كەلدى
غېرىبى
قېچىپ باقتىم، ئەجەل ئوقى مىنى قوغلاپ تېپىپ كەلدى،
نە قىلاي قىرانلىقتىن سۆز ئېچىپ- قېرىلىق يىتىپ كەلدى.
قايان باقسام ، دىكابىرنىڭ شاماللىرى تۆكىدۇ ياپراق،
ئىلىپ قەددىم يا بولدى، يۈرەك ھەممىنى بىلىپ كەلدى.
چۈشەندىم،شۇ ساناقلىق كۈنلىرىم بولدى ماڭا پۇرسەت،
ئۈتۈپ كەتكەن كۈنلىرىم،تاغدەك گۇناھ سېلىپ كەلدى.
كىتىپ قاپتۇ ياشلىق چېغىم، گويا لاي سۇدەك مەنىسىز،
مانا ئەندى ماڭا پۇشايمان غەمگە غەملەر قېتىپ كەلدى.
شۇ ياشلىقمغا ئىشىنىپ، قوغلاپتىمەن شاياتۇن - جىنلىنى،
شۇ لىۋەن يارلار قېنى؟؟!!ماڭا ھەسرەتلەر سېلىپ كەلدى.
نادانلىقتىن تاپماپتىمەن ، دىلغا ئارام ھىدايەتنى....
ئەشۇ شىرىن غەپلىتىمدە،دەججال نەغمە چېلىپ كەلدى.
يېشىم يەتكەندە ئەللىككە، تاپتىم ماڭار يولۇمنى،
كۆزۈمدەياش،دىلدا تەكبىر،ئاللا دەپ قېتىپ كەلدى.
كىچىر گۇناھىمنى،ئەي ئۇلۇغ،مىھرىى- شەپقەتلىك ئاللا!
چالا قالغان بۇ ئۆمرۈم،مىنى ھەر دەم ساڭا چېتىپ كەلدى.
ئۆزەڭ قادىر جىمى ئىشقا، سىنىڭسىز تەۋرىمەس قىل ھەتتا،
شىرىك كەلتۈرمىدىم ھەرگىز،مۇنكىرلەر بۇنى يېزىپ كەلدى.
ئۈمىدىم شۇ ،شات قىلىپ، جەھەننەمدىن بەرگىن پاناھ،
شۇ ئارزۇ -ئارمان مىنى، ئىشقىڭغا موپتىلا قىلىپ كەلدى...
بىر پىنسىئونىر تىلىدىن