كۆرۈش: 468|ئىنكاس: 3

«ئائىلە مەدەنىيىتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 13:33:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى نۆۋەتلىك «بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە شۇ يىغىنغا ماقالە قۇبۇل قىلىش ۋە مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىش  توغرىسىدا ئۇختۇرۇش  

  شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى يېقىندا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. كونكرېت ئىشلار تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇلدى ۋە ئۇختۇرۇش قىلىندى:
تېمىسى: ئائىلە مەدەنىيىتى
ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى
بۈگۈنكى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان ئۇچۇر دەۋرىدە، دۇنيادىكى كۈچلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ يەرشارىلىشىشى تۈپەيلى، رايونىمىزغىمۇ ھەرخىل ئائىلە مەدەنىيەت قاراشلىرى سىڭىپ كېرىپ، مەدەنىيەت كۈچى ئاجىز ئۇيغۇر ئائىلە مەدەنىيەت قارىشىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. شۇ سەۋەبتىن، بىر قىسىم مىللەتلەر قايسى خىل شەكىلدە ئائىلە قۇرۇش، ئائىلىنى قاياققا يېتەكلەش، ئەۋلادلارنى قايسى ئۇسۇلدا تەربىيەلەش، ئائىلىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى قانداق تىكلەش ۋە رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش مەسىلىلىرىدە گاڭگىراپ قالماقتا. مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئائىلە مەدەنىيىتى توغرۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق خەلقنى ئائىلە مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئىلمىي قاراشقا ئىگە قىلىش، باشقا ھەرقانداق بىر تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈشتىن ئەھمىيەتلىك.
ئۆتكۈزۈش مەقسىتى
ئالىم-مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «ئائىلە» دىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا چوڭقۇر ئىزدىنىشىگە تۈرتكە بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ شۇ تېما توغرىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىش ۋە يەتكۈزۈش. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، دۇنيادىكى ھەرخىل كۈچلۈك ۋە ئىلغار مەدەنىيەتلەر ئۆزلكسىز ھالدا بىر-بىرىنى زەرەتلەپ تۇرغان بۈگۈنكى كۈندە، خەلق ئارىسىدا ئۇيغۇر ئائىلە مەدەنىيىتى  توغرۇلۇق ئىلمىي ئويلىنىش كەيپىياتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش.
يەتمەكچى بولغان نىشان
جامائەتچىلىك ئارىسىدا توغرا پەرزەنت، نىكاھ، ئەر-ئاياللىق، كېلىن-كۈيئوغۇللۇق، قىيىنئانا-قىيىنئاتىلىق قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ، ئەۋلادلار سۈپەتلىك ئائىلە قۇرالايدىغان، ئائىلە باشلىقلىرى ئائىلە ئەزالىرىنى ئىلمىي يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ ماڭالايدىغان ۋە ئائىلىۋىي مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىش؛ ئائىلە ئەزالىرىنى بىر ئائىلىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە رولىنى ئىلمىي تونۇپ يېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.
5 .سۆزلىندىغان ماقالە سانى: 20
6. ماقالە قۇبۇل قىلىش ۋاقتى: 2013/4/15-2013/3/1
7. ماقالىسى تاللانغان مۇتەخەسىسلەرنىڭ تېزىملىكىنى ئېلان قىلىش ۋاقتى: 2013-5-1
8.ئۆتكۈزۈش ۋاقتى: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 18- ۋە 19-كۈنلىرى  (شەنبە ۋە يەكشەنبە 8 سائەتتىن)
9. ھەربىر مۇتەخەسىسنىڭ سۆزلەش ۋاقتى: 20 مىنۇت
10. ھەربىر مۇتەخەسسىسنى تونۇشتۇرۇش ۋە سۇئال-جاۋاپ ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىندۇ
11. ھەربىر مۇتەخەسىسنى تونۇشتۇرۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت
12. سورالغان سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىش ۋاقتى: 8 مىنۇت
13.ھەر بىر مۇتەخەسىس ۋە تونۇشتۇرغۇچى ۋە سوئال-جاۋاپ ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلغۇچىلارنى ئۆز لايىقىدا رازى قىلىندۇ.
14.مۇلازىمەت ئىشلىرى: مۇتەخەسسىسلەرگە  چۈشلۈك تاماق ۋە چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن 2 ۋاق چاي ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.
15. مۇتەخەسسىسلەرگە بېرىلىدىغان سوۋغاتلار: بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنىڭ ماركىسى كەشتىلىنىپ نەپىس ئىشلەنگەن دوپپا، ئالاھىدە قەلەم، خاتىرە سۈرەت ئالبۇمى ۋە يىغىننىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالى ئاساسى مەزمۇن قىلىنىپ ئالاھىدە ئىشلەنگەن DVD پىلاستىنكىسى 5 يۈرۈش.
16. ھەربىر قاتناشقۇچىغا بېرىلىدىغان سوۋغاتلار: يىغىننىڭ ئومۇمىي ئۆتكۈزۈلۈش ئەھۋالى، ھەربىر سۆزلىگۈچى مۇتەخەسسنىڭ تەرجىمھالى، تېمىسى ۋە ئاساسلىق مەزمۇنى بايان قىلىنىپ ئالاھىدە ئىشلەنگەن كىتابچە، خاتىرە دەپتەر، خاتىرە قەلەم، ماتېرىيال سېلىش سومكىسى،  خاتىرە سۈرەت ئالبۇمى ۋە يىغىننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ئاساسى مەزمۇن قىلىنىپ ئالاھىدە ئىشلەنگەن DVD پىلاستىنكىسى 1 يۈرۈش.
17. قاتناشقۇچىلارغا تاماق ئورۇنلاشتۇرۇش: قاتناشقۇچىلارغا مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرگە چۈشلۈك تاماق ۋە چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن 2 ۋاق چاي ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.
18. تاللاپ بېكىتىلگەن ئەسەرلەرنى ھەرخىل شەكىلدە (پىلاستىنكا، ژۇرنال ۋە كىتاب قاتارلىقلار) نەشىر قىلدۇرۇش ھوقۇقى بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىدا بولىدۇ. بىراق ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى مەڭگۈ يازغۇچىغا تەۋە بولىدۇ.
19. كۆپچىلىكنىڭ ئائىلە مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك تېما ۋە مۇتەخەسسىس تەۋسىيە قىلىشى قارشى ئېلىندۇ
20. يىغىنغا قاتنىشىشنى خالىغان مۇتەخەسسىسلەر تۆۋەندە بېرىلگەن تېمىلار ئىچىدىن تېما تاللىسىمۇ ياكى ئۆزى ئائىلە مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك تېما ئىجات قىلىپ يازسىمۇ بولىدۇ
21. بېرىلگەن تېمىلار تۆۋەندىكىچە:
رەت نومۇرى        سۆزلىندىغان تېمىلار        تاللىنىش ئەھۋالى
        ئائىلە ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە رولى (باشلىنىش نۇتقى)       
1        ئائىلىنىڭ مىللي مەدەنىيەتنى ساقلاش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى رولى        تاللاندى
2        دەۋرىمىزدىكى ئائىلە كىرىزىسى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش يوللىرى       
3        شەھەرلىشىش ئەنئەنىۋى تۇرمۇشىمىزغا نىمەلەرنى ئېلىپ كەلدى       
4        زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرى       
5        نىكاھلىنىشتىن بۇرۇنقى تەلىم-تەربىيە ۋە ئۇنىڭ نىكاھلانغۇچىلارنىڭ كىيىنكى ئائىلىۋىي تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى       
6        ئەر ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى، رولى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرى       
7        ئايال ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى، رولى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرى       
8        پەرزەنتلەرنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى، رولى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرى       
9        ياشانغانلارنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى، رولى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرى       
10        ئائىلىۋى مۇناسىۋەتلەر ئەخلاقى       
11        كېلىن ۋە كۈيئوغۇللۇق ئەدەپلىرى       
12        بالىلىق بولۇش بىلىملىرى       
13        پەرزەنت تەربىيەسى ۋە ئۇنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى       
14        لايىق تاللاش ۋە مۇھەببەتلىشىش قاراشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىنكى نىكاھ تۇرمۇشىغا كۆرسىتىغان تەسىرى        
15        ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بويانقى30 يىللىق نىكاھلىنىش ۋە نىكاھتىن ئاجرىشىش ئەھۋالىغا نەزەر       
17        دەۋرىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىغا بىر نەزەر (توردا راي سىناش ئېلىپ بېرىلىدۇ)       
18        نىكاھتىن ئاجرىشىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش يوللىرى       
19        ئائىلىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كىرەك؟       
20        شەخسى تازىلىق، ئائىلە تازىلىقى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى       
21        قايتا نىكاھلىنىش ۋە ئۆگەي بالا ۋە ئۆگەي ئاتا-ئانا مەسىلىسى ھەققىدە (ياشانغانلارنىڭ قايتا نىكاھلىنىشىنىمۇ  ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)       
22        ئۆي بېزەش مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە مۇھىتى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ساغلاملىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى       
23        ئائىلە ئىقتىسادىنى قانداق يۈرۈشتۈرۈش كېرەك؟       
24        تالاغا قاراش ھادىسىسى، ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ھەل قىلىش يوللىرى       
25        قانداق قىلغاندا بەختلىك ئائىلە قۇرغىلى بولىدۇ؟       
26        ئاياغلىشىش نۇتىقى       
               
ئەسكەرتىش: سۆزلىندىغان تېمىلار يۇقىردا بېرىلگەن تېمىلار بىلەن چەكلەنمەيدۇ، ئائىلە مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق تېما قۇبۇل قىلىندۇ.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
47386
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 13:03:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنى تاپشۇرىدىغان ئادرىس ياكى ئالاقىلاشقۇچىنىڭ تېلفۇن نومېرىنى قوشۇپ قويساڭلار بوپتىكەن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش