كۆرۈش: 780|ئىنكاس: 9

ئەلۋىدا سۆيگىنىم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
52901
يازما
17
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2013-1-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-3
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 13:02:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                  ئەلۋىدا سۆيگىنىم
                                                                       زەھرا
      

        ‹‹ئېگىلگەن باشنى قىلىچ كەسمەپتۇ››دەيدىكەن.سېنى ئەمدى ئىزدىمەسمەن دەپ ئويلىغانىدىم،سەن دېگەندەك مەنمۇ ماس كەلمەيدىغىنىمىزنى ھېس قىلغان ئىدىم.ئەمما قىيالمىدىم،سېنىڭ مېنى كۆڭلىڭدىن چىقىرىۋېتىشىڭگە، سېنى كۆڭلۈمدىن چىقىرىۋېتىشكە چىدىمىدىم.مەن ئاجىز كەلدىم،خوشال ئۆتكەن كۈنلىرىمىزنى ئىنكار قىلالمىدىم.سېنى ئۇنتۇشقا باھانە تاپالمىدىم.تېلىفوننى قولۇمغا ئالدىم.سەن پەرۋاسىز ئىدىڭ،بۇنى قەستەن قىلىۋاتقىنىڭنى بىلىمەن...سەن مېنى ئۇنتۇپ كەتكىنىڭنى مېنىڭمۇ سېنى ئۇنتۇپ كېتىشىمنى ئېيتىۋاتىسەن.‹‹سېنى سېغىندىم مۇھەممەد،بىز كۆرىشەيلى››مەن بىر گېپىمدە چىڭ تۇرىۋالدىم.سەن مەندىن بىزار بولدۇڭ،‹‹مەن ساڭا ئۆچ بوپ كەتتىم،مەن مۇشۇنداق ئەسكى،ھازىر يۈرگىنىم بار،ماڭا چاپلىشىۋالما››دەيتتىڭ.قانداق بىر كۈچنىڭ سەۋەبىدىن بۇ گەپلىرىڭگە چىداۋاتقىنىمنى بىلمىدىم،بۇ گەپلىرىڭ بىلەن ۋىجدانىم ئارام تېپىۋاتاتتى.مەن يەنە شۇ گەپنى تەكرارلارۋەردىم.سېنى سۆيىدىغىنىمنى،بۇگەپلىرىڭگە ئىشەنمەيدىغىنىمنى ئېيتتىم.‹‹بۇرۇن سەن بىلەن كۆڭۈل خوشى ئۈچۈنلا يۈرگەن،ساڭا دېگەن گەپلىرىممۇ پەقەتلا كۆڭۈل خوشى، كىچىكلىك. بولدى ئۆزۈڭگە تەسەللىي بەرمە،سېنى بەك ئېسىل دەپ ئويلايتتىم،بىر ئوغۇل بالا ئۈچۈن مۇشۇنداق تۈگىشىپ كېتەمسەن،مەن بىلەن قالماي ئوقۇشىڭنى ئوقە،سەندىن كۈتىدىغان ئۈمىدىم  شۇ ياخشى ئوقۇ››.مەن يەنە جاھىللىق بىلەن كۆرىشىشتە چىڭ تۇردۇم،سېنى ياخشى كۆرمەيمەن،دېگەن گەپلىرىڭگە مەن ھەرگىز ئىشەنمەيتتىم.ئاخىرى ئەتە كۆرىشكەندىن كېيىن سېنى مەڭگۈ ئاۋارە قىلماسلىققا ۋەدە بېرىپ سېنى كۆرىشىشكە ماقۇل كەلتۈردۈم.كۆز ياشلىرىم باشقۇرىشىمدا ئەمەس.كۆرۈشكەندىن كېيىنلا ساڭا يۈرەك سۆزىمنى ئېيتىۋالسام،ئاخىرقى قېتىم باغرىڭغا ئۆزىمنى ئېتىۋالسام ئۇنىڭدىن باشقا ئارمىنىم يوق ئىدى.‹‹نېمانداق زېرىكتۈرىسەن ،بىرەر دوستىمنى تونۇشتۇرۇپ قويايمۇ يا›› دەپ غورۇرىمغا تېگىشىڭنىمۇ كۆتۈردۈم،چۈنكى مەن مۇھەببەتكە،ساڭا ئىشىنەتتىم.‹‹بۇ بەرىبىر ئاخىرى چىقمايدىغان ئىش،بىز ماس كەلمەيمىز،بەرىبىر توي قىلالمايمىز،بۇ مۇمكىن ئەمەس››دەيتتىڭ،ئادەم بەزىدە بەك قەيسەر ئىكەن،گەپلىرىڭ يۈرىكىمگە خەنجەردك تەگسىمۇ  ساڭا ئازراقمۇ ئۆچلىگىم كەلمەيۋاتىدۇ،سېنى مېنى ياخشى كۆرىدۇ،ئۆزىنى ماڭا ئۆچ قىلىۋېتىش ئۈچۈن قەستەن شۇنداق دەۋاتىدۇ دەپ ئويلايتتىم.
     ناھايىتى تەستە تاڭ ئاتقۇزدۇم.تېلىفونۇمدىن بىر مىنۇت كۆزىمنى ئۈزمەي تېلىفونىڭنى كۈتتۈم.سېنى تېلفۇن قىلماي قالارمۇ دەپ ئەنسىرەيتتىم.جىددىيلىشىپ يۈرىكىم توختىماي سوقاتتى.ئاخىرى تېلىفون قىلدىڭ.يۈگرۈپ دېگۈدەك،پاك مۇھەببىتىمىزنىڭ شاھىدى بولغان باغچىغا كىردىم،ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق كۆرىشىشىمىزنىڭ كۆڭۈللۈك بولىشىنى،ئاخىرقى قېتىم خوشال خوشلىشىشىمىزنى ئىستەيتتىم.شۇڭا كۆز ياشلىرىم يۈرىكىمگە تېمىپ تۇرسىمۇ،سەن بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ كۆرىشتىم.سەن چىراي ئاچمايتتىڭ،كېتىشكە ئالدىراييتتىڭ،مەنمۇ گاچا بولۇپ قالغاندەك گەپلىرىمنى ئېيتالمايۋاتاتتىم.سەن كېتىمەن دېدىڭ،سېنى تۇتىۋالسام مېنى شۇنداق سەت سىلكىدىڭ،مەن شۇنچە قەدرسىز بولۇپ قالغان ئىدىم.ئۆز غورۇرىمنى ئۆزۈم دەپسەندە قىلىۋاتاتتىم.مەن كىمگە باش ئېگىپ باققان،تا ھازىرغىچە ئاتا-ئانامدىنمۇ بىر ئېغىز كەچۈرۈم سوراپ باقمىغان ئىدىم.شۇنىڭ قىساسىنى تارتىۋاتقان بولسام كېرەك.ساڭا يالۋۇراتتىم،ئۆزىممۇ بىلمەيدىغان بىر كۈچ بىلەن سېنى كەتكىلى قويمايتتىم.مەن قايتا-قايتا ئىتتىردىڭ.مەن نىمە بولدۇم،غورۇرسىز ئىت بولۇپ قالدىممۇ؟ياق مەن مۇھەببەتكە قۇل بولۇپ قاپتىمەن،بۇرۇن ساڭا بەرگەن ئازارلىرىم ئۈچۈن بۇ ئىشلىرىڭ بىلەن ۋىجدانىمغا ئاراملىق ئىزدەيتتىم.سەن كەتتىڭ،‹‹خوش ئەمىسە،ئۆزىڭنى ئاسرا››دەپ ئىتتىك ماڭدىڭ،سېنى تۇتۇپ قالالمىدىم،‹‹ياق مۇھەممەد››دەپ كۆزلىرىمنى مۆلدىرلىتىپ قاراپلا تۇراتتىم.‹‹مەن ئەسكى››دېدىڭمۇ ياكى ‹‹مېنى ئەسلىمە››دېدىڭمۇ بىرنىمە دەپلا چىقىپ كەتتىڭ.مەن تۇرغان يېرىمدە تۇرۇپلا قالدىم.ئۆمرىمدە بىرەر يات كىشىگە كۆز يېشىمنى كۆرسىتىپ باقمىغانىدىم.مانا ئەمدى بۇ كۆز ياشلار ئەتراپتىكى كىشىلەرگە پەرۋا قىلمىدى.بىر قېتىملىق ئۇرىشىپ قالغىنىمىز ئۈچۈنلا مەندىن يۈز ئۆرىدىڭ،باغچىغا رەھىمسىزلەرچە تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالدىڭ،يالۋۇرۇشلىرىمغا پەرۋا قىلمىدىڭ.باغچىدا ئۆزۈم يالغۇز ئايلىنىۋاتىمەن،كۆز ياشلىرىم توختاۋسىز ئېقىۋاتىدۇ.ھەممە ئىش باشلانغان يېرىدە ئاخىرلاشتى،دەل مۇشۇ باغچىدا مېنى ياخشى كۆرىدىغىنىڭنى ئېيتقان ئىدىڭ،دەل مۇشۇ باغچىدا مەن بىلەن توي قىلىدىغىنىڭنى ئېيتقان ئىدىڭ،تۇنجى قېتىم مۇشۇ باغچىدا قولۇمنى تۇتقان ئىدىڭ،باغرىڭغا باسقان ئىدىڭ...خۇددى سەن مەڭگۈ يېنىمدا بولىدىغاندەك خاتىرجەم،خوشال كۈلۈپتىكەنمەن بۇ باغچىدا.ئەمدى ئۈمۈدسىزلىكتە قان-ياش يىغلاۋاتىمەن،مېنى سۆيەتتىڭغۇ؟دەپ نالە قىلىۋاتىمەن.توڭلاپ قوللىرىم قېتىپ ، قورسىقىم ئېچىپ يىقىلىپ قالاي دېگەندە باغچىدىن چىقىپ كەتتىم.
      دۇنيا پەقەتلا بىر سىناق،دۇنيادا ھەقىقىي مۇھەببەت يوق.ھەرقانداق كىشى سەندىن يۈز ئۆرىشى مۇمكىن،مۇھەببەت پەقەت ئاللاھقىلا باغلىنىشى كېرەك ئىكەن.كىچىكلىكىم،ئەقىلسىزلىقىمدىن سەن مەندىن بىزار بولدۇڭ،ماڭا ئۆچ بولدۇڭ،مەندىن ۋاز كەچتىڭ.سەنمۇ بۇنداق قىلغان يەردە مەن ئەمدى كىمگە ئىشىنەلەيتتىم.بۈگۈن تارتقان خورلىقىمنى ئۇنتىيالمايمەن، مەڭگۈ ئۇنتىيالمايمەن.سەن ئەسكىلىك قالپىقىنى كېيىشكە رازى بولدۇڭ،ساڭا ئۆچ بولۇپ سېنى تېزراق ئۇنتۇشۇم ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭ.مەن بارلىق كۈچۈم بىلەن مۇھەببىتىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشتىم،سېنىڭ بىر ئۆمۈر نەپرەتتە ياشىماسلىقىڭ ئۈچۈن،ئاللاھتىن چىن كۆڭلىمدىن بەختىڭنى تىلەۋاتىمەن،سەنمۇ ھەم شۇنداق ھەقىچان.‹‹ئى ئاللا ماڭا ئۇنىڭدىن ياخشىسىنى تەقدىر قىلغان بولساڭ ئۇنى كۆڭلىمدىن چىقىرىۋەتكىن،ئۆزۈڭ سالغان مېھىرنى پەقەت سەنلا كۆتىرىۋېتەلەيسەن.بىر خاپىىلىققا سەۋر قىلغان كىشىگە ئويلىىمىغان يەردىن خوشاللىق بېرىسەن،ئىككىنجى قېتىم مۇھەببەتكە قۇل بولىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن،مەن پەقەت سېنىڭلا قۇلۇڭ››دەپ دۇئا قىلىۋاتىمەن.ساڭا رەھمەت مۇھەممەد سەن ئارقىلىق جىق ئىشلارنى چۈشەندىم،سەۋر قىلىشنى ئۆگەندىم.ئاللا ئۆزى ياخشى كۆرگەن بەندىسىنى سىنايدۇ،مەن سەۋر قىلىمەن،سەندىن نەپرەتلەنمەيمەن....ئەمدى سەن ئۈچۈن ئەمەس،ئۆزۈم ئۈچۈن ياشايمەن.شۇنداق تىرىشىمەنكى،ئېرىشكەن مۇۋەپپىقىيىتىم ئۈچۈن،ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن،چۈنكى سەندىن ۋاز كەچمىسەم ئۆزىمنى سۆيىشنى،ئۆزىمنىڭ ئارزۇسىنى ئۇنتۇپ قالغان بولاتتىم.
     مەن سەنسىزمۇ بەختلىكمەن،مېھرىبان ئاتا-ئانام،سۆيۈملۈك  قېرىنداشلىرىم،دوستلىرىم،كۆيۈمچان ئۇستازلىرىم بار.ئەڭ مۇھىمى مېنىڭ ئاللاھىم بار.ئەلۋىدا سۆيگىنىم...ئاللا بەختىڭنى بەرسۇن.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
52630
يازما
30
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2013-1-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 06:16:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەي  قېرېندېشېم ئەمدې  بۇ  قانداق  مۇھاببەت  ھېكايېسې ؟؟؟ يازدېم دەپلام  يېزېۋەر مەي  تۈزۈك  يېزېڭلار  ئاغنېلەر گەپلەر ھېچ بېرگە ماس كەلگەندەك ئەمەس ؟؟ يا مەن چۈشنەلمېدېممۇ  مۇھاببەتلېشېپ باقمېىخاندېكېن  ؟؟  باشقا دوسلار بېر نېمە دەپ  باقسۇن قېنې!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

UID
53871
يازما
23
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
23
تىزىملاتقان
2013-2-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-18
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 17:56:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
0991muhammat يوللىغان ۋاقتى  2013-2-17 06:16
ئەي  قېرېندېشېم ئەمدې  بۇ  قانداق  مۇھاببەت  ھېكايېسې ؟؟ ...

خىلى چۇشۇنۇشلۇك بوپتىغۇ،شۇ بۇقىز ئۈز مۇھەبىتىنى ئۇنتىيالماي ئازاپلانغانلىق ھىسياتىنى يېزىپ چىقىپتۇ،        
ئاخىرىدا ئوزىنىڭ ئۇ يىگىتنى قەتتى ئۇنتۇپ ئۇمۇتۋارلىق بىلەن ياشايدىغانلىقىنى ئپادىلەپتىغۇ....
ھىكايە مەزمۇنى ئاددى ،چۇشۇنۇشلۇك كەن،ياخشى چىقىپتۇ....

UID
53871
يازما
23
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
23
تىزىملاتقان
2013-2-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-18
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 18:00:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
0991muhammat يوللىغان ۋاقتى  2013-2-17 06:16
ئەي  قېرېندېشېم ئەمدې  بۇ  قانداق  مۇھاببەت  ھېكايېسې ؟؟ ...

خىلى چۇشۇنۇشلۇك بوپتىغۇ،شۇ بۇقىز ئۈز مۇھەبىتىنى ئۇنتىيالماي ئازاپلانغانلىق ھىسياتىنى يېزىپ چىقىپتۇ،        
ئاخىرىدا ئوزىنىڭ ئۇ يىگىتنى قەتتى ئۇنتۇپ ئۇمۇتۋارلىق بىلەن ياشايدىغانلىقىنى ئپادىلەپتىغۇ....
ھىكايە مەزمۇنى ئاددى،چۇشۇنۇشلۇك ياخشى چىقىپتىغۇ.

UID
49976
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-11-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-28
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 12:33:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  زەھرا
بەك ياخشى يېزىپسىز.سۆيگۈنى قەدىرلىمەيدىغان ئۇنداق ئادەملەر  كۆز يېشى قىلىپ ،ئاھ ئۇرۇشقا ئەرزىمەيدۇ.مۇھەببەتتە مەغلۇپ بولغاندا ئادەم تەسەللىگە مۇھتاج شۇنداققۇ،سىز بەك غەيرەتلىك ئىكەنسىز،توغرا دەپسىز،«سەنسىزمۇ بەختلىكمەن،مېھرىبان ئاتا-ئانام،سۆيۈملۈك  قېرىنداشلىرىم،دوستلىرىم،كۆيۈمچان ئۇستازلىرىم بار.ئەڭ مۇھىمى مېنىڭ ئاللاھىم بار«.بولسا مۇشۇ تېمىڭىزنى مۇھەببەت يولىدا ئازار يېگەن ،تەسەللىسىز قالغان قىزلىرىمىز ئوقۇپ باقسىكەن دەيمەن.

UID
7016
يازما
48
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1011
تىزىملاتقان
2010-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-18
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 13:48:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹ئى ئاللا ماڭا ئۇنىڭدىن ياخشىسىنى تەقدىر قىلغان بولساڭ ئۇنى كۆڭلىمدىن چىقىرىۋەتكىن،ئۆزۈڭ سالغان مېھىرنى پەقەت سەنلا كۆتىرىۋېتەلەيسەن.بىر خاپىىلىققا سەۋر قىلغان كىشىگە ئويلىىمىغان يەردىن خوشاللىق بېرىسەن،ئىككىنجى قېتىم مۇھەببەتكە قۇل بولىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن،مەن پەقەت سېنىڭلا قۇلۇڭ› ... ...

UID
51009
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-28
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 19:36:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەي  قېرېندېشېم ئەمدې  بۇ  قانداق  مۇھاببەت  ھېكايېسې ؟؟؟ يازدېم دەپلام  يېزېۋەر مەي  تۈزۈك  يېزېڭلار  ئاغنېلەر گەپلەر ھېچ بېرگە ماس كەلگەندەك ئەمەس ؟؟ يا مەن چۈشنەلمېدېممۇ  مۇھاببەتلېشېپ باقمېىخاندېكېن  ؟؟  باشقا دوسلار بېر نېمە دەپ  باقسۇن قېنې!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
     



شۇنداق ياخشى يىزىپتىغۇ،سىز بىرەر ئەسەر يېزىپ بېقىڭە قېنى   بەك ئېسىل يازسىڭىز ؟

UID
51536
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-12-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-2
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 13:28:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر ھىكايە ئەمەس بەلكى ئۆزۈمنى ئوقۇۋاتقاندەك بوپ قالدىم. ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن.

UID
46750
يازما
24
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
24
تىزىملاتقان
2012-9-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-1
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 13:22:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز.  بەزىدە كۈڭۇل دەپ ئۈزىمىزنى ئۈزىمىز ئازاپلايمىز.

UID
48828
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-4-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 13:37:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىكاھتىنى بۇرۇنقى مۇھاببەت نەزىريە ئىمتاھانغائوخشايدۇ.نىكاھ ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇھاببەت ھەقىقى مېھىر-مۇھاببەت ھىساپلىنىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش