تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 694|ئىنكاس: 3

ئەمدى باغقا كىرمەيمەن تەنھا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
2539
يازما
139
تېما
77
نادىر
0
جۇغلانما
7049
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-11
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 08:47:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

 

ئەمدى باغقا بارمايمەن تەنھا

 

تاغ ئىچىدە يۈرىيمەن تەنھا،

يۈرىكىم سۇ يولۇڭغا قاراپ.

تولغانماقتا ھىجراندىن دۇنيا،

يىغلىماقتا بۇلبۇللار قاخشاپ.

 

ئىشقى-ئوتۇڭ كۆيدۈرەر مېنى،

ھىجرانلىرىڭ شۇقەدەر ئىللىق.

تولغانسىمۇ ئازاپتىن دۇنيا،

يۈرىكىمدە سەن بەرگەن شادلىق.

 

يۈرىكىمدە سەن بەرگەن شادلىق،

سۆيگۈ ھىدى ھەر تال غۇنچىدا.

سەنسىز ھەممە جايدا ئازاپكەن،

ئەمدى باغقا بارمايمەن تەنھا.

-ئىجادىيەت


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
nafisa + 50 ئىجادىيىتىڭ ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 50   باھا خاتىرىسى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2333
يازما
382
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
11993
تىزىملاتقان
2010-5-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 18:56:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇلغۇن ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان كىشى ئۆزىنى خۇددى ھېلىھەممۇ سۆيگۈ دېڭىزىدا غەرق بولۇۋاتقاندەك، ئاشىقلىق دەردىنى تارتىۋاتقاندەك، ھىجران چۆلىدە قېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ.
قەلىمىڭىزگە بارىكاللا.

كۆيۈمچان ئەزا

سەمىمىيلىك - گۆھ

UID
3799
يازما
215
تېما
20
نادىر
0
جۇغلانما
7366
تىزىملاتقان
2010-7-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-28
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 19:20:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى باغقا  كىرمەيمەن تەنھا ،
بارچە گۈللەر تەتۈر قارايدۇ .
كاككۇكلارمۇ قىلىپ شىكايەت ،
شاخلار ئارا مېنى مارايدۇ .

ھەممە گىياھ شىۋىرلاپ ئاستا ،
ئەي نىگارىم سېنى سورايدۇ.
ياپراقلارمۇ سۆيۈشەر  تىمتاس ،
  مىسكىن خىيال مېنى ئورايدۇ.

بۇلاقلارمۇ كۈلمەس  شىلدىرلاپ ،
يارى يوق دەپ مېنى يەكلەيدۇ .
يالغۇزغىنا يۈرەمدىم تەنھا ،
جانان قاچان مېنى يوقلايدۇ ......

( قاملاشمىسىمۇ يېزىپ قويدۇم . ئېھتىرام )

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
796
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25563
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-24
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 19:28:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى باغقا كىرمەيمەن تەنھا،
چۈنكى كۆڭلۈم ئۇنى تارتمايدۇ.
چۈنكى ياندا يولدىشىم يوقتۇر،
يالغۇز كۆڭۈل قانداق چىدايدۇ؟

ئەمدى باغقا كىرمەيمەن تەنھا،
چۈنكى كۆڭۈل سېنى ئويلايدۇ.
باغقا كىرسەم ئەگەردە يالغۇز،
سىيمالىرىڭ مېنى مارايدۇ.

مېنىڭمۇ يېزىپ باققۇم كەلدى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش