- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1
- تىزىملاتقان
- 2013-3-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-7
- UID
- 46903
- يازما
- 1
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1
- تىزىملاتقان
- 2013-3-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-7
- توردا
- 0 سائەت
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم : مەن ئەلكۇيى مۇنبىرىگە كىرىپ [تەكلىماكاندىكى سۇفى ئىشانلار ]دىگەن فىلىمنى ۋە بۇ فىلىم توگرىسىدا يېزىلغان ئىنكاسلارنى ئىككى سائەت ۋاختىمنى چىقىرىپ تەپسىلى كوردۇم. بەزى ئىنكاسلارنى كۇرۇپ شۇنداق سۇيۇندۇم .بەزى ئىنكاسلارنى كۇرۇپ شۇنداق غەزىپىم تاشتى.ئاخىرى چىداپ تۇرالماي يېڭىدىن ئەزا بۇلۇپ مىنىڭمۇ ئىنكاس يازغۇم كەلدى .زادى چىدىمىدىم . ئالدى بىلەن بۇ مۇنبەر سۇپىلار بىلەن تۇشۇپ كىتىپتۇ دىگەنلەرگە رەدىيە: مەن سۇفى ئەمەس. مەن شۇنى سۇراپ باقاي. سۇفى زادى نىمىش قىلدۇ ، ئۇ زادى قانداق ئىنسان ، ئۇ مۇسۇلمانداچىلىقنىڭ قايسى يۇلى بىلەن ماڭىدۇ ، قانداق ئىبادەتلە بىلەن چۇغۇللىنىدۇ ،ئۇلا ئاللاھدىن نىملەرنى تىلەيدۇ، ئۇلا قايسى ئارزۇ ئىستەكلە بىلەن ياشايدۇ، قىسقىسى سىز مۇشۇلانى چۇشۇنەمسىز ؟. نىمىگە ئاساسەن ئۇلانى مۇشرىك دەيسىز؟ سۇپىلارنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ تەنقىت قىلدىغانلارغا تەكلىپ :- قايسىڭلا بىرەر سۇفى بىلەن پىكىردىشىپ باققان؟ شەرىئەت ئەھكاملىرى تۇغرىسىدا مۇنازىرلىشىپ باققان ؟ ئۇلا بىلەن بىرەر يىرىم سائەت سۇھپەتلىشىپ باققانمۇ؟ ئەنە ئاۋۇ تۇركىيىدە ئۇقىغان قېرىندىشىمىز سۇپىلار بىلەن ئاز تۇلا پىكىرلىشىپ بېقىپتىكەن . بەزىلەر - [ بىركۇنى نەبىي سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ساھابىلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇلتۇرغاندا يەرگە ئۇزۇن بىر سىزىق سىزىيدۇ شەيىخ ئەلبانى رەھمەھۇللا مۇشۇ ھەدىسنى ئېيتىۋاتقاندا دۇنيادىكى ھىچقانداق ئارخىتكىتور بۇلسىمۇ ئىسلامنى مۇنداق سىزىپ بېرەلمەيدۇ دەيدۇ. سەۋەپ : نەبىي سەللەللاھۇ ئلەيھى ۋەسسەللەم ئارختىكتور ئەمەس بەلكى پەيغەمبەر. رەسۇللا قانداق بىر سۇزنى ئېيىتقان بولسا ئۇز رايى بۇيۇچە ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ ۋەھىسى بۇيۇچە ئېيىتقان ۋە پەيغەمبىرىمىز توغرىسىغا ئۇزۇن قىلىپ مۇشۇ سىزىقنى سىزىپ مانا بۇ ئاللاھنىڭ يۇلى دىگەن ۋە شۇ سىزىقنىڭ يېنىغا قىسقا-قىسقا سىزىقلارنى سىزىپ بۇلار شەيتانلارنىڭ يۇللىرىدۇر دىگەن.] بىزگە پەقەت مۇشۇ يوللا كۇپايە دەيدۇ. توغرا بىزگە ھەقەقەتەن پەقەت مۇشۇ كۇپايە ... يۇقارقى ھەدىستىكى ئاشۇ قىسقا-قىسقا سىزىقلارنى شەيتاننىڭ يوللىرى دەپ كىلىپ سۇپىلارنىنىڭ يوللىرىنىمۇ شايتاننىڭ يۇلى دەيمىزما ؟ ئانداقتا ھازىرقى بەزى ئۇيغۇر ياشلىرمىزنىڭ يوللىرنى ئەۋلىيا- ئەنبىيالارنىڭ يۇلى دەيمىزمايا ؟ .قېرىندىشىم سىز سۇپىلارنىڭ ھەممىسىنى نامازنى مەجىتتە ئۇتىمەي مازالاردا ئۇتەيدىغان ، ئەتىدىن كەچكىچە مازارلارغا باش ئۇرۇپ ھوكمات ئېيتىپ بۇدۇنيالىقنى ئاللاھدىن تېلىمەي مازايى- ماشايىقلاردىن تىلەيدىغان ، ساقال بۇرۇتلرنى ئۇستۇرۇپ قاسماقلىشىپ يۇرۇيدىغان بىرتۇركۇم دەلتۇشلەرگە ئۇخشۇتۇپ قالغان ئۇخشايسىز. تېخى ئۇلانى مۇشرىك دەپسىز. سىز ئالدىراپ مۇنداق باھا بەرمەڭ بۇلانى - سىز ۋە مىنى جىمى مەخلۇقلانى بارلىق كائىناتنى ياراتقان ئاللاھ ئېگەم ئۇزى ئارىسۇن . سىزدىن سۇراپ باقاي ھەربىر سۇپى سىز ماڭغان قايسى يولنى كام مېڭىپ قۇيدى ؟ ئۇلا ئاللاھ بىزگە فەرھىز قىلىپ بەرگەن قايسى ئىبادەتلەرنى كام قىلىپ قۇيدى ؟ قىرىندىشىم ئۇلانى ئەيىپلاۋەرمەيلى ،شەيتان -مۇشرىك دەپ تىللاۋەرمەيلى . مانا مەن بىرنەچچە سۇپى -ئېشانلا بىلەن ھەمسوھپەت بۇلۇپ ئۇلا بىلەن پىكىرلەشكەن ھەم مۇنازىرلەشكەن. ئۇلانىڭ قىلدىغان ئىشلىرى توغرىسىدا مەن ئازراق چۇشەنچە بىرىپ قۇياي . ئۇلا مۇسۇلماندارچىلىقتىكى پەرىز ئەمەللەرنى تۇلۇق قىلدۇ . ئۇلا بۇدۇنيانىڭ راھەت -پاراغەتلىردىن پۇتۇنلەي قول ئۇزۇپ پۇتۇن ۋۇجۇدى ۋە پۇتۇن ئىخلاسى بىلەن ئوزلىرنى ئۇ دۇنياغا ئاتىۋەتكەن . ئۇلا ھەركۇنى ئاز دىگەندە 40 مىڭ قىتىم ئاللاھ دەپ زىھرى ئېيتىدۇ . ئۇلا ھەر بىر قىلغان ئىبادەتلىرى ئۇچۇن ئاللاھدىن بۇدۇنيالىقنى قىلچىمۇ تىلىمايدۇ .تىلەيدىغىنى پەقەت ئۇ دۇنيالىق. مانا بۇ مىنىڭ سۇپىلاردىن ئاڭلىغىنىم. ئۇلا سىز ئويلىغاندەك ھەرگىزمۇ مازارلارغا باش ئۇرۇپ ئاللاھنى قارىپ قۇيۇپ شېھىتلاردىن بىرەر نەرسە تەلەپ قىلمايدۇ . سىز بىلەن شۇ سۇپىلارنىڭ پەرقىنى سوزلەپ ئۇلتۇرمىساممۇ بولا .سىزنىڭچە ئۇلانىڭ كۇندە ئوزلىرگە40 مىڭ قىتىم ئاللاھ دەپ زىھرى ئېيتىشنى ۋەزىپە قىلىپ ئاللاھقا بولغان مۇھاببىتىنى ، ئاللاھقا بولغان ئاشىقلىقىنى ،ئاللاھقا بولغان سىغىنىشىنى ئىپادىلىسە خاتامۇ ئۇلانىڭ ھەر بىر قېتىم ئاللا دەپ زېھرى ئېيتىشلىردىن بەدەنلىرى تىترىگىدەك ،يۇرەكلىرى تىپچەكلىگىدەك ،كوزلىردىن تاراملاپ ياشلار ئاققۇدەك ،نەپەسلىرى توختىغىدەك دەرىجىدە زېھرى ئېيتىشلىرى خاتاما ؟ يەنە ئۇلانىڭ بۇ دۇنيانىڭ بارلىق بەخىت- سائادەت ئەيىش -ئىشرەتلىردىن راھەت -پاراغەتلەردىن ۋاز كىچىپ ئېستىخامەت قىلىپ ئۇزلىرنى ئاللاھنىڭ يۇلىغا ئاتاپ ئىبادەت قىلىپ مازايى-ماشالىقلاردا شېھىتلەرنىڭ روھلىرى بىلەن ھەم سوھپەت بۇلۇپ ئاللاھ دەپ نالە قىلىۋاتقان ئاشۇ دەرۋىش سۇپىلارنى مۇشرىك شەيتاننىڭ يۇلىدا ماڭغانلار دىيىش سىلەچە توغرىمۇ ؟ سىزدىن يەنە بىر ئىشنى سۇرىغۇم كېلىۋاتىدۇ سىز ھەر بىر ئىبادىتىڭىزدە يەنى نامازلىرىڭىزنى ئۇقۇپ بۇلۇپ دۇئا قىلغان ۋاختىڭىزدا ئازراقنۇ بۇلسىمۇ ئۇلۇق ئاللاھدىن بۇ دۇنيالىقنى تىلەيسىز .ھىچ بولمىغاندا بېشىڭىزغا كەلگەن بالايى قازانىڭ يوق بۇلۇپ كېتىشنى تېلەيسىز . بىراق سوپىلارچۇ ؟ ...... ئاللاھ نىمە ئۇچۇن بىزنى ياراتتى .بۇنى دىمىسەممۇ سىز ئوبدان بىلىسىز. بىز بىر قۇل ، قۇلنىڭ ئېگىسىدىن يەنى ئاللاھدىن بۇدۇنيالىقنى تىلەيدىغان ھەققى يوق . مانا بۇ سۇپىلارنىڭ كوز قارشى....... ئەمدى ئەقىدىنىڭ قانداق بولدىغانلىغىنى ھىس قىلغانسىز . قىرىنداشلار ئۇلانى كەمسىتمايلى ،ئۇلاغا قالايمىقان بەتنام چاپلىمايلى . ئسلام دىنى نوختى نەزىرى بۇيۇچە ئۇلانى ھاقارەتلەش ھۇقۇقىمىز يوق .بۇنى ئاللاھ ئارىسۇن . ئەگەر ئۇلانى تۇزەيمىز دىگۇچە ئەتراپىمىزدىكىلەرنى تۇزەيلى . بىرسىنى ئىسلام يولىغا باشلىساقمۇ شۇ ھىساپ . تارىخى تەرەققىيات مەدىنىيەت نوختىى نەزىريىسىدىن ئۇلا بۇدۇنيالىقدىن ئاللىمبۇرۇن ۋاز كەچكەن ..ئۇلاغا تەرەققىيات مەدىنىيەت توغرىسىدا سوز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس .. ئۇلانى تەرەققىيات نوختى نەزىريىسىدە تۇرۇپ ئەيىپلىسەك سەل ئەقىلگە سىغىدۇ . بىراق دىنى نوختى نەزىردە تۇرۇپ ئەيىپلىسەق ئۇزىمىز گۇناھكار بۇلۇپ كالمىز ....... |
|