
چەكمە دوستۇم خىروئېن
1
ئۆزۈم چاققان، تەققى-تۇرقۇم ھەم كېلىشكەن،
يىگىت ئىدىم ھەم ئەل سۆيگەن مېھىر بېرىپ.
ئاشىق قىلغان گۈزەل قىزلار ئەقلىنى لال،
چۆلنى بوستان قىلغان شورغا لالە تېرىپ.
2
مەن ئۆگەندىم خىروئېنغا يولدىن ئېزىپ،
ئۆتتى كۈنلار كەيىپ ئىزلەپ رەستە كېزىپ.
يوقاتقاچقا ئادىمىلىك مىزانىمنى،
مېنى سۆيگەن گۈزەللەرمۇ كەتتى تېزىپ.
3
يەپ تۈگەتتىم ئاتا-ئانام بىساتىنى،
گەر گۇناھتەك بالا باققان باغرىنى ئېزىپ.
قالمىدى ھىچ تونۇش بىلىش دوست-يارانلار،
پۇل ئالمىغان دوپپىسىغا جىگدە تىزىپ.
4
ۋەيران بولدى گۈلدەك بەختىم ئالتۇن تەختىم،
مۈكچەيدى تەن ئوتلۇق قانلار كەتتى سېسىپ.
پەرزەنتلىرىم،غەم گۇزارىم بولدى سەرسان،
كەتكەچ ئۆينى پېقىر تاپقان غەملەر بېسىپ.
5
خۇمار تۇتسا چېدىيالماي ئازابىغا،
ساتماق بولدۇم ئۆي-بېساتنى جاننى قېتىپ.
تۇتۇلغاندا ساقچىلارغا ھەي ئېسىت دەپ،
تور-قەپەزدە ئۆتتى ئالتە ئاي ئاچ-توق يېتىپ.
6
ئۆتتى باشتىن نۇرغۇن قىسمەت بۇ كوچىدا،
تاسلا قالدىم خىروئېندا ئۆلگىلى قېتىپ.
تاپالمىدىم مەن شۇندىمۇ ھەقىقەتنى،
ھەم بارغانچە كىرىپ كەتتىم ئۇندا پېتىپ.
7
ئېبرەت بولسۇن ئەي دوستلۇرۇم چەكمە!ئۇنى،
خار قىلمىغىن ئۆز جېنىڭنى ئىسقا قېتىپ.
خىروئېندەك ئىبلىس-شەيتان چاڭگىلىدا،
جان بەرمىگىن باشقىلاردەك بىركۈن يېتىپ.
8
باققىن تاڭغا گۈزەل ئەتە كەلگۈسىڭگە،
بولما مەندەك غېرىب ئەرۋاھ كەتمە سېسىپ.
قاتتىق ئېيتاي بىلەلمىسەڭ سۆزلىرىمنى.
چەكمەك بولساڭ يۈرگىن دوستۇم قوڭنى قىسىپ.
تەشنائى
