كۆرۈش: 1955|ئىنكاس: 7

ئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى تەسىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
47501
يازما
13
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2013-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-13
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 11:41:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى تەسىرى
ۋاڭ داخاۋ
دولان تەرجىمىسى

  1-كۆرېنىش: ئۇرىمچى دۆڭكۆۋرىك
نەچچى يىل بۇرۇن، ئۇرىمچىدىكى غەربىي چوڭ كۆۋرىكتە شاڭخەيلىك بىر ساياھەتچى مەدىن « نەدە مەسچىت بار ؟ » دەپ سورىدى. يىراق يولنى بېسىپ كەلگەن شاڭخەيلىك ئۇرمچىدىكى ئىگېز بىنالارغا قىززىقماي، تەرەپ-تەرەپتىن مەسجىت ئىزدىشى ھەرگىزمۇ ناماز ئۇقۇش ئۇچىن ئەمەس بەلكى شىنجاڭنىڭ « مىللىي ئالاھىيدىلىك » كە ئىگە جايلىرىنى كۆرىش ئۇچۇندۇر، ئۇ كىشى يولنى بىلمىگچكە مەسچىت بار يەرنى تاپالمىغان، ئەگەر ئۇيغۇرلار مەركەزلەشكەن دۆڭكۆۋرىككە بارغان بولسا بىر كىلومىتىر دائىرىدە 14 مەسچىت بار ئىدى.
  مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغىنى شۇكى، مەسچىت شىنجاڭدىكى « مىللىي ئالاھىيدىلىك » نىڭ ئەڭ رۇشەن بەلگىسى بولۇپ قالغان.
  ھازىر شىنجاڭ « مىللىي ئالاھىيدىلىك » كە بارغانسىرى كۆڭىل بۇلۇۋاتىدۇ، يېڭى سەلىنغان نۇرغۇن ئىمارەتلەر مىللىي نۇسخىدا زىننەتلىنىپلا قالماي بەلكى ئاز بولمىغان كونا ئىمارەتلەرنىمۇ مىللىي نۇسخىدا زىننەتلەۋاتىدۇ. بۇ خىل ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتلەر بارغانسىرى كۆپىيىپ، سىرىتتىن كەلگەنلەر ئاتايىن بېرىپ كۆرىدىغان بىرخىل ئادەتكە ئايلاندى. مانىبۇ شىنجاڭنىڭ دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىگى ۋە دىنىي مەدىنىيەتنىڭ بىناكارلىق قورلىشىدىكى ئىپادىسى.
  شىنجاڭنىڭ نۇپۇسى 21 مىليۇن 586 مىڭ 300 نەپەر بولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئون نەچچە ئازسانلىق مىللەت  نۇپۇسى 11 مىليۇن 300 مىڭدىن ئارتۇق. شىنجاڭدا ھازىر 24300 مەسچىت بولۇپ، ھەر 400 نەپەر مۇسۇلمان ئاممىسىغا بىردىن مەسچىت توغرا كىلىدۇ، ئوتتۇرا شەرىقتە 1000 ئادەمگە بىر مەسچىت، ئىراندا 11000 ئادەمگە بىر مەسچىت، مىسىردا 2500 ئادەمگە بىر مەسچىت توغرا كىلىدۇ؛ شىنجاڭدىكى ئالى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ سانى 1400 دانە بولۇپ، مەسچىت سانى مەكتەپتىن 5.8 ھەسسە كۆپ، شىنجاڭدىكى 2371 مەمۇرىي كەنىتكە ئوتتۇرىچە 4 دىن توغرا كىلىدۇ.
  مەن جەنۇپتىكى كۆپلىگەن ئىماملاردىن « ئۆز جايىڭلاردىكى مەسچىت يىتىشەمدۇ؟ » دەپ سورىسام، ئۇلار « يىتىشىدۇ » دەپ جاۋاپ بەردى. بىراق بىر ئىمام « نۇرغۇن كىشى بىنالارغا كۆچىپ كەتتى، مۇمكىن بولسا يېكى ئولتۇراق رايۇنغا مەسچىت سېلىپ بەرسە » دىگەن تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەن بۇ ئىنكاسنى شۇ ناھىيەدىكى تەشۋىقات بۇلىمنىڭ ئۇيغۇر باشلىقىغا ئىنكاس قىلسام، ئۇكىشى كۇلپكېتىپ « ھەي ھازىرقى كىشىلەر يول مېڭىشتىن ئېرىنىدۇ، ھەممە كىشى ئۆيىنىڭ ئالدىدا مەسچىت بولىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن » دىدى. مەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا ئۇستەلدىكى « قۇرئان » نى كۆردىم، ئۇ ماڭا ” بالىلىق ۋاختىدا نەچچى يىل « قۇرئان » ساۋادى ئالغانلىقېنى، نۇرغۇن ئايەتنى يادقا ئالغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرچە مەنىسىنى بىلمەيدىغانلىقىنى “ دىدى.
  شىنجاڭدىكى دىنىي مەدىنىيەت ئاساسلىقى ئىسلام مەدىنىيىتى، مىللىي ئالاھېيدىلىك ئاساسلىق ئىسلام مەدىنىيەت ئالاھېيدىلىكى. ئىسلام دىنى شىنجاڭغا كىرگەندىن كىيىن، بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتىقادىغا چوڭقۇر ئورناپكەتكەن بولۇپ، بۇگۇنكى كۇندىمۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كۇندىلىك تۇرمۇشىدا ئىسلام دىنى مەدىنىيەت ئامىلىنى رۇشەن كۆرگىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە شىنجاڭ مىللىي مەدىنىيەتنى قوغداشقا بارغانسىرى كۆڭىل بولىۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ ھەقايسى جايلىرى ئۆز « مىللىي ئالاھېيدىلىك » نى گەۋدىلەندۇرىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلىۋاتىدۇ. جوڭگونىڭ بازار ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئىسلام مەدىنىيىتى تەرەققىياتىنى زور ھەركەتلەندۇرگۇچ كۇچ بىلەن تەمىنلەپ، تەخىمۇ گۇللىنىش پۇرسىتى ئاتا قىلدى.
  2-كۆرىنىش: قارىمايدىكى ئاشخانا
  2011-يىلى 8-ئايدا مەن قارىماي شەھرىگە بېرىپ، يول بويىدىكى ئاشخانىدا غىزالىنىپ قالدىم، بۇ ئاشخانىنىڭ ئىچىگە، ئىككى قىزنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقان رەسىمى ئىسىلغان بولۇپ، رەسىمدە مەككە ئارقا كۆرىنىش قىلىنغان ئىدى. جىڭ ناھىيەسىگە بارغاندا، بىر مۇسۇلمان ئاشخانىسىغىمۇ دىنىي تۇستىكى رەسىملەر ئېسىلغانلىقىنى كۆردىم. ئاشخانىغا دىنىي مەدىنىيەتكە ئائىت رەڭلىك رەسىملەرنى ئېسىش ئىلگىرى يوق ئىدى، بىراق ھازىر يېڭىبىر ئادەتكە ئايلىنىپتۇ.مەن شىنجاڭنىڭ ئۇرىمچى ۋە باشقا ۋىلايەت، ئوبلاس، ناھىيەلىرىدە ھىباچلانغان، چۇمبەل تارىتقان نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئۇچراتتىم، بۇ خىل دىنىي مەدىنىيەت تۇسىنى ئالغان كىيىم-كىچەكلەر، نۆۋەتتە شىنجاڭ « مىللىي ئالاھېيدىلىك » نىڭ بىرقىسمىغا ئايلىنىپتۇ.
  بىر كۇنى مەن ئۇرۇمچىدىكى بىر پولوخانىغا تاماق يىگىلى بارسام تاقاقلىق ئىكەن، بۇ ئەسلىدە سودىسى ناھىيىتى ئاۋات ئاشخانا ئىدى، نىمىشقا تاقالغاندۇ؟ بىركۇن سودا قىلمىسا نۇرغۇن پۇل زىيان تارتىدىغۇ؟ دەپ ئۇزىمگە سۇئال قويدىم. كىيىن بىلسەم بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيى بولۇپ، بىر ئاي ئاشخانا ئاچمايدىكەن، ئوقۇشسام شىنجاڭدا نۇرغۇن ئاشخانا رامىزاندا بىر ئاي تىجارەت قىلمايدىكەن، بۇ يەردىكى مۇسۇلمانالار ئىتىقادنى پۇلدىنمۇ مۇھىم بىلىدىكەن.
  3-كۆرىنىش: رامىزاندا تاقالغان ئاشخانا
  ئۇرىمچى كۇچىسىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ ھارۋىدا مىۋە-چىۋە سەتىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىسىز، گاھىدا يول بويىغا توختىتىپ قويغان ئىگىسى يوق مىۋە-چىۋە ھارۋىسىنى كۆرىسىز، بۇ ۋاقىتتا مال ئىگىسى يېقىن ئەتراپتا ناماز ئوقۇۋاتقان بولىشى مۇمكىن، ئەگەر سىز مىۋە-چىۋە سەتىۋەلىش ئۇچۇن
-بۇ تاۋۇز نەچچە پۇل؟-دەپ سورىسىڭىز.
يېقىن ئەتراپتا ناماز ئوقۇۋاتقان كىشى گىپىڭىزنى ئاڭلىمىغاندەك جاۋاپ بەرمەيدۇ، پەقەت نامازنى ئوقۇپ بولۇپ سىز ئۇچۇن قىزغىن مۇلازىمەت قىلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنى ئەۋارە قىلمىغىنىڭىز ياخشى.
  شىنجاڭدا مۇسۇلمان ئىتىقادچى ئاممىسى ناماز ئوقۇۋاتقاندا باشقىلار دەخلى قىلمايدۇ، دەخلى قىلىش ئەخلاقسىزلىق ھىساپلىنىدۇ.
  ئۇرىمچىدىكى 1-ماي كەچلىك بازىرى داڭلىق بولۇپ، ئىيۇل ۋەقەسەددىن كىيىن تاقىۋىتىپ، نەچچە ئايدىن كىيىن يەنە ئېچىلدى، مەن بىر قېتىم بارسام ئون نەچچە ئۇيغۇر ئايال ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن، گەرچە بۇ يەردە ئادەم شۇنچە كۆپ بولسىمۇ بىراق ئۇلار ھىچكىشى يوقتەك پۇتىن ئىخلاسى بىلەن ناماز ئوقىۋەتىپتۇ، يېقىنلا يەردە بازارنىڭ ئامانلىقىنى قوغدايدىغان بىرنەچچە قوراللىق قىسىم ساقچىسى بولۇپ، ئۇلار ناماز ئوقۇۋاتقانلارغا دەخلى قىلماسلىق ئۇچىن جايىدا جىم تۇرىشقان ئىدى. مەن بىر قېتىم ئۇرىمچىدە سەرىقئاش يەپقالدىم، بۇ تىپىك بولغان توڭگان ئەر-خۇتۇننىڭ يايمىسى بولۇپ، ئايال خۇجايىن « ناماز ۋاختى بولدى » دەپ ئېرىنى ئەسكەرىتتى، ئېرى دەرھال نامازغا ماڭدى، سودىنى ئايال خۇجايىن قېلىۋەردى، ئايال خۇجايىن بەشىغا توڭگانلارنىڭ ياغلىقېنى ئارىتقان بولۇپ، شىنجاڭچە توڭگان تىلىدا خەرىدار چاقىراتتى، بىر دەمدىن كىيىن 10 نەچچە ياشلىق ئىككى قىزىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە نازارەت قېلىپ، دىگەن گۇاڭدوڭ شىۋىسى دىققىتىمنى تارىتتى، مەن ھەيران بولۇپ
-        سىز گۇادوڭ شىۋىسىنى قانداق بىلىسىز-سورىدىم مەن.  
-گۇاڭدوڭلىق تۇرسام- جاۋاپبەردى ئۇ. مەن تەخىمۇ ھەيران بولۇپ
   -ئېرىڭىز توڭگان ئەمەسمۇ؟
  - ئەلۋەتتە توگان
  - سىز خەنزۇما؟
  - شۇنداق
  - توڭگانغا تېگىپسىزدە؟
  - شۇنداق
  ئارىمىزنى بردەم جىمجىتلىق باستى، قارىغاندا بۇ ئايال ياش جەھەتتە مەدىن ئانچە پەرىقلەنمەيتى.
  -مەن ئېرىم بىلەن گۇاڭجۇدا تۇنىشقان، ئۇ گۇاڭجۇدا كاۋاپچىلىق قىلاتتى، كىيىن شىنجاڭغا كىلىپ توي قىلدۇق-دىدى ئۇ.
  - ئۇ ئىسلام دىنىغا ئىشىنەمدۇ؟-سورىدىم مەن.
  - ئىشىنىدۇ
  - سىز نىمە ئۇچىن دىنغا ئىشىنىسىز؟
  ئۇنىڭ چوڭ قېزى گەپنى تارتىۋەلىپ
-        ئاللاغا ئىشەنسە جەننەتكە كېرىدۇ-دەپ جاۋاپبەردى.
  گۇاڭجۇلىق بىر بۇددا مۇخلىسى بولغان خەنزۇ قىز مۇھەببەت ئۇچىن، جەنۇپتىكى گۇاڭجۇدەك چوڭ شەھەردىن شىنجاڭغا كەلگەن ۋە ئىتىقادىنى ئۆزگەرتىپ مۇسۇلمان بولغان. نۇرغۇن شىنجاڭلىق گۇاڭجۇدا تىجارەت قىلىدۇ شۇنداقلا نۇرغۇن گۇاڭجۇلىق شىنجاڭدا تىجارەت قىلىدۇ، مەن ئىچكىردىكى شىنجاڭلىقنىڭ ئىتىقادىنى ئكزگەرىتكىننى كۆرمىدىم، لىكىن شىنجاڭغا كەلگەن بىرقىسىم كىشىلەر ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغانلىقى ھەقىقەت. قانداقلا بولمىسۇن دىنغا ئىشىنىش ھەركىمنىڭ ئۆز ئەركىنلىگى.
  مەن تۇرغان جايدىن يىراق بولمىغان يەردە بىر مەسچىت بولۇپ، ھەر سەھەر تاتلىق ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقاندا ئەزان ئەۋازى ئاڭلىناتتى، بۇ ئىتىقادچىلارنى بامداتقا چاقىرغانلىق ئىكەن، مەن شىنجاڭدىكى ۋاختىمدا ھەر كۇنى ئەزان ئەۋازى ھەمرا بولدى، ئەشۇ مۇڭلىق ئەزان ئەۋازى، دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىگىنىڭ بىر خىل ئىپادىسىدۇر.

مەنبە:
  http://blog.sina.com.cn/s/blog_60f25ed70102e3jf.html

ئەسكەرتىش: ئىنكاس يېزىش چەكلىندۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-23 19:44  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
47862
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-24
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 22:27:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
7028
يازما
111
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3245
تىزىملاتقان
2010-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-16
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 23:14:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمگىكىڭىزگە كۆپ  تەشەككۈر  قېرىندىشىم ،ھەممە  نەرسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيتىنىڭ  نامايەن  بولۇپ ،بىزلەر  ئۈچۈن خىزمەت  قىلىشنى تىلەيمەن

UID
31144
يازما
401
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
401
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
94 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 17:48:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى يازغان ئادەم خەنزۇكەندە ؟

UID
3401
يازما
217
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2047
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
51 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 18:23:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭى ئولتۇراق بىناسى ھويلىسىغا مەسچىتنىمۇ قىتىپ سىلىشنى ئويلۇشۇپ بىقىشقا تىگىشلىك ئىش

UID
52403
يازما
143
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
143
تىزىملاتقان
2013-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 23:31:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسچىت  كۇپ  بۇلسا  بۇلۇنۇش   ..تىز  بۇلدۇ  خىالاس....................

UID
51860
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2013-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-31
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 03:18:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن

UID
51365
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2013-5-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 10:23:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى مەن مىسرانىمدا بىر ئاي ئىلگىرى كۆرگەنغۇدەيمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش