- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 73
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 194
- تىزىملاتقان
- 2010-7-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-23
- UID
- 3524
- يازما
- 73
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 194
- تىزىملاتقان
- 2010-7-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-23
- توردا
- 28 سائەت
|
ئوغول تۇغدى،ئەۋلاد قالدى دەپ،
خوشال بولدى ئانىلار تاغدەك.
ھاياتىمنىڭ ئىزناسى بار دەپ،
جان ئاتىلار شادلاندى باغدەك.
شۇ ئوغۇللار چوڭ بولدى ئەر بوپ،
مەن ئەردەپ ئۇ ھەر يەردە شاد بوپ.
بىلىپ قويۇڭ ئەمما ئەي دوستۇم،
ئەر بولسىلا ئەركەك بولمايدۇ.
پەخىرلىك ئۇ ئەر بولغىنىدىن،
چۇنكى ئۇ بىر ئۆينىڭ تۇۋرىكى.
چوڭ سۆزلەيدۇ قامەت بەستىدىن،
ئاجىزەنىڭ،دۇنيا كۆرىكى.
شۇڭا چوڭ ئۇ ئۆينىڭ تۆرىدە،
ئەيىش-ئىشرەت دۇنيا كۆكىدە.
بىلىپ قويۇڭ ئەمما ئەي دوستۇم
ئەر بولسىلا ئەركەك بولمايدۇ.
كەش كىلىدۇ ئەر بولغىنىدىن،
قول كۆتۈرەر ئايالىغا ھەم.
ئۇنىڭ ئۇچۇن بەربىر ئائىلە،
تىتىمايدۇ ئۆيدىكى شۇ تەم.
كۆرىنىدۇ ئاچچىقتەك تۇرمۇش،
چاچالماستىن بىر سىقىم كۆكمۇش.
بىلىپ قويۇڭ لىكىن ئەي دوستۇم،
ئەر بولسىلا ئەركەك بولمايدۇ.
ئۇ بىلمەيدۇ پەرزەت سۆيگۈسى،
مال-دۇنيانىڭ ئۆزى شۇ سۆيگۈ.
ئۇ بىلمەيدۇ نىمىدۇر بەخىت،
ئۇنىڭدا يوق ئىمان تۇيغۇسى،
ئۇ ئويلايدۇ يىراق ئۇدۇنيا،
يار بولارمىش پانى ھاياتقا.
بىلىپ قويغىن ئەقىلسىز دوستۇم ،
ئەر بولسىلا ئەركەك بولمايدۇ.
ئەركەك دىگەن يادلىنار دائىم،
ئۆلۈك بولسا ئەمما بىر روھى.
ئۇ دىمەيدۇ مىنىڭلا تارىم،
ئەسلىنىدۇ ناخشا-سازلىرى.
ئۇ ئەمەستۇر ئىمانسىز قامەت،
ئۇ ئەمەستۇر روھسىز بىر دەۋەت.
شۇڭا دەيمەن جىنىم دوسلۇرۇم،
ئەر بولسىلا ئەركەك بولمايدۇ.
ئەركەكلەرنى يادلارتونۇيدۇ،
چۇنكى ئۇسىز يوقتۇر بۇ دۇنيا.
سېنى كىملەر ،كىملەر تونۇيدۇ،
شۇنچە يوغان بولساڭمۇ ھەتتا.
ئەركەكلەرنى ئەركەكلەر قىلغان،
ئەخلاق ، ئىمان، نۇمۇس قامىتى،
سېنى ئەر قىپ ئەركەك قىلمىغان،
ئۇنتۇلغان شۇ ۋىجدان سورىقى.
سەن يىغلايسەن يىرىڭ دىڭىزىدا،
سەن كۈلىسەن ئەيىش قىرىدا.
ئەمما ئەركەك تىك تۇرار دائىم،
دۇرۇس، پاكىز ئىتقاد نۇرىدا،
شۇڭا دەيمەن ئەي جان دوسلۇرۇم،
ئەر بولسىلا ئەركەك بولمايدۇ.
زۇلخۇمار ئەزمەت خۇدابەردى قاسىمى (زۇلئاي)
|
|