تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1228|ئىنكاس: 14

كىم خەلققە ۋەكىللىك قىلىدۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
47501
يازما
4
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2013-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-24
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                     كىم خەلققە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟
                                                               مىن لىئاڭجۇ
                                                            دولان تەرجىمىسى

                                                         1
خەلققە كىم ھەقىقى ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ كىم خەلقنىڭ ۋەكىلى؟ دىگەن بۇ قائىدىنى بەزىلەر بىر ئۇمىر دىيىشكە جۇرئەت قىلالمىدى.
  نەچچە ئون يىلدىن بويان جوڭگودا بارلىققا كەلگەن ۋەكىللەر پەقەت « يىغىن ۋەكىلى » بولۇپ پەقەتلا يىغىنغا قاتنىشىشقا ۋەكىللىك قىلدى.
  ئەگەر ئامىرىكىلىق پارافىسور فارىت دورنىڭ « دىمۇكىراتىيە تەلىماتى » دىگەن كىتاۋىدىكى « جوڭگونىڭ تۆتمىڭ يىللىق شانلىق تارىخىدا ئەزەلدىن دىمۇكىراتىك ھۆكۇمەت مەيدانغا كەلگەن ئەمەس » دىگىننى ئېتىراپ قىلساق، ئۇنداقتا بەشمىڭ يىل ئەمەس بەلكى 1949-يىلدىن ھازىرغىچە جوڭگودا ئەزەلدىن ھەقىقى خەلق ۋەكىلى مەيدانغا كەلگەن ئەمەس. مانىبۇ جوڭگونىڭ نۆۋەتتىكى رىئالنى ئەمىلىيېتى.
  بۇ يەردىكى ئەڭ ياخشى پاكىت شۇكى، بىز بارلىق « خەلق قۇرۇلتېيى ۋەكىلى » نى چىرىك ئۇنسۇر دىمىسەكمۇ بىراق بارلىق چىرىك ئۇنسۇرلار « خەلق قورۇتېيى ۋەكىلى» دىيەلەيمىز. ئۇلار مەملىكەتلىك خەلق قورۇلتېيى ۋەكىلى شۇنداقلا يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق قورۇتېيى ۋەكىلى ( بەزىسى سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ياكى ھەيئىتى يەنەبەزىسى تەخىمۇ يوقۇرى ). بۇنىڭ ئىچىدە بو شىلەي، ۋاڭ لىجۇن، لىۇ جىجۇنلەر مەملىكەتلىك خەلق قورۇتېيى ۋەكىلىغۇ؟ ئۇلار خەلققە ۋەكىللك قىلامدۇ؟ ئۇلار قاچان خەلققە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ ئۇلار خەلققە قانداق ۋەكىللىك قىلىدۇ؟.
  قۇلاققا يېقىملىق ئاڭلانمايدىغىنى شۇكى، ئىسلاھاتتىن بۇيان قانچىلىك « خەلق قۇرۇلتېيى ۋەكىلى » گە سوت قېلىنىپ، قانچىسى تۇرمىگە كېرگىننى بىلمەيمىز. باشقىلارنىڭ ئاشنىسى بولغان ساھىپجامال دوكتۇرنىڭ 120 مىڭ خەتلىك پاش قىلىش ماتىرىيالىدا مۇنداق بىر بۇلەك بار « ئوقۇتقۇچى ئەخلاق تەربىيەسى بىرىش ئۇچۇن باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرنى تۇرمىگە ئېلىپ بارىدۇ، كىين ئوقۇغۇچىلاردىن قانداق تەربىيە ئالغانلىقىنى سورىسا بىر ئوقۇغۇچى ‹ ھازىرقى تۇرمە ئازاتلىقتىن بورۇنقى گومىنداڭ تۇرمىسىگە ئوخشايدىكەن › دىگەن، ئوقۇتقۇچى ھەيران بولۇپ ‹ نىمە ئۇچۇن مۇنداق دەيسىز؟ › دەپ سورىسا، ئوقۇغۇچى ‹ قامالغاننىڭ ھەممىسى كومپارتىيە كادىرلىرى ئىكەن › دەپ جاۋاپ بەرگەن. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دىگەن سەبى بولغاچقا ئەلىۋەتتە راس سۆزلەيدۇ.
  كەمىنە قەلەم ئىگىسى گاھىدا شۇنداق ئويلاپ قالىمەن « ناۋادا جوڭگودا بالىلاردىن ھۆكۇمەت تەشكىللەپ، بالىلار سوتچى بولۇپ رەھبەرلىك قىلسا، جوڭگو ھازىرقىدىن تەخىمۇ گۇزەل، خەلق تەخىمۇ بەخىتلىك بولارمىكى » دەيمەن.
                                                                          2
  2013-يىلى 3-ئايدا ئىنتېرنېتتا مۇنداق خەۋەر تارقالدى، بۇلتۇرقى ئىككى يىغىندا بو شىلەي قىززىق نوقتا ئىدى، بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا شىڭ جىلەن قىزىق نوقتا بولدى؛ 80 نەچچى ياشلىق ئاددىي « ساۋاتسىز» مۇماي سەنشى خەلقىگە ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىغا قاتنىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشىدەك 21-ئېسىردىكى « بىمەنىلىك » نۆۋەتتىكى جوڭگودا ھەقىقى يۇزبەردى.
  بۇ ئىشقا قارىتا سەنشىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى ئىنتېرنېتتا ماقالە ئىلان قىلىپ، سەنشىدىكى ئەمەلدارلاردىن « شىن جىلەننى سەنشىدىكى قايسى خەلق سايلاپ چىققان ۋەكىل؟ » دەپ سورىدى؛ كەمىنە قەلەم ئىگىسى بۇ ئوقۇتقۇچىغا شۇنداق جاۋاپ بىرىمەنكى « شىن جىلەننى سەنشى خەلقى ئەمەس بەلكى سەنشىدىكى ئاساسلىق غۇجاملار سايلاپ چىققان ».
  كەمىنە بۇ يەردە بو شىلەي، شىن جىلەننى بازارغا سالماقچى ئەمەس، پەقەت جوڭگودا زادىكىم خەلققە ھەققى ۋەكىلىك قىلىدۇ، قايسى خەلق قورۇلتېيى ۋەكىلى قايسى خەلققە ۋە ئۇنىڭ مەنپەتىگە ھەقىقى ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ سورىغىم كىلىدۇ.
  بىزنىڭ خەلق قورۇلتېيى ۋەكىلىمىز بارمۇ؟
  كەمىنە بۇ ئۆمرىمدە جوڭگودا شۇنى ئېنىق كۇرىپ يەتتىمكى، خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغانلار خەلق ئەمەس بەلكى ساپلا ئەمەلدارلار ئىكەن، ھەچقانداق بىر خەلقنىڭ ئۇلارنى بىزگە ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيتىگە ئىگە دىگېننى ئاڭلاپ باقمىدىم، ھەقىقى خەلق بۇنداق دىيىشكە پىتىنالمايدىكەن، دىيىشكە پىتىنغىنى خەلق ئەمەس ئىكەن. تاسادىپىي بىرەر يەرىم ھەقىقى خەلق ۋەكىلى سايلىنىپ قېلىپ، خەلق تەرپتە تۇرۇپ ھەق سۆزلىسە، كىلەركى نۆۋەتتە بىكار قىلىۋىتىدىكەن. خېنەن جوۋزو شەھەرلىك ۋەكىل ياۋ شۇروڭ ئەسلى جاۋزو شەھەرلىك ئېغىر ماشىناسازلىق زاۋۇتىنىڭ ئايال ئىشچىسى بولۇپ ئۇدا 10 يىل مەملىكەتلىك خەلق قورۇلتېيى ۋەكىلى بولغان، كىشىلەر ئۇنى « پۇخرالارنىڭ باۋ چىڭتەنى » دەپ تەرىپلەيتى، ئاخىردا يەنىلا « پەرىقلىق » سايلامدا قالدۇرىۋەتتى. پەقەتلا يىغىندا قارشى بەلەت تاشلىمايدىغان، « كومپارتىيە چىرىك ئەمەس پەقەت چىرىك ئۇنسۇرلار كومپارتىيەگە سوقىنىپ كىرىۋالغان، كومپارتىيە ئەڭ ياخشى، كومپارتىيە ئەڭ ئۇلۇغ، پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۇچۇن خىزمەت قىلىدۇ » دەپ قارايدىغان شىن جىلەندەك ۋەكىللەر ئىزچىل خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىكەن.
                                                                        3
  بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا ئازراق ئۆزگېرىش بولغانمىش، ھەقىقى ھۆكۇمەت ئەمەلدارلىرى ( ئۆلكە باشلىقى، ھاكىم، يىزا باشلىقى ) سالاھىيتىدىكى « كۆرسىتىلگەن » ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتى ئازراق تۇۋەنلىگەن، ئىستستىكىغا ئاساسلانغاندا 30 نەچچە پىرسەنتى ئەمەلدار ئىكەن. مىنىڭ بىلىشىمچە قېپقالغان 60 نەچچە پىرسەنت ئىچىدە كۆپ قىسمى يەنىلا ئەمەلداردۇر.
  شىن جىلەننى ئالساق خەت تۇنىمايدىغان ساۋاتسىز بولسىمۇ يەنىلا چاڭجى شەھەرلىك خەلق قورۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، نازارەت دەرىجىلىك كادىر، ئادەتتە نازارەت درىجىلىك كادىر دىگەن ئەلىۋەتتە ئەمەلدار ھىساپلىنىدۇ دىيىشىڭىز مۇمكىن، بۇنىسى ناتايىن، چۇنكى شىن ئاغىچا ئادەتتە ھۆكۇمەتكە ئىشقا بارمايدۇ، پەقەت بىر كەنىت ياچىكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى دىگەن نام ئېسىغلىق بولغاچقا، بەلكىم ئىستاستىكىدا غەيرىي ھۆكۇمەت سالاھىيتىدىكى « خەلق ۋەكىلى » ھىساپلانسا كىرەك، چاڭجى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىگەن نازارەت دەرىجىلىك ئەمەلنى دىمەي تۇرايلى، ئاشۇ ئاتالمىش « كەنىت ياچىيكا مۇئاۋىن شۇجىسى » دىگېنى ئەمەل ھىساپلانماسمۇ؟
  ئەگەر جوڭگو ئەمەلدارلىرىنىڭ خەلققە ۋەكىللىك قىلىش سالاھېيىتى باردىسە، مەن ئۆلسەممۇ ئېتىراپ قىلمايمەن، بۇ خۇددى شەھەر باشقۇرغۇچىلار ئۇششاق ئېلىپ-ساتارمەنگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دىگەنگە ئوخشاش بىرخىل بىمەنىلىكتىن ئىبارەت. ئۇنداقتا جوڭگودىكى ئەمەلدارلارنىڭ زادى خەلققە ۋەكىللىك قىلىش سالاھېيتى بارمۇ؟ ئەگەر كىمدىكىم بەلەت تاشلاش ئارقېلىق ئەلرايېنى سىنىسا، پېقىر چۇقۇم قارشى بەلەت تاشلايمەن، بۇنىڭ سەۋەبى تۇۋەندىكىچە:
  ئاتالمىش خەلق ۋەكىلى ئەمىلىگە قاراپ ئەمەس بەلكى ھېچقانداق قورقۇتىش بولمىغان، ھېچقانداق ئەمەلدارلار ۋەكىل سايلاشقا ئارىلاشمىغان ئەھۋالدا، ئەركىن بەلەت تاشلاش ئارقىلىق سايلاپ چىققان كىشى ھەقىقى ۋەكىل ھىساپلىنىدۇ. مۇشۇ ئۆلچەم بۇيىچە، سالاھىيتى توشقان كىشىنى جوڭگونىڭ خەلق قورۇلتېيى ۋەكىلى سايلاشقا بولىدۇ، مەسىلەن شەھەر پۇخراسى، ئادەتتىكى ئىشچى، ئاددىي دىھقان قاتارلىقلار. گەرچە جوڭگونىڭ مەملىكەتلىك خەلق قورۇلتېيى غەرىپنىڭ پارلامىنتى بولمىسىمۇ، بىراق ئاۋام سايلاپ چىققان پۇخرا خەلققە ھەقىقى ۋەكىللىك قىلالايدۇ، شۇنداق ئىكەن بارلىق ئەمەلدارلارنىڭ خەلققە ۋەكىللىك قېلىش سالاھېيتى يوق دىگەن گەپ.
  ئادەتتە ئەمەلدارلار خەلققە ۋەكىللىك قىلارمۇ؟ ئۇ پەقەت ئەمەلدارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. يوقۇردا دىيىلگەندەك بىر شەھەر باشقۇرغۇچى يايمىكەشكە قانداق ۋەكىللىك قىلسۇن؟ ئۇنىڭ مەخسەت-مۇدداسى يايمىكەش بىلەن بىردەك بولامدۇ؟ بۇ يەردە چوڭ قائىدە سۆزلەش بىھاجەت.
  شۇنى سوراپباقسام، ئاشۇ ئاتالمىش 30 نەچچە پىرسەنتنى ئىگەللەيدىغان ئەمەلدار سالاھىيتىدىكى « خەلق قورۇلتېيى ۋەكىلى » نى دىمەي تۇرايلى، قېپقالغان 60 نەچچە پىرسەنتنى ئىگەللىگەن « خەلق قورۇلتېيى ۋەكىلى » نىڭ قانچىسى يوقۇردا دىيىلگەن سايلام ئۆلچىمى بويىچە سايلانغاندۇ؟ كىسىپ ئېيتىشقا بولۇدىكى بىرسىمۇ يوق. بۇ جوڭگوچىلقتا سەن « قورقۇتىش بولمىغان » بىرەرمۇ سايلام مۇھىتىنى مەڭگۇ تاپالمايسەن. بۇنداق شارايىت ھازىرلانمىغان ئىكەن ئۇنداقتا بىزنىڭ خەلق قورۇلتېيى ۋەكىلىمىزنى ھەرگىز خەلق ۋەكىلى دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ، پەقەت ھۆكۇمەت ئارزۇ قىلغان « يىغىن ۋەكىلى » دەپ ئاتاش ئەڭ مۇۋاپپىق.
                                                                              4
  ئەڭ مۇھىمى، جوڭگونىڭ ئەمەلدارلىرى بولۇپمۇ ھۆكۇمەت ئەمەلدارلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ خەلق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. كومپارتىيەنىڭ تەشكىلى پىرىنسىپتا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگۇچىنى تەكشۇرىش، كۆرسىتىش، ئاشكارىلاش ئارقىلىق ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ياكى قالدۇرىدۇ دىيىلگەن بولسىمۇ، لىكىن ھازىرقى ئەمىلىيەت مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەمەلدارلار ھۇقۇقنى پۇلغا سەتىۋالىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خەلق بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئېسىيادى ئۆزىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئورگانغا چىرايلىق كۆرىنىپ ياخشىچاق بولۇپ، ئەمەل سەتىۋالغان پۇلنى نەچچە ھەسسە خەلقتىن تىرىلدۇرىش تۇرسا، ئۇلار قانداقمۇ خەلققە ۋەكىللىك كىلسۇن!
  يېقىندا ئىنتېرنېتتا كۆپچىلىك سەنشى ئۆلكىلىك پارتىكۇمنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خوۋ ۋۇجى ئۇستىدە بەس-مۇنازىرە قىلدى بۇ ئىش ئاۋامغا شۇنى ئاشكارلىدىكى، خوۋ ۋۇجىنىڭ ۋەزىپىسى توختىتىلغاندىن كىيىنمۇ نۇرغۇن ئەمەل ساتقان. ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ خەۋىرىدە سەنشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۇرىش خادىمىنىڭ دىيىشىچە، خوۋ ۋۇجى نۇرغۇن كادىرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن، « چۇشتىن بورۇن ۋەزىپىسىدىن توختىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان، ئەسلىدە كادىرلار ھۆقۇقىمۇ توڭلىتىلاتتى، بىراق خوۋ ۋۇجى چۇشتىن كىيىن كادىرلار يىغىنى چاقېرىپ زەربىدارلىق بىلەن  100 دىن ئارتۇق كادىرنى ئۆستۇرگەن بولۇپ ئۇلار ئىقتىساد، مەدىنىيەت، ج خ، سوت، تەپتىش قاتارلىق نۇرغۇن ئورۇنغا چەتىلىدىكەن». ئۇندىن باشقا خوۋ ۋۇجى ئەنزە بىجىرگۇچىلەرگە « ئەگەر مەندىن چاتاق چىقسا، سەنشىدىكى نۇرغۇن ئەمەلدارلار ماڭا ئەگىشىپ موللاق ئاتىدۇ، ئۇلار 200-300 دىن كەم ئەمەس » دەپ تەھدىت سالغان. كىيىنكى ئەنزىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر سالساق ئاخىردا ئاشۇ 200-300 نەپەر « دۆلەتنىڭ بايلىقى » نى قوغداپ قالالمىغان. بۇنداق ئەھۋال غەرىپتىكى دىمۇكىراتتىك دۆلەتلەردە ھەرگىز مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.
                                                                       5
  ئەمەلدارلارنىڭ ئەمەل سېتىشتىن باشقا، ئاۋامنىڭ نەزىرىدە پۇتۇنلەي ئىشەنچىسى يوقالدى، ئىككىيىل بورىن خەلق گىزىتى « ھەسرەتلىك ئېچىنىش » دىگەن تىمىدا « بۇگۇنكى جوڭگو پۇخرالىرىدا ھۆكۇمەتكە قارىتا ئومۇميۇزلىك « ئىشەنمەسلىك » شەكىللەندى، سەۋەبى ھۆكۇمەت ئەمەلدارلىرى ئاۋامنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالدى، نىمە ئۇچۇن ھەريىلى نۇرغۇن ئامما بىيجىڭغا ئەرىزگە بارىدۇ؟ بىرىنجىدىن يەرلىك ئەمەلدارلار ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەلقىلمىغان، ئىككىنجىدىن ئاشۇ ئەرىزقىلغۇچىلار ئاللىبورۇن يەرلىك ئەمەلدارلارغا ئىشەنمەس بولغان » دەپ خەۋەر بەردى.
  ئەلىۋەتتە ئەمەلدارلار ئىشەنچ دەرىجىسىنى يوقاتسا، پۇخرالار ئىشەنمىگەن تەقدىردىمۇ بەرىبىر موللاق ئاتىدۇ، بۇ يەردىكى مەسىلە كۆپلىگەن ئەمەلدارلار نەزىرىدە خەلقنىڭ دۇشمەنگە ئايلىنىپ قالغانلىقى. يېقىنقى يىللاردا شەھەرنى چېقىش ئىشلىرىدا، پۇخرا بىلەن ھۆكۇمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ تىركىشىشى « ھايات-ماماتلىق » دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى، بىر شەھەرنىڭ ئاساسلىق باشلىقى سىياسىي نەتىجە ئۇچۇن، شەھەرنى ئۆزگەرتىشتە پۇخرا بىلەن توقۇنىشتىن خالىي بولالمىسىمۇ، ئاقىۋەتتە يەنىلا بىچارە پۇخرالار باش ئىگىۋاتىدۇ، بۇ خىل تىركىشىشتە ئەمەلدارلار دائىم پۇخراغا دۇشمەندەك مۇئامىلە قىلىدۇ، چۇنكى پۇخرالار ئۇلارنىڭ نەتىجە كۆرسىتىشىگە تەسىريەتكۇزگەن. بۇنداق ئىشتا چىڭدۇدىكى تاڭ فۇجىن ئۆزىنى كۆيدۇرىپ قىممەتلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، شۇ جايدىكى يەرلىك ھۆكۇمەت ئەمەلدارلىرى پەيلىدىن يانماي، تاڭ فۇجىن ئۆزىنى كۆيدۇرىۋالغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئائىلىسىكىلەرنى سولاپ قويغان. يەنە تەخى چوڭچىڭ شەھرى جاڭجىن رايۇنلىق پارتىكۇم شۇجىسى ۋاڭ يىنفىڭ تەپتارتماستىن « مانىبۇ ھۆكۇمەت بىلەن قارشىلاشقاننىڭ ئاقىۋىتى » دىگەن، ئۇندىن باشقا لاۋنىڭ ئۆلكىسى پەنجىن شەھرىنىڭ باشلىقى سۇن گوشاڭ بىرقېتىملىق يىغىندا ئۇچۇق-ئاشكارە « پۇخرالارغا مۇئامىلە قىلىشتا رەھىمسىز بولۇپ، ئۆلتۇرىشكە تىگىشلىكنى ئۆلتۇرىش كىرەك! » دەپ جارسالغان.
  مانىبۇ خەلقنى دۇشمەن كۆرىشتىنمۇ نەچچە ھەسسە ئېشىپكەتكەنلىك، مەن كۆرگەن يېڭى ئىشلەنگەن « قىزىل قوياش » دىگەن تىلىۋىزىيە تىياتىردا گومىنداڭنىڭ مەغلۇپ بولغان گېنىرالى جاڭ لىڭفۇ « پىرقە دۆلەت ئۇچۇن » ئۆزىنى ئۆلتۇرۋالىدۇ، كومپارتىيە ئارمىيەسى مىڭلاڭافۇنى ئىشغال قىلغاندىن كىيىن، ئازاتلىق ئارمىينىڭ چوڭ باشلىقى « ياخشى تاۋۇت تەپىپ، ياپونغا قارشى قەھرىمان گىنىرال جاڭ لىڭفۇنى دەپنى قىلىڭلار » دەپ ئىنسانپەرۋەرلىكنى ئىپادىلەيدۇ. مەن شۇنى ھېچ بىلمىدىم شەھەر باشلىقى سۇن گوشاڭ شۇ جايدىكى خەلققە نىمانچە ئۆچلىك قىلىدۇ؟ مۇشۇنداق ئادەم خەلق ۋەكىلى بولسا ئەڭ ئەقەللىسى خەلققە ئاپەت بولماسمۇ؟
  بىراق ئەمەلدارلار بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ بۇنداق قېلمىشىنىڭ ئاقىۋىتى ۋەكىللىك سالاھىيتىنى پۇتۇنلەي يوقىتىدۇ، نىمە ئۇچۇن ھەرقانداق بىر ئاممىۋى سورىندا، پەقەت ھۆكۇمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىشەملىكى ئاممىۋى ھادىسە پەيدا قېلىپ ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ؟ بۇنداق ھادىسە غەرىپتىكى دىمۇكېراتىك جەمىيەتتە ھەرگىز يۇزبەرمەيدۇ، شۇنداقلا خەلىقنى دۇشمەن دەيدىغان كىشى ھەرگىز شەھەر باشلىقى بولىشى مۇمكىن ئەمەس.
                                                          6
ئۇنداقتا كىم خەلققە ھەقىقى ۋەكىللىك قىلىدۇ؟
  خەلق دىگەن نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان توپتىن تەشكىللەنگەن بولىدۇ، ھەرقانداق بىر توپنىڭ باشقا بىر توپقا ۋەكىللىك قىلىش سالاھېيتى بولمايدۇ، شۇنداقلا مۇشۇ توپ ئىچىدىكى ئاتالمىش ئەمەلدارنىڭ مۇشۇ توپقا ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيتىمۇ بولمايدۇ، مەسىلەن يېزىلاردا ھەقىقى دىھقانلار ۋەكىلىنى سايلاش ئۇچۇن، چوقۇم ئاشۇ ئېتىزدا ئىشلىگەن ئەمگەكچىلەر توپى ئىچىدىن، ئەركىن بەلەت تاشلاپ سايلىغان ۋەكىللا ھەقىقى دىھقانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن ھەممىسى ئالدامچىلىق خالاس.
   كىمنىڭ خەلققە ھەقىقى ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى خەلققنىڭ كۆڭلىگە ئايان. يوھانمىر « پارلامېنىت تۈزۈمىدىكى ھۆكۇمەت » دىگەن كىتاۋىدا « ھەربىر سايلىغۇچى ئۆز ۋەكىلى بىلەن بىردەك بولىشى، ۋەكىلمۇ سايلىغۇچى بىلەن بىردەك بولىشى لازىم، شۇنداق بولغاندا سايلىغۇچى ئۇنىڭ ئۇچۇن بەلەت تاشلايدۇ ياكى پارلامىنىت ئەزالىرى ئىچىدىكى ئىقتىدار، پەزىلەت جەھەتتە ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دىگەن بىرىگە بەلەت تاشلايدۇ» دىگەن.
  بىز گەرچە 21-ئەسىردىكى ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويغان بولساقمۇ، بىراق جوڭگودىكى سانسىزلىغان كىشىلەر بىيجىڭدىكى « خەلق سارىيى » دا ئولتۇرغان نەچچىمىڭلىغان ئاتالمىش « خەلق قورۇلتېيى ۋەكىلى » نىڭ ئىچىدىكى قايسى بىرىنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەتىگە ھەقىقى ۋەكىللىك قىلىشىنى ئەسلا بىلمەيدۇ، مۇشۇ ماقالىنى يازغان كەمىنە قەلەم ئىگىسىمۇ بىلمەيمەن. مانىبۇ جوڭگو خەلقىنىڭ تابۇگۇنگىچە ھەقىقى دىمۇكىراتتىيە، ئەركىنلىكنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقىدىكى تۇپكى سەۋەپ. شۇنىڭ ئۇچۇن جوڭگودا ھەقىقى خەلقنىڭ ۋەكىلى يوق!

مەنبە:
  http://www.21ccom.net/articles/d ... /article_78894.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-21 08:44  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
20408
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-21
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشەنمەسلىك جوڭگونىڭ جەميەت تېمىغا ئايلاندى
بېرلىن تېمى ئۆرىۋىتىلگەندىن كىيىن مەيلى غەرىپ ئىلىم ساھاسىدىكىلەر بولسۇن،ياكى سىياسى ساھادىكىلەر بولسۇن، جوڭگونىڭ ناھايىتى تېزلا شەرقى ياۋرۇپا كومىنىزىمچىلىرىنىڭ قالدۇققىغا ئايلىنىدىغانلىقىغا بىردەك ئىشەنگەندى. ئەينى چاغدا ئامرىكا زۇڭتوڭى كىلىنتون ئالدىن پەرەز قىلىپ: ئەركىنلىك جوڭگودا چوقۇم غەلبە قىلىدۇ، كومىنىزىم چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ دىگەندى. ئەمىليەتتە بۇ يۈز بەرمىدى،ئەكسىچە بېرلىن تېمى ئۆرىۋىتىلگەندىن كىيىن جوڭگو سوۋىت ئىتپاقى ۋە شەرقى ياۋرۇپا كومىنىزىمچىلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان يولدا ماڭدى. ئىچكى جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ پارتىيە ھۆكىمەت ۋە جەمىيەت ئۈچۈن زور ماددي مەنپەئەت ئېلىپ كىلىش بىلەن بىرگە ئىختىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ پارتىيە ۋە ھۆكىمەتنى يىتەرلىك يېڭى ، قانۇنلۇق بايلىق مەنبەسى بىلەن تەمىنلىدى.
جوڭگودا بېرلىن تېمى مەۋجۇت ئەمەس، بىراق كۆپ يىللىق يوقرى سۈرئەتلىك تەرەققىيات جەريانىدا كىشلەر تەئەججۇپلۇق ئىچىدە كۈنسىرى قېلىنلىشىۋاتقان تامنى بايقاشتى. بۇتام پولات -چىۋىق بىتونلاردىن ياسالغان ئەمەس،بەلكى يوقرى دەرىجىلىك  ئىشەنمەسلىكتىن ھاسىل بولغان جەمىيەت تېمىدىن ئىبارەت.بۇتاملار جەمىيەتنىڭ ھەربىر ئىجدىمائى توپىدا ، رولىدا ، ھۆكۈمەت بىلەن خەلىق ئارىسىدا ، كاپىتال بىلەن خەلىق ئوتتىرىسىدا،نامراتلار بىلەن بايلار ئارىسىدا ،،،،،، مەۋجۇت.
تامنىڭ پەيدا بولىشى ۋە ئىشەنىچنىڭ يوقىلىشى ئاللىقاچان تېخىمۇ كۆپ ساھەگە يامراپ جوڭگو جەميىتى سىياسى تۇرمۇشىنىڭ نورمال يۈرىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا. ئىشەنىچ بولمىغان ئىسلاھاتتا ئۈنۈم بولمايدۇ. ھېچكىممۇ بۈگۈنكى جوڭگو جەمىيىتى دۇچ كىلىۋاتقان چەكسىزلىك مەسسىلىسىنى ئىنكار قىلالمايدۇ،ھەم بۇ مەسىلىلەرنى ئىسلاھات ئارقىلىق يىڭەلەيدىغانلىقىنى ۋە ھەل قىلالايدىغانلىقىنى ئىنكار قىلالمايدۇ. بىراق مەسىلە شۇ يەردىكى جەميەتنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىزلىكى ھەرقانداق ئىسلاھاتنى قىيىنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ھۆكۈمەت ھەرقانداق ئىسلاھات ئەمىلىيىتىدە،مەيلى ئختىسادى ئىسلاھاتتا بولسۇن،ياكى جەمىيەت ئىسلاھاتىدا بولسۇن، ۋەياكى مائارىپ ئىسلاھاتىدا جەميەتنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىيالمايدۇ،بەلكى كۆپلىگەن گۇمانسىراش ،سوغوق مۇئامىلە ھەتتاچەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.
جەميەتنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىزلىكى ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشتىكى تەجىربىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ.جوڭگونىڭ ئىسلاھات سىياسىتى ئەزەلدىن يوقىرىدىن تۆۋەنگە ،جەمىيەت بولسا تامنىڭ سىرتىدا ، ئەسلىدىنلا سىياسەت تۈزۈش پۇرسىتى يوق. مەيلى سىياسەتنىڭ تۈزىلىشى بولسۇن ياكى ئىجرا قىلىنىشى بولسۇن ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مەمۇرلىرىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بولىدۇ. پارتىيە ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى ئۆزىنى قورغانغا سولىۋېلىپ ،جەميەتتىن ئايرىلىپ تۈزگەن ئىسلاھات تەدبىرلىرى قانداقمۇ جەميەتنىڭ ھەققىقى ئىھتىياجىنى ئەكىس ئەتتۈرەلىسۇن؟
ئىسلاھات ئەسلىدىنلا كىشلەرگە ئۆمۈد ئەككىلىدۇ،بولۇپمۇ ئادەتتىكى كىشلەرگە. بىراق تەجىربىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ، ھەربىر قېتىملىق ئىسلاھات كەڭ ئۆلچەمدىن خەلىقنىڭ ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىشىغا نىسبەتەن دىلغۇللۇق ھىسياتىنى ئاشۇرۇدۇ. جەمىيەت ئىسلاھات ئارقىلىق تىخىمۇ كۆپ ھوقۇققا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. لىكىن ئەمىلىيەتتە ئىسلاھات خەلىقنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋالىدۇ. نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ قارىشىچە ئىسلاھات قانچە كۆپ بولسا كىشلىك ئاساسى ھوقۇق بۆلۈنۈپ كىتىدۇ.مەسىلەن : كىشلەرنىڭ خىزمەت تېپىشىنىڭ تەسلىشىپ كىتىشى ياكى تاپالماسلىقى ،خىزمەت قىلىش ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان، يەنە نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي سېتىۋالالماسلىقى ، تۇرۇش ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان، يەنە نۇرغۇن كىشلەرنىڭ مائارىپ سىستىمىسىنىڭ سىرتىدا قېلىشى ، مائارىپ تەربىيىسى قوبۇل قىلىش ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان،،،،،،
ئىشەنىچ كەمچىل بولغاندا قانۇنىي تۈزۈملىك جەمىيەتنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشى مۇمكىن بولمايدۇ. ئىسلاھات ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن كىشلەر قانۇن -تۈزۈمنىڭ ئىختىسادى ئاساسىنىڭ ئختىسادى بازار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. شۇڭلاشقا قانۇن -تۈزۈملۈك جەمىيەت قۇرۇش ئۇقۇمى ئوتتىرىغا قويۇلغان. لىكىن كىشلەر ئىختىسادى بازارنىڭ ماھىيىتى قانۇنى -تۈزۈمنى بارلىققا كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى ،قانۇن -تۈزۈمدىنمۇ مۇھىم بولغان جەمىيەتنىڭ ئاساسى ، يەنى ئىشەنىچنى ئۇنتۇپ قالغان. بىراق جوڭگودىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت بىلەن كاپىتال ئوتتىرىسىدىكى ئىتپاقلىق ئاللىقاچان جەمىيەت ئىشەنچىسىنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۇپ چىقاردى. قانۇن-تۇزۈملىك جەمىيەتنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى بىر ئۇلۇغ سىياسەتچىنىڭ ئادەم بىلەن باشقۇرىدىغان جەمىيتىگە بولغان تەلپۈنىشى تەبىئي ئەھۋال. ماۋزۇدۇڭ مانا مۇشۇنداق شارائىت ئاستىدا قايتىدىن<تۇغۇلغاندى>
ئەگەر ئۇنىڭدەك ئۇلۇغ ئادەم پەيدا بولمىسا ئۇھالدا جەمىيەت ئۆزىگە مۇراجەت قىلىدۇ دە: جەمىيەتنىڭ موقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بىر دۆلەتنى ھوقۇق ، كاپىتال ، جەمىيەت دەپ ئايرىساق ئۇھالدا ھەرقانداق تەشكىلىي تۈزۈم ئاستىدا جەمىيەت ئەڭ ئاجىز بىر قىسىمى . ھوقۇق ئۆزىنى قوغدىيالايدۇ، كاپىتالمۇ ئۆزىنى قوغدىيالايدۇ.دەل مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا جەمىيەت چوقۇم قوغدىلىشقا مۇھتاج. جەمىيەت نىمە ئۈچۈن قوغدىلىشقا مۇھتاج؟ ناھايىتى ئاددى ،ئاجىز بولغان جەمىيەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھوقۇقىنى يوقىتىدىكەن ، جەمىيەت قالايمىقانلىشىدۇ. ئىنسانلار تارىخىدىكى قالايمىقانچىلىق بولسا جەمىيەتنىڭ ئۆزىنى ئۆزى قوغدايدىغان مۇھىم ۋاستىسى . جوڭگو جەميىتىدىكى سانسزلىغان دىھقانلار قوزغىلىڭى دەل بۇخىل ئەھۋالنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىپادىسى.
بىر پولات بىتون تامنى ئۆرىۋېتىش ئۈچۈن ئاددى مىخانىكىلىق كۈچ لازىم، لىكىن قېلىن جەمىيەت تېمىنى ئۆرۈپ تاشلاش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس. لىكىن بۇ  تاملارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ئەلۋەتتە پارتىيىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئامانلىقى ،سىياسى پىروگىراممىغا،جەمىيەت موقىمىقىغا ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ . جوڭگونىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر بۇنى سەگەكىلىك بىلەن تونۇپ يەتتى .ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىشتىن ،ئۈچكە يېقىنلىشىشكىچە ، خەلىق دىمگۇراتىيىسى قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئاساسى تىمىسى ھۆكۈمەت ، كاپىتال ۋە جەمىيەت ئوتتىرىسىدىكى قېلىن تامنى ئۆرۈپ تاشلاشتىن ئىبارەت.
لىكىن ئەمىليەتتە ، مەنپەئەتنىڭ قۇربان قىلىشى ئاستىدا بۇتاملار يەنىمۇ ئىگىز ،يەنىمۇ قېلىنلاشتى ،ئەگەر جەمىيەت ھوقۇقى بولمايدىكەن،تامنى چېقىشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ ھوقۇق ۋە كاپىتال بىرلەشكەندە جەمىيەتنىڭ تاللىشى قانداق بولىدۇ؟ ئەگەر بۇ قېلىن تاملار ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىقىلمايدىكەن،ئۇ ھالدا جەمىيەت غەزەبلىندۇ دە: بۇ قېلىن تام لارنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ!
مەنبە : سۇمرۇغ ھەپتىلىك ژورنىلى 2009-يىللىق 36-سان ئاپتۇر : جېڭيوڭ نىيەن
تەرجىمىدە : ئويتاغ


UID
9190
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
47
تىزىملاتقان
2011-2-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-24
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
جەمىيەتنىڭ ھاكىميەتكە قارىتا ئىشەنچىسى يوقالغانلىقىنى دىمەيلا قويايلى ، كىشى بىلەن كىشى ئوتتۇرسىدىكى ئىشەنچمۇ ئاللىبۇرۇن كۆپۈككە ئايلاندى.
لىكىن مىللىتىمىز ئارىسىدىكى ئۇزۇن يىللىق ئۆرپ ئادەت ، ئادىمگەرچىلىك ، بولۇپمۇ يىڭى ئېقىمدا، يىڭى شەيئى ئارىسىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش، ياردەم قىلىش، ھېسداشلىق قىلىش ئۇقۇملىرى تېخىمۇ تاكامۇللاشتى.
كۆز تەگمىسۇن.

باھا سۆز

ئادىلەخان  ئورۇنلۇق.  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

UID
18011
يازما
29
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
149
تىزىملاتقان
2011-12-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-24
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرنىمە بولسا تەرجىمە قىلغاننىمۇ بولسا تەستىقلاپ بىرىپتۇ ئۈمىدۋار ئەپەندىم

UID
25197
يازما
34
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2012-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-24
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدىن بارغانلار،دىلنار ئابدۇللا،يەنە باشقا ئاياللار.دىلنار ئابدۇللادەك مەسئۇلىيەتسىز ئانىلارنى تىلغا ئالمايلا قويايلى،ئۇلارنىڭ لايىھىسى ھەقىقەتەن خەلقنىڭ كۈتكەنلىرىمۇ؟

UID
11028
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
71
تىزىملاتقان
2011-5-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-23
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى ۋەكىللەرنىڭ لاتا قونچاقتىن قىلچە پەرقى يوق ،ئۇلار خۇددى شاتۇتقا ئوخشاش ئۆگەتكەننى يادىلاپ بىردۇ خالاس!

UID
47658
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2013-3-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-22
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزىمىزگە ئۈزىمىز ۋەكىللىك قىلمىز .

UID
44014
يازما
49
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
49
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-24
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مەن خەلىققە ۋەكىللىك قىلىمەن،ھەم ماڭا ئوخشاش يۇرتداشلىرىم مىللەتداشلىرىم جۇڭگو خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىمىز،...

قايسى ۋاقىاتلاردىدۇر بىر باشلىقنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئاڭلىغانتىم،،خەلىقنىڭ پىكىرى خاتا،ھەم بىزگە پايدىسىز، بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر خەلىقنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىمىز،،،مۇشۇ گەپنى قايسى باشلىقنىڭ قىلغىنى ئىسىمدە يوق،بىر گىزىتتىن كۆرگەنتىم،،لىكىن ئەينەن ئەھۋال خەلىقنىڭ يوللۇق بولسىمۇ ھۆكۈمەت خەلىقنىڭ پىكىرىگە پىسەنت قىلىپمۇ قويمايدۇ،،،ھەي ناھەقچىلىق

باھا سۆز

ئادىلەخان  مۇستەبىتلىك.  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

Rank: 8Rank: 8

UID
47261
يازما
45
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-23
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
iminov يوللىغان ۋاقتى  2013-3-21 20:44
بىزدىن بارغانلار،دىلنار ئابدۇللا،يەنە باشقا ئاياللار ...

بادام دوپپا، ئەتلەس كۆينەكنى كىيىۋاپ، ئولتۇرۇپ بەرسىلا ھېساب ئەمەس. ئۆز قىزىنىڭ تەربىيلىنىشىگە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان سەنئەتچى قانداقمۇ .............................................

تەبىئىي.

UID
28222
يازما
97
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
97
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-23
توردا
43 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
..........................................................................................................!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
سۇلاپ قۇيىدىغان ئىش بىزنىڭ يۇرتتىلا بارمىكىن دىسەم ،ئىچكى ئۆلكىلەردىمۇ بارئىكەن ئەمەسمۇ ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش