- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 457
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 8481
- تىزىملاتقان
- 2010-7-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-28
- UID
- 3725
- يازما
- 457
- تېما
- 10
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 8481
- تىزىملاتقان
- 2010-7-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-28
- توردا
- 124 سائەت
|
جەميىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىگە ئەگىشىپ ،كىشىلەرنىڭ بىلىم ئېلىشى قىزغىنلىغى ئاشتى.جەمىيەتتە بىلىمسىز، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئادەملەر ،جەمىيەتىنىڭ قاتتىق بۇران چاپقۇنلىرىدا ئاز بولمىغان رىيازەتلەرنى چەكتى. بىر قېسىم كىشىلەر ئۆزىنى تەربىيەلەشكە سەل قارىماي ئىزدىنىپ كەلدى.پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ مۇھىملىغىنىى بىلگەن كىشىلەر بالىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بېرىۋاتىدۇ .بەزىلەر بالىلىرىنى دەرس تەكرارلاش سىنىپلىرىغا ئاپرىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىدى ، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتە ئۆتۈلگەن دەرسىلەرگە يېتىشىپ مېڭىش ياكى ئالدىدا مېڭىش ئىدى.بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىدە ئىلگىرلەش بولغان بولغان بولسىمۇ ،لىكىن بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەش بولمىدى.ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ئۈچۈن زادى قايسى ئۇسۇلىنى قوللانسا بۇلىدىغانلىغىنى سىنىپ مەسئۇلى ياكى شۇ پەن دەرسى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلاربىلەن مەسلىھەتلەشكەندە،ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا شۇ ئوقۇغۇچىنى چۈشىنىدىغان ئادەم يىتەكچىلىك قىلسا، بالىغا نېسپەتەن تېخمۇ ياخشى بۇلىدۇ دىگەن پىكىرنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن بەزى ئوقۇتقۇچىلار، دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا ھەقلىق تەكرار قىلىپ بېرشىكە باشلىدى.بىزنىڭ دىيارىمىزدا ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ئىشلار تېخى قىلپلاشمىغان بۇلۇپ ،پەقەت مۇشۇ شەرتنى ھازىرلىغان كىشىلەر ئۆز ئالدىغا ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.ئۈرۈمچى شەھىرىنى مىسالغا ئالساق تەڭرىتاغ رايۇنىدا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ھەر بىر سىنىپتا 60دىن 70كىچە بالىلار ئوقۇيدۇ.سنىپتا ئوقۇغۇچى كۆپ. ئۇلار ئادەتتە مەكتەپتە، ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتگەن يەتتىدىن چۈشتىن كىيىن ئۈچ يىرىمىغىچە تۇرىدۇ.مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلار ئىشتىن چۈشكىچە بولغان ئارلىقتا ياكى بولمىسا يېقىن ئەتراپتىكى ئۆيلىرىدە ئۇلارغا ھەقلىق يىتەكچىلىك قىلىپ بېرىدۇ.جەمىيەتتكى كىشىلەرنىڭ بۇ ئىش توغرىسىكى كۆز قارىشىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بۇ يازمىنى يوللىدىم.
مەنبە :ئۆزەم |
|