كۆرۈش: 513|ئىنكاس: 3

مايمۇن (تەرجىمە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
9786
يازما
19
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
679
تىزىملاتقان
2011-2-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-26
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 22:45:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مايمۇن
لىياڭ شياۋشېڭ
باغچىدىكى قەپەستە بىرتوپ مايمۇن بار بولۇپ،ئۇلارغا قەپەستەتۇرغىلى قانچىلىك ئۇزاق بولغانلىقىنى ھىچكىم بىلمەيدىكەن.
بىز ئۇنى قەپەس دەپ ئاتىساق ئانچە توغرا بولمايدۇ. چۇنكى ئۇ تورشەكىلدىكى چوڭ ئۆيگە ئوخشايدۇ. ئۇ يەردە مايمۇنلار نىسبەتەن تولۇق بولغان پائالىيەت بوشلىقىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.ئۇ يەردەئۇلارئەركىن،بىراق قەپەس قانچلىك  چوڭ بولسۇن بەرېبىر قەپەستە، ھەرگىزمۇئورمانلىق ئەمەس.
باغچىدىكى قەپەس ئىچىدە بىرتۇپ چوڭ دەرەخ بار. ئۇ دەرەخ قەپەسنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۇ دەرەخنىڭ شاخلىرى قەپەسنىڭ سىرتىغا چىقىپ تۇرىدىكەن.توغرىسىنى دىگەندە دەرەخ شاخلىرى قەپەسنىڭ تۈمۇر تۇرلىرىنىڭ ئۇستى تەرىپىگە چىققان ئىكەن .دەرەخنىڭ قەپەس ئىچىدىكى غول قىسمىنىڭ نۇرغۇن يېرىنىڭ قوۋزاقلىرىنى كەپسز مايمۇنچاقلار سويۇۋەتكەن ئىكەن.بىراق،بۇمېۋىلىك دەرەخ يەنىلا ئەتىياز  كەلسىلا چىچەكلەپ كۇز پەسلىدە مېۋەبېرىۋىرىدىكەن!
مايمۇنلارتوپى ئورۇن ۋە مەرتىۋىگە ئايرىلىدىكەن! ھەممەئىتراپ قىلغان ئالاھىدە ھوقۇققا ئىگە بولۇشتا ئىگەللىگەن  مېۋىنىڭ ئاز-كۆپلىكى ئالدىنقى شەرت قىلىنىدىكەن.تورنىڭ ئۇستىگەچۇشكەن بەزى مېۋىلەرنى ئىلشتا،پەقەت دەرەخنىڭ ئۇستىگەيامىشىپ چىقىپ، قولىنى تورنىڭ تۆشۇكلىرىدىن چېقىرىپ گازىر ئارقىلىق ئاندىن ئالالايدىكەن.بىراق پەقەت ئازساندىكى مايمۇنلارلا دەرەخكە يامىشىپ يۇقىرىغا چىقالايدىكەن.ئەڭ ئاۋۋال چىققىنى مايمۇنلار پادىشاھى ،ئىككىنچى بولۇپ چىققىنى پادىشاھنىڭ مەسلەكدىشى ،ئۈچىنچى بولۇپ چىققىنى كۇچتۇڭگۇر مايمۇن بولىدىكەن.
شۇنداق قىلىپ بۇبىرتۇپ دەرەخ قەپەسنىڭ ئوتتۇرىسدا تۇرۇپ سايە چۇشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە مايمۇنلار توپى ئىچىدە بىر خىل تەكشىسىزلىك شەكىللەندۇرۇپ قويۇپتۇ!
شۇنىڭ بىلەن مايمۇنلار ئوتتۇرسىدا ھەسەتخورلۇق، ئۆچمەنلىك، رىقابەت، قېرغىنچىلىق پەيدا بولۇپ قەپەس ئىچى دۈشمەنلىك ،جەڭگى –جىدەل كەيپىياتىغا تولۇپتۇ.
قەپەسنىڭ بىر تەرىپىدىن مايمۇنلارنىڭ ئادەمنى چۆچۈتكىدەك چىرقىراشلىرى ئاڭلاندى.ياش باشقۇرغۇچى ئالدىراپلا قەپەسنىڭ قىشىغا ماڭدى.قەپەسدىكى مايمۇنلار ئوتتۇرسىدىكى جەڭ ناھايتى دەھشەتلىك ئىدى.كونكىرتراق قىلىپ ئىيتقاندا،بارلىق مايمۇنلار جەڭ قاينىمىغا كىرىپ كەتكەن ئىدى.نۇرغۇن مايمۇن پەقەت قالايمىقان سەكرىشىپ ،ئاغزىنى كالچايتىپ،چىشلىرىنى ھىڭگايتىشىپ تەرەپلەرگە ئايرىلىپ ،ئۆز تەۋەلىكىدىكى <<ئالدىنقى نسەپتىكى باتۇرلار>>غا مەدەت بىرىۋاتاتتى.ئەكسىچە ئىككى تەرەپ بولۇپ جەڭ قىلىشىۋاتقان بىر نەچچە ‹‹ باتۇر›› بىر – بىرىنى چىشلىشىپ،بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.شۇ دەقىقىدە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياۋۇز تەبىيئىيتىنى ھەقىيقى تۈردە  ئاشكارلاۋاتاتتى . ئۇلار قارشى تەرەپنى زەخمىلەندۈرمىگۈچە ھەرگىزمۇ بولدى قىلمايتتى، گويا ھەممىسى بىر يوللا تۈگەشمەكچى بولغاندەكمۇ قىلاتتى...
ياش باشقۇرغۇچى قاراپ قىتىپلا قالغان ئىدى.بۇ چاغدا بىر قول ئۇنىڭ مۆرىسىنى يېنىككىنە قاقتى،ئۇ پىشقەدەم باشقۇرغۇچىنىڭ قولى ئىدى.
پىشقەدەم باشقۇرغۇچى ئۆز-ئارا قىرغىن قىلىشىۋاتقان بۇ ئىچىنىشلىق مەنزىرىگە قاراپ ئالدىرىماي مۇنداق دىدى:
<<ياخشى، ناھايتى ياخشى.بىزگە نىسبەتەن بۇنىڭدىن ئىسىل مەنزىرە بولمايدۇ.قولۇمدىكى بۇ تارتۇقنى كۆردىڭىزمۇ؟ مايمۇنلار تاتىلىۋالغان. نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ مايمۇنلارنىڭ ئاجايىپ ياخشى بىر پادىشاھى بار ئىدى.شۇنداق! ئۇ ئاجايىپ مايمۇن ئىدى.ئۇ ماڭا ھۇجۇم قىلدى، چۈنكى ئۇ ئادەملەرگە ناھايتىمۇ ئۆچ ئىدى.چۈنكى ئۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى دەل ئاشۇ ئادەملەر قەپەسكە سولاپ تاماششا قىلىپ كۆڭۈل ئاچىدىغان مەخلۇققا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى.ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ھۇجۇمى مۇۋاپپىقىيەتلىك بولسا ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بەلكىم قېچىپ كېتەلىشى مۆمكىن ئىدى.مەن ئۇ مايمۇنغا بەك قايىل بولغان.ئۇ شۇ ھەركىتى ئارقىلىق ئورمانزارلىققا،ئەركىنلىككە ئىنتىلىدىغان مايمۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. كۆز ئالدىڭىزدىكى بۇ مايمۇنلارغا قاراڭ! ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۇنداق مايمۇنلارنىڭ چىقىشى ئەسلا مۆمكىن ئەمەس.ئۇلارنىڭ ئۆزئارا قىرغىن قىلىشپ،چىشلىشىپ يۈرىشى پەقەتلا قەپەستىكى ئورنى ئۈچۈن! نەچچە يىل ئىلگىرىكى ھىلىقى قەيسەر مايمۇن ھەمراھلىرى تەرىپىدىن چىشلەپ ئۆلتۈرۋىتىلدى.مەن ئۇنىڭغا قايىللىقىمدىن ھايۋاناتلار باغچىسىدىن ئەڭ ياخشى ئورۇننى تاللاپ ئۇنى دەپنە قىلدىم.>>
مايمۇن پادىشاھىدىنمۇ كۈچلۈك بىر مايمۇن پادىشاھىنى چىشلەپ ئۆلتۈرۋەتتى. پادىشاھىنىڭ بوينىدىن چىقىۋاتقان قاننى كۆرۈپ ياش باشقۇرغۇچى چىدىيالماي يۈزىنى باشقا تەرەپكە بۇرىۋالدى.
‹‹ ھازىر ئۇلار ئۆز-ئارا دۈشمەنلىشىپ، زىددىيەتلىشىۋاتىدۇ.ئۇلار مۇشۇنداق قىلىۋەرگەنسىرى بىزنىڭ  ئۇلارنى باشقۇرمىقىمىز تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ،بىزگە نىسبەتەن بۇ بىر خىل ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال.››
غەلبە قىلغان مايمۇن مايمۇنلارغا پادىشاھ بولۇپ قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتكەندەك تۇراتتى،ئۇ تېزلىك بىلەن دەرەخنىڭ ئەڭ ئۈستىگەيامىشىپ چېقىپ،سەكرەپ چۈشۈپ سەكرەپ يۈرەتتى،ئارىلاپ چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ،ئاغزىنى كالچايتىپ قوياتتى.ئۇ ئۈسىتىگە چىقىپ –چۈشكىچە تورنىڭ تۆشۈكىدىن قولىنى چېقىرىپ بىر نەچچە مېۋە ئىلىپ ئۆزىنىڭ شاھلىق ئورنىغا چىقىشىغا ياردەم بەرگەن ‹‹تۆھپىكارلار›› غا بۆلۈپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى،ئەكسىچە قېرىندىشىنىڭ قېنى تۈكلىرىگە يۇقۇپ قالغان ئاشۇ مايمۇنلار دەرەخنى چۆرىدىشىپ سەكرىشىپ،قۇلاقلىرىنى تاتىلىشىپ، ئالىي شان-شەرەپكە ئىرىشكەنلىكىدەك قىياپەتنى ئىپادىلىشەتتى،ئاخىرى مېۋىلەرنى غاجىشىپ دەرەخنىڭ شاخلىرىدا ئىگىز-پەس زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشاتتى.خۇددى بىر نەچچە تاز بۈركۈت دەرەخنىڭ شاخلىرىغا ئىگىز-پەس قونۇۋالغاندەك!
شۇنداق قىلىپ ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى قەپەستە ئاشۇ بىر تۈپ پور دەرەخ يەنە بىر قىتىم ئوڭايلا خوجايىن بولدى.
شۇنىڭدىن باشلاپ،بۇ بىر توپ مايمۇن ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئاددىي كاللىسىدا ئورمانلىق ئۇقۇمى يوقالدى،ئەركىنلىككە ئىنتىلىشتىن سۆز ئېچىش تېخمۇ مۆمكىن ئەمەس ئىدى.
بۇئەسەر ‹‹ تاللانغان فېليەتۇنلار›› (杂文选刊)  ژۇرنىلىنڭ 2007-يىللىق 11-سانىنىڭ ئالدىنقى يىرىم ئايلىق (上半月) سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى:ئابباس ئۆمەر ئەلقۇت
ئادرس: خوتەن ناھىيە خانئېرىق يېزا  سېرىغئۆي ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى
ئالاقىلىشىش تېلفۇنى:  15909039424

地址:和田县罕艾日克乡色日格吾依中学教师:
阿巴斯 吾买尔


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
54230
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-2-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 21:34:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،سىزمۇ ياخشى تەرجىمە قېلىپسىز،مەزمۇنى چوڭقۇر ۋە ئەخمىيەتلىك ئىكەن!
بۇ تېمىنى تاللاپ تەرجىمە قىلىپ بەك ياخشى قىپسىز،بارىكاللا ئەقلىڭىزگە!

UID
51536
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-12-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-2
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 10:29:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە كۆپلىگەن كىشىلەر بۇنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنەلەيدۇ

UID
46810
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-9-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-2
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 11:47:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى چوڭقۇر ۋە ئەخمىيەتلىك ئىكەن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش