تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2362|ئىنكاس: 14

خەيتاڭ سەۋەبىدىن شىنجاڭ كوماندىسى ۋاز كەچمەكچى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
47232
يازما
18
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-23
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 14:38:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     2013-يىللىق جۇڭگۇ  Bبىرلەشمىسىنىڭ تىزىملاش  ئىشلىرى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ھازىرقى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا خەيتاڭ گۇرۇھى مەبلەغ بېرىشتىن ۋاز كەچكەنلىكى ئۈچۈن، شىنجاڭ  (ئەسلىدىكى تاشئالما) كوماندىسى مەبلەغ قوللىغۇچى ئورۇننىڭ چىقىشىنى كۈتىۋىتىپتۇ. شىنجاڭ كوماندىسى بۇلتۇر مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،  2013-يىللىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشدىغانلىقى  ئۈچۈن   Bبىرلەشمىگە داۋاملىق قاتنىشىدىغان بولغان ئىدى. ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدا خەيتاڭ گۇرۇھىنىڭ ۋاز كېچىشى سەۋەبىدىن. كوماندا ئەڭ چوڭ مەبلەغ مەسلىسىگە دۇچ كەلمەكتە. 20-چىسىلا Bبىرلەشمىنىڭ قاتنىشىدىغان كوماندا تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ. ئەگەر بۇ 7كۈن ئىچىدە دىيارمىز كوماندىسىنى قوللايدىغان بىرەر ئورۇن چىقمىسا، بۇيىللىق Bبىرلەشمىدىن چېكىنىپ چىقىشى تۇرغانلا گەپ. ئەگەر شۇنداق بولسا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدىن ئۇيۇشما لوڭقىسى بىلەن تەنھەرىكەت يىغىنىلا قالدى.  
    شىنجاڭ  كوماندىسى  3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۆز مەيدانىدا جىياجۇكەي كوماندىسى بىلەن ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ  1-ئايلانما شاللاش مۇسابىقىسىنى ئوينايدۇ. غەلبە قىلغان كوماندا 2-ئايلانمىغا قەدەم قويىدۇ!
    4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە جىياڭسۇنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە 2013-يىللىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى پۇتبول تاللاش مۇسابىقىسگە قاتنىشىدۇ.
    20ياشلىقلار گۇرۇپپا ئەھۋالى  (شىنجاڭ تاشئالما 4-ئۇرۇققا بۆلۈنگەن.)
       جىياڭسۇ رايۇنى (D)   بېيجىڭ       جېجياڭ          جىياڭسۇ            شىنجاڭ

       يەنە بىر 18ياشلىقلار كوماندىسىمۇ تاللاش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ
    18ياشلىقلار گۇرۇپپا  ئەھۋالى  (شىنجاڭ كوماندىسى 4-ئۇرۇققا بۆلۈنگەن)
      جىياڭسۇ رايۇنى (B)     جېجياڭ      جىياڭسۇ        جىلىن           شىنجاڭ  
      
       شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىن بۇ قېتىم 2كوماندا ئەۋەتكەن

  تۆۋەندىكىسى Bبىرلەشمىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلارنىڭ تىزىملىكى (1-ئايدىكى تىزىملىك، مۇقىم تىزىملىك 20-چىسىلا چىقىدۇ)
    1.شىنجاڭ ياشلار كوماندىسى (ئەسلىدىكى تاشئالما)؛  2.ئىچكى موڭغۇل كۆكخوت شەرق كوماندىسى؛  3.شەنشى لاۋمەنچىڭ؛ 4.شەنشى داتەي
5.جىياڭشى لىيەنشىڭ؛  6.كۈنمىڭ تولۇڭ؛  7.شىنجىن فېڭپېڭ؛  8.چىڭخەي سېنكى؛  9.تىيەنجىن پاراۋۇز بېشى؛  10.خېبىي جۇڭجى؛  11.بېيجىڭ يىتۇڭ؛  12 . شەندۇڭ پۇتبولى (ياشلار)؛  13.شەندۇڭ پېڭدىڭ؛  14.بېيجىڭ سەنگاۋ؛  15.گەنسۇ ئاۋشىن؛  16. لىياۋنىڭ پەنزاۋشۈي؛  17.يۈننەن لىيجاڭ؛  18.سەنشى چىتەي؛  19.شاڭخەي جۇڭباڭ؛  20.مېيجۇمېيشەن.(ئۆلكىلىك ناھىيە كوماندىسى ئوخشايدۇ).  21. چىڭخەي سۇ كالىسى  قاتارلىقلار...  



ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
28597
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-1-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-13
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 18:55:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمسە بۇ ئىشنى ‹‹ئارمان››گۇرۇھى ئويلىشىپ باقسا بولغىدەك

UID
18785
يازما
59
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
59
تىزىملاتقان
2011-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-24
توردا
169 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 19:06:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muhammataziz يوللىغان ۋاقتى  2013-3-13 18:55
ئەمسە بۇ ئىشنى ‹‹ئارمان››گۇرۇھى ئويلىشىپ باقسا بولغىد ...

ئويلاشمايمۇ قالمىغاندۇ،لېكىن «ئارمان»نىڭمۇ باش قاتۇردىغان ئىشلىرى جىق.ھەي،يەنىلا شۇ مەبلەغ مەسلىسىدە...

UID
19641
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-22
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 20:39:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشقا ئۇيغۇر كارخانچىللىرىدىن بىر نەچچىسى بىرلىشپ مەبلەغ چىقارسا بولاتتى .

UID
34583
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 12:23:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ مىللى كارخانچىلار بىرلەشمىسىنىڭ پىلانىدا  پوتپۇل كوماندىسى تەشكىللەشمۇ بار ئىدىغۇ؟؟؟ دەل پەيتى ئىدى !!!

UID
54374
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-3-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 13:08:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇنىڭغا  ئويغۇر كارخانىچىلىرى ئەمەس ھۆكۈمەت پارتىكۇم مەبلەخ  ئاجرىتىشى شەرىت .   شىنجاڭنىڭ پوتپولچىلىقىنى  كارخانىلار تەرەققى قىلدۇرامدىكەن ، ئۇلۇغ مۇتەپپەككۈر شۇجى رەئىسلىرىمىز ئىككى يىغىندىن قايتىپ كىلىپ بۇ ئىش ئۈستىدە چۇقۇم ئويلىشىدۇ . شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە سۇنۇلغان تەكلىپلەر ئىچىدە بۇ تۈر گەرچە بولمىسىمۇ لىكىن بۇنى ئەقىللىق باشلىقلىرىمىز جوزىغا بىر مۇش ئۇرۇپلا ئوڭشايدۇ .

UID
18486
يازما
238
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
238
تىزىملاتقان
2011-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-21
توردا
120 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 13:58:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئىشنى ئارمان گورۇھىغا ئىتتىرىپ قويمايلى قېرىنداشلار ، ئارماننى قوللىشىمىز چاغلىق ، قوللىاقمۇ شۇ قۇرۇق گەپ بىلەن قوللاۋاتىمىز !!

UID
42271
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-12-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 14:05:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئىگىلىك تىكلەپ ئىقتىساد يارتىۋاتقانلارمۇ خىلى كۆپ، بىرلىككە كىلەلىسە ئويلۇشۇپ مەبلەغ مەسلىسىنى ھەل قىلىپ ياخشى تەشكىللەپ بەرسە ئىزىغا چۈشۈپ قالاتتى بۇ ئىشلار،، ئاللاھ ئاسان قىلار !

UID
47232
يازما
18
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-23
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 15:25:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ilahunmuhammad يوللىغان ۋاقتى  2013-3-14 13:08
بۇنىڭغا  ئويغۇر كارخانىچىلىرى ئەمەس ھۆكۈمەت پارتىكۇ ...

شۇجى رەئىسلىرىمىزنىڭ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى ئويلىشىدىغان نەدى ۋاقتى بولسۇن! قارىسام سىز بۇنى جوزىغا بىر مۇش ئۇرۇپلا ھەل بولدىغان ئاسان  ئىش ئوخشايدۇ دەپ قاپسىز.

باللار دەپ ئۆتكەندەك بۇلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئىشى بىر پەسىللىكلە ئەمەس بەلكى ئۇزاق مەزگىللىك جەريان باللار ، بولمىسا ئالدىنقى قىتىملىقتەك بولىدۇ .
خەيتاڭنىڭ تاش ئالمىغا مەبلەغ سىلىشى پەقەت ئۆزىنى ئىلان قىلىش خالاس ، قايسى بىر زىيارەتتە باللىلارمۇ دەپ ئۆتكەن . ئۇلارنىڭ مەقسىدى پەقەت ئۆزىنى تەشۋىق قىلىش . مۇسابىقە باشلىنىپ ئاخبارات يىغىنىدا شىركەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئادەملىرىنى پەقەت شۇ بىر قىتىملا كۆرۈپتۇ ، ئاندىن كىيىن پەقەت كارى بولماپتۇ .
ھەممىسىنىڭ مەقسىدى پەقەت بىرلا ئۇ بولسىمۇ بۇ يىللىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش . شىنجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە نىسبەتەن يۇقىرىدىن شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا چۈشۈرۈپ بىرىۋاتقان ياردەم پۇللىرىدىن 3 مىليوننى ئايرىپ بىر يىللىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بەكلا ئاسان لىكىن كوماندىنىڭ تۇيۇقسىز ئا دەرىجىگە چىقىپ كىتىشى ئەڭ چوڭ باش قىتىنچىلىق ، دەرىجە ئۆرلەپلا قالسا كىتىدىغان مەبلەغ نەچچە ئون ھەسسە ئىشىپ كەتكەندىن سىرىت شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمى بىۋاستە مەملىكەتلىك پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باشقۇرىشىغا ئۆتىدۇ ، شىنجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئۇ چاغدا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ كەسپى كۇلۇبىغا بولغان باشقۇرۇش كۈچى قالمايدۇ .
شۇ سەۋەب ھەر 4 يىلدا جىنى چىكەتسىمۇ بىر كۈچەپ ، پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىكى يۇقىرى قاتلام باشلىقلىرىنىڭ ئەمىلىنىڭ ئۆسۈشىگە، زور سوممۇلۇق مۇكاپاتلىنىشىغا  بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىدۇ . تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتەپ كەتكەندىن كىيىن مانا مۇشۇنداق ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن باھانە كۆرسۈتۈپ مەستانىلەرنىڭ كۆزىنى بوياپ قاتناشمايدۇ .
بۇ بىريىلنىڭ يەقى بولىۋاتقان ئىش ئەمەس باللا نەچچە يىل بولدى ، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىمۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى رەتلىنىپ ئەمدى قاتنىشىدىغان بولدى دەپ ئولتۇرساق نامى ئۇلۇغ سۇپۇرىسى قۇرۇق پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 3 مىليون پۇلنىڭ يوقلىقىنى باھانە قىلىپ بىزنى ئالدىغان .
شۇيىلى يىزىلغان«3مىليون پۇل يوقمىش» دىگەن شىئىرنى جىق بالىلار كۆرگەن بەلكىم .
مۇشۇنداق بىر قاتار سەۋەپلەر تۈپەيلى بىز پەقەت 4 يىلدا بىرقىتىم بىرلەشمە ئويناپ كىلىۋاتىمىز ، ئۇنڭدىن باشقا مۇشۇ تەنھەركەت يىغىنىنىڭ سەۋەبىدىن بىرلەشمە ئوينىغان بالىلىرىمىز 4 يىلدىن كىيىنكى تەنھەرىكەت يىغىنى كەلگۈچە ، ناۋاي بولىدىغىنى ناۋاي ، قاسساپ بولىدىغىنى قاساپ ، باققال بولىدىغىنى باققال بولاپ كىتىۋاتىدۇ ، ئىچكىرىگە كىرىپ سىناق مەشىققە قاتنىشىپ پۇتبولچىلىقىنى داۋاملاشتۇراي دىسە شىنجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 4 يىلدىن كىيىنكى تەنھەرىكەت يىغىنىدىن ئەنسىرەپ بالىلارنىڭ كەسپى پۇتبولچىلىق كىنىشكىسىنى يىغىۋىلىپ بەرمەيۋاتىدۇ . بۇنداق ۋاقىتتا كۆرسىتىدىغان باھانىسى ئەگەر شىنجاڭ كوماندىسى بىرلەشمە ئويناپ قالسا توپچىلىرىنىڭ يوق بولاپ كىتىشىدىن ئەنسىرەش خالاس .
ئالدىنقى بىرنەچچە يىل بەلكىم سىلەرمۇ خەۋىرىنى كۆرۈپ ، ئاڭلىغان سىلەر بەلكىم ، نۇرغۇن شىنجاڭلىق بالىلار ئىچكىرىدىكى كۇلۇپلارنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ ئاشۇ كىنىشكە سەۋەبىدىن قىلىپ قالدى ، ئاخىرىدا بۇ ئىش  مەستانىلەر ئارىسىدا، تورلاردا غۇلغۇلا قوزغىغاننىڭ يەقى ئاندىن بىرنەچچە ئىنتايىن قاملاشمىغان تەلەپنى قويۇش: ئەگەر شىنجاڭ كوماندىسى بىرلەشمىگە تىزىملىتىپ ئوينايدىغان بولۇق قالسا توپچىلارنىڭ قايتىپ كىلىدىغانلىقى ، تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ قالسىمۇ يىنىپ كىلىپ شۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى قاتارلىقلار ئارقىلىق قوشىۋالماقچى بولغان كۇلۇپلارنىڭ رايىنى ، كىيىنلىكى ئۈچۈن ئۆزىگە پۇتبولنى كەسىپ قىلغان توپچىلىرىمىزنىڭ كىيىنلىكىنى يوق قىلدى .  قارايدىغان بولساق بىر كەسپى كۇلۇپ كوماندا بىلەن كەسپى توختام تۈزۈپ بولغان بىر توپچى ئەگەر شىنجاڭدا بىرلەشمە ھەم تەنھەرىكەت يىغىنى باشلىنىپ قالسا قايتىپ كىلىپ شىنجاڭدا توپ تىپىپ قالسا بۇنى ھە ماقۇل كەت دەپ توختامىنى بىكار قىلىپ ئۇزۇتۇپ قويۇشنى ھەرگىز قۇبۇل قىلمايدۇ ئەلۋەتتە .
بۇ تۈكى يوق تەلەپلەرسەۋەبىدىن نۇرغۇن باللىرىمىز يەنە بۇرنىغا قولىنى تىقىپ ئوتتۇراپ قالدى ، ئاز بىر قىسىم توپچىلىرنىڭ كىنىشكىسىنى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى سىتىش ئارقىلىق شۇ توپچىلارنى قويۇپ بەردى .
خەلىق ، مەستانىلەر دۆت ئەمەس ، شۇنداق ياخشى ئويناپ كىتىۋىتىپ ئاخىرىغا ئىلىپ چىقالمايۋاتقان بالىلارنى كۆپ كۆرگەچكە نۇرغۇن ئاتا ئانىلار پۇتبول تەپسەك ئىستىقبالىڭ بولمايدۇ ،ئاخىرىغا چىقمايدۇ دەپ نۇرغۇن ئۈمىدلىك ياشلىرىمىزنىڭ يولىنى توسقان . ئەمەلىيەتنى كۆرۈپ تۇرغان شۇ ئاتا ئانىلاردىن ئاغرىنىشقا بىزنىڭ ھەققىمىز يوق .
بىزدىكى بار ئەھۋال ھازىر مۇشۇ باللا شۇڭا مىڭ قاقشىساقمۇ ئاھ ئۇرساقمۇ بىكار . پەقەت 4 يىلدا بىركىلىدىغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ غەرىپ تەرەپتىكى مۇشۇنداق شىنجاڭ دىگەن رايوندا بىر توپ مەستانىلەر باركەن ئۇلارنىڭ توپقا بولغان قىزغىنلىقى ياۋروپا ئەللىرىدىن قىلىشمايدىكەن ، توپچىلىرى شارائىت سەۋەبىدىن تىخنىكا جەھەتتىن تولۇق يىتىلگەن بولمىسىمۇ لىكىن ئۇلاردا تۇغما تالات ، قىزىقىش ، تىرىشچانلىق ، قەيسەرلىك باركەن دىگەننى بىلدۈرۈپ قويساقلا بولدى ، ھازىرچە بىزنىڭ قولىمىزدىن كىلىدىغىنى ، قىزىقىشىمىزغا قىلىپ بىرەلەيدىغان ئەڭ چوڭ ياردىمىمىز شۇخالاس .

   

UID
18331
يازما
49
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
49
تىزىملاتقان
2011-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-23
توردا
59 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 22:09:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمىيەتتە ئۇيغۇرىڭ ئىشى بولسىلا سىياسەت يەكچەشمە بۇلۇپ قالىدۇ ، مەن بۇنداق ئىشلارغا جېق ئۇچۇرغان .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش