كۆرۈش: 920|ئىنكاس: 5

قەغەز گىزىتچىلىكىنى قاچانغىچە داۋاملاشتۇرامىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
39532
يازما
12
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-14
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 13:01:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىزىت ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيا مىقياسىدا تەشۋىقات قىلىش سىياسى ئاخپارات مەدەنىيەت تارقىتىش ساھەسىدە ئىنسانىيەت جەمىئىيتىگە ناھايتى زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلدى.گەرچە تۇنجى گىزىت مەيدانغا كىلىپ ھازىرغىچە نۇرغۇن ئىسىسق سوغۇقنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ 80-يىللاردىن كىيىن رادىئو-تىلۋىزورلارنىڭ كەسكىن رىقابىتىگە دۇچ كەلگەن  تەشۋىقاتتىكى رولى ئاجىزلىغان بولسىمۇ تا بۈگۈنكىچە تارقىتىلىپ كىلىۋاتىدۇ بىراق گىزىتلەرنى ھۆكۈمەت قوللاپ بەرمىسە ئۆز -ئۆزىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قامداپ بىر ئايمۇ نۇرمال ماڭالماسلىقى مۇمكىن چۈنكى بۈگۈنكى دەۋىر ئۆتمۈشكە تەرەققى قىلمىغان ۋاقىتقا ئوخشىمايدۇ بۈگۈنكى دەۋىر جاھاننىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئىش بولسىمۇ ھازىرلا خەۋەر تاپالايدىغان شەرىت شارائىت ھازىرلانغان ئىنتىرنىت ئۇچۇر دەۋىرى شۇڭا بۇدەۋىردە قەغەز گىزىتچىلىكى بۇ زامانغا ماسلىشالمايدىغان بولۇپ قالدى سەۋەپ گىزىتنى بىسىپ پوچتا ئارقىلىق يولغا سىلىپ گىزىت قوبۇل قىلغۇچىغا تەگكۈچە مۇئەييەن ۋاقىت كىتىدۇ قەغەزگە نۇرغۇن پۇل سەرىپ قىلىدۇ پوچتىغا پۇل سەرىپ قىلىدۇ بىسىشقا پۇل كىتىدۇ تەننەرخىمۇ ئاشىدۇ ۋاقىتمۇ ئىسراپ بولىدۇ مەن يىقىندا مەلۇم ھۆكۈمەت ئورگىنغا ئىش بىجىرگىلى بىرىپ نۇرغۇن گىزىتلەرنىڭ دۆۋلىشىپ تۇرغانلىقىنى پوچتىدىن كەلگەن پىتى ئورامدىن يىشىلىپ باقمىغانلىقىنى كۆردۈم گىزىتلەرگە توپا بىسىپ كەتكەن ئىدى .بۇ شۇيەردىكى كىشلەرنىڭ خەۋەرگە قىزىقماس بولۇپ قالغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى ھەممە ئىشخاندا تور بولغانلىقى سەۋەپلىك .مىنىڭچە قەغەز گىزىتچىلىكىگە خوش دەيدىغان ۋاقىت بوپ قالدىغۇ دەيمەن چۈنكى تورغا چىقالايدىغان ئەقلىفۇن  ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانى ئومومى تىلفۇن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نىسپىتى ئىچىدە بۇ يىل 50%دىن ئاشىتى دىمەك ئەمدى گزىتنى يانفۇندىن كۆرىدىغان ۋاقىت كەلدى .شىنجاڭ گىزىتى،شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى ھەرقايسى ۋىلايەت گىزىتلىرىنى يانفۇنىمىزدا كۆرسەك تىخمۇ ياخشى ئەمەسمۇ بۇنىڭدا گىزىتمۇ دەۋىر بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلىدۇ خەلىقنىڭ مەنىۋى ئىھتىياجىمۇ تىخمۇ يۇقىرى دەرىجىدە قانىدۇ گەرچە ھازىر نۇر تورى، خەۋەر تورى قاتارلىقلار تور ئارقىلىق خەۋەرلەرنى بىزگە يەتكۈزۈپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ لىكىن ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە جەھەتتىن قوللىشى بولماسلىقى سەۋەبلىك ماقالە مەنبەسى ئاز تەرجىمە سەۋىيەسى چەكلىك بولماقتا مىنىڭچە گىزىتچىلىكنى ئىسلاھ قىلساق بولاتتى،قەغەز گىزىتچىلىكىنى قاچانغىچە داۋاملاشتۇرامىز؟(بولسا مۇشۇ تىمامنى خەنزۇچە تەرجىمە قىلالايدىغانلار تەرجىمە قىلىپ ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تور پونكىتلىرىغا يوللاپ قويسا)

  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-18 20:55  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
53459
يازما
41
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
41
تىزىملاتقان
2013-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-2
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 12:48:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىم، مېنىڭچە بەزى مەسىلىلەرنى سەل يەڭگىللىك بىلەن يېزىپ قاپسىز. گېزىتلەرنى ئېلىكتىرونلۇق گېزىت شەكىلىدە قىلسا ياخشى بولاتتى دېگەن پىكىرىڭىز ياخشى ئىكەن.توغرا تەرەققىي قىلىش كېرەك، باشقىلاردىن ئۆگىنىش كېرەك. ئەمما بىز مايمۇندىنمۇ ئۆتە دورامچى بولغاشقا ،بىرەرسىنى دورىساق ئاشۇرۋىتىمىز ئەمەسمۇ.. قاچانغىچە قەغەز گېزىت كۆرىمىز دېگەن سۆزىڭىز سەل ئويلىماي دىيىلىپ قالغاندەك قىلىدۇ...شۇ قەغەز گېزىت ئۈستىدىكى يېزىق قانداق يېزىق؟  ئۇيغۇر يېزىق...كېچىكىپ بارسىمۇ، باشقىلار كۆرمىسىمۇ ئۇيغۇرنىڭ يېزىقى. تېلىفون پەيدا بولغانتى، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر ئوتتۇرسىدىكى خەت ئالاقىنى تاشلاپ تېلىفون قىلىشقا يۈزلەندۇق. ئۇرۇق-تۇغقانلاردىن ، يىراقتا ئوقۇۋاتقان ئاكا-ئاچىلىرىمىزدىن خەت كەلسە بىرلىكتە ئوقۇپ يىغلىشىپ كىتەتتۇق، رىشتىمىزنى چىڭىتاتتى.تېلىفونچۇ؟ ئۇنچىلىك تەسىر قىلالمايدۇ. ئۈندىدار پەيدا بولىۋىدى، دوسلار ئارا پات-پات تېلىفون قىلىشنىڭ ئورنىنى ئۈندىدار ئىگەللىدى.ئارلىقىمىز تېخىمۇ يىراقلىدى...ئەجىبا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە گېزىت يوقمىكىنا؟ بار...بىزدە ئاللىقاچان ئېستىمالدىن چۈشۈپ قالغان پوچتىخانىمۇ بار...بىزدىچۇ؟ چوڭ شەھەرلەردىكىنى ھېساپقا ئالمىغاندا يېزىدا بارمۇ؟ يازغان خەتنى ئاپىرىپ بىرىدىغان پوچتىكەش بارمۇ؟ ئاللىقاچان رەھىمسىزلەرچە ئىش ئورنىدىن ئايرىلدى...ئەمدى سىزنىڭ بۇ پىكىرىڭىز خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇنلارغا يوللانسا، تەستىقتىن ئۆتسىلا ئانا تىلىڭزدا چىقىدىغان بىر خىل نەشىر ئازلىدى دېگەن گەپ...يوقالدى، ئەسلىگە كەلمەيدۇ بۇ جاھاندا...يېزىلاردىكى قوشۇۋېتىلگەن مەكتەپ ئەسلىگە كېلەلىدىمۇ ؟   ياق... بولسا بىزدە ئازلىماي كۆپەيسۇن...تېلىفونىڭىز ھەر قانچە ئىلغار بولسىمۇ ،ئانا تىلىڭىزدىكى گېزىتنى قوللاپ مۇشتەرى بولۇپ قۇيۇڭ، باشقىلارغا مۇشتەرى بولۇشنى تەۋسىيە قىلىڭ...شۇندىلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۇدلىقى ئۈچۈن ئازراق تۆھپە قوشقان بولىسىز...

باھا سۆز

marhaba77  قوللايمەن  يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 16:46:00

UID
46611
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-9-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-18
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 23:02:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  misbulak گېپى ئورۇنلۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزگە ئوخشاش پەش-چېكىتنى ئۇنتۇپ قالىدىغانلار كۆپىيىپ كېتەرمىكىن.
  

ئۈمىدلىك ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
3524
يازما
55
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
176
تىزىملاتقان
2010-7-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-14
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 13:41:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام قىرىندىشىم، ئاۋۋال ئۇلۇغ ئىگەمدىن سىزگە .ئامانلىق تىلەيمەن ۋە شۇنداقلا بەزى چولتا خىياللىرىڭىزنىڭ بالدۇراق ئەسلىگە كىلىشىنى تىلەيمەن. مەن سىزگە يىقىنقى بىر رىئال تۇرمۇشۇمدا يۈز بەرگەن ئىشنى سۆزلەپ بىرەي. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغان كەسپىم تىل ھەم بۇ يىل پىراكتىكىغا چۇشۇش سەۋەپلىك ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان گىزىت ئۇرۇمچى كەچلىك گىزىت  ئۇيغۇرچە تەرجىمە - تەھرىر بۆلۇمىگە باردىم.ۋاھ، ئىشىنەمسىز بۇ ۋاقىتتىكى ھاياجىنىمنى، راس گەپ قىلسام بۆلۇمگە كىرىپ يىغلىغۇم كېلىپ كەتتى. چوڭ ئىشخانىدا ئاكا-ھەدىلىرىم تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى. ھەممە كومپيوتۇر يۈزىدە ئانا تىلىم چاقناپ تۇراتتى. ئارخىبىمنى كۆتۇرۇپ باشلىقىنى ئىزدىدىم. ياش،ئىگىز بويلۇق ، ئەمما يوغان كۆزئەينەكلىرى ئۆزىنى سەل چوڭ كۆرسۇتۇپ قويغان كەمتەر باشلىق ئاكاش تەرجىمالىمنى تەپسىلى كۆرۈپ مىنى قوبول قىلدى. مەندەك بىر ئىچكىرى -ئۆلكىلەردە ئوقۇپ ئانا تىلى ئۇچۇن سەرسان بولغان، ئانا تىل قەدرىگە يەتكەن مۇساپىر ئۇچۇن بۇنداق پۇرسەتكە ئىرىشىش ھەقىقەتەن خوشال قىلارلىق ئىش ئىدى. مەن باشلىق ئاكاش بىلەن خوشلاشقان ۋاقتىمدا ئۇنىڭ ئۇستىلى ئۇستىدە كىچىك ۋاراقچىغا يىزىقلىق تۇرغان 'تىنىش بەلگىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن، چەتتىن كىرگەن ئىسىملارغا دىققەت قىلىمەن' دىگەن سۆزگە كۆزۈم چۇشۇپ قالدى.

قىرىندىشىم، تەرجىمە، تەھرىر ئىشلىرى ئۇنداق ئاددى ئەمەس. بۇنى پەقەت ئىككى تىلنى بىلگەن ئادەملەرلا قىلالمايدۇ، بۇ بىر مەدەنىيەت ئالمىشىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئەگەر سىز دىگەندەك قەغەز گىزىت ئىسلاھ قىلنىۋەتسە ، ئىلغار تىلفۇننى ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان ئەمما كۈندە گىزىت ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان دادام ھەم دادامغا ئوخشاش تاغىلار نىم ئوقۇيدۇ؟ ئۇلار بىزگە بىزدەك ئىلغار تىلفۇنلاردا ئۇچۇر كۆرىۋاتقانلارغا قارىغاندا يەنە جىق نەرسىلەرنى بىلىدۇ. دۇنيا خەۋەرلىرىنىڭ نەرىدىن سورىسىڭىز شۇ يەردىن جاۋاپ بىرىدۇ. بىزنىڭ مەھەللىدە كۈندە بەش - ئالتە داداش نۆۋەتلىشىپ چىڭ ئاۋازدا گىزىت ئوقۇيدۇ ، مۇنازىرلىشىدۇ، بەزىدە تاللىشىپ ۋاقىرشىپ كىتىدۇ بۇنداق ئەھۋاللاردا كۈلۈپ كىتىمەن ئەمما ئۇلار كۈندە قاچا بىكار قىلىپ سىرتقا چىقسا قارت ئويناپ يۇرگەن لاي غەزەللەردىن مىڭ ياخشى.
بىز ئاغزىمىزدا ۋاي تىلىم ، ئانا تىلىم دەپ جار سالىمىز بەلكىم سىزمۇ ئانا تىلىڭىزنى سۆيەرسىز ئۇنداقتا نىمە ئۇچۇن ئانا تىلىمىزدا نەشىر قىلنىۋاتقان بىردىنبىر گىزىتلىرىمىزنى سۆيمەيسىز؟ بىزدە ئۇنداق نەشىر قىلىنىۋاتقان گىزىتلەر بەكمۇ كۆپ ئەمەسقۇ؟ ئۆزىمىز ئسلاھ دىگەن سۆزنى ئوتتۇرغا قويۇپ بەرسەك باشقىلار ئۇچۇن ياخشى پۇرسەت يارتىپ بەرمەمدۇ؟ ئىشخانىلاردىكى بىسىلىپ ياتقان گىزىتلەرگە ھە دەپ قويۇڭ باشلىقلىرىمىز باي بولۇپ ئىلغار تىلفۇنلاردا يۇرىۋاتقان بىلەن ئۇلار ھامان شۇ گىزىتلەرگە مۇھتاج بولىدۇ.
ئىلغار تىلفۇن، تور بولسىلا تەرەققيات بولۇپ ھىساپلانمايدۇ قىرىندىشىم. ئەنگىليەدە 70پىرسەنىت ئادەم كۈندە ئىشقا ماڭغاچ گىزىت ئوقۇيدىكەن، ئەمسە ئۇلار تەرەققى قىلمىغانمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىلغار ئايفۇنلىرى يوقمىدۇ؟
ئانا تىللىمىزنى سۆيمىز دەيدىكەنمىز يۈركىمىزدىن قەلبىمىزدىن ئەسلى-ۋەسلىمىزدىن سۆيەيلى. خاتا ئىدىيىلىرىڭزنىڭ بالدۇراق ئەسلىگە كىلىشىنى تىلەيمەن.     

UID
53582
يازما
113
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
113
تىزىملاتقان
2013-2-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-13
توردا
79 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 16:46:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز قەغەز گىزىتنى قولىمىزغا ئىلىشقا ئادەتلەنمىگەن تۇرساق،قەغەز گىزىتچىلىكىمىزمۇ ئۇنچىلىك تەرەققى قىلمىغان تۇرسا، ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ.
تۈركىيە ۋە ياۋرۇپادىمۇ تا ھازىرغىچە قەغەز گىزىت ئىشلىتىدۇ،ھەم قەغەز گىزىتچىلىكى بەكمۇ تەرققى قىلغان.
ھەرخىل ژورنال ۋە ئىلان قەغەزلىرى پوشتىنىدىن ئۆيگە كىلىدۇ.چۈنكى بۇ رايونلارنىڭ پوشتىكەشلىكى بەكمۇ تەرەققى قىلغان.

UID
53459
يازما
41
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
41
تىزىملاتقان
2013-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-2
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 21:12:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇلئاي سىڭلىمنىڭ گەپلىرىنى ئوقۇپ ئىزدەپ بېرىپ ئاغزىغا ناۋات سېلىپ قويغۇم كەپكەتتى جۇمۇ...

باھا سۆز

marhaba77  مىنىڭكىنىمۇ ئالغاچ كىتەمسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 16:47:58
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش