2013-يىللىق نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن گۈزەل قەشقەردە نورۇز كاتتا مەشرىپى ئەلكۈيى تورى مەخسۇس نورۇزلۇق فىلىمى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى بۈگۈنكىدەك قۇتلۇق نورۇز بايرىمىدا ھەرقايسىڭىزلار بىلەن تورىمىز ئارقىلىق يۈز كۆرۈشكەنلىكىمىزدىن چەكسىر پەخىرلىنىمىز ۋە نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق تورداشلارنىڭ بۈگۈنكى نورۇز بايرىمىنى چىن دىلىمىزدىن مۇبارەكلەيمىز!
نورۇز بايرىمى بارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كونا كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان مىللىي ئەنئەنىۋى يېڭى يىل بايرىمى. نورۇز بىز ئۇيغۇرلاردا «زاراخەتمە» «نورۇز بوزرۇك»، "نوئۇرز ھۆسەينى"،"نورۇز بۇ سېلىڭ"،"نورۇز راست"،"نورۇز سۇلتانى" قاتارلىق كۆپلىگەن ۋارىيانتلار بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى بايرامدۇر.
خەلقىمىز ئەزەلدىن نورۇز نى قۇتلۇق ، خاسىيەتلىك بايرام دەپ بىلگەچكە نورۇزدا ھەرقانداق كىشى ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىدۇ ۋە ئۆزگىلەرنى بۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرىدۇ. كىمكى يىل بېشىدا ، يەنى نورۇز ئەييامىدا ساۋابلىق ئىش قىلسا شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق نېسىپ بولىدۇ ، دەپ بىلىدۇ. شۇڭا قەدىمكى زاماندىن تارتىپ ، كىشىلەر يىلنىڭ ئامان-ئېسەن ۋە مەنپەئەتلىك بولۇپ ئۆتۈشىنى ئارزۇلاپ ، نورۇزغا ئاتاپ ھەرخىل ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىش ئادەتكە ئايلانغان .
ھەممەيلەننىڭ ئولۇغ بايرىمىمىز بولغان خۇش مۇبارەك نورۇز بۈگۈن يىتىپ كەلدى،باھار ئۆزىنىڭ ئىللىق قوينى بىلەن نورۇزنى بىزگە باشلاپ كەلدى.ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن،يىلنىڭ بېشى نورۇزدىن دىگەندەك نورۇزنىڭ خاسىيىتى قەلبىمىزنى خۇشاللىق ھىس تۇيغۇلىرىغا چۆمدۈردى.بۈگۈن چۈشتىن كىيىن قەدىمىي مەدەنىيەتلىك يۇرت،يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى ئەزىزانە قەشقەردە يېڭى تاڭنۇرى ئۆي مۈلۈك ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا قەشقەردە نورۇز كاتتا مەشرىپى ئۆتكۈزۈلمەكچى.ئەلكۈيى تورى خەلقىمىزنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش مەقسىتىدە تۈنۈگۈن يەنى نورۇز 20-كۈنى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قەشقەر دىيارىغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ بۇ ھەقتە ئالدىن خەۋەر ئىشلىدى ۋە بارلىق تورداشلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەپ قەدىمىي دىيار قەشقەردە نورۇز مەشرىپىنىڭ ئالدىن تەييارلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە ۋە نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن تېمىسىدىكى ئەلكۈيى ئېكرانى مەخسۇس فىلىمىنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى.
يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى مەخسۇس فىلىم يوللىنىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتىكى رەسىملەر تورغا يوللىنىۋاتىدۇ. بىر سائەتقىچە كۆرەلەيسىز.

















بۇ قېتىملىق نورۇز مەشرىپى 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى يەنى بۈگۈن چۈشتىن كىيىن قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ،دىيارىمىزدىكى داڭلىق يازغۇچى-شائىرلار،ئەل سۆيگەن سەنئەتكارلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى قاتناشقان ، نومۇر كۆرسىتىدىغان ،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىسىنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رېژىسسورى نىجات نىياز خوجا رېژىسسورلۇقىدا،ئەل سۆيگەن پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى ئابدۇكېرىم ئابلىز،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رىياسەتچىسى ماھىرە ئابدۇغېنى ،ئەمەتجان توختى ۋە قەشقەر شەھەرلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئالىيە ئۇتۇق قاتارلىقلار رىياسەتچىلىكىدىكى دىيارىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەرقايسى نورۇزنى تەبرىكلەش پائالىيتى ئىچىدىكى بىر قەدەر كاتتا ۋە چوڭ ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپ پائالىيتى بولۇپ،بۇ قېتىملىق نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش كۆلەم جەھەتتىن چوڭ ، قاتنىشىدىغان ئادەم سانى كۆپ ،نورۇز مەشرىپى مەزمۇنى سەرخىل بولۇش ،مىللىي ئەنئەنىگە ئالاھىدە يېقىن بولۇشتەك ..كۆپ خىل ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ھەمدە نورۇز شاتلىقىدىن پۈتۈن خەلقىمىزنى تولۇق بەھرىمان قىلىش مەقسىتىدە بۇ قېتىملىق نورۇز مەشرىپى تولۇق جەريانى پات يېقىندا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ھوزۇرىغا سونۇلىدۇ.
رەسىملەر داۋاملىق يوللىنىۋاتىدۇ،تولۇق يوللىنىپ بولغاندىن كىيىن چۈشەندۈرۈش بىرگە بىرىلىدۇ.





















قوشۇمچە: بۈگۈن ئەتتىگەندىكى قەشقەر ھېيتكاھ جامەسى نەچچە مىڭ كىشىلىك نورۇزلۇق ساما پائالىيتى نەق مەيدانى زىيارەت رەسىملىرىدىن ئارىيەلەر(رەسىملەر ۋە زىيارەت فىلىم داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ)

ئەلكۈيى تورى رىياسەتچىسى تەنتەنە تەلئەت ساما باشلىنىش ئالدىدا نەق مەيداندا تورداشلارغا خەۋەر بەرمەكتە

ئەلكۈيى تورى ساما ئوينىغان يىگىتلەرنى زىيارەت قىلماقتا

قىزلارمۇ نوروزنى ئۆزگىچە نومۇرلار بىلەن تەبرىكلىدى

ئەلكۈيى خىزمەتچىلىرى ساما ئوينىغان يىگىتلەر بىلەن بىرلىكتە بىر كۆرۈنۈش
بۈگۈن قەشقەر دىيارىدا ئون مىڭ كىشىلىك سامە ئوينىلىدۇ ۋە قەشقەردە نورۇز مەشرىپى ئۆتكۈزىلىدۇ،ئەلكۈيى تورى داۋاملىق ھالدا بۈگۈنكى نورۇز ئەمەلىي ئەھۋالى شۇنداقلا ئون مىڭ كىشىلىك ساما ئەھۋالى ھەققىدە ئەلكۈيى ئېكرانى ئارقىلىق كەڭ تورداشلارغا ئەڭ يېڭى مەزمۇنلارنى سۇنىمىز،ئاخىرىدا تورىمىزنى قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن بارلىق تورداشلارغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا نورۇز بايرىمىڭلارنى يەنە بىر قېتىم مۇبارەكلەيمىز.يىل بېشىدىن باشلاپ ئولۇغ ئاللاھ ھەممىڭلارغا ئاسايىشلىق ۋە بەخىت ئامەت ئاتا قىلغاي!
كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
2013-يىلى نورۇز ئېيىنىڭ 21-كۈنى