كۆرۈش: 12822|ئىنكاس: 29

كومپيۇتېردىكى بۇ ھۈنەرلەرنى بىلەمسىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

مەن بەك بەخىتلىك !

UID
2683
يازما
295
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
9747
تىزىملاتقان
2010-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-16
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-3 05:21:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ESCكۇنۇپكىسىنىڭ بەش خىل ئىشلىتىلىشى
    ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ سول تەرەپئۈستى قىسمىغا جايلاشقان ESC كۇنۇپكىسى ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ESC كۇنۇپكىسىدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن مەشغۇلاتلارنى تېز بېجىرگىلى بولىدۇ.
1.تورغاچىققاندا، ئەگەر مەلۇم تور ئادرېسىنى خاتا چېكىپ سالسىڭىز، بىۋاسىتە ESC كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق، بۇ تور بېتىنىڭ ئېچىلىشىنى توختىتالايسىز.
2.تورغاچىققاندا ئىشلەتكۈچى نامى (用户名) دېگەندەك مەزمۇنلارنى تولدۇرۇشتىن ساقلىنالمايسىز،ئەگەر خاتا تولدۇرۇپ سالسىڭىز، ESC كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، بارلىق كۆزنەكلەرگەتولدۇرغان مەزمۇنلار ئۆچۈپ كېتىدۇ. خەت ئۇرغاندا ئەگەر خەتنى خاتا تاللاپ قالغانبولسىڭىز، ESC كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز خاتا تاللانغان خەت كۆزنىكى ئۆچىدۇ.
3.ئادەتتە Ctrl+Alt+Del بىرلەشمە كۇنۇپكىسى ئارقىلىق Windows ۋەزىپە باشقۇرغۇچنىچىقارغىلى بولىدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە Ctrl+Shift+Esc ئارقىلىقمۇ windows ۋەزىپەباشقۇرغۇچنى چىقارغىلى بولىدۇ.
4.قوزغىتىلغان پروگراممىلار ئىچىدەپروگراممىلارنىڭ تىزىملىكىنى كۆرۈندۈرمەي تۇرۇپ تەرتىپ بويىچە ئالماشتۇرماقچىبولغاندا، Alt+Tab كۇنۇپكىسىنى باسمايمۇ Alt+Esc كۇنۇپكىسىنى بېسىپلا قوزغىتىلغانپروگراممىلار ئارىسىدا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدا بۇ پروگراممىنىڭ تېما ئىستونىنى چېكىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمايدۇ.
5. «ئەمەلدىن قالدۇرۇش»دېگەن تاللاش تۈرى بار كۆزنەكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر سىز ئەمەلدىنقالدۇرۇشنى تاللىماقچى بولسىڭىز، بىۋاسىتە ESC كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق،ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەشغۇلاتىنى بېجىرەلەيسىز

