- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 111
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 113
- تىزىملاتقان
- 2013-2-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-13
- UID
- 53582
- يازما
- 111
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 113
- تىزىملاتقان
- 2013-2-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-13
- توردا
- 79 سائەت
|
ئېتىقاد مەسىلىسىدە چەكلەنگەن ئىشلار
سوئال: ئاللاھ كەچۈرمەيدىغان ئەڭ چوڭ گۇناھ قايسى؟
جاۋاب: ئاللاھ كەچۈرمەيدىغان ئەڭ چوڭ گۇناھ ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈشتۇر.قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ مۇنداق دىگەن:‹ئاللاھ ئۆزىگە بىرەر نەرسىنىڭ شىرىك كەلتۈرۈلۈشىنى(يەنى مۇشرىكلىك گۇناھىنى)ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلمايدۇ.بۇنىڭدىن باشقىسىنى(ئاللاھ ئۆزى)خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ.كىمكى ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرىدىكەن،ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىق ئازغان بولىدۇ.› (نىسا سۈرىسى 116-ئايەت)
چۈنكى ئاللاھ تائالا يىگانە ئىلاھ،ھەممىنىڭ ياراتقۇچىسى،ھەممىنىڭ ئىگىسى،ھەممىنى باشقۇرغۇچى ۋە يالغۇز خوجايىندۇر. ئاللاھ ھىچكىمگە،ھىچ نەرسىگە ئوخشىمايدۇ.ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىمۇ ھىچكىمنىڭ سۈپىتىگە ئوخشىمايدۇ.ئەھۋال بۇنداق ئىكەن،ئاللاھ ياراتقان بەندىلەرنى ۋە ھەرقانداق بىر مەخلۇقاتنى ئاللاھقا ئوخشىتىش ئەڭ چوڭ ھەقسىزلىقتۇر. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە:‹ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ ھەقسىزلىكتۇر›دەپ ئىلان قىلىنغان. مۇنداق بىر ھەقسىزلىق ئۈچۈن ئاللاھنىڭ غەزەپلەنمەسلىكى،نەپرەتلەنمەسلىكى ۋە بۇنداق ھەقسىزلىقنى قىلغان ئادەمنى جازالىماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھلىق شەنىگە لايىق كەلمەيدىغان سۆز-چۆچەكلەرنى ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنى ياقتۇرمىغان ۋە ئۇلارنى سادىر قىلغانلاردىن ئەڭ ئىچىنىشلىق ئىنتىقام ئالغان يەردە،پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى،كاتتىلارنىڭ كاتتىسى بولغان ئاللاھ ئۇنىڭغا شىرىك كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ ئۈستۈن شەنىگە،ئىلاھلىق ماقامىغا،ئۇلۇغلۇق مەرتىۋىسىگە لايىق كەلمەيدىغان بۇ چوڭ گۇناھنى كەچۈرمەسلىكتە ئەلۋەتتە ھەقلىقتۇر!
سوئال:ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈش دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈش دىگەن،ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقاتلاردىن قايسىبىرىنى ئاللاھقا ياكى ئاللاھنىڭ خاس سۈپەتلىرىگە ئوخشىتىش دىگەنلىكتۇر.ئۇ ئىتىقاد،ئەمەل-ئىبادەتلەر ۋە دۇئالاردا ئاللاھقا باشقا بىرسىنى شىرىك قىلىپ قويۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان،ئاللاھنى ئەڭ غەزەپلەندۈردىغان يامان ئىشتۇر.
سوئال: ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈرۈش ھىساپلىنىدىغان ئىشلار قايسىلار؟
جاۋاب: (1) دۇنيانى ۋە دۇنيادىكى ئىشلارنى باشقۇرۇشتا ئاللاھتىن باشقىمۇ بەزى باشقۇرغۇچىلار بار.دەپ ئىتىقاد قىلىش. مەسىلەن ئەۋلىيالار،قۇتۇپلار،پىرلار ۋە مازاردىكى ئۇلۇغلار دۇنيادىكى بەزى ئىشلارنى باشقۇرالايدۇ،دەپ ئىتىقاد قىلغانغا ئوخشاش.بۇ خىل شىرىك ئاللاھنىڭ تەسەرۇپاتىغا باشقىلارنى شىرىك قىلىۋالغانلىقتۇر.
(2) ئۆلۈكلەرنى ( مەيلى ئۇلار پەيغەمبەر بولۇپ كەتسۇن،مەيلى ئەۋلىيا بولۇپ كەتسۇن) كىشىلەرگە پايدا-زىيان يەتكۈزەلەيدۇ،ھاجەتلەرنى راۋا قىلالايدۇ،دەپ ئىتىقاد قىلىش.
(3) ئاللاھقا ۋە ئاللاھقا خاس سۈپەتلەرگە باشقىلارنى ئوخشىتىش. مەسىلەن: ئەۋلىيا، قۇتۇپلار،پالچىلار،ۋە رامچىلار،سىھىرگەرلەر ئاللاھتىن باشقىلار بىلمەيدىغان ئىشلارنى(غايىپنى) بىلىدۇ،دەپ ئىتىقاد قىلغانغا ئوخشاش.بۇ خىل شىرىك ئاللاھنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان سۈپەتلىرىگە باشقىلارنى شىرىك قىلىۋالغانلىقتۇر.چۈنكى غايىبلارنى بىلىش ئاللاھقا خاس سۈپەت. ‹غايىپنىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر.ئۇنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ،قۇرۇقلۇقتىكى،دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ،دەرەختىن تۆكۈلگەن ياپراقتىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرەرسىمۇ يوق،مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر دانە ئۇرۇق بولسۇن،مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن،ھەممىسى ئاللاھقا مەلۇم بولۇپ لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىقلىقتۇر.›(ئىنئام سۈرىسى 59-ئايەت)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:‹كىمكى داخان،پالچى،رامچى ۋە كاھىنلارنىڭ غەيىپتىن سۆزلىگەن سۆزلىرىگە ئىشىنىىدىكەن،ئۇ ماڭا كەلگەن دىنغا كاپىر بولغان بولىدۇ.›(ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى)
(4)ئۆلۈكلەردىن،دەرەخلەردىن ۋە مازارلاردىن مەدەت تىلەش ۋە ئۇلاردىن كىسەللەرگە شىپالىق سوراش،پەرزەنت ۋە بەرىكەت تىلەش،شۇنداقلا مەيلى تىرىك بولسۇن،مەيلى ئۆلۈك بولسۇن ئاللاھتىن باشقا بىراۋنى تەبىئىي سەۋەپلەر ۋە تەبىئىي چارىلەرنىڭ سىرتىدا كىشىلەرگە ياردەم قىلالايدۇ،دەپ ئىتىقاد قىلىش.بۇ خىل شىرىك ئىبادەتتە ۋە ياردەم سوراشتا ئاللاھقا باشقىلارنى شىرىك قىلىپ قوشۇۋالغانلىقتۇر.
ئەسكەرتىش: ئاۋام خەلقنىڭ ئىغىزىدا كۆپ تارقالغان ‹يا پىرىم!› ياكى ‹مەدەت يا پىرىم!› دىگەن سۆزلەر شىرىك ۋە كۇپرى سۆزلەردۇر. كىشىلەر دەۋەتقان بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلىپ، بىلمەي ئىغىزىدىن چىقىرىدۇ. ‹مەدەت› سۆزىنىڭ ئەرەپ تىلىدىكى مەنىسى ‹ياردەم سورايمەن› دىگەنلىكتۇر،‹ يا پىرىم› دىگەن سۆزدىكى ‹يا› ئەرەپ تىلىدا ‹مەدەت ۋە ياردەم سورايمەن› دىگەن جۈملىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ،بىراۋدىن مەدەت سوراۋاتقانلىقنى ئىپادىلەيدۇ.شۇڭا بۇنداق كۇپرى سۆزلەرنى ئىيتىشتىن ساقلىنىش زۆرۈردۇر.بۇنىڭ ئورنىغا ‹ مەدەت يا ئاللاھ› دىيىش تولىمۇ تۇغرا مۇناجات ۋە ئىسىل دۇئادۇر.
(5) ئاللاھتىن باشقا بىرسىنى رازى قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش. يەنى ئەۋلىيالارنىڭ،پىرلارنىڭ ۋە مازاردىكى ئۇلۇغلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىش،نەزىر-چىراق ئۆتكۈزۈش،ھەتتا مازارلارغا بىرىپ ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىگە ئاتاپ مال كىسىش قەتئىي ھارامدۇر. قۇربانلىق-ئىبادەت بولغانلىق سۈپىتى بىلەن،ئۇ پەقەت ئاللاھقىلا قىلىنىدۇ.ئاللاھنىڭ ھەققى بولغان بىر ئىشنى باشقىسىغا ئاتاش ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:‹ئاللاھتىن غەيرىي ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغان كىشىگە ئاللاھ لەنەت قىلسۇن!› (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى)
(6) ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامىنى ئاتاپ قەسەم قىلىش.چۈنكى قەسەم دىگەن ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئۇنىڭ جازالىشىدىن قورقۇلىدىغان بىرنىڭ نامىنى ئاتاش ئارقىلىق، بىرەر ئىشنىڭ راست ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش دىمەكتۇر. ئۇنىڭ مەنىسى:‹ئەگەر مەن يالغان ئىشقا قەسەم قىلغان بولسام،نامى ئاتالغان بۇ زات مىنى ئۇرسۇن› دىگەنلىكتۇر.شۈبھىسىزكى،ئۇلۇغلۇقنىڭ يىگانە ئىگىسى،قىلمىشلارغا يىتەرلىك جازا بەرگۈچى ۋە ئازابىدىن قورقۇلغۇچى زات ئاللاھتۇر. ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغان ئادەم ئاللاھقىلا خاس بولغان ئۇلۇغلۇق ۋە قىلمىشلارغا جازا بىرىشتەك ئالىي سۈپەتلەرگە باشقىلارنى شىرىك قىلىپ قوشۇۋالغان بولىدۇ.شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام:‹كىمكى،ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن،ئۇ ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ.›(ئىمان ئەھمەد رىۋايىتى)
ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى بىلەن قىلىنغان قەسەم ئەمەلىيەتتە قەسەم ھىساپلانمايدۇ.چۈنكى قەسەم ئاللاھنىڭ مۇبارەك ئىسىملىرىدىن بىرىنى تىلغا ئىلىش بىلەنلا قىلىنىدۇ.مەسىلەن:‹ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قىلىمەنكى....› دىگەنگە ياكى ‹ۋەللاھى،بۇ ئىش مۇنداق› دەپ قەسەم قىلغانغا ئوخشاش.شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ‹مىنى نان ئۇرسۇن›،‹ئانداق بولۇپ كىتەي،مانداق بولۇپ كىتەي› دىگەنگە ئوخشاش سۆزلىرى قەسەمگە ياتمايدۇ.
ئەمما كىشى قەسەم قىلدىم دەپ:‹مەن كاپىر بولۇپ كىتەي› دىگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلغان ۋە قەسىمىدە يالغان ئىشقا قەسەم قىلغان بولسا،ئۇ ئۆزىنىڭ دىگىنىدەك بولۇپ كىتىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:‹كىمكى ئىسلام مىللىتىنىڭ غەيرىي بىلەن يالغان ئىشقا قەسەم قىلىدىكەن،ئۇ ئۆزىنىڭ دىگىنىدەك بولۇپ كىتىدۇ.›(ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)
(7) ئۆلۈكلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئاللاھقا يىقىنلىشىش مەقسىتىدە مازارلارنى تاۋاپ قىلىش.چۈنكى تاۋاپ قىلىش پەقەت بەيتۇللاھتىكى‹كەبە›گىلا خاستۇر. بەيتۇللاھتىن باشقا جاينى تاۋاپ قىلغان كىشى ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ.چۈنكى تاۋاپ ئىبادەتتۇر.ئىبادەتنى ئاللاھتىن باشقىىسى ئۈچۈن قىلىشنىڭ ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەنلىك ئىكەنلىكى ئىنىقتۇر.
يۇقىرىقى ئىشلاردىن بىرەرسىنى سادىر قىلغان ئادەم قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ، قىلغان پۈتۈن ئەمەل-ئىبادەتلىرى بىكار بولۇپ كىتىدۇ.
سوئال: ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغان ئىشلارنى قىلغانلار قانداق قىلىش كىرەك؟
جاۋاب: ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغان ئىشلارنى قىلغان ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭدىن قەتئىي قول ئۈزۈپ،قايتا ئىمان ئىيتىشى ۋە گۇناھلىرىغا ھەقىقىي رەۋىشتە تەۋبە قىلىشتىن باشقا يول يوق. شۇنداق قىلغانلارنى ئاللاھ خالىسا كەچۈرىدۇ ۋە گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ.
سوئال: پال سىلىش دىگەن نىمە؟
جاۋاب: پال سىلىش-كىلەچەكتە بولىدىغان ئىشلار ۋە يوقاپ كەتكەن نەرسىلەر ھەققىدە يالغاندىن خەۋەر بىرىش دىگەنلىكتۇر. پال بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ غايىبنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان كاززاپلار بولۇپ،ئالىقانغا،چىنىگە ئوقۇش،كارت ئىچىش قاتارلىق تۈرلۈك ھىيلە-مىكىرلىرى بىلەن كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئۇلار پالچى،رەمچى ۋە داخان دىگەن تۈرلۈك ئاتالغۇلار بىلەن ئاتىلىدۇ.
سوئال: غەيب دىگەن نىمە؟
جاۋاب: غەيب- ھىسسىي ئورگانلار بىلەن بىلگىلى بولمايدىغان،مىتافىزىكا ئالىمىگە ئائىت ئىشتۇر. غايىبلارنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدۇ.‹ئاللاھتىن باشقا ھىچكىم ئاسمان ۋە زىمىندىكى غايىبنى بىلمەيدۇ› ( نەمل سۈرىسى 65-ئايەت)
سوئال: سىھىرگەر، رەمچى ۋە پالچىلارغا ئىشىنىشنىڭ گۇناھى نىمە؟
جاۋاب: رەمچىلەرنىڭ،پالچىلارنىڭ،چىنىغا،ئالقىنىغا ئوقۇيدىغانلارنىڭ،كارت ئاچىدىغانلارنىڭ ۋە بۇلارغا ئوخشاش غايىبنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان ھەرقانداق بىر ئالدامچىنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىش ئەڭ چوڭ گۇناھ بولۇپ،ئۇلارنىڭ غەيىبتىن سۆزلىگەنلىرىگە ئىشەنگەن ئادەم كاپىر بولىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەسىلىنى ئوچۇقلاپ مۇنداق دىگەن:‹كىمكى داخان،رەمچى ۋە پالچىلارغا بىرىپ،ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدىكەن.ئۇ ئىسلام دىنىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ›دىگەن.(ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى)
يەنە بىر ھەدىستە:‹كىمكى پالچىنىڭ يىنىغا بىرىپ،ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سورايدىكەن ۋە پالچىنىڭ بەرگەن جاۋابىغا ئىشىنىدىكەن،ئۇنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل قىلىنمايدۇ.›(ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى)
پالچىلارغا ئىشەنگەن ئادەم كاپىر بولغان يەردە،پالچىلىقنى قىلغانلارنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىدا ھىچ سەك يوق.
سوئال: دىننى مەسخىرە قىلىش دىگەن نىمە؟
جاۋاب: دىننى مەسخىرە قىلىش - ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇنىڭدىكى مۇقەددەسلەرگە تىل ئۇزىتىش دىگەنلىك بولۇپ،ئۇنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە:
(1) ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت قانۇنىنى ھازىرقى ئەسىر بىلەن ماسلىشالمايدۇ،دەپ ئىتىقاد قىلىش ياكى ئوچۇق سۆزلەش.
(2) قۇرئان كەرىمنى ئادەتتىكى كىتابلارغا ئوخشىتىش ياكى ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى كۆزگە ئىلماسلىق.
(3) كۇففارلارنىڭ تۆھمەتلىرىگە ئىشىنىپ مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنى ئەيىبلەش ياكى ئۇنى ئادەتتىكى ئىنسان قاتارىدا كۆرۈش.
(4) ئىسلام جازا قانۇنىدىكى ئىبرەت قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان بەزى جازالارنى مەسخىرە قىلىش ياكى ئەيىبلەش.
سوئال: ئاللاھنىڭ دىنىنى مەسخىرە قىلغاننىڭ جازاسى نىمە؟
جاۋاب: ئاللاھنىڭ دىنىنى مەسخىرە قىلغانلار شەكسىز كاپىر بولىدۇ.ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك ئازاپقا دۇچار بولىدۇ.ئاللاھ تائالا مۇنداق دىگەن:‹ئى مۇھەممەد! ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ ( مەسخىرە قىلغانلىقىنى) سورىساڭ،ئۇلار:‹بىز(راستتىن ئەمەس)،پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ دەپ قويدۇق›دەيدۇ.(بۇ مۇناپىقلارغا)‹سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى،ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟›دىگىن.سىلەر ( يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئىيتماڭلار،سىلەر ئىمان ئىيتقىنىڭلاردىن كىيىن،(پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار،سىلەردىن بىر گۇرۇھنى ( راست تەۋبە قىلغانلىلىرى ئۈچۈن)ئەپۇ قىلساق،يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايمىز› (تەۋبە سۈرىسى 65-66 ئايەتلەر)
سوئال: تۇمار ئسىش شىرىككە كىرەمدۇ؟
جاۋاب: تۇمار ئىسىشنىڭ شىرىك دائىرىسىگە كىرىدىغىنىمۇ ۋە كىرمەيدىغىنىمۇ بار.بۇنىڭغا بىنائەن،تۇمار ئسىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:بىرى شىرىك دائىرىسىگە كىرىدىغىنى،يەنە بىرى شىرىك دائىرىسىگە كىرمەيدىغىنى بولۇپ،روخسەت قىلىنغىنى.
سوئال: شىرىك دائىرىسىگە كىرىدىغان تۇمار قايسى؟
جاۋاب: پەرىشتىلارنىڭ،ئەۋلىيالارنىڭ،پىرلەرنىڭ،جىنلارنىڭ ۋە باشقا ھەرقانداق مەخلۇقنىڭ ( ئىنسان ياكى ھايۋاننىڭ) ئىسىملىرى ياكى مەنىسى چۈشىنىكسىز تىلسىملار يىزىلغان تۇمارلارنى ئىسىىش ۋە يىزىشنىڭ ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغانلىقىغا ئىسلام ئالىملىرى ھەممە بىردەك ئىتتىپاقتىدۇر.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:‹كىمكى تۇمار ئاسىدىكەن ئۇئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ› دىگەن سۆزى مۇشۇ تۈردىكى تۇمارنى كۆرسىتىدۇ.(ئىمان ئەھمەد ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس)
سوئال: روخسەت قىلىنغان تۇمار قايسى؟
جاۋاب:قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى يىزىلغان تۇمارلارنى بالاغەتكە يەتمىگەن نارەسىدە بالىلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئىسشقا بولىدۇ.چۈنكى چوڭلار ئايەتلەرنى تۇمار قىلىپ ئاسماستىن ئۆزلىرى ئوقۇشقا بۇيرۇلغان.
سوئال: تۇمار ئاسماستىنمۇ بالايى-قازالاردىن ساقلىنىش چارىلىرى بارمۇ؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە بار. تۇمار ئىسىشقا ھاجەت بولماستىنمۇ،بالا-قازادىن ۋە يامان كۆز،يامان تىللارنىڭ،كۆرەلمەسلەرنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىشنىڭ دىنىمىزدا كۆرسىتىلگەن ياخشى چارىلىرى بار.ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى:‹پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ يىنىغا بىر ئادەم كىلىپ:‹يا رەسۇرۇللاھ! مىنى كىچە يىلان چىقىۋالدى،دىۋىدى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:‹ئەگەر سەن ئاخشام ياتىدىغان ۋاقتىڭدا ئاللاھقا سىغىنىپ مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن،دىگەن بولساڭ ئىدىڭ ساڭا ھىچقانداق زىيان-زەخمەت يەتمىگەن بولاتتى›دىدى››.(ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسدە،ساھابىلىرىگە تەلىم بىرىپ:‹‹سىلەر ئاخشاملىرى يىتىشتىن بۇرۇن ‹ئاللاھقا سىغىنىپ،ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن،ئۇنىڭ جازاسىدىن ۋە مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن،شەيتاننىڭ ماڭا يىقىنلىشىشىدىن ۋە ۋەسۋەسە قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن›دەڭلار،ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار،بالا-قازالاردىن ساقلىنىسىلەر››دەپ كۆرسەتكەن.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دىگەن:‹‹پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر ئاخشىمى ياتاق جايىغا بارغىنىدا،ئىككى ئالقىنىنى بىرلەشتۈرۈپ ئاچقىنىچە،ئىخلاس،فەلەق ۋە ناس سۈرىسىنى ئوقۇپ ئالىقانلىرىغا سۈفلەپ بەدىنىنىڭ قولى يەتكەن ھەممىلا يىرىنى ئىككى ئالقىىنى بىلەن سىلاپ چىقاتتى،سىلاشنى ئاۋۋال بىشى بىلەن يۈزىدىن باشلايتتى ۋە ھەر ئەزاسىنى ئۈچ قىتىمدىن سىلايتتى.›› (بۇخارىي رىۋايىتى)
سوئال: دەم سىلىش دۇرۇسمۇ؟
جاۋاب: كىسەللەرگە،ھەتتا ساق كىشىلەرگىمۇ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ياكى ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى ئوقۇش بىلەن دەم سىلىشقا بولىدۇ. ئىسلام ئالىملىرى مۇنۇ ئۈچ شەرت بىلەن دەم سىلىشنى جائىز(دۇرۇس) دەپ قارايدۇ:
(1) دەم سىلىشتا پەقەت قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىلا ئوقۇلۇشى؛
(2) سىلىنغان دەمنىڭ ئەرەپ تىلىدا بولۇپ،مەنىسى چۈشىنىشلىك بولىشى؛
(3) دەم ئۆزلۈكىدىن تەسىر قىلماستىن،بەلكى ئاللاھنىڭ ئىزنى ۋە ئىرادىسى بىلەنلا تەسىر قىلىدۇ،دەپ ئىتىقاد قىلىشتىن ئىبارەت.
مەنبە:‹‹ئىسلام دىنىدىكى ھالال-ھارام››دىگەن كىتاب،تەييارلىغۇچى:ئىلياس.خەمىت
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-2-26 21:04):
غايىپ ئەمەس غەيب |
|