تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 584|ئىنكاس: 3

سالام دېھقان،سالام ئەي خىزىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
2539
يازما
139
تېما
77
نادىر
0
جۇغلانما
7049
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-11
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 08:55:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سالام دېھقان،سالام ئەي خىزىر

 

يېشىل جەننەت سەن بىلەن چۆللەر،

باياۋاندا ئېچىلار گۈللەر،

قىممىتىنى تاپىدۇ كۈنلەر،

سالام دېھقان،سالام ئەي خىزىر.

 

ئۈمىدلىرىڭ كىشنەپ ھارمايدۇ،

سېنى پارلاق تاڭغا باشلايدۇ،

ئۈمىدسىزلەر كۆزنى ياشلايدۇ،

سالام دېھقان،سالام ئەي خىزىر.

 

تۆكۈپ يەرگە دۇرنى،مېھنەتنى،

ئەلگە بەردىڭ بەخت،ھالاۋەتنى،

ئۆزۈڭ چىكىپ كۆپ مۇشەققەتنى،

سالام دېھقان،سالام ئەي خىزىر.

 

سەن بولمىساڭ بىزگە نان بولماس،

باغلار ۋەيران بۇلبۇللار قونماس،

بۇغداي،قوناق،قىچا تاغ بولماس،

سالام دېھقان،سالام ئەي خىزىر.

 

ئانا يەرگە يۈكۈنۈپ كەلدىڭ،

قان-تەر تۆكۈپ پۈكۈلۈپ كەلدىڭ،

يامغۇر بولۇپ تۆكۈلۈپ كەلدىڭ،

سالام دېھقان،سالام ئەي خىزىر.

 

كۈنۈڭ ئۆتەر ئوتلۇق ئارماندا،

ئېتىز-ئېرىق،باغدا ،خاماندا،

ۋايسىمايسەن جۇدتا،تومۇزدا،

سالام دېھقان،سالام ئەي خىزىر.

 

ھالال تەرىڭ گۈل تاج ئالەمگە،

تۇيغۇللىرىڭ بىباھا شۇنچە،

ھەر ئىزىڭدا تۈمەنمىڭ غۇنچە،

سالام دېھقان،سالام ئەي خىزىر.

 

 

ئىستەكلىرىڭ ئۇلۇغۋار شۇنچە،

ئارمانلىرىڭ بۈيۈكتۇر شۇنچە،

كۈيۈملۈكتىن كۈيۈملۈك شۇنچە،

سالام دېھقان،سالام ئەي خىزىر.

 

يۈرىكىڭدە ئىمان،ئەقىدە،

ھالال تەرىڭ پۈتمەس غەزىنە،

سېخىلىقتا ھەممىگە ئۈلگە،

سالام دېھقان،سالام ئەي خىزىر.

 

ئىزىلىرىڭدا كۈلەر گۈل-چېچەك،

ئەجىر-تۆھپەڭ شۇقەدەر يۈكسەك،

سېخىلىقتا ھەممىگە ئۆرنەك،

سالام دېھقان،سالام ئەي خىزىر.

 

ھاياتلىقنىڭ قوياشى ئۆزۈڭ،

مەنا تاپار ئەجرىڭدە كۈنۈڭ،

ئىككىل دۇنيا يورۇقتۇر يۈزۈڭ،

سالام دېھقان،سالام ئەي خىزىر.

 

تۇيغۇللىرىڭ بىباھا پاكتۇر،

ئارمانلىرىڭ بۈيۈكتۇر ساپتۇر،

تەمەخورلۇق نۇمۇس،ئۇياتتۇر،

سالام دېھقان،سالام ئەي خىزىر.

 

قەدىرلىكتىن قەدىرلىك شۇنچە،

پاك تەرلىرىڭ بايلىق مۆجىزە،

جۇدۇندىمۇ چېھرىڭدە كۈلكە،

سالام دېھقان،سالام ئەي خىزىر.

 

قاقاس چۆلگە گۈللەر پاتمايدۇ،

ئانا تۇپراق گۈللەپ،ياشنايدۇ،

ئارزۇلىرىڭ كۈندە شاخلايدۇ،

سالام دېھقان،سالام ئەي خىزىر.

 

ئەجىر-مېھنەت تۆرگە باشلايدۇ،

ئىشچانلار شاد كۈلۈپ ياشايدۇ،

ھورۇنلار خار كۈندە قاخشايدۇ،

سالام دېھقان،سالام ئەي خىزىر.

 

تېنىڭ ساغلام ھەم ئامان بولسۇن،

يولۇڭ داغدام ھەم راۋان بولسۇن،

مۈشكۈللىرىڭ ئوڭ، ئاسان بولسۇن،

سالام دېھقان،سالام ئەي خىزىر.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2333
يازما
382
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
11993
تىزىملاتقان
2010-5-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 18:58:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېھقانلار ساددا، ئۇلۇغلىقى بىلەن تەرىپلىنىدۇ. دېھقانلارنى قانچە تەرىپلىسە ئەرزىيدۇ.
  ئېسىل يازمىلىرىڭىزغا تەشنامىز...

تىرىشچان ئەزا

غەيرەتتىن قالما

UID
2687
يازما
138
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1530
تىزىملاتقان
2010-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 19:24:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىرلىكتىن قەدىرلىك شۇنچە،

پاك تەرلىرىڭ بايلىق مۆجىزە،

جۇدۇندىمۇ چېھرىڭدە كۈلكە،

سالام دېھقان،سالام ئەي خىزىر.


..............................................
ئاق كۈڭۈل ئەشۇ دېھقانلىرىمىزنى قانچە كۈيلىسەكمۇ ئازلىق قىلىدۇ.

UID
676
يازما
184
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
6165
تىزىملاتقان
2008-11-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-19
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-1 00:26:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېھقاننى كۆيلىگەن قەلىمىڭىز توغراقتەك  ياشىغاي!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش