تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 912|ئىنكاس: 8

ئۆمۈر ئۆتەر غېرىبان(ئاينۇرى888) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

جاپانىڭ تېگى راھ

UID
2029
يازما
450
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
14701
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-22
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-29 23:40:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمۈر ئۆتەر غېرىبان

تۇرنىسا رەھىم


تارام تارام ئېقىۋاتقان ياشلىرىڭ،
قۇيۇلماقتا يۈرىكىمگە قىياندەك.
دىل خانەمنى ۋەيران قىلدى جۇدالىق،
ئازاپلاردا تولغىنىمەن يىلاندەك.

تۈن قوينىدا يۇلتۇزلارمۇ چاقنىماس،
تۇلۇن ئايمۇ مۆككەن بۇلۇت كەينىگە.
يىراقلاردىن ياڭراپ تۇرغان مۇڭلۇق كۈي،
قىرو گويا چۈشەر گۈلنىڭ بەرگىگە.

ھەسرەتلىرىم ئاقار قىيان دەريادەك،
ئارمانلىرىم بولغىنىدا بىر قاقشال
يۈرىكىمدە ئاڭلىنىدۇ دات پەريات،
جۇدالىقنىڭ ئازاپلىرى قىپ قامال.

تەشنالىقتا گەز باسماقتا لەۋلىرىم،
سۇسىز قېلىپ قاغجىرىغان تۇپراقتەك.
لىكىن كۆيەر يۈرىكىمدە بىر پەنەر،
مەنزىلىمنى يۇرۇتماقچى بولغاندەك.

مۇڭلىنىدۇ مۇھەببەتلىك يۈرىكىم،
كەچ كۈزدىكى ياپراقلاردەك غېرىبان.
دەرىزەمنى چەكمەس ئەمدى شوخ شامال،
ئۆمۈر ئۆتەر بولالماستىن گۈلۈستان.

2010-يىلى 16-ئىيول مايتاغ

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
796
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25563
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-24
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 12:01:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇ كېتىدۇ تاش قالىدۇ، ئوسما ئۆچىدۇ قاش قالىدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈ

UID
2391
يازما
216
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
7027
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-12
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 16:55:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئېرنى بەك ياخشى يېزىپسىز ، ئاينۇرى 888 سىزنىڭ شىئېرلىرڭىزنى قايتا ئۇچراتقىنىمدىن خوشالمەن .......

كىتاپنى دوست  بىل

دائىملىق ئەزا

ئوۋچىنىڭ ئوقياس

UID
2255
يازما
654
تېما
39
نادىر
0
جۇغلانما
22240
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-25
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 20:46:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاينۇرى  ھەممىمىز  تۇيۇپ تۇرۋاتقان  بىر غېرىپلىقنى  سۇنۇپسىز . غېرىپمىز  مۇھابەتسىرىغان ، يۈرەكىمىز ھەم يىغلىغان . قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي .

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1365
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
43100
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-29
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 21:22:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمۈر ئۆتەر بولالماستىن گۈلۈستان،
سۆيگۇ گۈلى تۇزىغاچقا قەلبىمدە.
گاھ يۈرەكنى ئۇراپ ئالار قاماللاپ،
ئۇمىد قۇشى قانات قاقسا يۈرىگىمدە.

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

دائىملىق ئەزا

..ئىھ  سىنىڭ كۆز

UID
2827
يازما
529
تېما
66
نادىر
0
جۇغلانما
18115
تىزىملاتقان
2010-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-11
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 23:15:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئىرنىڭ تىرەنلىكىدىن سۇيۇندۇم ،

مەن ئىزدىنىۋاتمەن لىكىن سىلەر بىلەن بىرگە،

UID
3936
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2010-7-31
ئاخىرقى قېتىم
2010-9-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 00:52:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەك قانغا تولغاندا،
قان سىقىلىپ ئېتىلار،
قان يۈرەكتىن چىققاندا،
يۈرەك ئىچى ئېچىشار...

ئاپتىپىمنى توسىماي نېرى تۇر!

تىرىشچان ئەزا

قار_ قۇياق ھەممى

UID
3258
يازما
75
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
940
تىزىملاتقان
2010-7-11
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 00:58:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارام تارام ئېقىۋاتقان ياشلىرىڭ،
قۇيۇلماقتا يۈرىكىمگە قىياندەك.
روھى قۇرۇق نادان خەلىقىم ،
ساددىلىقى چاقار چاياندەك.

كۆيۈمچان ئەزا

سەمىمىيلىك - گۆھ

UID
3799
يازما
215
تېما
20
نادىر
0
جۇغلانما
7366
تىزىملاتقان
2010-7-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-28
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 12:06:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆرتىنىشكە تۆرەلگەنمۇ يۈرىكىم ،
ئازاپلاردا پۇچۇلاندى تالاي رەت.
مۇھەببەتنىڭ سىناقلىرى ئاجايىپ،
بېرىدىكەن ئادەمگە مىڭ ئەلەم-دەرت.

سىردىشىمەن قەلەم بىلەن تۈنلىرى،
مۇڭدىشىمەن كۆككە قاراپ ئاي بىلەن.
ئاھ ،قاچانمۇ ۋىسال قۇچار مۇھەببەت،
يار كۈلەرمۇ گىرە سېلىپ ناز بىلەن...

( ئېھتىرام قەلىمى )

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش