- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 7
- تىزىملاتقان
- 2013-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-13
- UID
- 47169
- يازما
- 7
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 7
- تىزىملاتقان
- 2013-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-13
- توردا
- 4 سائەت
|
[دەرۋازىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى
ئابدۇشۈكۈر مەخسۇت
دەرۋازىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات تارىخى خۇددى ئىنسانلارنىڭ باشقا ئىجادىيەتلىرىگە ئوخشاشلا نۇرغۇن دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، شەكىل – قۇرۇلمىلىرى ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭىلىنىپ، ئاندىن ھازىرقى ھالىتىگە يەتكەن. تارىختا ئىنسانلار دەرۋازا ئارقىلىق ئۆزلىرىنى مۇداپىئە قىلىپلا قالماستىن، يەنە نوپۇزىنى، ئارزۇ – ھەۋەسلىرىنى، چېگرا – پاسىللىرىنى ئىپادىلىگەن.
قەدىمكى رىملىقلار ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرىدىكى غەلبىلىرىنى خاتىرىلەش ۋە خىزمەت كۆرسەتكەن باتۇرلارنىڭ تۆھپىلىرىنى مەدھىيىلەش ئۈچۈن شەھەر مەركىزىگە ياكى مۇھىم قاتناش يوللىرىغا دەرۋازا شەكلىدىكى ھەيۋەتلىك ھەم پۇختا خاتىرە قۇرۇلۇشلىرىنى ياساپ، ئۇنى ‹‹زەپەر دەرۋازىسى›› دەپ ئاتاشقان. ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدە پۈتكۈل ياۋرووپادا چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ئالدى يۈز شەكلىنى ‹‹زەپەر دەرۋازىسى›› غا تەقلىد قىلىپ ياساش ئىنتايىن ئەۋج ئالغان. ئەرەب ئەللىرىدە بىلىم بىلەن ئېتىقادنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە بەزى مەسچىت – مەدرىسلەرنىڭ دەرۋازىلىرى كىتابقا ئوخشىتىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئىنتايىن يۇقىرى بەدىئىي قىممەت ۋە سىموۋوللۇق مەنە ياراتقان. نۆۋەتتە ئېلىمىزدىكى كۆپلىگەن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ھەتتا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن تارتىپ خۇسۇسىي زاۋۇت – كارخانىلارغىچە ھەممىسى دەرۋازىلىرىنى زامانىۋىي ئۇسلۇبتا ياساپ، ئۆزلىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئوبرازىنى نامايەن قىلماقتا.
گەنسۇدىكى ‹‹قاشقوۋۇق›› تارىختا ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن غەربىي يۇرتتىكى ئەللەرنىڭ بېرىش – كېلىش قىلىشىدىكى مۇھىم ئۆتكەل بولغانلىقى بىلەن داڭ چىقارغان جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمدىكى دەرۋازىلار بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان شىنجاڭ — ئېلىمىزدە ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ئاسىيا – ياۋروپا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى جۇغراپىيىلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقى بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ ‹‹غەربىي دەرۋازىسى›› دەپ سۈپەتلەنمەكتە. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر دەرۋازىنى ۋاقىت ئۇقۇمى بىلەن باغلاپ ‹‹ئەسىر بوسۇغىسى››، ‹‹ئەسىر دەرۋازىسى›› دېگەندەك ناملارنى قوللانغان. قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ مۇتەپپەكۇرى ئەھمەد يۈكنەكى ئۆزىنىڭ ئىسىل ئىنسانىي خىسلەتلەر مەدھىيىلىنىپ، ناچار ئىللەتلەر ئەيىپلەنگەن دىداكتىك داستانىغا ‹‹ھەقىقەتنىڭ ئىشىكى›› (ئەتەبەتۇل ھەقايىق) دەپ نام قويغان. زامانىمىزدىكى دوكتور ئەسئەت سۇلايمان تارىم ۋادىسىنىڭ ئۆتمۈشتىكى مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ‹‹تارىم قوۋۇقىنى چېكىش›› دەپ ئىپادىلىگەن بولسا، پەيلاسوپ ئابدۇقادىر جالالىدىن مىللەتنىڭ ئۆزىنى دۇنياغا تونۇتۇشىدا ئالدى بىلەن ئۆزىنى تونۇش ۋە ئۆزىنى چۈشىنىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى بايان قىلىنغان پەلسەپىۋىي ئەسىرىگە ‹‹ئۆزىنى ئىزدەس بوسۇغىسىدا›› دەپ ماۋزۇ قويغان. بۇ يەردىكى ‹‹ئىشىك، قوۋۇق، بوسۇغا›› دېگەنلەر كۆچمە مەنىدە كەلگەن بولۇپ، ھەر خىل مۇھىتتىكى ئۇقۇملارغا تەدبىقلانغان مەنىۋىي دەرۋازىلاردۇر.
ئەلۋەتتە، ماددىي دەرۋازا ئەڭ دەسلەپ مۇداپىئە ئىشلىرىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ياسالغان ئىدى. قەدىمكى دەرۋازىلار ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولۇپ، ئۇ سېپىل – قارىم (قارىم — قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ‹‹خەندەك›› دېگەنلىك بولىدۇ. تۇرپاندا ئۈزۈم تەكلىرى ‹‹قارىم›› دېېيىلىدۇ) ياكى قورۇق تاملار بىلەن قورشالغان شەھەر ياكى ئوردا – سارايلارنى سىرتقى دۇنيا بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان بىردىن – بىر قاتناش ئېغىزى ئىدى. مەلۇمكى، قەدىمكى دەۋرلەردىكى ئىنسانلار توپىدا مال – مۈلۈك، ھوقۇق – ئىمتىيازنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇرۇش – جىدەلمۇ ئاۋۇشقا باشلىغان. ئۇرۇش – جىدەل بولغانىكەن قوغدىنىش مۇئەسسەلىرى ياسالغان. ئۇنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى — ئەتراپنى چۆرىدەپ ياسالغان چىت ياكى تاش توپىلار بىلەن قوپۇرۇلغان قورۇق تامدىن ئىبارەت ئىدى. ‹‹بايانچۇر مەڭگۈ تېشى ›› دا: ‹‹...چىت ئانتا توقىتدىم (ئۇ يەردە ئوردا تېمى ياساتتىم)...،ئۆرگىن ئانتا ياراتتىم، چىت ئانتا توقىتدىم (ئۇ يەردە ئوردا سالدۇردۇم، ئوردا تېمى ياساتتىم)...، سىز باشى چىتىمىن يايلادىم (سىز بېشىدىكى پاسىلىم ئىچىدە يايلىدىم)○1 دەپ يېزىلغان. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئىزاھاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يەردىكى ‹‹چىت››، ‹‹توقىتماق›› دېگەن سۆزلەر ‹‹قومۇش ۋە يىكەندىن توقۇلغان تام››، ‹‹قومۇش ياكى شاخ – شۇمبىلارنى ياغاچ بادرىلارنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ ياسالغان تام›› نى كۆرسىتىدۇ○2. دېمەك بۇ خىل مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆچمەن تۇرمۇش ئەنئەنىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ دەرۋازىسىمۇ قاشادىنلا ئىبارەت بولغان. ئەمما، دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىپ مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئەللەردە مۇداپىئە خاراكتېرىدىكى مۇئەسسەلەر توپىدىن قوپۇرۇلغان سېپىل – تاملاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ دەرۋازىسى ئىنتايىن پۇختا بولغان قېلىن ياغاچ تاختا ۋە كۆتەكلەردىن ياسالغان. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ سېپىللىرى ئېگىز ھەم پۇختا بولغاچقا، تاجاۋۇزچىلار شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، ئالدى بىلەن سېپىل دەرۋازىسىغا قول سالغان. شەھەر خەلقى دەرۋازىنى مەھكەم ئېتىۋېلىپ مۇداپىئەلەنگەن ۋە دەرۋازىنى بۇزغۇنچىلىقتىن ساقلاش ئۈچۈن يېقىندىكى دۈشمەنگە سېپىل ئۈستىدىن قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان. تاجاۋۇزچىلارنىڭ شەھەرنى ئېلىشتىكى تاكتىكىسى دەرۋازىغا ئوت قويۇش، چاق ئورنىتىلغان كۆتەك لىمنى دەرۋازىغا قايتا – قايتا زەربە بىلەن ئۇرۇش، ئۇزۇن ۋاقىت مۇھاسىرىگە ئېلىپ ئاشلىق ۋە سۇدىن قىسىش، شەھەرنى سۇغا باستۇرۇشتىن ئىبارەت بولغان. دېمەك، قەدىمكى دەۋرلەردە دەرۋازىنىڭ پۇختىلىقى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنى باشقۇرۇشمۇ بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت ئىدى. شۇڭا، قەدىمكى دەۋرلەردە شەھەر دەرۋازىلىرىغا مەخسۇس قوۋۇقچى (دەرۋازىۋەن) قويۇلاتتى، بۇ قوۋۇقچىلارنى ‹‹قوۋۇقچىباشى›› باشقۇراتتى. ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر›› دە يېزىلىشىچە، قوچۇدا شەھەرگە كىرىدىغانلاردىن باج ئېلىنغان. بۇ باجنىڭ نامى ‹‹قاپىغ›› ○3 بولۇپ، بالىق بېگىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى. قوۋۇقچىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلمىسىلا، دەرۋازىنى سەھەردە ئېچىپ، كەچتە تاقاش بولغان. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، كەچتە شەھەر قوۋۇقى تاقىلىشتىن بۇرۇن شەھەر ئىچى – سىرتىدىكىلەرگە قوۋۇق تاقاش بەلگىسى بېرىلگەن.
دەرۋازا— ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى بىناكارلىق نەمۇنىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قەدىمكى شەھەر خارابىلىرى ۋە مىڭئۆي تام رەسىملىرىدە ئۇنىڭ ئىزنالىرى ساقلىنىپ قالغان.تارىخىي ۋە ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەدىمكى شەھەر سېپىللىرىنىڭ دەرۋازىسى ئەگمىلىك بولۇپ، ياغاچتىن قوش قاناتلىق قىلىپ ياسالغان. كروران، ئىدىقۇت، قاتارلىق قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ بىرقانچىدىن دەرۋازىسى بولۇپ، شەھەر دەرۋازىلىرى يېنىدا كۆزىتىش مۇنارى؛ دەرۋازا ئۈستىدە ياغاچتىن ياسالغان كۆزىتىش راۋىقى بولغان. تۇيۇق مىڭئۆيىدە ئەنە شۇنداق كاتتا شەھەر دەرۋازىسىنىڭ رەسىمى سىزىلغان.
تىلشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، ‹‹دەرۋازا›› پارسچە سۆز بولۇپ، ‹‹ھويلا، قورغان، قەلئە، زاۋۇت ۋە شۇ قاتارلىقلارغا ئورنىتىلىدىغان سىرتقى چوڭ ئىشىك››○4 دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەردىن ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دا، ئۇ ‹‹قاپۇغ›› دېيىلىپ، ‹‹قوۋۇق، ئىشىك›› دەپ ئىزاھلانغان؛ مەزكۇر ئەسەردە يەنە ئۇنىڭ ‹‹قاپغا›› دېگەن ۋارىيانتىمۇ بېرىلگەن بولۇپ، ‹‹دەرۋازا، ئىشىك›› دەپ ئىزاھلانغان؛ ‹‹مايترى سىمىت››، ‹‹تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى››، ‹‹ئالتۇن يارۇق›› قاتارلىقلاردا ‹‹قاپىغ›› دېيىلىپ، ئوخشاشلا ‹‹دەرۋازا، ئىشىك›› مەنىسىدە كەلگەن؛ ‹‹ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى›› بىلەن ‹‹چاستانى ئىلىكبەگ ھېكايىسى›› دە، ‹‹دەرۋازا، قاپقا، سېپىل دەرۋازىسى، ئىشىك›› مەنىلىرىدە قوللىنىلغان○5. ‹‹ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى›› دە،بۇ ئاتالغۇ ‹‹قابې››. ‹‹بەدۈك قابې››، ‹‹ئالتۇن قابې››○6 دەپ يېزىلىپ، دەرۋازاىدىن باشقا يەنە قەدىمكى ساراي دەرۋازىلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى راۋاقنى ھەمدە يەنە خان ئوردىسىنىمۇ بىلدۈرگەن. ‹‹بەدۈك قابې›› — چوڭ دەرۋازا دېگەنلىك بولۇپ، ئۇ ‹‹ئوغۇزنامە›› دىكى ‹‹قابۇچاق›› (بوشلۇق، كۇلۇڭ، كاۋاكنىڭ كىچىكلىتىلگەن شەكلى) قا يەنى ‹‹كىچىك ئىشىك›› ياكى ‹‹كىچىك دەرۋازا›› غا نىسبەتەن ئېيتىلغان سۆز بولۇشى مۇمكىن. مەھمۇد قەشقەرىمۇ ‹‹قاپۇغ›› نى ‹‹قوۋۇق، ئىشىك›› دەپ ئىزاھلاپ، ‹‹قوۋۇق›› نى ‹‹كاۋاك، ھەرقانداق نەرسىنىڭ كاۋىكى›› دەپ چۈشەندۈرگەنىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوتتۇرا ئەسىردىن كېيىنكى شەھەر ۋە ئوردا - ساراي دەرۋازىلىرى مۇداپىئە ئىشلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، سېپىل تېمىنى نىسبەتەن كىچىك ئويۇپ، يېپىق ھالەتتە ياسىلىدىغان بولغان. ئارخېئولوگلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، نىيا خارابىسىنىڭ جەنۇبىدىكى سېپىللىق دەپ ئاتىلىدىغان قەدىمكى شەھەرنىڭ شەھەر دەرۋازىسى زەگۈندە ئۈستىگە تۇرغۇزۇلغان. تام ئۇلىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قويۇلىدىغان زەگۈندىنىڭ دەرۋازىدا قوللىنىلىشى — دەرۋازا كېشىكىگە چۈشىدىغان بېسىمنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئېنىقكى كىشىلەر شەھەر دەرۋازىسىنىڭ پۇختا بولۇشى ئۈچۈن ئۈستىدىنمۇ چىڭ باستۇرغان، يەنى دەرۋازا ئۈستىنى سېپىل بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق ئېگىزلىتىپ قوپارغان، ياكى دەرۋازا ئۈستىگە كۆزىتىش راۋىقى قاتارلىق مۇئەسسەلەرنى ياسىغان. مانا بۇ — ‹‹قوۋۇق›› تۇر. ‹‹قوۋۇق›› قۇمۇل شىۋىسىدە ‹‹ۋ›› چۈشۈپ قېلىپ ‹‹قوق›› دېيىلىدۇ ۋە ‹‹قوۋۇق، ئىشىك، دەرۋازا›› مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر دەرۋازا قانىتى ياغاچ بىلەن شادىلىق قىلىپ ياسالسا ‹‹چاقسا›› دېيىلىدۇ. ئىلى تەۋەسىدە ئاددىي ئۆيلەرگە ئورنىتىلىدىغان ‹‹چاخسا›› دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئىشىك بولۇپ، ئۇ ياغاچ تاختاي (شال)نى ياپسارلاپ جۈپلەپ ياسىلىدۇ. شادا ۋە تاختايلار بىلەن ياسالغان باغ دەرۋازىسى قەشقەردە ‹‹ئەگىن›› دېيىلسە، بۇ خىل قۇرۇلمىلىق ھويلا دەرۋازىسى خوتەندە ‹‹ئەگۈن›› دېيىلىدۇ. خوتەندە ئادەتتىكى ئۆي ئىشىكىنىڭ ‹‹دەرۋەڭ›› دېيىلىشى بەلكىم ‹‹دەرۋازا›› نىسبەتەن ئېيتىلغان ئەركىلەتمە نام بولسا كېرەك.
تارىخىي ۋە ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللاردىن مەلۇمكى، تاشقى شەھەرنىڭ بىنا بولۇشى شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىن باشلانغان. ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرىنىڭ تەكشى يۈز خەرىتىسىدە شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا نۇرغۇن ئولتۇراق ئۆي ۋە رەستە – دۇكانلارنىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەن. ئىستەھرىنىڭ: ‹‹بازار قەدىمكى دەۋرلەردە ئىچكى شەھەرنىڭ شەھەر دەرۋازىسى يېنىدا ئىدى››○7 دېگىنى؛ بارتولدنىڭ: ‹‹بازار دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى شەھەر دەرۋازىسىنىڭ يېنى دېگەنلىك بولىدۇ››○8 دېگىنىمۇ مۇشۇنىڭغا قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ قەدىمكى دەۋرلەردە شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ ئايرىلماس مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىپلا قلاماستىن، بەلكى شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ بىر تىپىك ئامممىۋىي قۇرۇلۇش رولىنى ئالغانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مەھمۇد قەشقەرى ‹‹ئەل›› سۆزىگە بەرگەن ئىزاھاتىدا ‹‹قاپۇغ ئەلى — قوۋۇق ئالدىدىكى بوش يەر››○9 دەپ كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ بايانلار شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە بوش يەرنىڭ يەنى بازار مەيدانىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بۇ جاينىڭ بوش قالدۇرۇلۇشى يەنە خانلارنى كۈتىۋېلىش، بايراملىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىش ۋە ھەربىي ئىشلاردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. پۇقرالار(خەلق) بىرەر چوڭ ئىش ئۈستىدە مەسلىھەتلەشمەكچى بولسىمۇ، مۇشۇ جايغا يىغىلىدۇ. فرانسىيە تارىخچىسى كومىتنىڭ كۆرسىتىشىچە، قەدىمكى غەربىي يۇرتتىكى شەھەرلەردە ‹‹قوۋۇقتىن چىقىش››، ‹‹قوۋۇقتىن كىرىش››، ‹‹سەپەرچىگە تەلمۈرۈش››○10 قاتارلىق ھەربىي ئوركېتسىر ۋە كۈيلەر بولغان. بۇلار قەدىمكى شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ يەنە تىپىك ئاممىۋىي سورۇنغا ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
قەدىمكى شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ ئىز – دېرىكى قالمىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ شەكىل – ئۇسلۇبلىرى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىز بەكمۇ ئاز. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا چوڭ مەيدان بولاتتى، بۇ مەيداندا بازارمۇ بولاتتى. دەرۋازا ئۈستىدە مەخسۇس كۆزەتچىلەر ئۈچۈن راۋاق بولغاننىڭ سىرتىدا يەنە خان – پادىشاھلارنىڭ شەھەرنى ياكى بايرام كۈنلىرىدىكى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ۋەياكى دەرۋازا ئالدىدىكى مەيداندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي كۆرەكلەرنى تاماشا قىلىدىغان ۋە كۆزدىن كەچۈرىدىغان مەخسۇس ئورۇنمۇ بولاتتى. قىزىل مىڭئۆي 207 – غاردىكى تام رەسىمىدە شەھەر دەرۋازىسى ئۈستىگە گۈمبەز تورۇسلۇق، نەقىشلەر بىلەن كاتتا بىزەلگەن راۋاق شەكلىدىكى قۇرۇلۇش سىزىلغان؛ تۇيۇقتىن تېپىلغان شايىغا سىزىلغان رەسىمدە دەرۋازا ئۈستىدە چېدىر شەكىللىك راۋاق ۋە ئۆگزىسى چېدىر شەكىلدە يېپىلغان ئېگىز ئىمارەت بار.
قەدىمكى شەھەرلەرنىڭلا ئەمەس بەلكى ئوردا - قەسىرلەرنىڭمۇ بىردىنلا دەرۋازىسى بولغان ئەمەس. ھەربىي ئىشلاردىن باشقا، ماددىي تۇرمۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان سودا، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ شەھەر ئىچىنى تەمىنلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن شەھەر دەرۋازىلىرى قاتناشقا قولايلىق بولغان تەرەپلەرنىڭ ھەممىسىگە ياسالغان. قەدىمكى شەھەرلەر چاسىغا مايىل بولغاچقا، زور كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ھەر تەرىپىدە ئاز دېگەندە بىردىن دەرۋازىسى، ھەر بىر دەرۋازىنىڭ ئايرىم نامى بولغان. قەشقەر، غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق قەدىمىي شەھەرلەردە ساقلىنىپ كەلگەن ‹‹سۇ دەرۋازا››، ‹‹تۆشۈك دەرۋازا››، ‹‹جەنۇبىي قوۋۇق››، ‹‹غەربىي قوۋۇق››، ‹‹قۇم دەرۋازا››.. دېگەندەك دەرۋازا ناملىرى مۇشۇ جۈملىدىندۇر.
دەرۋازا — دەرۋازا قانىتى، دەرۋازا كىشىكى، دەرۋازا سۇپىسى، دەرۋازا لەمپىسى، باستۇرۇم قاتارلىقلاردىن تۈزۈلىدۇ. دەرۋازا قانىتى پۇختا بولۇش، ئېچىپ – يېپىشقا ئەپلىك بولۇش ئۈچۈن قوش قاناتلىق قىلىپ ياسىلىدۇ. بەزى دەرۋازا قاناتلىرىنىڭ ئۈستىنكى قىسمىغا دەرۋازىنىڭ كۆركەملىكىنى ئاشۇرۇش ۋە ھويلىنىڭ ياز پەسلىدە شامال ئۆتۈشۈش ئارقىلىق سالقىن بولۇشى ئۈچۈن پەنجىرە ئورنىتىلىدۇ ياكى رىشاتكىلىق قىلىپ ياسىلىدۇ. بەزى ئولتۇراق ئۆيلەردە دەم ئېلىش ۋە سالقىنداش ئۈچۈن دەرۋازا كىشىكىنىڭ ئىچى – سىرتىغا كىچىك سۇپا چىقىرىلىدۇ.
ئۇيغۇر بىناكارلىقىدا دەرۋازىنىڭ شەكلى ئىشلىتىلىش ئورنىغا قاراپ سەل پەرقلىنىدۇ. يەنى ئاممىۋىي قۇرۇلۇشلارنىڭ دەرۋازىلىرى كاتتا، ھەشەمەتلىك ياسىلىپلا قالماي يەنە بەلگىلىك دەرىجىدىكى مەزمۇننى ئىپادىلەشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. مەسىلەن، مەسچىد – مەدرىس دەرۋازىلىرىدا دىنىي مەزمۇن ئەكس ئەتتۈرۈلسە، باغچا – سەيلىگاھ، تىياتىر – كۆرگەزمىخانىلارنىڭ دەرۋازىلىرىدا مىللىي ئەنئەنە بىلەن دەۋر روھى بىرلەشتۈرۈلگەن ئۆزگىچە ئۇسلۇب قوللىنىلىدۇ. تۇرالغۇ ئۆي دەرۋازىلىرىنىڭ شەكلى ھەر خىل، نەقىش – بېزەكلىرى رەڭگا – رەڭ بولۇپ، ھەرقايسى رايونلارنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئاساسلىق ئىگىلىك ئادىتىگە قاراپ سەل پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن، ئوت يۇرتى تۇرپاندا دەرۋازا ئېگىز ھەم كەڭ بولۇپ، ھويلا ئىچىگە كارىدورسىمان ھالەتتە ئۇزارتىپ، ئۈستى كېمىر شەكلىدە ياسىلىدۇ. دەرۋازا ئۈستىگە يەنە چۈنچە، بالىخانا ياسىلىدۇ. بۇ تۇرپاننىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە كىشىلەرنىڭ ئىگىلىك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بۇ دىياردا ياشىغان قەدىمكى قاڭقىللارنىڭ ئېگىز چاقلىق ھارۋىلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن؛ ئىلى تەۋەسىدە دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق تەڭ راۋاجلاندۇرۇلغان بولغاچقا، دەرۋازا كەڭ ھەم ئېگىز ياسىلىدۇ. بىراق قار – يامغۇرنىڭ نىسبەتەن كۆپ يېغىشى سەۋەبلىك دەرۋازا لاپىسى بىر ياكى ئىككى تەرەپكە يانتۇ قىلىپ يېپىلىدۇ؛ قەشقەرنىڭ كىلىماتى ئىسسىق، قار - يامغۇرى ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاھالىنىڭ زىچ جايلىشىشى سەۋەبلىك دەرۋازىنىڭ ئورنىغا ئالاھىدە تەلەپ قويۇلىدۇ. ئۇسلۇب جەھەتتە ئالاھىدە ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ، شەكىل – بىزەك جەھەتتە ئۆزگىچە بولۇپ، دەرۋازا قانىتىغا توقام مىقلاش، ئۈستىنى پەنجىرىلىك ياساش، ئوڭ قانىتىغا بالا ئىشىك چىقىرىش، لەمپىسىگە ئالاھىدە نەقىش ئىشلەش ئۇنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكىدۇر.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
○1 ‹‹بايانچۇر مەڭگۈ تېشى››، ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارللىقلىرىدىن تاللانما››، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1984 –يىل.
○2 ئالىمجان مەخسۇت، ئابدۇشۈكۈر مەخسۇت: ‹‹ئۇيغۇر بىناكالرىق تارىخى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000 – يىل نەشرى، 197- بەت.
○3 ئىسراپىل يۈسۈپ، مۇھەممەترېھىم سابىت: ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 36 – بەت.
○4 ‹‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999 – يىل نەشرى.
○5 بۇ ئاتالغۇلار شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈلەر نەشرىياتى 1984 – يىلى نەشر قىلغان ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى›› دىكى مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلارغا ئاساسەن سېلىشتۇرۇلدى.
○6 ‹‹ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى››، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984 – يىل نەشرى، 45 – بەت.
○7○8 ۋاڭ جىلەي: ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى›› 1 – قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 575 – بەت.
○9 مەھمۇد قەشقەرى: ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››،1 – توم، 67 – بەت.
○10 ئابدۇشۈكۈر مۇھەمەدئىمىن: ‹‹تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرتنىڭ ناخشا – ئۇسسۇل سەنئىتى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980 – يىل نەشرى، 7 – بەت.
○11 ئابدۇقادىر جالالىدىن: ‹‹قەشقەر ئەي تەۋەرۈك شەھەر››. شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى 2009 – يىل 5 – سان.
ئاپتور ئۈرۈمچى جاھاننەما كىتابخانىسىدا. |
|