- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 79
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 81
- تىزىملاتقان
- 2011-12-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-2
- UID
- 18331
- يازما
- 79
- تېما
- 4
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 81
- تىزىملاتقان
- 2011-12-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-2
- توردا
- 77 سائەت
|
ئۇيغۇر تىبابىتى 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ ھەم بۇجەرياندا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە نەزەريە سېستىمىسىنى شەكىللەندۈرگەن . تىرىشچان ئۇيغۇر خەلىقى ۋە ئۇيغۇر تىۋىپلىرى ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتقان . تۆت
ئاساسىدا مىزاج ، خىلىت ، ئەزا ، روھ ، قۇۋۋەت قاتارلىق 10 نەچچە تەلىماتنى بارلىققا كەلتۈرگەن .
قارا خانىيلار خانلىقى - چاغاتاي خانلىقى ۋە سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە يېزلغان ‹‹تارىخىي رەشىدىيە›› ، ‹‹شەجەرەئى تۈرىك›› ، ‹‹تارىخىي جاھان كۇشىي›› ، ‹‹زەپەرنامە›› ، ‹‹بابۇرنامە›› ، ‹‹رەۋزەتۇسسافا›› ، ‹‹تارىخي خەمىسە›› ، ھون ۋە ئاتىللا تارىخى ، چىڭگىزخان ۋە تېمۇرلەڭ تارىخى ، ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› ، ‹‹قۇتاد غۇبىلىك›› ، ‹‹شاھنامە›› ، ‹‹ئوغۇزنامە››
كېيىنكى زامانلاردا يېزىلغان تۈرىك تارىخى ، ھونلارتارىخى ، ئوتتۇر ئاسىياتارىخى ، موڭغۇل تارىخى ، تاتار تارىخى ، بوزقىر ئېمپىراتورلىقى ، ئەسكى تۈرىك يېزىقلىرى ، ئىبنى بەتۇنەنىڭ ساياھەت نامىسى ، زەينۇلئەخبار ، ھۇدۇدۇلئالەم ، تارىم مەدەنىيىتى(فىرانسىيەلىك رەتناگ روسىت يازغان) ، سەئىدىيەخانلىقى تارىخى ، تارىخىي ھەمىدىيە ، ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ پەيدا بولىشى ، تەرەقىيقىلىش ۋە يوقىلىش تارىخى .
بارتولد ، ۋامبىرى ، ئولىشتايىن ، سىۋىن ھىدىن ، گابائىن ، رەشىد رەھمەتى ئارات ، مۇھەممەد ئاتىف ، ئەھمەد رەفىق بەگ ، ھۈسەيىن نامىق بەگ قاتارىق مەشھۇر شەرىق شۇناسلار ، تۈركولوگلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە يېقىنقى يىللاردا جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى تارىخ تەتقىقات مۇئەسەسەلىرى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى تەرپىدىن ئىلان قىلىنغان يەر ئاستى ئارخولوگىيىلىك ماتېرىياللىرى ئۈستىدە ئېلىپ بىرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىنغان پاكىتلارغا ئاساسەن شۇنى خۇلاسە قىلىپ ئېيتىش مۇمكىنكى ‹‹مىلادىيەدىن تەخمىنەن 500 يىل بۇرۇن ئوتتۇر ئاسىيانىڭ شەرقى شىمالىي قىسىمىدا ئۆتكەن ئارىيانلار ، ھونلار ، ئوغوز ، ئاۋار ، ساك ، سىيانپىي ، جۇرجان ، ئۇيغۇر(تۈرىك)قاتارلىق مىللەتلەر ياشاپ ئۆتكەن . مىلادىي ئالتىنجى ئەسىردىن سەككىزىنچى ئەسىرگە قەدەر ، ئوتىگىن شەھرى (ھازىرقى تاشقى مۇڭغۇليە قاراقۇرۇمدىن 60 كېلومىتىر يىراقلىقتىكى بىر شەھەر) نى مەركەزقىلىپ ئۆزۋاقتىدىكى تۈركى مىللەتلەر دۇنياسىدا ھەشەمەتلىك بىر دۆۋلەت قۇرغان(‹‹تاڭ سۇلالىسىنىڭ يېڭى تارىخى››تۈرىكلەر بابى)ئۇلار ‹‹كۆك تۈرۈكلەرنىڭ››مىراسخورلىرى بۇلۇپ ، كۆك تۈرۈكلەر دۆلىتى يېقىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ‹‹قارا بالغاسۇن››نى مەركەز قىلىپ ‹‹كۆكتۈرىك››لەرنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ مەدەنىيەتنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرغان ۋە نۇرغۇن مەدەنىي ۋەتارىخي يادىكارلىقلارنى بەرپاقىلغان . ئەسىرلەر بويى قاتمۇقات يەر ئاستىدا قېپ قالغان ۋە بەزى جايلاردا ئاشكارا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ ئاسارە-ئەتىقىلەر قەدىمقى ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ نەقەدەر تەرەقىي پەرۋەر ، خەلىقپەرۋەر ۋە ئىنسانىيەت تارىخىدا ئوينىغان باتۇرانە روھىنىڭ رولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ .
ئۇيغۇرلار جۇڭگونىڭ غەربى رايونىدىكى سانى ئەڭ كۆپ بولغان ۋە مەدەنيەت جەھەتتىمۇ ناھايىتى گۈللەنگەن بىر مىللەت ! تىبابەت بۇنىڭ بىر قىسىمى ئەلۋەتتە .
يىپەك يولىدىكى ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتكە كىرىشتىن ئىلگىرى ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى جەسەت يېرىپ كۆرۈش ، جەسەت مومىيالاش ، تېڭىقچىلىق ، سامساق ، ھاراق ، ئاچچىق تاش دېزىنفىكسىيەسى ، باش سۆڭىكىنى ئېچىپ خالتىلىق قۇرۇت ئېلىش ، كۆز ئوپىراتسىيىسى ، ئىلغا ، قان ئېلىش ، تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ، ھەرخىل گىياھلىق ، پارلاندۇرۇلغان ، قىياملىق ، زەھەرلىك دورىلارنى ئىشلەش ، گۈڭگۈرىت تىزابى ، بروم تىزابى چىقىرىش ، چېچەك ، كېزىك ، كۆزگە پەردە چۈشۈش ، ئاشقازان ياللۇغى ، قان تولغاق ، زۇكام ، جاراھەتلىنىش ، داغ چۈشۈش كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا زور ئۇتۇقلارنى قازانغان !
_غازىباي؛
غازىباي-مىلادىدىن بۇرۇنقى 350 يىللىرى خوتەندە ئۆتكەن ئاتاقلىق تىۋىپ بولۇپ ، ئۇنىڭ 312 ماددىلىق دورىلار قامۇسى ۋە تىبابەت نەزەرىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ‹‹غازىباي ئوت - چۆپ دورىلار قامۇسى››ناملىق مەشھۇر كىتابىنى ئورخۇن - يىنسەي يېزىقى بىلەن مەنبەداش بولغان كارۇشتى يېزىقىدا يازغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتلار بار .
مىلادى 1200 - يىللىرى ھىندىستاندا نەشىر قىلىنغان ‹‹تېرىم (تارىم) يايلىقىدىكى غازىباي قەدىمقى خوتەن رايونى دائىرىسىدىكى نۇرغۇن دورىلارنى يەكۈنلەپ 312 ماددىلىق دورا قامۇسى يازغان غازى باينىڭ مەشھۇر ئەسىرىنى ئەپلاتون ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن غازىباينىڭ تىببى ئىلىمدىكى ماھارىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە ئۇنىڭغا جاۋابەن ئامراق قىزى ئەنفىيالۇسنى غازىباينىڭ ئوغلى بارىيغا نىكاھلاپ بەرگەن ››دېيىلگەن .
_جىۋا؛
جىۋا كۇچا خانى بەگ چۇڭنىڭ سىڭلىسى ۋە ئۇلۇغ ئالىم ، شائىرە ، تەرجىمان ھەم كومىراجىۋانىڭ ئانىسى بولۇپ ، ئۇ ئەقىللىق ، زېرەك ، بىلىمدە كامالەتكە يەتكەن مەشھۇر تىۋىپتۇر . ئۇ ‹‹جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا ›› ناملىق ئەسەرنى يازغان . بۇئەسەر 383 يىللىرى ئەتىراپىدا جىۋانىڭ ئوغلى كومىراجىۋا تەرپىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان . بۇ قېلىن بىر كىتاب قىلىنغان ئىككى ئەسەر بولۇپ ، كەمتۈك ھالەتتە تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان .ئۇ گېرمانىىيلىك ئالبېرىت ۋون لىكوك ۋە ئالبېرىت گىرون ۋېدىللار 1903-1902 يىللىرى تۇرپاندىن ئېلىپ كەتكەن تۆت كىتابنىڭ بىرى بولۇپ ، ھازىر گىرمانيە پىروسى باكلاۋىرلار ئىنىستىتۇتىدا49 TIIY دەپ رەت نومۇرى سېلىنىپ ساقلانماقتا .
_كومراجىۋا ؛
ئۇ مىلادى 344- قەدىمقى غەربي دىيار كۈسەن ( كۇچار ) خانلىقىدا دۇنياغا كەلگەن ئاتاقلىق تەرجىمان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاتىسى كومىرايان مۇھىم دۆۋلەت ئەربابى ، ئانىسى جىۋا بولسا مەشھۇر ئايال تىۋىپ .
كومىراجىۋا توققۇز ياشقا كىرگەندە ئانىسى بىلەن كەشمىر گە بېرىپ بۇددا دىنى بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن ھەم كۈنىگە 1000 مىسرادىن ئارتۇق نوم تېكىسىتلىرىنى يادلىغان . 13 يېشىدا يۇرتىغا قايىتقاندا كۈسەن خانى قىزغىن قارشى ئېلىپ ، دۆۋلەت ئۇستازىدەپ نام بەرگەن . بىر مەزگىل مۇددەرىس بولغان ، ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان چىن پادىشاھى 383 يىلى ئەسكەر ئەۋەتىپ ئۇنى ئەكىلىپ گۇزۇڭ شەھرى (ھازىرقى گەنسۇ ۋۇشى )دا 15 يىل تۇرۇپ قېلىپ خەنزۇچىنى مۇكەممەل ئۆگەنگەن . 401 يىلى ئۇنى چاڭئەن (ھازىرقى شىئەن ) گە ئالدۇرۇپ كېلىپ دۆلەت ئۇستازى دەپ ھۆرمەتلەپ ئىشلەتكەن .
كومىراجىۋا 800 نەپەردىن ئارتۇق شاگىرىتقا دەرىس بەرگەن ۋە تارىختا ئەڭ زور كۆلەمدە نوم تەرجىمەقىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ 74 پارچە 384 جىلىد نوم خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان .
ئۇ شۇقاتاردا ئۇيغۇر تىبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەردىن ‹‹ جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا ›› ، ‹‹جىۋا كاپوستاكا ›› ۋە 33 جىلىدلىق ‹‹ غەربى دىيار تىۋىپلىرى ئېيتىپ بەرگەن مۇھىم رىتسىپلار ›› ، ئۈچ جىلىدلىق ‹‹ غەربىدىيار ئەۋلىيالىرى رىتسىپلىرى ›› ، تۆت جىلىدلىق ‹‹غەربى دىيار مەشھۇر تىۋىپلىرى توپلىغان مۇھىم رىتسىپلار ›› ، تۆت جىلىتلىق ‹‹ بۇسەتۋاناگار جونانىڭ دورا رېتسىپلىرى ›› ، ئىككى جىلىدلىق ‹‹ بۇسەتۋاناگار جونانىڭ ئىسىرىقلاش ئۇسۇلى ›› 2600 جىلىدلىق ‹‹ھەر يەرلەردىن توپلانغان رىتسىپلار ›› قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى خەنزۇچىغا تەر جىمە قىلغان بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ‹‹جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا›› ۋە ‹‹ جىۋا كاپۇستاكا ››دېگەن ئەسەرلەر ھازىر گىر مانىيدىكى بورىس ماگىستىرلار ئىنىستىتۇتىدا TII 49 دېگەن نومۇر بىلەن ۋە لوندۇندىكى ھىندىستانغا دائىر ئىشلار كۈتۈپخانىسىدا CHII 300 دېگەن نۇمۇر بىلەن ھازىرغىچە ساقلانماقتا .
_گەنجۇ قاغىن ؛
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-3-25 15:39):
داۋامى بار |
|