كۆرۈش: 1501|ئىنكاس: 3

ئاچچىق لېرىكا «تەنھالىق» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
52035
يازما
4
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2013-1-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 12:27:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاچچىق لېرىكا تەنھالىق

تەنھالىق گۇيا بۇ ئالەمگە مەن ئۈچۈنلا ئاپىرىدە قىلىنغاندەك،مىنىڭ ئەزگۈ خىياللىرىمغا يۈگەن سالماقتا ئىدى.كەڭىرى كەتكەن بۇ مۇھەببەت چۆلىدە قاغجىراپ ھالىدىن كەتكەن خىياللىرىم، ئېغىرلاشقان قەدەملىرىنى ئاستا-ئاستا يۆتكەپ قانداقتۇر بىر بىپايان چەكسىزلىككە قاراپ تىنىمسىز ئالغا ئىلگىرلىمەكتە.
بۇ كېچە مەن يەنە يالغۇز...
غېرىپ كۆلبەر روجەكلىرىدىن تاشقىنلاپ، تولۇن ئاينى مۇڭلاندۇرۇپ، پۈتكۈل كېچە ھاياتلىقىنى سۈكۈت قوينىغا غەرىق ئەتكەن ئەشۇ قەلىبلەرنى لەرزىگە سالغۇچى مۇڭلۇق كۈي، بەلكى مىنىڭ تەنھالىق ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىم بولىشى مۇمكىن ئىدى.مەن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ، قەلبىمدىكى بۇ مۇڭلۇق كۈينى قەغەز يۈزىگە بايان ئەتمەكچى بولدۇم. شۇنداقلا قەغەز يۈزىگە سىڭىۋاتقان بۇ ئىلھامنى«تەنھالىق» دەپ ئاتىدىم.شۇ كېچىدىن
باشلاپ، قەلبىم روجەكلىرىدىن ئوخچۇپ چىققان بۇ نىدانى ، كەڭ ئۇقۇرمەنلىرىمگە قالدۇردۇم.



سەن كېتىپ مەن قالدىم قاراڭغۇ ئالەم،
يۈرۈكۈم يىغلىدى ياش تۆكۈپ شۇئان .
تەسەللى بېرىپ، بەس - دېدى كۆڭلۈم،
چىن سۆيگۈم ،ئەقىدەم بولغاندا پايجان .

سەن كېتىپ مەن قالدىم قاراڭغۇ ئالەم ،
تىتىر دى دۇنيامۇ ، ياش تۆكتى  ئاسمان .
ۋەدىلەر بېرىشىپ  ئايرىلمايمىز دەپ ،
ياشايمىز بىر ئۆمۈر مەڭگۈگە ھامان .

سەن كېتىپ مەن قالدىم قاراڭغۇ ئالەم ،
ماڭا بەك ناتونۇش ئۇشبۇ يەر-جاھان .
بىلمىدىم نەسەۋەپ ئايرىلدىڭ مەندىن ؟
قولۇمنى قويۋىتىپ ماڭدىڭسەن قايان .

سەن كېتىپ مەن قالدىم قاراڭغۇ ئالەم،
شۇ دەقىق مەن ئۈچۈن ھازىدار ئاسمان.
بەك شېرىن ئەسلىمە قالدى ئاھ! جېنىم
يۈرەكتە بەك ئاچچىق نىدا بار جانان.

ئاھ،  سۆيگۈنۈم ھەر قېتىم كۆزلىرىڭگە تىكىلگەن ۋاقتىمدا پۇت - قوللۇرۇم كونتۇرۇللۇقىنى يوقۇتۇپ قوياتتى،كۆزلۈرۈمنى كۆزلىرىڭدىن ئېلىپ قېچىشقا تىرىشاتتىم،چۈنكى مىنىڭ بۇ بىر جۇپ«ئاسى»كۆزلۈرۈم قەلىپ سىرلىرىمنى ساڭا بىمالال ئاشكارىلاپ قوياتتى.
بىلەمسەن ھاياتىم؟  كۈندە تېلىفۇن نۇمۇرۇڭنى نەچچە رەت باسىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن،ئەمما ئۇرالمايمەن،«نىمىشقا؟»دەمسەن،سەۋەبى شۇكى مىنىڭ ھودۇققان ،تەمتىرىگەن ئاۋازىم ساڭا ھەممىنى ئىسپاتلاپ قويىشىدىن ئەنسىرەيمەن.
بىلەمسەن ئامرىقىم،سەندىن كەلگەن ھەر بىر ئۇچۇرنى شۇنچىلىك ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇيمەن ھەم شۇنىڭ بېلەن بىرگە ساڭا ناھايتى دېققەت بىلەن ئۇچۇر قايتۇرىمەن چۈنكى ئازىراقلا بىخەستەلىك قىلسام خەتلىرىمدىكى مۇھەببەت تىۋىشلىرىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيتىڭ، مەن ساڭا يوللىغان ئۇچۇردىكى ھەر-بىر پەش چىكىتمۇ سۆزلىيەلەيتى.

بېقىۋالدى كىملەرنى ھاياتنى،
قىينماقچى بولغاندەك بىزنى.
مۇز بوپ قالار ئىدى بۇ دۇنيا،
كۆيۈشمىگەن بولساق بىز ئەسلى

بىز كىتىمىز  بۇ  ئالەمدىن،
كۈتۈشلەرگە بېرىپ خاتىمە.
بولدى دوسلار يىغلىماڭ ئەمدى،
بۇ يۈرەكنى قىلىپ مىڭ پارە.

كۈلپەتلىك يىللار بېشىمدا ئەگىپ يۈرەتتى، تولا يىغلاپ كۆز -ياشلارمۇ  قۇرۇپ كەتكەن ئىدى.
بىر قىتىم رەنجىگەن كۆڭۈللەر قايتا -قايتا ئازار يىدى.
خۇددى بۇ دۇنياغا يىغلاش ، ئازابلىنىش ئۈچۈنلا يارالغاندەك..
زىيادە ئاقكۆڭۈللۈك ، ئۆزىگە ئىشنىپ كىتىش، مىنى تۈگىمەس ھەسرەت ۋە ئازاپلىق تۇرمۇش قاينىمىغا سۆرەپ كىردى.
ئازاپ ئىچىدىكى ئنتىلىش ، ئارزۇ - ئۈمۈتلەر بىلەن تولغان ھايات. ئاچچىق ياشلار بىلەن نەمدەلگەن ، تېخى قۇرۇشقىمۇ ئۈلگىرەلمىگەن قوي كۆزلەر .
زىدە بولۇپ كەتكەن يۈرەك.
بىر - بىرىگە ئۇلۇنۇپ كەتكەن قىسمەتلەر ، بىر -بىرى بىلەن باغلىنىپ كەتكەن كۈنلەر.
بۇ شۇنداق جاھان ئىكەن ، ئازاپلانغاندا ، غەمگە پاتقاندا ، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا جانابى ئاللاھنى سىغىنىدىغان.
بۇ مەن دەپ شۇئار توۋلاپ كەلگىلى خىلى زامان بوپتۇ.
پاراكەندى بولغان كۆڭلۈم رىمىنۇت قىلىنماي تاشلاپ قويۇلغان كونا رادىئودەك يىگانە ، خىياللىرىم سان -ساناقسىز.
توۋا دەيمەن بۇ كۈنلەرگە نىمانچە تىز ئۆتۈپ كېتىدىغاندۇ .  نىمە ئانچە قىلىدىغاندىمەن بۇ قاباھەتلىك يىللارغا.

ئۆزۈمچە خالىغان تاللىغان ئىدىم،
ئۆتۈشنى باشتىلا يەككە يىگانە.
ئاقىۋەت قالدىممەن يەنىلا يالغۇز،
ئۆتەرمەن جاھاندىن بولۇپ يىگانە.
  
بىز ئايرىلدۇق قېلىپ قالدى ئەمما،
ئىككى پارچە سۈرىتىڭ مەندە.
قالدى بۇندا تەنلىرىم ئەمما،
كىتىپ قالدى يۈرۈگۈم سەندە.

قالدى پەقەت ماڭا ئەسلىمە،
شېرىن تۈنلەر يادىگار بولۇپ.
سۆيگۈ رىشتىمىز شۇنچىلىكمىدى؟
ۋۇجۇدۇمغا كەتتى دەرت تولۇپ.

تۇنجى مۇھەببەت ماڭا بەخىت بەرمىدى.
ۋۇجۇدۇمدا ئوت بۇلۇپ كۆيىۋاتقان، مەن بىلەن مەڭگۈ بىللە بۇلۇشقا ۋەدىلەشكەن، مەن ئۇچۇن دۇنيادا ئەڭ سۆيۇملۇك ئادەمنىڭ رەھىمسىز ئەزرائىلنىڭ مۇدھىش چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇشقا ئىمكان بولماي، مەن بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان ،  يۈرەك باغرىمنى لەختە قىلىپ ئازاپ دېڭىزىغا  غەرىق قىلغان ئەسەبى مىنۇتلار ھېلىمۇ ئېسىمدە!.........
بىز مەڭگۇ بىللە ياشاشقا ۋەدىلىشىپ، كۆڭۈل سىرلىرىمىزنى دىيىشەلمەي، ئارمانلىرىمىزغا  يىتەلمەي  بارلىق قەلىب سىرلىرىمىزنى ئۆزى بىلەن بىرگە قارا تۇپراققا كۆمگەن شۇ مۇھەببەت.
رېتىمسىز سۇقىۋاتقان مۇزدەك يۈرۈگۈمنىڭ كۈچلۈك ئوتنىڭ تەپتىدە ئېرىۋاتقان ئاجىز مۇزلۇقىنى  ھىس قىلغىنىمدا  ئۆزەمنى گويا كۆپكۆك دېڭىزدا ، كۇچلۇك بوراندا  ھالاكەت گىردابىدىكى  يىگانە قېيىقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك ھىس قىلماقتىمەن.
شۇنچە يىللار بولغان بولسىمۇ  ئەسلىمىلىرىم ئىچىگە دەپنە قىلىنغان  ئاتالمىش تۇنجى مۇھەببەتنىڭ  ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلىرى قەلىب قەسرىمدە سۆيگۇ ۋىسالى ئىزدەپ  تىنماي سۇقىۋاتقان ئاجىز يۈرۈگۈمنىڭ  قات قېتىغا سىڭىپ كەتكەن ئاچچىق ئەسلىمە مىنى ئازاپلىماقتا.
سېنى ئۆز قوينىغا ئالغان ئەشۇ تۇپراقتىن  بىر ئوچۇم ئېلىپ كۆزلىرىمگە سۈرۈتسەم، بىز بىللە ئۆتكۇزگەن  قىسقىغىنە خوشاللىق كۈنلىرىمىزنىڭ شىرىن ئەسلىمىلىرى  نازۇك ۋۇجۇدۇمغا  كۇچ قۇۋۋەت بەرسە، سەنسىز ياش تۆككەن مەنىسىز كۈنلىرىمنىڭ زەررىچە تەسەللىگە ئېرىشىپ  مۇڭلانغان يۈرۈگۈم  ھاياتلىققا تەلپۇنۇپ رىتىملىق سوقسا.............
ئاھ.....ئاچچىق ئەسلىمىلىرىم ئىچىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز تۇنجى مۇھەببەت.......
ئېيىتقىنا؟! سەندىن ئايرىلىپ تەنھالىقنىڭ ئازابىغا قانداق چىدىغاندىمەن!!...........
مەن سېنى قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا، سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلەپلا قالىمەن.
سېغىنىش ھەرقاچان مەن ئۈچۈن شۇنچە ئازاپلىق بولسىمۇ  قەلەب قەسىرىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئورۇن ئالغان سېنىڭدەك  سۆيگۇمدىن ئىپتىخارلىق ئىلكىدە پەخىرلىنىمەن.

بۇرۇن بىر ئارال بولغان ئىكەن. ئۇ يەردە خۇشاللىق ، ئازاب ، پاراسەت ، مۇھەببەت ۋە ھەرخىل ھېسىيات ئىگلىرى بىرلىكتە تۇرىدىكەن . بىر كۈنى ئۇلار ئارالنىڭ چۆكۈپ كېتىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپتۇ ۋە كۆپچىلىك ھەممىسى كېمە تەييارلاپ بۇ يەردىن كەتمەكچى بوپتۇ . پەقەت مۇھەببەتلا بۇ يەردە قېلىپ ، ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىغىچە چىداشنى قارار قىپتۇ .
    بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كىچىك ئارال راستىنلا چۆكۈشكە باشلاپتۇ . مۇھەببەت باشقىلاردىن ياردەم سوراپ بۇ يەردىن  كەتمەكچى بوپتۇ . ئۇ چوڭ بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ كېتىپ بارغاندا  بايلىقنى كۆرۈپ:
بايلىق ، مېنى بىللە ئېلىپ  كەتكەن بولسىڭىز ،_دەپتۇ .
    بايلىق ئۇنىڭغا :
مېنىڭ كېمەمدە نۇرغۇن ئالتۇن- كۆمۈش بار . بۇ يەردىن ساڭا ئورۇن چىقمايدۇ ، - دەپتۇ . مۇھەببەت ماختانچاقنىڭ بىر ھەيۋەتلىك كېمىدە كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ ياردەم سوراپتۇ . ئەمما ماختانچاق ئۇنىڭغا :
مەن ياردەم بېرەلمەيمەن ، سېنىڭ پۈتۈن بەدىنىڭ ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ . مېنىڭ چىرايلىق كېمەمنى ھۆل قىلىۋېتىسەن  دەپتۇ .مۇھەببەت ئازاپنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىپتۇ :
كەچۈرگىن مۇھەببەت ، مەن ھازىر ئىنتايىن ئازابلىنىۋاتىمەن . مېنى يالغۇز قويغىن ، - دەپتۇ ئازاپ، خۇشاللىق بەكلا خۇشال بولغاچقا ، مۇھەببەتنىڭ ئۇنى چاقىرغانلىقىنىمۇ ئاڭلىماپتۇ . تۇيۇقسىز يىراقتىن  « بۇياققا كەلگىن  ، مەن سېنى ئېلىپ كېتىمەن »  دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ . خۇشاللىق بەك خۇشال بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ئۇ مويسىپىتنىڭ  ئسمىنى سوراشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتۇ. قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كىيىن ئۇ مويسىپىت يالغۇز كېتىپ قاپتۇ . مۇھەببەت قاتتىق تەسىرلىنىپ ، يەنە بىر مويسىپىت __ پاراسەتتىن :
ماڭا ياردەم قىلغان ئۇ كىشى كىم بولىدۇ ؟ _ دەپ سوراپتۇ مۇھەببەت .
ئۇ ۋاقىت ، -دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ پاراسەت .
ۋاقىت ؟ ئۇ نېمىشقا مېنى قۇتۇلدۇرىدۇ ؟ - دەپ سوراپتۇ مۇھەببەت.
   پاراسەت كۈلۈپ تۇرۇپ :
چۈنكى ۋاقىتلا مۇھەببەتنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقىنى چىن مەنىسىدىن چۈشنەلەيدۇ ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
7016
يازما
48
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1011
تىزىملاتقان
2010-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-18
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 13:40:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹ۋاقىتلا مۇھەببەتنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقىنى چىن مەنىسىدىن چۈشىنەلەيدۇ › بۇ قۇرلار ئۇدۇل يۈرەككىلا تەگدى ...      ياخشى يىزىلىپتۇ ، ئاپتورنىڭ قولىغا دەرت كەلمىگەي!

باھا سۆز

dilhux3  ھەممە ئىشنى ۋاقىت بەلگىلەيدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 14:30:08

UID
52835
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2013-1-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-2
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 14:29:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتلىك يۇرەكلا مۇھەببەتنى ھەقىقى مەنىسىدە چۇشىنەلەيدۇ.

UID
50152
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2013-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 16:14:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈنكى ۋاقىتلا مۇھەببەتنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقىنى چىن مەنىسىدىن چۈشنەلەيدۇ

توغرا ۋاقىت ھەممىنې ئىسپاتلايدۇ..

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش