- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 41
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 42
- تىزىملاتقان
- 2013-2-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-2
- UID
- 53459
- يازما
- 41
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 42
- تىزىملاتقان
- 2013-2-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-2
- توردا
- 13 سائەت
|
بالىغا ھەمراھ بولۇش
بالىغا ھەمراھ بولۇش ۋە ئۇلار بىلەن ئويناش ئۇلارنىڭ نەپسىيىتىگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ. بۇ خۇددى دوستنىڭ دوسىتقا ئەينەك بولغىنىدەك بالا بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھىمۇ بىر-بىرىدىن ئۆگىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپ ھاللاردا بالىلارنى ھەمراھ قىلىۋالاتتى. بەزىدە ئىبنى ئابباسنى ھەمراھ قىلىۋالسا بەزىدە تاغىسىنىڭ ئوغلى جەفەرنى ھەمراھ قىلىۋالاتتى يەنە بەزىدە بولسا ئەنەسنى ھەمراھ قىلىۋالاتتى ( ئاللا ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن ). دېمەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىچبىر ئىككىلەنمەستىن ۋە كىبىرلەنمەستىن ئۇلارنى ھەمراھلىققا ئېلىۋالاتتى. بالىلارنىڭ چوڭلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئۆگىنىشى، شەخسىيىتىنى ئەتراپلىق تەربىيلىشى، ئەقىل-ئىدراكىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى، ياخشى بولغان ئادەتلەرنى ئۆزىگە سىڭدۈرىشى ئۈچۈن چوڭلارنىڭ كىچىكلەرنى ھەمراھ قىلىش مەجبۇرىيتى باردۇر.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قىلىنغان رىۋايەتت بايان قىلىنىشىچە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سىققان ۋە .ۇنىڭ كۆكسىنى يارغان ۋەقەلىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالىلار بىلەن ئويناۋاتقان پەيىتتە يۈز بەرگەن...
ھاكىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەرنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان.مەن قەسەم ۋە ئوبەيدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇم بىلەن بىرگە ئويناۋاتاتتۇق.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلۇغىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ بىزنى كۆردى ۋە: ‹‹ ئۇنى ماڭا مىنگۈشتۈرۈپ قويۇڭلار! ›› دېدى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا مىنگەشتۈرۈ؛ۈپ قويۇلدۇم. ئاندىن قەسەمگە قاراپ: ‹‹ ئۇنى ماڭا مىنگەشتۈرۈپ قويۇڭلار! ›› دېدى. قەسەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىغا مىنگەشتۈرۈلۈپ قويۇلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوبەيدۇللاھنى قويۇپ قەسەمنى مىنگەشتۈرىۋالغانلىقى ئۈچۈن تاغىسىدىن ئەيمەنمىدى. ئۇ مېنىڭ بېشىمنى ئۈچ قېتىم سىلاپ تۇرۇپ: ‹‹ ئى ئاللا، جەئفەرگە ئوغلنى ئورۇنباسار قىلىپ بەرگىن! ›› دېدى. ئابدۇللا ئىبنى جەئفەردىن: قەسەم كېيىن قانداق بولدى؟ دەپ سورىغىنىمدا ئابدۇللاھ: ئۇ شېھىت بولدى، دەپ جاۋاپ بەردى. مەن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئاللا ۋە ئاللانىڭ پەيغەمبىرى ياخشى بىلگۈچىدۇر، دېدىم. ئابدۇللاھ: شۇنداق، دېدى.
مانا بۇ بالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قەۋمىنىڭ قانداق ساھابا بولغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىنىكى ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغانلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى بىزگە سۆزلەپ بىرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئەبۇ جۇھەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز ‹‹ ئەلئەبتەھ ›› دېگەن جايدىن بىر قانچە نەپەر كىشىلەرنىڭ قاتارىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كەلگەنىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹‹ كەلگەنلىكىڭلارنى قارشى ئالىمىز، سىلەر مەندىن! ›› دېدى.
نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىككى بارمىقىنى قۇلىقىنىڭ ئىچىگە تىقىپ ئەزان ئېيىتتى. ئۇ ئەزان ئېيتىۋاتقاندا ئۇيان بۇيانغا ئۆرىلەتتى. نامازغا تەگبىر ئوقۇلغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر تال ھاسىنى يەرگە سانجىدى- دە، شۇ تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇدى. ( بۇ ھەدىسنى ئەبۇ يەئەلا مۇسنەدىدە سەھى سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلغان).
ساھابىلارمۇ ھەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدەك بالىلارنى ئۆزلىرىگە ھەمراھ قىلىۋالاتتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوغلىنى ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى ھەمراھ قىلىۋالاتتى. زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوغلىنىڭ ئۇرۇش تاكتىكىلىرىغا كۆزى پىشسۇن، قورقماس، چىداملىق بولۇپ چېنىقسۇن، دەپ ئۇنى ئۇرۇشلارغا بىللە ئېلىپ چىقاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالىلارنىڭ بالىلار بىلەن بىللە بولىشىغا ئەھمىيەت بىرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالىلىق چاغلىرىدىمۇ دائىم بالىلار بىلەن بىرگە ئوينايتتى. ئۇ شۇنداق چوڭ بولغان ئىدى. شۇڭا ئويناۋاتقان بالىلارنى كۆرسە ئۇلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋەتمەيتتى. ھەم ئۇلارنىڭ ئويۇنلىرىغا دەىلى قىلمايتتى بەلكى ئۇلارنىڭ جامائەت بولۇپ ئويناشلىرىغا، ئويۇنلارنى داۋاملاشتۇرىشىغا ئىلھام بىرەتتى.
شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بالىلارنىڭ ھاياتىدا ئۇلار بىلەن بىرگە ئوينايدىغان دوستلىرىنىڭ بولىشىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىمدۇر. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ كىملىكىگە ئەھمىيەت بىرىشى، ئۇلارنىڭ ياخشى بالىلار بىلەن ئوينىشىغا تاللاش ياردىمى بىرىشى، ئۇ بالىلارنىڭ ئەخلاقلىرىغا، ئىش-ئەمەللىرىگە دىققەت قىلىشى، دادىلار دادىلار بىلەن، ئانىلار ئانىلار بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئەچۋاللىرىنى، دەرس ئۆگىنىش نەتىجىلىرى، ئەخلاق ۋە يۈرۈش-تۇرۇشلىرىنى نازارەت قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن يىغىلىپ تۇرۇشى ناھايىتى ئەھمىيەتلىكتۇر. چۈنكى ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىنىڭ جىسمىنىڭ ھالال تائام بىلەن چوڭىيىشىغا ئەھمىيەت بەرگىنىدەك مەنىۋىي جەھەتتىنمۇ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشى ئۈچۈن ئوينايدىغان، ھەمسۆھبەت بولىدىغان توغرا يولدىكى دوستلارنى تېپىشىغا ياردەم بىرىشى كېرەك.
ئاتا-ئانىلار ھاياتلىقنىڭ ئالدىراشچىلىقى بىلەن ياكى ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى- ھەۋەسلىرى بىلەنلا بولۇپ كېتىپ بالىلار بىلەن كارى بولماسلىق، ئانا بولغۇچىنىڭ تۈگىمەس باردى-كەلدى ۋە باشقا ئائىلە ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ بالىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىكى ناۋادا بالىلارنىڭ يامان خۇيلۇق بالىلار بىلەن دوست بولۇپ قېلىشىغا، بۇنىڭ بىلەن يامان ئادەم بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالسا، بۇنىڭدىن ئارتۇق يامان ئىش بولمايدۇ. چۈنكى، جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان جىنايەتلەرنىڭ دەسلەپكى ئامىللىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىدە بۇنداق يامان بۇرۇلۇشقا ئېلىپ بارىدىغان سەۋەبلەردىن غاپىل قالغانلىقى، خەۋەرسىز، پەرۋاسىز يۈرگەنلىكىدىندۇر.
سىز بالىڭىزنى بالىلار تۈرمىىسدە كۆرۈشنى خالامسىز ياكى ئاللانىڭ ئۆيى بولغان مەسجىدلەردە تۇرۇشىنى خالامسىز؟ ناۋادا ئالدىنقىسىنى خالىمىسىڭىز بالىڭىزنىڭ يامان يولغا كىرىپ ئاشۇ ئاقىۋەتكە قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ياخشى دوست تېپىشىغا ياردەملىشىشكە ئالدىراڭ. ناۋادا بالىڭىز ياخشى دوست تېپىپ بېرىشكە ئۆزىڭىز قاردىر بولالمىسىڭىز، ئۇنداقتا بالىڭىزنى ياخشى بالىلارنىڭ ئارىسىغا قوشۇپ قويىدىغان ياخشى تەربىيەچى ئۇستاز تېپىشقا ئالدىراڭ.
دىن دۈشمەنلىرى بالىلىرىمىزنى قۇچاقلىرىمىزدىن ئوغۇرلايدىغان بوزۇقچىلىق تەشكىلاتلىرى، ئەيىش-ئىشرەت سورۇنلىرىنى قۇرغىلى ئۇزاق زامانلار بولدى. ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ ئۇيقۇسىنى ئاچىدىغان ۋاقتى تېخىچە كەلمىدىمۇ؟!!!
مۇشۇ تېمىنى كۆرگەندىن باشلاپ ئەرلەر ئايدا بىرقېتىملىق سورۇننى تاشلاپ، ئاياللار بىر قېتىملىق قاتار چايدىن ۋاز كېچىپ ئۆزىڭىزنىڭ يۈرۈك پارىسغا ھەمراھ بولغىدەك ۋاقىتنى كۆپەيتەلەمسىز؟ سىردىشىڭ...ھالىنى ئاڭلاڭ...كۆڭۈل بۆلۈڭ...جان-جىگەرلىرىڭىز سىزگە موھتاج......
مەنبە: ‹‹ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىسى ›› ناملىق كىتابتىن... |
|