بۇنىمۇ سىناپ باقارسىز:
Ctrl+Alt+Home.1 نى بىرلىكتە باسساق ، كومپيوتېر تېزدىن قايتا قوزغۇلىدۇ ، Ctrl+Alt+End نى بىللە باسساق كومپيوتېر تېز سۈرئەتتە ئۆچۈدۇ.
2. Word ئىشلەتكەن ۋاقتىمىزدا كۆپلىگەن ھۆججەتلەرنى بىرلا ۋاقىتتا ئېچىپ بىر بىرىگە ماتېريال كۆچۈرۈش ياكى تەھرىرلەش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارىمىز ، ئەگەر بۇ Wordھۆججەتلىرىنى ساقلاش ۋە چىكىنىشتە ،ھەممە ھۆججەتلەرنى بىر-بىرلەپ ساقلاش ۋە چىكىنىشكە خىلى كۆپنى ئىسراپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ . ئەگەر Shift كونۇپكىسىدىن پايدىلانساق كۆپلىگەن ھۆججەتلەردىكى ئوخشاش مەشغۇلاتنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ :
Shift نى بىسىپ تۇرۇپ «ھۆججەت » (文件) تىزىملىك ستونىنى ئاچساق ، ئۇ يەردە ئەسلىدە بار بولغان « ساقلاش » (保存) بۇيرۇقى __ « ھەممىنى ساقلاش » (全部保存) بۇيرۇقىغا ئۆزگىرىدۇ ؛ ئەسلىدىكى « تاقاش » (关闭) بۇيرۇقى __ «
ھەممىنى تاقاش » (全部关闭) بۇيرۇقىغا ئۆزگىرىپ كىتىدۇ . Shift كونۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ ھۆججەت ستونى ئىچىدىكى« ھەممىنى تاقاش » بۇيرۇقىنى باسساق ، ھازىر ئوچۇق تۇرغان بارلىق ھۆججەتنى تاقاپ Word دىن چىكىنىپ چقىپ كىتىدۇ .
3. كونترول يۈزى (控制面板) گە تېز چىقىش ئۇسۇلى : بۇيرۇق يۈرگۈزۈش ئۇرنىغا (开始/运行) Control نى كىرگۈزۈپ مۇقىملىۋەتسەك كونترول يۈزىگە بىۋاستە چىقالايمىز . « باشلاش » تىزىملىگىنى بىسىپ قاتلاممۇ قاتلام ئىزلەپ يۈرۈش ھاجەتسىز .
4. بۇيرۇق يۈرگۈزۈش ئۇرنىغا (开始/运行) DVDplay نى كىرگۈزگەندە كومپيۇتېردا DVD قويۇش پروگرامما ھۆججىتى بولمىسىمۇWindows XP نىڭ ئۆزى بىر قويۇش پروگرامما ھۆججىتىنى ھەقسىز تەمىنلەپ بىرىپ ، 3- بىر تەرەپتىن قويۇش يۇمتالىنى سىتىۋىلىش خىراجىتىنى تىجەپ بىرىدۇ .
5. بۇيرۇق يۈرگۈزۈش ئۇرنىغا (开始/运行) Osk بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ مۇقىملىۋەتسەك ئىكراندا بىر يۇمشاق كومپيۇتېر كونۇپكا تاختىسى كۆرۈنىدۇ.
6. بۇيرۇق يۈرگۈزۈش ئۇرنىغا (开始/运行) calc بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ مۇقىملىۋەتسەك ھېسابلىغۇچ ئىكران يۈزىگە چىقىدۇ .
7. كومپوتېرىڭىزغا سەپلەنگەن قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دىتاللارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى بىلگۈڭىز بارمۇ ؟ ئۇنداقتا « باشلاش » (开始) ئىچىگە كىرىپ «ياردەم ۋە قوللاش»(帮助和支持)نى ئېچىڭ ، ئاندىن چىققان كۆزنەكنىڭ سول تەرىپىدىكى « قورالدىن پايدىلىنىپ كومپيوتېر ئۇچۇرۇنى كۆرۈش ۋە ئانالىز قىلىش »(使用工具查看您的计算机信息并分析问题) دىگەن تۈرنى تاللاپ ، ئاندىن چىققان كۆزنەكنىڭ سول تەرىپىدىكى «كومپيوتېر ئۇچۇرىنى كۆرۈش»(我的计算机信息) دىگەن دىگەن تۈرنى تاللىسىڭىز بولدى . بۇ ئارقىلىق كومپيوتېرڭىزدىكى بارلىق قاتتىق دىتال ۋە يۇمشاق دىتاللارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى بىلەلەيسىز . ( ئادەتتە يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ كومپيوتېرنىڭ سەپلىمىلىرىنى يۇقۇرى قىلىپ كۆرسەتكىلى بولىدۇ . يۇقۇرىقى ئۇسۇلدا كۆرۈنگىنى ھەقىقى ئەھۋالى ،ئۇنىڭدىن باشقا biosقىسمىغا كىرىپمۇ كۆرگىلى بولىدۇ) .
8. كومپيوتېر ئالدىدىن ئازراق ۋاقىت ئايرىلىدىغان بولۇپ قىلىپ ئەمما كومپيوتېرنى ئۆچۈرگىڭىز يوق ھەم باشقىلارنىڭمۇ كومپيوتېرىڭىزغا چىقىلىشىنى خالىمىسىڭىز ، Windows بەلگىسى بىلەن بىللە L نى باسسىڭىز كومپيوتېرىڭىز تېز ھالەتتە قۇلۇپلاقلىق ھالەتكە ئۆتىدۇ ، مەخپى نومۇرنى بىلمىگەن ھىچكىم ئاچالمايدۇ .
9. ئېچىلغان كۆزنەكنى مائۇس يوق ھالەتتە كىچىكلىتىپ تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ قويماقچى بولسىڭىز Windows بەلگىسى بىلەن بىللە M نى باسسىڭىز تۆۋەنگە چۈشىدۇ. Windows بەلگىسى بىلەن بىللە Shift نى ئاندىن M نى باسسىڭىز باسسىڭىز كۆزنەك يەنە ئېچىلىدۇ .
10. بىرەر ھۆججەتنى Shift نى بىسىپ تۇرۇپ يۇيۇۋەتسىڭىز ، ئەخلەت ساندۇققا چۈشمەي تۇرۇپلا بىۋاستە يۇيۇلۇپ كىتىدۇ .
11. تور بەتنى ساقلاشتىن بۇرۇنESC كونۇپكىسىنى بېسىۋېتىپ ياكى توردىن ئاجرىغان ھالەتتە ساقلىسىڭىز تېز سۈرئەتتە ساقلىيالايسىز .
12. مۇزىكا ئاڭلىغۇڭىز بار، لىكىن كومپيوتېرىڭىزدا ھىچقانداق قۇيۇش يۇمتالى بولمىغان شارائىتتا ئاۋاز ياڭراتقۇنىڭ سىمىنى ئوپتىك دېسكا قويغۇچنىڭ ئاڭلاش耳机تۆشۈگىگە كىرگۈزۈپ ، ئوپتىك دېسكا قويغۇچنىڭ playكونۇپكىسىنى بىسىپ قويسىڭىزلا كۇپايە ، بۇنداق ناخشا ئاڭلىسىڭىز سىستېما بوشلۇغىنى ئىگەللىمەيدۇ ، ئەگەر كومپيوتېرىڭىز بۇزۇلۇپ قىلىپ ھىچقانداق نەرسە چىقىرالمىسىڭىزمۇ ئوپتىك دېسكا قويغۇچنى توك مەنبەگە چىتىپ يۇقارقىدەك ئۇسۇلدا ئاڭلاۋەرسىڭىز بولىۋېرىدۇ .

                                                مەنبە :ئۇچۇر تېخنىكىسى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-24 13:09  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
4057
يازما
41
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
550
تىزىملاتقان
2010-8-2
ئاخىرقى قېتىم
2010-8-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-3 11:30:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى رەخمەت سىزگە خېلى نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم
بىلىمگە ئائىت تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز.

قىرىق يىل قىرغىندىمۇ، ئەجىلى توشمىقىنى ئامان قالىدۇ!!!!!!!!!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئۆزىگە ئىشىنىش ئ

UID
3957
يازما
53
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
560
تىزىملاتقان
2010-7-31
ئاخىرقى قېتىم
2010-12-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-3 11:44:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت  بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ھۇنەرلەركەن

ئۆزىگە ئىشىنىش ئەڭ ئاقىلانىلىق

UID
3967
يازما
3
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
155
تىزىملاتقان
2010-7-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-3 12:13:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە، مەن ھەممىنى ساقلىۋالدىم .

UID
2484
يازما
64
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
690
تىزىملاتقان
2010-6-3
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-3 12:57:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە كۆپ رەھمەت !مەن جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.....ھەم خاتىرىلىۋالدىم

UID
2762
يازما
29
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
360
تىزىملاتقان
2010-6-11
ئاخىرقى قېتىم
2010-11-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-3 13:05:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەت جەريانىدا دايىم قوللىنىلدىغان بۇ خىل ئۈگۈنىش قىممىتى بار تىمىنى يوللىغىنىڭىزغا كوپ رەھمەت .بىر قېتىملىق كومپىيوتىر دەرىجە ئىمتانىدا مۇشۇ خىلدىىكى سۇئاللارمۇ بىرىلگەن.

UID
3709
يازما
55
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
580
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-3 13:42:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت خىلى بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالدىم

UID
4067
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2010-8-2
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-3 14:15:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى يېزىپسىز رەھمەت سىزگە ،مەن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم.

UID
3928
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
180
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-3 15:00:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم !!

كۆيۈمچان ئەزا

ئىبرەت كۆزىدە قا

UID
1473
يازما
216
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7659
تىزىملاتقان
2009-3-2
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-3 15:11:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن پايدىلىق بىلىملەر ئىكەن. تېما ئىگىسىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!
سىزگە نۇمۇر ھەدىيە قىلىپ تەشەككۈر ئېيتاي دېسەم، ھازىرچە سالاھىيتىم توشمايدىكەن، ھەدىيە بۇگۈن نېسى قالدى... [s:2]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش