- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 12
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 12
- تىزىملاتقان
- 2013-3-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-13
- UID
- 46756
- يازما
- 12
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 12
- تىزىملاتقان
- 2013-3-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-13
- توردا
- 11 سائەت
|
ئاتا ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى، ئانا ئائىلىنىڭ جەنىنىتى. بۇ جەننەت ھۇزۇرىدا ياشاۋاتقان ئوماقلارنى تەربىيەلەش ئاتا-ئانىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى ۋە ۋەزىپىسى.
ھازىرقى كۈنلەردە خىزمەت بېسىمى ھەممىزنىڭ پۇت قولىنى يەرگە تەككۇزمەيلا يۇگۇرتۇپلا يۇرۇيدۇ. قايسىمىزنىڭ بالىمىزنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلگىمىز يوق. بۇنىڭغا ھەمىمىزنىڭ بېرىدىغان جاۋابى ئوخشاشقۇ!؟
مۇشۇ بىر مەزگىلىدە بالىلار پىسخولوگىيىسىگە دائىر بىر قىسىم كىتاپلارنى كۆرۋېتىپ، سىپەنسىېر جونسون ( ئامىرىكا) نىڭ يارەيسەن بالام دىگەن كىتاپى ماڭا بەك تەسىر قىلدى. بۇ سىناقنى بالىلىرىمغا ئىشلىتىپمۇ باقتىم. نەتىنجىدە بۇنىڭ ھەقىقەتەن ئۈنۈمى بارلىقىنى ھېس قىلىپ، كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللۇدۇم. ھەرقايسىڭلارنىڭ سىناپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار:
تەجىرىبىڭىزدىن بىلىسىزىكى، بىر مىنۇتتىلا لىياقەتلىك ئاتا-ئانا بولغىلى بولمايدۇ. ئەمما، بالىڭىز بىلەن مەلۇم ئۇسۇل ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرسىڭىز، بىر مىنۇتتىلا بالىڭىزنى ئۆزىڭىز سۆيىدىغان، ياخشى بالا بولۇشقا رازىمەنلىك بىلەن تىرىشىدىغان قىلۋېتەلەيسىز.
ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇسۇللار ناھايتى ئاددىي، ھەتتا ئۇلارنىڭ راستىنلا ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەي قالىسىز.
ئۇنداقتا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان باشقا ئاتا-ئانىلارغا ئوخشاش بۇ كىتاپتا تونۇشتۇرۇلغان ئۈچ خىل پىكىر ئالماشتۇرۇش ماھارىتىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئۆيىڭىزدە بىر ئاي قوللىنىپ بېقىڭ، ئاندىن بۇ ئۇسۇلار توغرىسىدا خۇلاسە چىقىرىڭ.
شۇ چاغدا بالىڭىزنىڭ يۇرۇش-تۇرۇشىدا ئۆزگىرىش بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىسىڭىز، بۇ ئۇسۇللارنىڭ ئۈنۈم بەرگەن-بەرمىگەنلىكىگە ئۆزىڭىز ھۆكۈم قىلالايسىز.
كېسىپ ئېيتالايمەنكى، سىزمۇ ماڭا ۋە باشقا ئەمەلىيەتچىل ئاتا-ئانىلارغا ئوخشاش، بالىلارنىڭلا ئەمەس، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ نوقتىسىدىنمۇ بۇ ئۇسۇلنىڭ ھەقىقەتەن ئۈنۈم بەرگنلىكىنى ھېس قىلالايسىز.
دوكتور سىپەنسىېر جونسون
بالىڭىزنى ياخشىش تەربىيەلەشتە تۆۋەندىكى ئۈچ نىشان بويىچەتەربىيەلەپ سىناپ بېقىڭ.
1. بىر مىنۇتلۇق نىشان
2. بىر مىنۇتلۇق ماختاش
3. بىر مىنۇتلۇق تەنقىد
بىر مىنۇتلۇق نىشان
تۆۋەندىكىلەرنى قىلالىسىڭىزلا بىر مىنۇتلۇق نىشان ئائىلىدە ناھايتى ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ:
1) ئېنىق ئائىلىۋى نىشان‹‹ بىزنىڭ نىشانىمىز›› ۋە ‹‹شەخسى نىشانىم›› دەپ بېكىتىپ بېقىڭ.
2) ئىمكانقەدەر ئورتاق قارار چىقىرىپ، ھەممەيلەنگە ئائىلىدىن ئۆزى خالىغان نەرسىگە ئېرىشكەندەك تۇيغۇ بەرسەك.
3) ھەممەيلەن ئۆز ئالدىمىزغا بىر ۋاراق قەغەزگە 250 خەت ئەتراپىدا نىشانىمىزنى يازساق- بۇنداق قىلغاندا نىشانىمىزنى بىر مىنۇت ئەتراپىدىلا قايتا ئوقۇپ چىقالايمىز.
4) يازغان نىشانىمىز ناھايتى كونكىرىت بولۇپ، ئارزۇيىمىز نىمە، قاچان ئەمەلگە ئېشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز دىگەنلەر ئېنىق چۈشەندۈرۇلسە. ‹‹ مەن ئاللىقاچان....قىلىپ بولدۇم، مەن ھازىر.......قىلۋاتىمەن، ئۇنىڭغا......غىچە يېتىمەن›› دېگەنلەر ئېنىق بولسا.
5) ھەممىمىز دائىم ئۆزىمىزنىڭ نىشانىمىزنى ئوقۇپ، ئۇنى پىكىر قىلىش ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرساق.
6) دائىم بىر مىنۇت ۋاقىت ئاجىرىتىپ، نىشانىمىزنى ئەسلەپ، ھەرىكىتىمنىڭ نىشانىمغا ماس كەلگەن-كەلمىگەنلىگىنى تەكشۈرۇپ تۇرسام.
7) بالىلىرىمنىمۇ مۇشۇنداق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرسام.
8) ھەر ھەپتىدە خوشال-خورام جەم بولۇپ، ئائىلىمىزدە قانداق ئىلگىرلەشلەر بولغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىشساق.
قېنى تورداشلار ئاۋال بۇنى كۆرۇپ باقسا، ناۋادا تېمىغا قىزىقسا داۋامنى يوللاي.
سىپەنسېر جونسىوننىڭ ‹‹يارايسەن بالام ›› دىگەن كىتاپىدىن |
|