تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 800|ئىنكاس: 8

تىنىقمدا يانىدۇ بىر ئوت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

سەمىمىيلىك - گۆھ

UID
3799
يازما
215
تېما
20
نادىر
0
جۇغلانما
7366
تىزىملاتقان
2010-7-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-28
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 13:58:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تىنىقىمدا يانىدۇ بىر  ئوت

( ئېھتىرام )

 

ئۇچقۇن چاچار بۇلاق كۆزلىرىڭ ،

گەپ قىلىشنى بىلىدۇ توۋا !.

قىيا بېقىپ لىۋەن كۈلگىنىڭ ،

شۇنچە نازۇك ،شۇنچە دىلرەبا .

مېنى دەرتكە مۇپتىلا قىلغان ،

شوخلۇقۇڭدىن ئايلىناي ،توۋا !

 

جىلۋە تۆكۈپ زىناقلىرىڭدىن ،

بوۋاق كەبى كۈلسەڭ ۋىلىقلاپ .

گۈلگۈن لېۋىڭ جىلمىيىپ شۇدەم ،

شوخ ھېسلارنى قويار غىدىقلاپ .

خۇش ھىدىڭدىن مەس بولۇپ كەتتىم ،

ئىچمەي تۇرۇپ ئەسلا مەي –شاراپ .

 

ساڭا  مېھرىم ئوخچىغان دەريا ،

سەن كۈلسەڭلا كۈلەر يۈرىكىم .

سېنى كۆرمەي يېرىم ئۆلۈكمەن ،

سەن بىلەنلا ياشنار تىلىكىم .

بۇلاق كۆزۈڭ مەن ئۈچۈن ئۇۋا ،

ئۈمىت شامىم ،مەرمەر يۈزلۈكۈم .

 

كۆيدۈم دىگەن چالا ئاشىقنىڭ ،

سۆزلىرىگە سالماسمەن قۇلاق .

سەنلا  مېنىڭ بەخت – نىشانەم ،

يۈرەك –پارەم ،جىگىرىم ئوماق .

ئۇنتۇلىدۇ ھەممە ھىكايەت ،

سۆيگەن يارنى قىيىن ئۇنۇتماق .

 

ئۆكسۈپ- ئۆكسۈپ يىغلىدىم بىر پەس ،

پۇراق چاچماي گۈلزارى بەختىم .

نۇر ياغدۇرساڭ مەرمەر يۈزۈڭدىن ،

شوخ ھېسلارغا چۆمىدۇ قەلبىم .

باسقۇم كېلەر تەشنالىقىمنى ،

باغرىمغا چىڭ تاڭغانچە جېنىم .

 

سەنلا  ماڭا  جۆر بولساڭ خەقلەر ،

نىمە دېسە دەۋەرسۇن مەيلى .

سىناق تېشى ئاتىدۇ بەزەن ،

مۇھەببەتكە جۇدالىق پەسلى .

لەيلى بولساڭ ئىشقىڭدا مەجنۇن ،

ئۈزۈلمەستۇر سۆيگۈ داستانى .

 

مۇھەببەتنى كۈلدۈرسە ئارمان ،

مەن سېنىڭسىز تاپماسمەن ۋىسال .

تىنىقىمدا يانىدۇ بىر ئوت ،

ۋۇجۇدۇمدا گۈلخانلىق بىر ھال .

نازۇك چېھرىڭ قۇياشتەك پارلاپ ،

ئەس- يادىمنى قىلماقتا مالال .

 

يۇرۇڭقاشنىڭ سۈيىدەك ئۆركەش ،

ياسار دىلدا ئوخچۇپ مۇھەببەت .

تەشنالىقتا سوقاتتى يۈرەك ،

سۈزۈك قەلبىڭ شۇنچىلىك قىممەت .

سۆيگۈ رېڭى ئۆڭمەيدۇ ئەسلا ،

سېنى سۆيسەم ئەبەتتىن –ئەبەت .

 

( ئېھتىرام يازدى)

 

(بۇ ئەسىرىم ئاللىقاچانلا مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنىپ بولغان ، شۇڭا باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ . ئەسەر ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلىڭ. ئېھتىرام )  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
nafisa + 50 ئىجادىي يازم ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 50   باھا خاتىرىسى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

http://tejelliy67.blogbus.com/

UID
3429
يازما
160
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
6090
تىزىملاتقان
2010-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-11
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 15:34:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىلۋە تۆكۈپ زىناقلىرىڭدىن ،

بوۋاق كەبى كۈلسەڭ ۋىلىقلاپ .

گۈلگۈن لېۋىڭ جىلمىيىپ شۇدەم ،

شوخ ھېسلارنى قويار غىدىقلاپ .

خۇش ھىدىڭدىن مەس بولۇپ كەتتىم ،

ئىچمەي تۇرۇپ ئەسلا مەي –شاراپ .


قەلەم كۈچىڭىزنىڭ بۇنداق كۈچلىك ئىكەنلىكىنى ئۇيلاپمۇ باقماپتىمەن رەھمەت

ئاللاھ بەندىلىرىڭنىڭ كۈڭلىگە ئىنساپ بەر

UID
3908
يازما
119
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1250
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 17:11:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساڭا  مېھرىم ئوخچىغان دەريا ،

سەن كۈلسەڭلا كۈلەر يۈرىكىم .

سېنى كۆرمەي يېرىم ئۆلۈكمەن ،

سەن بىلەنلا ياشنار تىلىكىم .

بۇلاق كۆزۈڭ مەن ئۈچۈن ئۇۋا ،

ئۈمىت شامىم ،مەرمەر يۈزلۈكۈم .

ماڭا بەك يارىدى.ھارمىغايسىز.

قىيىن ئىش يوق ئالەمدە كۆڭۈل قويغان ئادەمگە.

UID
3908
يازما
119
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1250
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 17:15:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆيدۈم دىگەن چالا ئاشىقنىڭ ،

سۆزلىرىگە سالماسمەن قۇلاق .

سەنلا  مېنىڭ بەخت – نىشانەم ،

يۈرەك –پارەم ،جىگىرىم ئوماق .

ئۇنتۇلىدۇ ھەممە ھىكايەت ،

سۆيگەن يارنى قىيىن ئۇنۇتماق .

  

مۇشۇنداق نادىر شىئىرلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.     

قىيىن ئىش يوق ئالەمدە كۆڭۈل قويغان ئادەمگە.

UID
2724
يازما
335
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
10988
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 17:22:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆيدۈم دىگەن چالا ئاشىقنىڭ ،

سۆزلىرىگە سالماسمەن قۇلاق .

سەنلا  مېنىڭ بەخت – نىشانەم ،

يۈرەك –پارەم ،جىگىرىم ئوماق .

ئۇنتۇلىدۇ ھەممە ھىكايەت ،

سۆيگەن يارنى قىيىن ئۇنۇتماق



سەنلا  ماڭا  جۆر بولساڭ خەقلەر ،

نىمە دېسە دەۋەرسۇن مەيلى .

سىناق تېشى ئاتىدۇ بەزەن ،

مۇھەببەتكە جۇدالىق پەسلى .

لەيلى بولساڭ ئىشقىڭدا مەجنۇن ،

ئۈزۈلمەستۇر سۆيگۈ داستانى .


بۇ مىسرالار نى شۇنداق ياختۇرۇپ قالدىم  قولىڭىزغا دەرت بەرمىگەي..  رەھمەت سىزگە

كۆيۈمچان ئەزا

سەمىمىيلىك - گۆھ

UID
3799
يازما
215
تېما
20
نادىر
0
جۇغلانما
7366
تىزىملاتقان
2010-7-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-28
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 19:46:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىزلەرنىڭ  رىغبەتلەندۇرگىنىگە كۆپ رەھمەت .... داۋاملىق تىرىشىمەن .....

UID
3860
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2010-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2010-10-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 20:58:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشىڭ

ئەلى

UID
676
يازما
184
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
6165
تىزىملاتقان
2008-11-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-19
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 22:05:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىكىرى تېرەن شېئىركەن.

كۆيۈمچان ئەزا

ئادەمدەك ياشالم

UID
2048
يازما
66
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1776
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-22
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-1 11:23:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم
   
             شۇنداق !مەزمۇنى شۇنداق تېرەن ، ئىسىل شىېئىرئىكەن.    قەلىمىڭىز توختاپ قالمىغاي!

ئەھمىيەتلىك بىر كۈن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش