mihman999 يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 11:26 
تەرەت قىلسا بىراۋ،ئاداش،راھەت ئۇچۇن
پۇراقى كىتەر ئى ...
ئىنكاسىڭنى ئوقۇدۇم بايا،
يىرگىنىپسەن بەدبۇي پۇراقتىن.
كۆڭۈل كۈلەر سەن بىلەن بىللە،
ھەمسۆھبەتتە بولسام پىراقتىن.
ئەنسىرەيسەن پۇراقتىن دوستۇم ،
پۇراق كەلگەن يېقىن يىراقتىن .
سەسكىنىپسەن گېپىڭدىن ئۇقسام،
كەتمىگەچكە ھۆددەس دىماقتىن .
پوق پۇراقى پۇراپ چىقسا گەر،
جاجىسىدۇر بىر كەتمەن توپا.
نىجىس پۇراق چىقسا ئەخلاقتىن .
بۇنى كۆممەك ھەممىدىن جاپا.
بولسا كىشى رەزىل مىسالى
چىداپ تۇرۇش بۇڭا خاتالىق
كەڭ قورساقلىق كار قىلمىسا گەر.
ئەدەپلەشنىڭ ئۆزى دانالىق.
ياخشىلارغا ئۇۋالچىلىق جىق ،
يىغلاشمۇ جىق ئازارمۇ تەييار .
رەزىللەردىن چىققان پۇراقلار،
ياخشىلارغا چىللار ئازابلار.
ئوت يۈررىكىڭ لاۋ-لاۋ شائىرسەن،
قەلىمىڭدۇر قامچا مىسالى .
قامچىلىغىن سېسىق ،پەسلىكنى ،
ماڭساڭ ھەق يول بولۇر ئامالى.