كۆرۈش: 1675|ئىنكاس: 12

ب دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسىنى كۆرگىلى بولامدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
47261
يازما
95
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
95
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-29
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 19:38:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ يىللىق پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ تىزىملاش خىزمىتى نەۋرۇزنىڭ 20-كۈنى ئاياقلاشتى. شىنجاڭ كوماندىسى گەرچە بۇرۇنلا، تىزىملاش خىزمىتىنى تاماملىغان بولسىمۇ، ئەمما مەبلەغ سالغۇچىنىڭ يوقلىقى سەۋەبىدىن بۇ يىللىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. شىنجاڭ پۇتبولچىلار ۆەمئىيىىتى گەرچە مەبلەغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلانغۇچە، يەنى ئۈمىد ئېيىنىڭ 19-كۈنىگىچە، پۇل مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىسا، شىنجاڭ كوماندىسى بۇ يىللىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

مۇسابىقە ئارقىلىق كوماندىنى بېقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس.

جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، 500 مىڭ يۈەن كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇش كېرەك بولۇپ، بىر مۇسابىقە پەسلىدە كوماندىنىڭ چىقىمى مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن، ئۆتكەن يىلى شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچ مىليون يۈەن ياردەمگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق كوماندىنىڭ چىقىمى تۆت مىليون يۈەندىقن ئېشىپ كەتكەن.

بىر قىسىقم كىشىلەر توردا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئىقتىساد مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تورداشلارنى ئىئانە توپلاشقا دەۋت قىلغان. بىر تورداشنىڭ ئېلىپ  بارغاب ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى كەلگەن تاماشىبىنلارنىڭ ئوتتۇرىچە سانى 12مىڭ ئادەم بولۇپ، ھەربىر بېلىەتنىڭ باھاسىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن، 20 يۈەندىن ھېسابلىغاندا، ئىككى مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ، بۇ پۇللار نەگە كەتتى؟ شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بېلەت كىرىمىدىن كىرىدىغان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىگە ، كۆپ قىسمىنى ياردەملەشكۈچى ئورۇنلارغا بەردۇق، شۇڭا ياردەملەشكۈچى ئورۇن بولمىسا كوماندىنى قامدىغىلى بولمايدۇ».

شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يېتەكچىسى مۇنداق دېگەن: «پۇتبولغا نۇرغۇن مەبلەغ كېتىىدۇ، كوماندىمىز قاتنىشىۋاتقان مۇسابىقىلەرنىڭ دەرىجىسى تۆۋەن بولغاچقا، كۆپ قىسىم كارخانىلار مەبلەغ سېلىشنى خالىمايدۇ».

تۈزۈلمە ماھىرلىرىمىزنى گاڭگىرىتىپ قويماقتا

ئىقيىساد ئامىلىدىن باشقا يەنە تۈزۈلمە جەھەتتىكى مەسىلىلەرمۇ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويىۋاتىدۇ، شىنجاڭ كوماندىسى 2006-يىلىىدىن، 2008-يىلىغىچە، جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ كېلۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما 2009-يىلى، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈپەيلىدىن، شىنجاڭ كوماندىسى جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشمىدى. بۇ يىل يازدا مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدىغان بولغاچقا، جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلارنىڭ سانىمۇ بۇلتۇرقى 26 كوماندىدىن كېمىيىپ، 16گە چۈۈشۈپ قالغان. مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول تۈرىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارنىڭ يېشى 20 ياشتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى بەلگىلەنگەن بولغاچقا، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، كومادىدىكى يېشى چوڭ ماھىرلار كوماندىدىن ئايرىلىشقا ، شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىمۇ قايتىدىن ماھىر تاللاشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.

سەركە يوق

شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يېتەكچىسى ياڭ چۈنپىڭ :«شىنجاڭدا قىزغىن تاماشىبىن، تالانتلىق ماھىر ۋە كەڭ ئاممىۋى ئاساس بار، ئەمما شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا مەبلەغ سالىدىغان سەركە يوق».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،شىنجاڭ تەربىيەلەپ چىققان جۇڭگودىكى ھەردەرىجىلىك كەسپىي پۇتبول كوماندىلىرىدا توپ ئويناۋاتقان ماھىرلار 40 تىن ئاشىدۇ. شىنجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ماھىرلارنى ئويلىشىپ، ئۇلارنى سېتىۋالغان كوماندىلاردىن تەربىيەلەش ھەققى ئالمايۋاتىدۇ، قانداق قىلغاندا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەكتەپلەر ئارا پۇتبول ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىكى ئابدۇغېنى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەكتەپلەر ئارا پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە يىلدا دېگۈدەك تالانتلىق ماھىرلار چىقىىدۇ، بىز شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن پۇتبول ئىقتىساسلىقلىرىنى ئالماشتۇرۇش مېخانىزىمى بەرپا قىلىپ، تەدرىجىي شىنجاڭ پۇتبولچىلىرىنى بازارغا سېلىپ، ئۇلارنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلساق بولىدۇ».



قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
تەبىئىي.
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
8379
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
80
تىزىملاتقان
2011-1-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
66 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 19:58:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ ئۈستىگە پوتبولنى كۆرىدىغىنى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار، خەنزۇ تاماشىبىن يوق دىيەرلىك. بىر مەيدان مۇسابىقىدا ئېلان تەشۋىقات قىلىدىغان چوڭ خەنزۇ كاخانىللىرى خەنزۇ تاماشىبىن يوق مەيداندا ئېلام بېرىشتىن قورقىدۇ.چۇنكى  جۇڭگودا80پىرسەنت ئىستىمالچى خەنزۇلار،ئۇنىڭ ئۇستىگە چوڭ شىركەتلەر نىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ قولىدا ،بۇنىڭدىن سىرت  مۇسابىقىلەرنى ھېقانداق تېلىۋىزىيە ئىستانسى نەق مەيداندىن تارقاتمايدۇ،نەق مەيداندىن تارقاتمىغاندىكىن ، ئېلاننىڭ ئۈنىمى يوى دىيەرلىك بولىدۇ،مەيداندىكى 50مىڭ تاماشىبىنغا نەچچە تۈمەنلەپ پۇل خەجلەپ ئېلان بېرىشنى كۆپىنچە چوڭ كارخانىلار خالىمايدۇ.نەق مەيداندىن تېلىۋىزىيە ئىستانسىللىرى ئۇلاپ تارقاتقان بولسا ئۇلار ئېلان بېرىش ئۈچۈن مەبلەغ سالغان بولاتتى!
گەپنىڭ پوس كاللىىسى، مەبلەغ بىلەن كەسپىلەشكەن باشقۇرۇش ئەندىزى يوق دىيەرلىك ! ھەممە كىشى ئۇيغۇرنىڭ قېنىدىكى پوتبول قېنىغا قىزىقىدۇ،ئۇلارنىڭ پوتبول ماھارىتىگە قىزىقىدۇ،ئەمما ھېچكىم شاپاق دوپپىسىنى ئالدىغا قويۇپ قويۇپ پوتبولدىن زور ئىقتىسادى كىرىم قىلىشنى ئويلىمايدۇ!ئەمىتاخون بىلەن سەمەت قارى بىرلىشىپ داۋۇت ھاجىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ چوڭ مەبلەغ سېلىپ ،لىيۇ ئاكام بىلەن توختام تۈزۈپ كۇلۇپ قۇرۇشنى ئويلىمايدۇ!

باھا سۆز

ئادىلەخان  تەھلىلىڭىز قايىل قىلارلىق.  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 20:04:51

UID
47232
يازما
220
تېما
51
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
96 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 20:37:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
500مىڭ يۈەن ئەمەس 5مىليۇنلۇق كاپالەتلىك پۇلنىڭ گېپى بۇ يەردە ! ھازىرچە مۇشۇ پۇلنى چىقىرالىسا قاتنىشالايدۇ دېگەن گەپ

UID
47232
يازما
220
تېما
51
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
96 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 20:38:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ئىش مۇسابىقە 19-چىسىلا باشلىنىدۇ . كەم دېگەندە 15-چىسىلا ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنراق جاۋاب بېرىش كېرەك... چۈنكى رەقىبلەر ئورۇنلاشتۇرشىنى بالدۇراق قىلىۋالدۇ

UID
47773
يازما
4
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2013-3-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-26
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 20:44:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلاق يوللىغان ۋاقتى  2013-3-22 20:37
500مىڭ يۈەن ئەمەس 5مىليۇنلۇق كاپالەتلىك پۇلنىڭ گېپى بۇ ي ...

ياق..كاپالەت پۇلى 500 مىڭ يۇەن.....تىزىملىتىش ھەققى 10 مىڭ يۇەن.....

UID
47232
يازما
220
تېما
51
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
96 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 20:50:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2013-3-22 20:44
ياق..كاپالەت پۇلى 500 مىڭ يۇەن.....تىزىملىتىش ھەققى 10 مىڭ  ...

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىن بۇنچىلىك پۇل چىقمىسا ھەي...............................................

UID
10805
يازما
56
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
206
تىزىملاتقان
2011-4-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-12
توردا
86 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 22:13:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاڭ چۈنشىيەن شۇجى باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ قۇيىشىنى سۇرايمىز!

UID
6643
يازما
107
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1698
تىزىملاتقان
2010-10-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-25
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 23:24:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە مۇشۇلارنىڭ گىپىما.قۇللاپ قۇيۇڭلار قۇرۇق پاراڭنى ئاز قىلىپ

UID
47232
يازما
220
تېما
51
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
96 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 12:22:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
cctv520 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-22 22:13
جاڭ چۈنشىيەن شۇجى باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇ ...

رەھبەرلىرىمىز ھازىر مىللەتلەر ئىتتىپاقى ۋە قۇرۇلتاي روھىنى خەلققە يەتكۈزۈش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش...

UID
25197
يازما
119
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
119
تىزىملاتقان
2012-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
55 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 15:42:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ مالىيەسى ئۈچۈن بەش مىليون تولىمۇ ئاز پۇل.ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىشى كرەك.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش