تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1587|ئىنكاس: 7

ئاچچىقلىنىش ئەرلەرنىڭ يىغلاش ئۇسۇلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
3703
يازما
290
تېما
84
نادىر
0
جۇغلانما
14965
تىزىملاتقان
2010-7-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-13
توردا
1 سائەت

باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 19:39:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچچىقلىنىش ئەرلەرنىڭ يىغلاش ئۇسۇلى

ھازىرقى جەمئىيەتتە ، ئەرلەر ناھايىتى قالتىس ياشاۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتقان بىلەن ، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى نۇرغۇن ھارغىنلىق ئىچىدە كۈن كەچۇرۋاتىدۇ . يېقىندا <<لوس ئانجىلىس گېزىتى>>نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، ئامىرىكىدا ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش مۇمكىنچىلىقى ئاياللارنىڭ 4 ھەسسىسى ئىكەن ، بۇلارنىڭ ئارسىدىكى پەقەت يېرىمدەك ساندىكى ئەرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلى (抑郁症) دەپ دىئاگنوز قويۇلغان .
بۇنىڭدىن شۇنى بىلىۋالغىلى بولىدۇكى ، كۆپلىگەن ئەرلەر خامۇشلۇق كېسەلىكى بولسىمۇ لېكىن خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ قايغۇرۇش ، روھىي جەھەتتىن قورقۇش ، بىئارام بولۇشدەك كېسەللىك ئىپادىلىرى كۆرۈلمەيدۇ ، شۇڭلاشقا قالغان يېرىم ساندىكى كىشىلەرنىڭ كېسەللىكىگە دىئاگنوز قويماق تەس توختاپ قالغان .

ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا ، ئەرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئىپادىلرى : ھاراق ئىچىش ، قوپاللىق قىلىش ، زەھەرلىك چىكىملىك چېكىش ، قاتناش ۋاسىتلىرىنى (مەسىلەن ماشىنا ، موتوسىكىلىت ...) يۇقىرى سۈرئەتتە ھەيدەش، باشبالتاقچىلىق قىلىش ، تەڭ تۇرۇشلاردىن ئىبارەت . ئۇلار ئايال خامۇشلۇق كېسەللىكى بىمارلىرىغا ئوخشاش ئوزىدىن گۇمانلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەسىتىن ، بەلكى باشقىلارنى بوزەك قىلىش ، قورقىتىش ، خاتالىقلارنى ئەترەپتىكى كىشىلەرگە دۆڭگەپ قويۇشدەك ئىشلەرنى قىلىدۇ . كۆپلىگەن ئەرلەرنى ئېلىپ ئېيتقاندا ئاچچىقلىنىش ئىچكى روھىي دۇنياسىدىكى ئازابنى يوشۇرۇشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇپ ، بۇ خىل ئىپادە ئارقىلىق باشقىلارنى كونتىرول قىلىشنى ، باشقىلارنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا ياشىماسلىقتەك روھىي خائىشىنى ، ئارزۇسىنى ئەتراپتىكىلەرگە بىلدۈرمەكچى بولغان . ئامېرىكا بوستون شەھىرىدىكى مەكىرىن دوختۇرخانىسىنڭ ئەرلەر بۆلۈمى مەركىزىدىكى روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخخەسىسى ۋىللىيام مۇنداق دىگەن : ئاچچىقلىنىش ----ئەرلەرنىڭ يىغلاش ئۇسۇلى .

مەسىلەن بىر ئادەتتىكى ئىشچى ، ئۇناھايىتى تىرىشىپ ئىشلەيدىكەن ، خىزمەتنى دائىم نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملايدىكەن . لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ھېس قىلىشىچە ئۇ خىزمەتتە ناھايىتى ئالدىراقسانلىق ھەم چېچىلاڭغۇ ئىكەن . خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۆزئارا كوت -كوت قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىدىكى ئىشلىرىنى پاراڭلىشىشىدىن ناھايىتى بىزار ئىكەن . ھەر كۈنى كەچتە ، غەرق مەس بولۇپ قايتىپ كېلىدىكەن . ئۇ قىزلارنىڭ ھەم دوستلىرىنىڭ ئالدىدا غەلىتە ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىقرار ئىكەن . ئۇنىڭ يەنە ئاشقازان ھەم تېرە تاشما كېسىلى بار ئىكەن . ئۇ مۇنداق ئويلايدىكەن : ئەگەر ئەرلەر كۆڭلى يېرىم ئىكەنلىكىنى بەكلا ئىپادىلەپ كەتسە ، ناھايىتى ئوسال بولىدۇ ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۆڭلى ھەددىدىن زىيادە يېرىم بولۇش غالجىرلاشقان بىلەن ئانچە پەرقى يوق . ھازىرقى جەمئىيەتتە ، كۆز يېشى بىلەن ھورۇنلۇق ئەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ پەرزى ، ئەرلەرنىڭ نەزىردە خامۇشلۇق نازۇكلۇققا ، يارامسىزلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ . بۇندا ق بولسا ئەركەكلىك سۈپىتى بولمايدۇ . ئۆزىنى يوقىتىپ قويغانلىق بولىدۇ ...ۋەھاكازالار...

شۇڭلاشقا بەزى روھىي كېسەللىكلەر ئالىمى خامۇشلۇقنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى قايتىدىن بەلگىلەشنى تەۋسىيە قىلماقتا . ئەرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسەللىك ئالامەتلىرى: زىيادە كۆرەڭلەش ھەم چوڭ سۆزلەش ، يالغۇز قالغاندا كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلاش ، يۇقىرى سۈرئەتتە ماشىنا ھەيدەش ، بىھۇدە خەتەرگە تەۋەككۈلچىلىك قىلىش ، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمگە يۈزلەنگەندە تىرناقتەك ئىشلارغا ئاچچىقلىنىش ، ...قاتارلىقلارنى قوشۇشنى ئويلاشماقتا . بەزى ئۇتۇق قازانغان ئەرلەر ، مەسىلەن:سىياسىيونلار ، تەنتەربىيە چولپانلىرى ، كارخانا خوجايىنلىرى ...ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق ئالامەتلەر بارلىقىنى ئىقرار قىلغان .

ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ئەرلەر ئاۋۋال كۆڭۈل قويۇپ سەرچانلىق بىلەن ئاڭلاشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك .سۆيگىنى ھەم يېقىن دوستلىرىنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاپ بېقىش لازىم . چۈنكى ئۇلار بىماردىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئەڭ بۇرۇن بايقايدىغان كىشىلەردۇر. ئەگەر بۇ ماقالىنى ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەر ئەتراپىدا مۇشۇنداق ئەرلەر بولسا ، ئۇلارغا ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . خامۇشلۇق ھەرقانداق ئادەمدە بولىدىغان كېسەللىك . ئېغىرلاپ كەتسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا كۆرۈنۈش كېرەك .

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

ھايات گۇزەل

UID
3749
يازما
95
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
3247
تىزىملاتقان
2010-7-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-20
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 19:55:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەر ئۈزۈنى بېسىۋېلىشنى ئۈگۈنىشى، سەۋرىچان بۇلىشى، يىراقلارغا نەزەر تاشلىشى كىرەك.

مەن ھاياتقا كۈلۈپ قارىسام-ھايات ماڭا گۈلدەك كۈرنىدۇ .

كۆيۈمچان ئەزا

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈ

UID
2391
يازما
214
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
7026
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-24
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 19:57:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەتتە ئەرلەر ناھايىتى قەيسەر ، ئۇلار پەقەتلا يىغلاشنى بىلمەيدۇ دەپ قارايمىز ، ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس ، ئۇلار ياش تۆكۈپ يىغلىمىغان بىلەن يۈرىكىدە يىغلايدۇ ، بىز ئاياللار قايغۇ ھەسرىتىمىزنى ، خوشاللىقىمىزنى يىغا بىلەن ئىپادىلەيمىز ، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن يىغلاشقا توغرا كەلگەندە پۇخادىن چىققىچە يىغلىۋالسا يىنىكلەپ قالىدۇ .........

كىتاپنى دوست  بىل

UID
2247
يازما
723
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
24828
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-1
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 20:02:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچچىقلىنىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارغا ئاچچىقلىنالماي ياسالما مۇلايىم بۇلۇپ يۇرۇپتىمەن.قارىغاندا "يۇرۈكۈمدىن يىغلىيالماي"ياشاۋاتقان ئوخشايمەن.

ۋەتىنى يوق ئادەم ئۈنى يوق بۇلبۇل!(ماقال-تەمسىل)

تىرىشچان ئەزا

غەيرەتتىن قالما

UID
2687
يازما
136
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1530
تىزىملاتقان
2010-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-28 14:59:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنلاردا ئايال بولماق تەس،دەيدىغان.مانا ئەمدى ئەر بولماق تەس بولىۋاتىدۇ ،مۇشۇ كۈنلەردە.

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1429
تېما
37
نادىر
0
جۇغلانما
43163
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-26
توردا
59 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-28 22:10:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىغلاپ بەرسە ئىچى بوشايدۇ ،،،،شۇڭا يىغلايدىغان يەردە يىغلاش ،،كۈلىدىغان يەردە كۈلىۈش كىرەك

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

دائىملىق ئەزا

..ئىھ  سىنىڭ كۆز

UID
2827
يازما
554
تېما
69
نادىر
0
جۇغلانما
18140
تىزىملاتقان
2010-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-12-7
توردا
74 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-28 22:18:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبە ئۇزىڭىزمۇ ياكى بىرە كىتاپ -يۇرنالمۇ؟

مەن ئىزدىنىۋاتمەن لىكىن سىلەر بىلەن بىرگە،

UID
55710
يازما
421
تېما
45
نادىر
0
جۇغلانما
421
تىزىملاتقان
2013-9-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-12-5
توردا
135 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-19 17:47:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىغلاپ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، لېكىن يېغلىمىسا كىم ئەمچەك سالىدۇ. شۇڭا يىغلايدىغان چاغدا يىغلاش كېرەك. ئاچچىقلاش كېرەك بولسا سۇغۇققان بۇلۇش كېرەك.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش