بۇ 1قەۋەتتىكىsarsan1117 يوللىغان 2010-07-29 13:47 غا قارتىلغان :
يارىماس، قارىسام مۇشۇنداق تېمىلارنى بەك كۆپ يوللايدىكەنسىز. بەلكىم سىز ياشاۋاتقان، سىز ئارلىشىپ ئۆتىدىغان ۋەياكى ئۆزىڭىز مۇشۇنداق ئادەمسىز بەلكىم . كۆزىڭىزنى ئۇۋىلىۋىتىپ يوغان ئېچىپ قاراڭ ، ئارىمىزدا پاك ئىمان-ئىتىقادى بىلەن كېتىشنى 1000يىل ياشاشتىن ئارتۇق بىلىدىغان، مىللەت، يۇرت، ئۆز ئەقىدىسى ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلىشنى بەخت دەپ بىلىدىغان ئادەملەر نۇرغۇن. ئۈمىدسىز شەيتان دەپتىكەن. ئۈمىدلىك بولايلى. .. نەچچە يىل بولۇپتۇ مۇنبەر ئارلاۋاتقىلى . مۇشۇنداق تېمىلارغا چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم مۇشۇنداق قىلايلى . ئاندا ياخشى ئادەم بولايلى ...دېگەندەك قۇرۇق گەپلەر، ئاۋال ھەممىمىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىساق بولىدۇ. ئۆزىمىز توغرا يولدا ماڭساق، ئازغانلارنى ئارىمىزغا ئالمىساق، ياخشىلار بىلەن ئارلىشىپ ئۆتسەك ئىشىنىمەنكى ئەۋلادلىرىمىزمۇ چوقۇم ياخشى ئادەم بولىدۇ. شۇ ئازغۇنلارنىڭمۇ(مەنمۇ باردىمەن بەلكىم) ياخشىلارغا ھەۋەس قىلىپ ھەقىقەتكە قايتىشى مۇمكىن.
دېمەكچى ئېغىزدا دېسىلا، شېئىر قىلىپ يازسىلا ئىش ھەل بولمايدۇ . ئەمىلىيەتتىن باشلاش كېرەك !~~! 
مىنىڭ قانداق ئادەملىكىمنى ئويلۇنۇپ ئولتۇرمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ،تېما توغۇرلۇق ياكى تېمىدا ئىپادىلمەكچى بولغان مەقسەت توغۇرلۇق ماڭا قانداق تەكلىپ-پىكىر بەرسىڭىز خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلار ئىدىم.ئەپسۇس ....
سىزگە ياقمىسا تېمىللىرىمنى كۆرمەڭ،مەن بىر كۈنلەردە باشقا مەزمۇندىمۇ تېما يوللاپ قالارمەن شۇ ۋاقىتتا كۆرەرسىز.
گىپىڭزدىن قارىسام بىز بىر يولدىكى ئادەملەردەك تۇرىمىز،ئۆزىنى ۋەتەن،مىللەت،دىن ئۈچۈن قۇربان قىلىش دىگەننى بەكرەك چۈشۈنۋېلىڭ. قۇربان قىلدىم دەپ ئوق يەپ ئۆلسىلا بولمايدۇ ھەممىسنىڭ ئۆز دائىرسى بۇلىدۇ.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بىر ئۆمۈر مىللەت ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتتىغۇ ؟كىم ئۇ ئالىمنى مىللەت خەلىق ئۈچۈن قوربانلىقلارنى بەرمىدى دىيەلەيدۇ؟ گەرچە مەن ئۇ شائىرلاردەك يازالمىساممۇ شۇلارنىڭ يۇلى بۇيىچە مۇھاببەتنىلا كۈيلەپ قالماي شېئرىم بىلەن بولسىمۇ باشقىلارنى ئادەمدەك ياشاشقا دەئۋەت قىلىمەن، ئۆزىمىزدىكى ئەيىپ نۇقساننىمۇ كۈچۈمنىڭ يىتىشچە ئوتتۇرغا قۇيىمەن.
بۇ مىنىڭ شېئر يىزىشتىكى تاللىغان يۇلۇم.