- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 17
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 847
- تىزىملاتقان
- 2008-10-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2009-4-22
- UID
- 15
- يازما
- 17
- تېما
- 15
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 847
- تىزىملاتقان
- 2008-10-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2009-4-22
- توردا
- 0 سائەت
|
يانفۇننىڭ سىزگە ئېلىپ كەلگىنى پەقەتلا خوشاللىقمۇ؟
تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاستىللىرىنىڭ ھەممىسىدە يانفۇن كىشلەرنىڭ تۇرمۇشىغا غايەت زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىگى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ، كۆپچىلىك بۇ خىل قاراشقا قوشۇلامدۇ-يوق؟
سىزنىڭ بېشىڭىزدىن تۆۋەندىكىدەك ئىشلارمۇ ئۆتكەنمۇ؟
7:00 سىز تېخى ئورنىڭىزدىن تۇرمىغان ، بەزىلەر سىزگە تېلفۇن قىلىپ ،ئەتىگەندە سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويغانلىغىدىن ئۇڭايسىزلىنۋاتقانلىغىنى ئېيتقانمۇ؟
8:00 ئىشقا كېتىۋاتقاندا ئاپتۇۋۇز ناھايىتى قىستاڭچىلىق، بىكەتتە ئۆرە تۇرغۇدەكمۇ يەر يوق، تۇيۇقسىز تېلفۇن كېلىپ سىزنىڭ شېركەتكە بېرىپ بولغان –بولمىغانلىغىڭىزنى سورىغانمۇ؟
9:00 ئەمدىلا شېركەتە كېلىپ ،تېخى ئولتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەيلا ئىشخانا تېلفۇنى سايراپ كەتكەن ، تېخى ئالماي تۇرۇپلا يانفۇنىڭىز سايراپ كەتكەن ؟
10:00 سىز پۈتۈن زېھنىڭىزنى يىغىپ بىر مەسلىنى ئويلاۋاتقاندا ، بەزىلەر تېلفۇن قىلىپ QQ غا چىقامسىز، دەپ سورىغانمۇ؟
11:00 مۇھىم يىغىن ئېچىلۋاتقاندا، پىكىر قىلىش نۆۋىتى سىزگە كەلگەن، ئەمدىلا گەپ قىلىشنى باشلىشىڭىزغا تېلفۇنىڭىز سايراپ كەتكەن ؟
12:00 ئەمدىلا تاماققا ئېغىز تېگىپ تۇرشىڭىزغا ، تېلفۇن كېلىپ سىزنى بىر ھازا ئاۋارە قىلغان ، ئالدىڭىزدىكى سەي ئاللىقاچان مۇزلاپ قالغان؟
13:00 ناھايىتى تەسلىكتە خىلۋەت بىر جاينى تېپىپ چۈشلۈك دەم ئالماقچى بولغىنىڭىزدا ، يانفۇنىڭىز يانچۇقىڭىزدا ناخشا ئېيتىۋاتقان؟
14:00 بەھۇزۇر كېرىلىپ تاماق يەۋاتقان ۋاقتىڭىزدا يانفۇنىڭىز تۇيۇقسىز سايراپ ، بەزىلەر سىزدىن «كەچتە نىمە يەيسىز» دەپ سوراۋاتقان؟
15:00 ئىشخانا تىلفۇنىڭىزدا تېلفۇن قۇبۇل قىلىپ سۆزلىشىۋاتقاندا ، يانفۇنىڭىزمۇ سايراپ ، بىراۋلار سىزگە «ئىشخانىڭىزغا نەچچە قېتىم تېلفۇن قىلسام لىنيە بىكار ئەمەس(占线)، پەقەتلا ئۇلانمىدى »؟
16:00 سىرتتا خېرىدارلارنى زىيارەت قىلۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ، شېركەتتىن بەزىلەر سىزگە تېلفۇن قىلىپ «سىز قاچان قايتىسىز» دەپ سورىغانمۇ؟
17:00 بىر كۈنلۈك ئىشڭىزنى تەرتىپكە سېلىپ بولۇپ ،چۈشۈپ قالغان ئىشلارنىڭ يوق دەپ جەزىملەشتۇرۋاتقىنىڭىزدا ، تۇيۇقسىز يانفۇنىڭىز سايراپ « بۈگۈن ماڭا تېلفۇن قىلىڭ دىسەم ، نىمىشقا تېلفۇن قىلمايسىز؟»
18:00 ئىشتىن چۈشۈپ ئەمدىلا شېركەتتىن چىقىپ تۇرشىڭىزغا ، يانفۇنىڭىز سايراپ ، باشلىقىڭىز سىزنى قايتىپ كىرىشكە بۇيرۇغان؟
19:00 ئۆيگە قايتىپ كېتىۋاتقاندا ، تۇيۇقسىز بەزىلەردىن تېلفۇن كېلىپ سىزنى ئۆيگە بېرىپلا تورغا چىقىپ ئۆزىنى دىن QQئىزدەشنى ئېيتقان؟
20:00 ئەمدىلا ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ، ئايالىڭىز ياكى يولدىشىڭىز بىلەن سالاملىشىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا ، يانفۇنىڭىز سايراپ كەتكەن؟
21:00 كىر يۇيۋاتقىنىڭىزدا يانفۇنىڭىز سىرتتا كەينى –كەيندىن سايراۋاتقان، ئامالسىز بېرىپ تېلفۇن ئالغان؟
22:00 يولدا ئايالىڭىز ياكى يولدىشىڭىز بىلەن قولتۇقلىشىپ كېتىۋاتقىنىڭىزدا، تۇيۇقسىز يانفۇنىڭىز سايراپ « يامغۇر يېغىۋاتىدۇ، جېنم، مەندىن ئايرىلماڭ....»
23:00 چىراقنى ئەمدىلا ئۆچۈرشىڭىزگە ، بەزىلەر تېلغۇن قىلىپ « ئۇخلىدىڭىزما،ئازراق ئىش بار ئىدى، سوراپ باقاي، سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم».
00:00 تېخى ئۇخلىمانتىڭىز، خېرىدارلاردىن تېلفۇن كېلىپ ، مۇھىم سېستىمىدىن كاشىلا چىققاچقا ياردەم كېرەكلىگىنى ئېيتقانمۇ؟
3:00 خېرىدارلاردىن يەنە تېلفۇن كېلىپ «ئىشقا كىرىشتى، سىز خاتىرجەم بولۇڭ، ياردىمىزگە كۆپ رەھمەت».
5:00 ئاخىر ئۇخلاپ قالدىڭىز، چۈشىڭىزدە يانغۇنىڭىز يەنىلا سايراۋاتىدۇ...... |
|