمىغاچقا كۆرەلمىدىم، ئەمما شۇنداق كۆرگۇم بار ئىدى، توردا كۆرگىلى بولسا ئادىسېنى قالدۇرۇپ قويساڭلار. رەخمەت!

UID
2847
يازما
68
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
98
تىزىملاتقان
2010-6-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-7
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 02:46:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىللا مەشرىپىدىكى قۇرۇلمىنىڭ ئۆزگۈرۈشى تىپىك قېلىپ شەكىلدىكى مەشرەپ پىروگراممىسىنىڭ يىڭىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.ناخشىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى ،چۆچەكلەر بەك جايىنى تاپقان .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش