كۆرۈش: 341|ئىنكاس: 0

قارلۇق شىركىتى ئېنتىرنىت مۇلازىمەتلىرىدىن يېڭىلىق ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
47939
يازما
1
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-3-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-27
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 14:41:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  قارلۇق شىركىتى ئېنتىرنىت مۇلازىمەتلىرىدىن يېڭىلىق !



  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!  

      قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئېنتىرنىت مۇلازىمەت بۆلۈمىمىز بولسا رايونىمىز ئېنتىرنىت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيتىنى ئاساسىي بۇرچ قىلىپ كېلىۋاتقان، ئابونتلار ئۈچۈن مۇقىم، تېز ۋە قولايلىق بولغان ئېنتىرنىت مۇلازىمىتى تەمىنلەشنى نىشان قىلغان بىر كوللىكتىپ بولۇپ نۆۋەتتە بۆلۈمگە قاراشلىق بىكەتلەردىن ئوكيان تورى، گۈدۈك مىكروبلوگى ۋە كۆۋرۈك ئېلان سۇپىسى قاتارلىق بىكەتلەربار بولۇپ، يۇقارقى بىكەتلىرىمىز زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ قوللىشى ئاستىدا كۈندىن-كۈنگە مۇكەممەللىشىپ جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. بىز بۇ يەردە ھەم يۇقارقى بىكەتلىرىمىزنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان زىيارەتچىلىرىمىز ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىزغا سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

     ئېنتىرنىت مۇلازىمەت بۆلۈمى زىيارەتچىلىرىمىز ئۈچۈن تىخىمۇ مۇكەممەل، قولايلىق بولغان ئېنتىرنىت مۇلازىمىتى تەمىنلەش مەقسىتىدە 2013-يىللىق دەسلەپكى پىلانغا ئوكيان تورىنى يېڭىلاش بىلەن بىرگە تىخىمۇ كونكىرتلاشقان، مۇكەممەل ۋە قولايلىق بولغان ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسىنى ئېلان قىلىشنى كىرگۈزگەن بولۇپ، مانا بۈگۈن 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 4 تىن باشلاپ بۇ يىللىق دەسلەپكى نەتىجىلىرىمىزنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئابونتلىرىمىزغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈشنى قارار قىلدۇق.
  
بىرىنچى يېڭىلىق

    كۆۋرۈك ئۇچۇر تورى

    بىكەت نامى : كۆۋرۈك ئۇچۇر تورى

   خاراكتىرى : رايونلارغا ئايرىلغان ئۇچۇر سۇپىسى

    تور ئادرىسى : http://kowruk.com  (ھەربىر شەھەر ئۈچۈن ئايرىم ئىككىنچى دەرىجىلىك نام بېرىلگەن، مەسىلەن:  http://urumchi.kowruk.com )

    يانفوندا زىيارەت قىلىش مەنزىلى:  http://m.kowruk.com

    ئېلان قىلىنغان ۋاقتى : 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى

    ئاكونت مەركىزى : گۈدۈك مىكروبلوگى، ئوكيان تورى  قاتارلىق بىكەت ئەزالىرى بىۋاستە كىرەلەيدۇ. قايتا تىزىملىتىش ھاجەتسىز.
  
   كۆۋرۈك ئۇچۇر تورى ھەققىدە :

    كۆۋرۈك ئۇچۇر تورى ئۇچۇرلارنى رايونغا ئايرىپ باشقۇرىدىغان سۇپا بولۇپ ئايرىش جەھەتتە شەھەر-بازارلار ۋە كوچىلارغىچە ئىنىق ئايرىپ چىقىلدى، بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ ئۇچۇر ئىزدىشىڭىزگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىدۇ. ئۇچۇر يوللاش جەريانىدىكى پارامىتىرلار ئۇچۇر تۈرىگە ئاساسەن ئىنىق بېكىتىلگەن بولۇپ سىزنىڭ ئۇچۇر يوللىشىڭىزغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ. كۆۋرۈك ئۇچۇر تورىدا سىز ھەقسىز ئۇچۇر يوللىيالايسىز. ئادەتتىكى ئابونتلاردىن ھىچقانداق ئۇچۇر يوللاش ھەققى ئېلىنمايدۇ. ۋاستىچىلەر ئۇچۇرى ئايرىم باشقۇرۇلىدىغان بولۇپ، ھەر بىر ئۇچۇر تەستىقلىنىپ ئاندىن بەت يۈزىگە چىقىرىلىدۇ.

      كۆۋرۈك ئۇچۇر تورىدا ئاكونت مەركىزى بىرىكتۈرۈلگەن بولۇپ سىز گۈدۈك مىكروبلوگى ياكى ئوكيان تورىدىكى ئاكونتىڭىز ئارقىلىقلا كىرىپ ئۇچۇر يوللىيالايسىز.

      كۆۋرۈك ئۇچۇر تورىدا دەلىللەش ئىلتىماسى سۇنۇپ دەلىللەنگەن ئەزالار بىرلا ۋاقىتتا گۈدۈكتىمۇ دەلىللىنىدۇ ھەمدە بىكەتلىرىمىزنىڭ ئىتىبار مۇلازىمەتلىرىدىن بەھىرلىنەلەيدۇ.
  
      كۆۋرۈك ئۇچۇر تورىدا ئىناۋەت دەرىجىسى قاتتىق باشقۇرىلىدىغان بولۇپ ئابونتلار ھەر بىر تال ئۇچۇرنىڭ راست ياكى يالغانلىقى بىۋاستە شۇ ئەزانىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

      كۆۋرۈك ئۇچۇر تورىدا ھەر بىر ئۇچۇرغا زىيارەتچىلەر ئىنكاس قالدۇرالايدۇ. بۇ سىزنىڭ ئۇچۇرلارغا بولغان ئىشەنچىڭىزنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

    كۆۋرۈك ئۇچۇر تورىنىڭ ئېچىش ۋە تەتقىقات جەريانىدا بەلكىم يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەر ساقلانغان بولىشى مۇمكىن، بىز زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ بىكەتنى زىيارەت قىلىش ۋە ئىشلىتىش جەريانىدا بايقىغان مەسىلىلىرىگە قارىتا كونكىرت مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىشىنى ھەمدە بىزگە ھەمكارلىشىپ ئۇچۇر تورىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەل ۋە قولايلىق قىلىپ چىقىشىمىز ئۈچۈن ياردەمدە بولىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.


    ئۇچۇر قوبۇل قىلىش قىززىق لىنىيە تېلىفونىمىز : 890 0790 400  

    ئۇچۇر قوبۇل قىلىش خەت ساندۇقى: info@kowruk.com

    نازارەت قىلىش تېلىفونى : 2877006 - 0991

    پاش قىلىش خەت ساندۇقى : webmaster@kowruk.com


      ئىككىنچى يېڭىلىق


      ئېنتىرنىت مۇلازىمەت بۆلۈمىمىز يەنە ئوكيان تورىمىزنىڭ باش بىكەت، ئىسىم، قامۇس ۋە ئالبۇم قاتارلىق سەھىپىلىرىنىمۇ ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىدى، بۇرۇنقى سانلىق مەلۇماتلار ئاساسەن ساقلاپ قېلىندى، ئاكونت مەركىزى بىرلىككە كەلتۈرۈلدى. زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ ئوكيان تورىمىزنى ئىزچىل قوللاپ كەلگىنىگە كۆپ تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە سىزلەرنىڭ ئوكيان ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىڭلارنى بېرىپ تۇرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز،


     ئوكيان تورى تەكلىپ-پىكىر خەت ساندۇقى: web@okyan.com
  
     ئوكيان تورى ئەسەر قوبۇل قىلىش خەت ساندۇقى : admiral@okyan.com

        شىركىتىمىز بىزنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان ئابونتلىرىمىزغا سەمىمىي رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە ھەرقايسى بىكەت ئىگىلىرىمىزنى ھەمكارلىققا چاقىرىدۇ، بىزنىڭ مەقسىتىمىز ھەممىمىز بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ رايونىمىز ئېنتىرنىت ئىشلىرىنى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇش بولۇپ. بىز ھەرقاچان ھەمكارلىققا مۇھتاج !  



            قارلۇق مېدىئا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى  ئېنتىرنىت مۇلازىمەت بۆلۈمى

                                        2013-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش