كۆرۈش: 698|ئىنكاس: 5

خەلق ئۇچۇن خىزمەت قىلىش( تەرجىمە فېليەتۇن) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
9786
يازما
19
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
679
تىزىملاتقان
2011-2-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-26
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 22:53:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلق ئۇچۇن خىزمەت قىلىش قانداقسىگە باشلىق ئۇچۇن خىزمەت قىلىشقا ئايلىنىپ قالدى؟
بى شى چىڭ
يىقىندائۆزىنى «ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرئاساسىي قاتلام كادىرى» دەپ ئاتىۋالغان بىرەيلەن توردا مۇنداق دەپتۇ:«كۆپچىلىك بىزنى خەلق ئۇچۇن خىزمەت قىلماي رەھبەرلەرئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ دەپ تىللايدۇ، بۇئەمەلىيەت.بىزنىڭ بارلىقىمىز،ئۆسىشىمىزدىن تارتىپ مائاشىمىزغىچە ھەممىسى يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلارنىڭ قولىدا تۇرسا،بىزئۇلارئۇچۇن خىزمەت قىلماي تۇرالامدۇق؟پۇقرالارنى رەنجىتىپ قويساق،ئۇلارئەڭ بولسا بىزنى بىر نەچچە ئېغىز تىللىيالايدۇ خالاس.يۇقرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى رەنجىتىپ قويساقچۇ؟ئۇ چاغدا بىزنىڭ ئىسىتقبالىمىز يوق بولىدۇ »
بۇنىڭداھەقىقىي ئەھۋال سۆزلەنگەن. بەزىلەر ئۇنىڭدا دىيىلگەن سۆزلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام كادىرى دىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ قاپتۇ.مىنىڭچە بۇ موھىممۇ؟ ئەڭ موھىمى شۇكى، ئۇ بىرھەقىقەتنى  ئېچىپ بەردى ،بىزئۇنىڭغا قانداق يۈزلىنىشىمىز كېرەك؟
قائىدىگەئاساسلانغاندا ،كادىرلارمەيلى <<يۇقىرىنىڭ گىپىنى>> ئاڭلىسۇن ۋەياكى <<تۆۋەننىڭكىنى ئاڭلىسۇن» ماھىيەتتە ھەممىسى << ساختا>>.گەرچە ھوقۇقدارلارنىڭ ھەممىسى ئىغىزىدا ئۆزلىرىنى خەلق مەنپەئەتىنىڭ ۋەكىلى دەۋالسىمۇ ،ئۇنداقتا كىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسۇن ئەڭ ئاخىرىدا خەلق مەنپەتىدىن پايدىلىنىشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلىدۇ.بىراق قائىدىدىكى «ساختىلىق »ئەمەلىيەتتە راستىنلا راستقا ئايلىنىپ قالغاندا ھازىرغىچە نېمە ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى ياخشى باھالايدۇ؟
بەزى ئەمەلدارلار «يۇقىرىنىڭ سۆزىنى »بەكرەك ئاڭلايدۇ.بۇمۇتوغرا،ھەرھالدا،ھۆكۇمەت تۈزۈلمىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەندە بىرىنچى قول مەسئۇل بولۇش تۇزۇمى قوللىنىلىدۇ.مەلۇم تۈرھەققىدە پىلان بولغاندا ئەگەر تۆۋەندىكىلەر ئەستايىدىل ئىجرا قىلماي،ئەكىسچەھەممىسى ئۆزئالدىغا ئىش قىلىسا بۇنىڭدىن چاتاق چىقمامدۇ؟ شۇڭا خەلق سايلىمىدىن ئۈمىد كۇتكەن ھەربىر ئەمەلدار ھەرگىزمۇ قالايمىقان سۆزلىمەيدۇ ،بىراق بۇ تۆۋەندىكى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى خەلق مەنپەئەتى بىلەن كارى يوق يۈرىۋىرىدۇ دېگەندىن دېرەك بىرەمدۇ يوق؟،ھەتتاھىلىقى ئەدەپسىز بالا لىن جىياشىن ئىيتقاندەك «پۇقرادىگەن ئۇسۇرۇق>> قا ھېساپمۇ؟ .
ئەلۋەتتەئۇنداق ئەمەس ،ئۇلاربىريۈرۈش مەنتىقە چەكلىمىسگە باغلىنىپ قالغان.مەسىلەن، بىرشەھەردە ئاساسىي قاتلامدىكى بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرلار باشقارما،ئىدارەباشلىقلىرى ئۈچۈن جاۋاپكار بولىدۇ،ئىدارە،باشقارما باشلىقلىرى مۇئاۋىن شەھەرباشلىقى،شەھەرباشلىقى ئۈچۈن جاۋاپكار بولىدۇ.شەھەر باشلىقلىرى خەلق ۋەكىللىرى ئۈچۈن جاۋاپكار بولىدۇ.خەلق ۋەكىللىرى شەھەرباشلىقىدىن  رازى بولمىسا بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ھوقۇقىدىن قالدۇرۋىتەلەيدۇ،شەھەرباشلىقلىرى ھوقۇق ئۆتەش مەزگىلىدە ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ئورگانلار (خەلق قۇرۇلتىيى ،سىياسىي كېڭەش) قاتارلىقلارنىڭ چەكلىشى ۋە نازارىتىگەئۇچرايدۇ. خەلق ۋەكىللىرى بىۋاستە سايلىغۇچىلار ئۈچۈن جاۋاپكار بولىدۇ ،شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى يۇقىرى-تۆۋەندە ھاكىمىيەت ۋە ھوقۇق ئۆزئارا ئۆتىشىپ تۇرىدۇ.ئاممامەلۇم ئورۇننىڭ خىزمىتىدىن نارازى بولسا،خەلق ۋەكىللەرقۇرۇلتىيى ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى مەمۇرىي ئەمەلدارغا بىسىم ئىشلىتىدۇ،مەمۇرىي باشلىق ئورنىنى ساقلاپ قىلىش ئۇچۇن دەرھال قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلاردىن مەسئۇلىيەت سۇرۇشتە قىلىدۇ.نەتىجىدە،ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ئاممىنى قوغدايدۇ،ئاساسىي قاتلامدىكى ئەمەلدارلار «يۇقىرىنىڭكىنى ئاڭلاش» ۋە«ئاممىنىڭ گىپىنى ئاڭلىشى»نىڭ نېمە پەرقى بولسۇن؟
بىراق رىئاللىق نىمىشقابۇنداق ئەمەس.ھوقۇق ئايلانمىسىدا زادى قەيەردىن مەسىلە چىقتى؟ ئەستايىدىل ئويلاپ باقىدىغان بولساق،بۇ تۆۋەندىكى بىرنەچچە نوقتىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ.بىرىنچىدىن:ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ئورگانلارنىڭ نازارەتچىلىك كۈچى ئاجىز،خەلق رايىنى تۈزۈلمە قاتلىمىغا كىرگۇزۇش تەس.خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ،پىكىرىنى ئەمەلدارلارغا يەتكۈزۈشتىكى ئەڭ موھىم ۋاستە.ئەگەر بۇ تۈزۈم پەقەت يېغىن ئېچىپ قول كۆتۈرۈش،سايلام ئېلىپ بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا، ئەمەلدارلارنى نازارەت قىلىشقا ئامالسىزقالىدۇ.مالىيەخام چوت ھىساۋاتىمۇ بارغانسىرى ئېگىز-پەس بولۇپ قالىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدائەمەلدارلارنىڭ سىزنىڭ ئىرادىڭىز بويىچە ئىش كۆرۈشتىن ،بولۇپمۇ سىز ۋەكىللىكىڭىزدىكى ئاممىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىشتىن سۆزئىچىش مۆمكىنمۇ؟ ئىككىنچىدىن: بىرىنچى قول باشلىقنىڭ ھوقۇقى ھەددىدىن زىيادە يوغىناپ كەتكەن.كادىرلارئىشلىرى تۈزۈمى شەكىلۋازلىققا ئايلىنىپ قالغان.كادىرلارنى ۋەزىپىگە قويۇش ،ئېلىۋىتىش ئىشلرى مەخپى ئىلىپ بىرىلىدۇ، دىمۇكراتىك تەكشۇرۇشنىڭ تەپسىلىي پىرىنسىپى بولسمۇ ،بىراق سەھنەئارقىسىدا سىياسىينىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغانلارمۇ بىلىدىغان ئالاھىدە تەرتىپ بار. ئۇ بولسىمۇ ،پەقەت ئۈستەل ئالدىدا يۇقىرىدىكى بىرىنچى قول باشلىق سىزنى <<ياقتۇرسىلا>> سىزنىڭ ئۆسىشىڭىز ئادەتتىكى گەپ،چۈنكى ئۇ سىزنىڭ خىزمەتنى قانداق ئىشلەيدىغىنىڭىز،خەلقنىڭ سىزدىن رازى بولۇش بولماسلىقى قاتارلىقلار بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ،پەقەت سىزنىڭ ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىڭىزغىلا قارايدۇ.ئۈچىنچىدىن:خەلق ۋەكىللىرىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە.ئۇ ئەگەرئۆزىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىق ئالدىدىكى«تەكلىپنىڭ  شان-شەرىپىنى »ھىس قىلالىسا سايلىغۇچىلارنىڭ نىېمە دىيشىدىن قەتئىينەزەر ، ئىككىلەنمەستىنلا كەينىگەئۆرۈلۈپلا <<رەھبەرئۈچۈن خىزمەت قىلىش»تەرىپىگەئۆتۇپ ،خىلمۇ -خىل ئاماللاربىلەن رەھبەرلەرگە «ئاۋارىچىلىق ،مەسئۇلىيەت،پاش قىلىش >> قاتارلىقلارنى تىپىپ بەرمەيدۇ،بولۇپمۇ ئارتۇقچە ئىشلارنى تېرىپ بەرمەيدۇ.
مەن نۇرغۇن ئەمەلدارلارنىڭ يەنىلائەستايىدىل ئىش قىلىدىغانلىقىغا ئىشنىمەن.ئەمەلدارلار ۋەزىپىگە ئولتۇرسىلا خەلققە بەخت يارىتىشىنى ئويلايدۇ.بىراق بۇخىل بۇزۇلۇش نەتىجسىدە نۇرغۇن ئادەملەر تېخمۇ ياخشى <<ئەتىسى>> ئۈچۈن،چەكلىك زېھنى كۈچىنى سەرپ قىلىپ رەھبەرلەرنىڭ چەكسىز ئويىنى پەرەز قىلىپ ،باشلىق <<ئاق>>دىسە،ئۇ <<قارا>> دىيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ،باشلىقنىڭ گېپىنى يېرىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ،بارلىق ئىشلار «پەقەت يۇقىرى دەرىجىلىك  رەھبەرلەرگە ئەگىشىش ئارقىلىق بولىدۇ». يەنىلا مۇشۇنداق كېتىۋىرىدىغان بولسا،بىر توپ <<چېرىك ئەمەلدارلار مەدەنىيتى >> شەكىللىنىپ ،ھەممەجايدا باربولغان خەۋپلىك ئايلانما «يۇشۇرۇن قائىدە» شەكىللىنىپ قالىدۇ،بۇخىل بىيۇرۇكرات توپ مەنىۋىيتى ئەڭ ناچار بىر كوللىكتىپ بولۇپ شەكىللىنىپ،ھەرقايسى ئۆزى ئەمەستەك ھالەتتە ئېچ پۇشۇقى ۋە ئاچچىققاتولۇپ ياشايدۇ.ھوقۇ ق بۇخىل بۇزۇلغان ئوبىكتىپ ئەھۋاللارغا سىياسىي ئىسلاھاتتا نوقتىلىق ئوق ئىتىش ز ۆرۇر.
رەھبەرلەرئۇچۇن خىزمەت قىلىش كېرەكمۇ ياكى،خەلق ئۇچۇن خىزمەت قىلىش كېرەكمۇ؟ ھامىلىتچە قىيىن مەسىلىگە ئەمەلدارلارنىڭ ئۆزلىگىدىن جاۋاپپ بېرەلىشى ناتايىن .ئۇئەمىلىي قائىدە-تۈزۈم ۋە پايدىلىق  پىشاڭلارنىڭ قوزغىتىشغا موھتاج.
خەۋەردە دېيىلىشچە،چىڭدۇ مۇلەن بازىرى پارتىكوم سېكرىتارى بىۋاستە سايلانغاندىن كىيىن كادىرلارنىڭ روھى قىيا پىتى ئالاھىدە ياخشىلانغان.چۈنكى خەلق سايلىغان كادىرلا ئاندىن خەلققە ھەقىيقى مەسئۇل بولالايدۇ.مانا بۇ نۆۋەتتىكى سىياسى ئىسلاھات ئۈزۈل-كىسىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان پىكىر يولى ئەمەسمۇ؟

2008-يىل12-ئاينىڭ 12-كۇنىدىكى «ئالتۇن قوي تورى »دىن <<فىليەتۇنلاردىن تاللانما>> (杂文选刊)نىڭ 2009-يىل2-ئاي (上半月) غابېسىلغان سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى:ئابباس ئۆمەر ئەلقۇت
ئادرس: خوتەن ناھىيە خانئېرىق يېزا  سېرىغئۆي ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى
ئالاقىلىشىش تېلفۇنى:  15909039424
地址:和田县罕艾日克乡色日格吾依中学教师:
阿巴斯 吾买尔


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
47463
يازما
73
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2012-9-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-3
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 12:16:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ بىلىشىمچە بۇ فىليەتۇن ئەمەسكەن.ئەمما كۆپ ئەجىر قىپسىز ،رەھمەت.

UID
54230
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-2-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 21:11:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ،سىزمۇ ياخشى تەرجىمە قىپسىز.

UID
20399
يازما
67
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
67
تىزىملاتقان
2011-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-11
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 23:33:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

UID
8037
يازما
24
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
564
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 11:00:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى ھوقۇق ساھەسىدە يۇقىرىدا دېيىلگەندەك،ئەمەلدارلارنى نازارەت قىلىش كۈچى ئاجىز.

UID
47926
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-10-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-2
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 14:47:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇششاق گەپ قىلىپ ئوتۇركەنسىلەھەي  سىيياسەت بىزنىڭ ھىيلمىز دىگەندىكىن ھەممە ئىش تگمىدىمۇ بىز نىڭ دىيارمىز دا شۇندا باشلىق ئۇزۇن خىزمەت قىلغىنى بىلەن باشقا يەردى ئۇداق ئەمەس

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش