سېغىنىشىم يېمەكتە سېنى...
تۇيۇقسىزلا باستۇرۇپ كېلىپ،
ئىشغال قىلدى كۆزلىرىڭ مېنى.
قوشۇلغانسەك ئىككى ئېقىن سۇ،
قوشتۇق بىزمۇ چىن مېھرىمىزنى.
كۆڭۈللەرنىڭ مەملىكىتىدە
شاھ ھەم پۇقرا بولدۇق ئىككىمىز.
بىر دەريالا ئاقاتتى بىزدە،
ئۇندىن باشقا يوق ھېچنېمىمىز.
ھېسسىياتنىڭ ئورمانلىقىنى
بىز يۈرەتتۇق لېكىن ئاختۇرۇپ.
سۆيگۈمىزگە قاراپ كۆك ئاسمان،
ئولتۇراتتى جىمجىت ئاھ ئۇرۇپ.
مانا، ئاران بەش كۈن ئايرىلىپ،
ئىشقىڭ شۇنچە ئەزدى يۈرەكنى.
سېغىنىشىم ئىشتىھا بىلەن
لەززەتلىنىپ يېمەكتە سېنى...
مەنبە ۋە ئاپتورىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ،باشقا تور بېكەتتىن ئېلىنغان يازما بولسا كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.