- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 92
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 523
- تىزىملاتقان
- 2009-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-9-25
- UID
- 1231
- يازما
- 92
- تېما
- 79
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 523
- تىزىملاتقان
- 2009-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-9-25
- توردا
- 0 سائەت
|
كومپيۇتېر كەسپىدىكى ساۋاقداشنىڭ روخسەت سوراش خېتى
قەدىرلىك مۇئەللىم:
تۈنۈگۈن ئۆزەمنىڭ دەرسخانىدا تورغا ئائىت دەرسىڭىزنى يۈرىگىمگە ياخشى كلون قىلىۋالالمىغانلىغىمغا بەكمۇ ئۆكۈنىمەن ، شۇڭا دەرستىن كېيىن ئىچكى ساقلىغۇچىمغا ئىنىرگىيە (تاماق)ساقلىمىغان ئەھۋالدا تورخانىگە بېرىپ دەرسىڭىزنى توردىن چۈشۈرىۋاتاتتىم ،
تۇيۇقسىز ھاۋا ئۆزگىرىپ ، يامغۇر يېغىپ كەتتى، مىنىڭ قاتتىق دېتالىمنىڭ( بەدەن) ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز بولغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە قاچىلانغان تاشقى پوستىم (كىيىمىم) ئاز بولغاچقا ، بەخىتسىز زك (زۇكام)ۋىرۇسى ماڭا ھۇجۇم قىلدى.
مانا ھازىر سىكانىرىم(كۆز) تورلىشىپ CPU(بېشىم)ئىم ئاغرىپ ئىكرانىم(يۈزىم) رەڭگى ئۆزگىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى.
ئەسلى بىر ئۈچۈرىۋەتسەم (ئۇخلىسام) بەدەن سىستىمام ئاپتوماتىك كاشىلىنى تۈزەمدىكى دىگەن ئىدىم، بىراق قايتا قوزغاتسام ، مىنىڭ بەدىنىمدىكى بۇزۇلغان جايلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەنلىگىنى بايقىدىم،
مىنى تېخىمۇ ئازاپلىغىنى مىنىڭ ئاۋاز كارتاممۇ(گېلىم)بۇزۇلۇپ گەپ قىلالماس بولۇپ قاپتىمەن.
ئىلاج يوق دورىنىڭ قوغداش سىسىتىمىسىنى قوزغۇتۇپ ۋىرۇس ئۆلتۈرمەكچى بولدۇم ,بىراق بىرىنچى قەۋەتتىكى توردۇشۇمنىڭ يەتكۈزۈپ بەرگەن زۇكام دورىسىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ، ئەكىس تەسىر قىلىپ كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش ئالامەتلىرى پەيدا بولدى.
باشتا مەن تېخى دورىنىڭ كۈچى ئاجىز كېلىپ قالدى دەپ ئويلاپتىمەن دە ئۆزەمچە بىلەرمەنلىك قىلىپ ئەسلى 4 تال ئىشلىتىدىغان يەرگە چاستۇتىسىنى ئاشۇرۇپ 8 تال ئىستىمال قىلىپتىمەن.
مېنى ئازاپلاندۇرغىنى، ئۇندىن كېيىنكى ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈلگەن ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ بوشىشى (ئىچى سۈرۈش) بولدى. شۇنىڭ بىلەن، مىنىڭ ھىساپلىغۇچىم تېزلا بۇ دورىنىڭ ماڭا ماس كەلمەيدىغانلىغىنى ھېساپلاپ چىقتى.
ياردەم سىستېما ھۆججىتىنى(چۈشەندۈرلىشى) قايتا-قايتا
كۆرۈش ئارقىلىق، بۇ دورىنىڭ سىناق مۇددىتىدىن(دورا مۇددىتى) ئېشىپ كەتكەنلىگىنى بىلدىم.
قەدىرلىك مۇئەللىم، مەن قەستەن سىزنىڭ دەرسىڭىزنى چۈشىرىۋالمىدىم ئەمەس ، بەلكى ۋىرۇسنىڭ كۈچى ھەقىقەتەن كۈچلۈك بولۇپ ، ماڭا قىلغان ھۇجۇمىنى توسۇپ قالالمىدىم، ۋىرۇسلار مىنىڭ مۇداپىيە سىستىمامنى ئاسانلا بىكار قىلدى،
مەن ئۆزەمنىڭ بەدەن سىستىمامنىڭ ھەر ۋاقىت خاتا ئۇچۇر كۆرسىتىشىدىن ۋە ياكى كېرەكتىن چىقىشىدىن ئانسىرىدىم، شۇڭا سىزدىن ئىككى كۈنلۈك رۇخسەت سوراپ، دوختۇرخانىگە بېرىپ بۇزۇلغان دىسكا يوللىرىمنى تازىلاپ
ئاشقازىنىمدىكى قالدۇق دورا تەسىرىنى چىقىرىۋەتمەكچى.
مەن ئەسلى بۇ رۇخسەت سوراش قەغىزىنى تور ئارقىلىق سىزنىڭ ئې-خەت ساندۇقىڭىزغا يوللىماقچى ئىدىم، بىراق ۋىرۇسلارنىڭ توسۇۋېلىشىدىن قورقتۇم.
سىزنىڭ شەخسى تور بېتىڭىزكە چاپلاپ قوياي دىگەنتىم، خاكېرلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قورقتىم. يۇمشاق دوسكىغا كۆچۈرۈپ سىزگە بىرەي دىگەن ئىدىم، سىزنىڭ كومپۇتېرىڭىز دىسكىنى ئۇقىيالماسمىكىن دەپ ئەنسىرىدىم،
شۇنىڭ بىلەن قولدا يېزىش ئۇسۇلى بىلەن بۇنى بىر پارچە قەغەزگە يېزىپ ساۋاقدىشىمدىن ئىبەرتتىم، مۇئەللىمنىڭ
تاپشۇرۇۋالغانلىق پارولىنى يوللىۋېتىشىنى سوراپ:
ئوقۇغۇچىڭىز |
|