ئەر ۋە ئايال
شەرىپە
ئەي كىرىسلودا راھەتلىنىپ ئولتۇرغان ئەر! تۇرقۇڭ بەئەينى بىر ئەزىز مېھمان! بىر يۇتۇم سۇغىمۇ،بىر تال چوكىغىمۇ،ھەتتا بىر تال قوشۇققىمۇ توۋلايسەن ئايالنى، ئايال خۇددى سەن ئۈچۈ يارالغان تالماس ساھىپخان.....!
بالا باققان، تاماق ئەتكەن، كىر يۇغان، ئۆي تازىلىغان......قىسقىسى زادىلا تىنىم تاپمىغان،بالىلارنىڭ
ئەيىپ-نۇقسانلىرىمۇ ئايالغا ئارتىلغىنى ئارتىلغان....خۇددى ساڭا مۇناسىۋەتسىزدەك،باھانەڭ شۇكى
:تاغدەك خىزمەت يەلكەڭگە ئارتىلغان،سېنىڭ نەزىرىڭدە ئايالنىڭ خىزمىتى خۇددى مۇھىم ئەمەستەك،
ئويلايسەن كۆڭلۈڭدە :<مەن ڭشلىگەن خىزمەتنى ئايال ھېچقاچان ئىشلەپ باقمىغان......>
ئايال ئەردىن سەھەر تۇرغان، ئەر ساقال-بۇرۇتىنى ئالغۇچە، ئايال ئورۇن كۆرپە يىققان، ناشتىلىق تەييارلىغان،
بالىلارنىڭ پېشانىسىدىن سۆيۈپ مەكتەپكە ئۇزاتقان، ئەر ئىشىكتىن چىققاندىن كېيىن، قاچا-قومۇچ،
ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇپ ئالمان-تالمان خىزمەتكە ماڭغان، ئۆينى مەينەت تاشلاپ كېتىشكە يا كۆڭلى تارتمىغان....
ئەر بىلەن ئايال ئوخشاش خىزمەت قىلغان، لېكىن ئەر خاتىرجەم، ئايال بىچارە خىزمەت ئارىلىقىدىمۇ
چۈشلۈك تاماقنىڭ غېمىنى قىلغان، چۈشتە بالىلارنىڭ تامىقىنى بېرىپ بولۇپ، ئۆزى ئاغزىغا يەمدۇ،
بۇرنىغا يەمدۇ يەنە خىزمەتكە چاپقان.....
ئەر خاتىرجەم خالىغان يېرىگە بارالىغان، چۈنكى ئۆيدە قارانچۇق <ئايال> بار بالىلارغا قارايدىغان.....
ئايال بىرەر يىغىلىشقا بېرىش ئۈچۈنمۇ ، بىر كۈن ئاۋال بالا بىلەن ئەرنىڭ غېمىنى قىلغان، ئەر ئالدىدا
خۇددى گۇناھكاردەك پاي-پېتەك بولۇپ خوشامەت قىلغىنى قىلغان......
ئەر ئاغرىسا ئايال ئەتراپىدا پەرۋانە بولغىنى بولغان، خۇدا ساقلىسۇن ئايال ئاغرىشتىن، قاچىلار
دۆۋىلىنىپ ئۆيلەرنى توپا باسقان، تۆت تامدىن بوران ئۇچۇپ، بالىلارنىڭ بوينى قىسىلغان،ئۆي
بەئەينى جاڭگالغا ئايلانغان.......
لېكىن ۋايسىمايسەن ئەي ئايال، بارچە چارچاش، ھېرىشلىرىڭنى ئىچىڭگە يۈتۈپ، گەرچە قەلبىڭ
كۆتۇرۇشكە تەييار تۇرسىمۇ تۈمەن مىڭ ئېسيان!
خالىمايسەن كۆڭۇلسىزلىكنى، بالىلار ئۈچۈن ياراتماق بوپ خاتىرجەم كۆڭۈللۈك مۇھىت، بارچىنى
يۇتۇپ ئىچىڭگە ،چېھرىڭدىن تەبەسسۈم ياغدۇرۇپ تۇغىنىڭ تۇرغان......
تەسەللى بېرىسەن ئۆزۈڭگە شۇنداق:<ئىش قىلغانغا ھېچقاچا ئۆلمەيدۇ ئىنسان>!
چارچىدىڭ ئايال.......بەكلا چارچىدىڭ.....!
سەن ئۈچۈن بولسىدى شۇنداق بىر جاھان: ئائىلە ،خىزمەت، رىقابەت ئۇقۇملىرى مەۋجۇت بولمىغان،
قۇشلاردەك يېنىك، قۇشلاردەك ئاڭسىز، خالىسا قونۇپ خالىغاندا ئۇچالايدىغان......ھېچ نەرسىدىن غەم يىمەيدىغان.....!
بىر كۈن بولسىمۇ ياشاپ باقساڭ ھە!
نىمە تېۋىش ئۇ ئاڭلانغان؟
چۆچۈمە ئايال! جىم ئولتۇرۇپ باق سەنمۇ بىر مەھەل......ئۆزۈڭنى خىياللار بكشۈكىگە بۆلەپ، بالىلىق
خېسلىرىڭدا ئەللەيلەپ......
ئاڭلانغىنى ئۆزۈڭنىڭ ئاۋازى ئۇ تىنماي ئۇھ تارىتقان!
‹ ئالمىزار مۇنبىرىدىكى يازمامنى يۆتكۈدۈم ›