ياش ناخشىچى ھەزرىتى ئەلى مۇھەممەتتۇرسۇننىڭ ‹‹مەن بىلەن››ناملىق پىلاستىنكىسى رەسمي تارقىتىلدى
2013—يىلى ھۇد ئېيىنىڭ 11-كۈنى ياش ناخشىچى ھەزرىتى ئەلى مۇھەممەدتۇرسۇننىڭ «مەن بىلەن» ناملىق يېڭى پىلاستىنكىسى دىيارىمىزدا رەسمىي ھالدا تارقىتىلدى. بۇنىڭدىن بىر ھەپتە بورۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھەزرىتى ئەلى مۇھەممەدتۇرسۇننىڭ «مەن بىلەن»ناملىق پىلاستىنكىسى ھەققىدە ئالدىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
2013-يىلى قەھرىتان ئېيىنىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كىيىنن خەلقىمىزنىڭ ياخشى باھالىرىغا ئېرىشىپ كىلىۋاتقان ياش ناخشىچى ھەزرىتى ئەلى مۇھەممەتتۇرسۇننىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھۇد ئېيىنىڭ 10-كۈنى بازارغا سالغان يېڭى ناخشا پىلاستىنكىسى «مەن بىلەن» ناملىق يېڭى ناخشا پىلاستىنكىسىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
ياش ناخشىچى ھەزرىتى ئەلى مۇھەممەتتۇرسۇنىڭ بۇ قېتىملىق پىلاستىنكىسى ئۇنىڭ 2-قېتىم چىقارغان ناخشا پىلاستىنكىسى بولۇپ ، بۇ قېتىملىق تارقىتىش مۇراسىمى ئەركىن ئازادە سۆھبەت شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى.تارقىتىش مۇراسىمىغا ياش رىياسەتچى ئىسھاق سۇلايمان رىياسەتچىلىك قىلدى.ھەزرىتى ئەلى مۇھەممەتتۇرسۇننىڭ قوللىغۇچىلىرى،مەن بىلەن ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسىغا كۈچ چىقارغان ھەرقايسى ساھەدىكى خىزمەتچىلەر تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ پىلاستىنكا ئىشلىنىش جەريانى ، ناخشىلاردىكى ئالاھىدىلىك ۋە ھەزرىتى ئەلى مۇھەممەتتۇرسۇنغا بولغان كۆڭۈل سۆزلىرىنى بىلدۈردى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئەلكۈيى تورى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى نەق مەيدان ئەھۋالىغا قاتنىشىپ بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئىشلىدى. ئەلكۈيى تورى كەڭ تورداشلارغا ھەزرىتى ئەلى مۇھەممەتتۇرسۇننىڭ يېڭى ناخشا پىلاستىنكىسى ھەققىدە ئۇچۇر بىرىش شۇنداقلا بۇ قېتىملىق تارقىتىلىش مۇراسىمىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تورداشلارغا سونۇش مەقسىتىدە بۇ ھەقتە مەخسۇس فىلىم ئىشلەپ كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.

ياش رىياسەتچى ئىسھاق سولايمان پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلماقتا

ياش ناخشىچى ھەزرىتى ئەلى مۇھەممەتتۇرسۇن بۇ قېتىمقى پىلاستىنكىسى ھەققىدە سۆز قىلماقتا

قارلۇق سىتودىيەسىنىڭ مەسئۇلى نەجمىدىن قارلۇق سۆز قىلماقتا

ياش ئاكتىيور مەن بىلەن ناملىق پىلاستىنكىنىڭ رېژىسسورى،مەمەتجان ئابدۇقادىر پىلاستىنكا ھەققىدە سۆز قىلماقتا

تالانتلىق ناخشىچى ئابدۇسۇپۇر ئىسمايىل مەن بىلەن ناملىق پىلاستىنكىنى كۆرگەندىن كىيىن تەسىراتىنى سۆزلىمەكتە

ياش ناخشىچى مۇراتجان مۇختەر سۆز قىلماقتا

ياش ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ سۆز قىلماقتا

ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مەمەتجان ئۈمىدۋار مەن بىلەن ناملىق پىلاستىنكا ھەققىدە سۆز قىلماقتا

تەبرىكلەش پائالىيتىدىن كۆرۈنۈشلەر

تەبرىكلەش پائالىيتىدىن كۆرۈنۈشلەر

ياش ناخشىچى كېرەم ئابباس سۆز قىلماقتا

ياش رىياسەتچى زۆھرە پولات سۆز قىلماقتا

تەبرىكلەش پائالىيتىدىن كۆرۈنۈشلەر

ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مەمەتجان ئۈمىدۋار ھەزرىتى ئەلى مۇھەممەتتۇرسۇننىڭ ناخشىلىرىنىڭ توردىكى ئاڭلاش ئەھۋالىنى بايان قىلدى

ياش ئىجادىيەتچى ۋەلى نۇرتاي سۆز قىلماقتا

تەبرىكلەش پائالىيتىدىن كۆرۈنۈشلەر
تەبرىكلەش پائالىيتىدىن كۆرۈنۈشلەر

تەبرىكلەش پائالىيتىدىن كۆرۈنۈشلەر


تەبرىكلەش پائالىيتىدىن كۆرۈنۈشلەر

ھەزرىتى ئەلى مۇھەممەتتۇرسۇن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىدە




ئاخىرىدا ئەلكۈيى تورى بارلىق ئۇيغۇر دوستلىرىغا ۋاكالىتەن ھەزىرىتىئېلىنىڭ «مەن بىلەن»ناملىق بۇ پىلاستىنكىسىنىڭ غەلبىلىك ھالدا پۈتۈپ چىققانلىقىنى چىن دىلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز ھەمدە بارلىق تورداشلارنىڭ بازاردىن ئەسلى پىلاستىنكىنى سېتىۋېلىپ بۇ پىلاستىنكىدىن ھوزۇر ئېلىشىغا تىلەكداشمىز، كەڭ تور ئەھلىنىڭ ئارام كۈنلىرىگە شادلىق ئېلىپ كىلىش مەقسىتىدە بىز پىلاستىنكىدىكى مەن بىلەن ناملىق ناخشىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئەلكۈيى ناخشا مۇزىكا ئارامگاھىغا چىقاردۇق.بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن ھەزىرىتى ئەلىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سەنئەت ھاياتىغا زور ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا تېنىنىڭ سالامەت ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشلۈك بولىىشىنى تىلەيمىز.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
ئەلكۈيى تورى
2013-يىلى ھود 11-كۈنى