ئۆتنە جاھان ، تار جاھان
ئەتلەس كۆينەك چىرايلىق بىر قىز ،
قىز قولىدا تاماق قاچىسى ،
كىرىپ كەلدى دوختۇرخانىغا .
كۈلۈپ تۇرۇپ ،
قىز يولىغا تەقەززا بۇلۇپ ،
كىلىڭ قىزىم ، جان قىزىم ، خان قىزىم ، دەپ
قارشى ئالدى قېيىن ئانىسى .
تۇرۇپ قالدى تاپسا تۈۋىدە ،
ئەتلەس كۆينەك چىرايلىق شۇ قىز ،
چىرايلىق ، چوڭ قارا كۆزلىرى
بىر نۇقتىغا
تىكىلگەن ،
نەمدەلگەن ،
ئاپپاق ، سۈزۈك ، نازۇك قوللىرى
قىسىلغان ،
تىترىگەن ،
ئوماق لەۋلىرى
ئۈمچۈيۈشكە ئارانلا تۇرغان .
دەل شۇدەم ،
قىز ھەم «نۇقتا»
ئويلىدى بىردەك :
«ھەي بۇ جاھان ئەجەپ تار » دەپ .
قىز ، پۇتلىرىنى ئالدى تاپسىدىن ،
ئانىسى ئالدىدا چاندۇرماس بۇلۇپ .
تۇنۇشتۇردى قىزنىڭ ئانىسى ،
يېڭى كېسەلنى
يېڭى خوشنىنى ،
يېنىدىكى ئاقباش موماينى .
« ئالتۇن كىلىنكەن ،
كىلىنلەرنىڭ ۋاپادارىكەن ،
ئۆزىمۇ گۈلكەن ،
قۇلىمۇ گۈلكەن ،
كىلىندىن زەپمۇ تەلەيلىرى باركەن .
_كىلىڭ قىزىم ، پىشانىڭىزغا سۆيەي ،
قىيىن ئانىڭىزنىڭ خىزمىتىنى قىلغان
ئىشچان ، گۈل قوللىرىڭىزغا سۈيەي .
قىز ماختالغان دەل شۇ دەقىقە ،
قىز ۋە نۇقتا ئويلىدى بىردەك :
«ھەي بۇ جاھان ئەجەپ تار» دەپ !
چۈنكى بىر چاغ
قىزنىڭ بەخت - تەلىيى ،
كۆيگىنى ھەم چىن ۋاپادارى ،
ۋەدىلەشكەن سۆيگەن يىگىتى
ئىدى دەل ئاقباش موماينىڭ
جانۇ - جىگەر ئەتىۋار ئوغلى .
يىگىت ئۈزەلمەي قىزدىن كۆزىنى ،
ئۇنتىدى يېنىدا بارى - بارىنى .
قىزمۇ ھەم چاندۇرماي تۇرغىنى بىلەن ،
يۈرىكى ،
ئاسىي ئەمما يۇمشاق يۈرىكى ،
كۆڭلىنى بۇزۇپ ،
قەلبىنى تىلغاپ،
ئىسىگە سالدى ،
ئۆتكەن ئاشۇ ئالتە يىلىنى...
ئالتە يىل مۇقەددەم ،
يازنىڭ ئىللىق ، ئۇچۇق بىر كۈنى ،
قىز قولىدا ئىككى ھاياجان ،
بىرى __ قىزنىڭ نەتىنجىسى ،
ئاتا-ئانا ، يۇرت ئارزۇسى ،
قىزنىڭ كېلەچىكى ،
ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزى .
يەنە بىرى
قىزنىڭ يۈزىنى قىزارتقان ،
يۈرىكى ھاياجاندىن تېخىمۇ بەك سوققان .
قىزغا كۈيۈپ يۈرگەن يىگىتنىڭ ،
شىرىن - شېكەر ، تاتلىق سۆزلىرى .
پەقەت قىزغىلا كۆڭۈل بەرمەك بۇلۇپ ،
بۇ ھاياتىدا پەقەت ئۇنىلا سۆيمەك بۇلۇپ ،
بۇ ھاياتىدا پەقەت ئۇنىڭ بىلەنلا ئۆتمەك بۇلۇپ ،
يازغان ۋەدە-قەسىمى !
قىز سىنىدى يىگىتنى ،
ئۇدا ئىككى يىل .
يىگىت چىدىدى ھەممىگە ،
گويا دىگەندەك :
مىنىڭ چىن ساداقىتىمنى بىل !
يەنە شۇنداق يازنىڭ ئىللىق بىر كۈنى ،
قىز ۋە يىگىت ئۆستەڭ بۇيىدا ،
قىز كۆزىدە ئاجايىپ مەنا .
يىگىت گويا سېھىرلەنگەندەك
چىقمايدىغۇ ھىچقانداق سادا .
شۇنىڭدىن كىيىن ،
قىز كۆزىدە پەقەت شۇ يىگىت .
قىز كۆڭلىدە پەقەت شۇ يىگىت ،
ئاق ئاتلىق كىلىشكەن يىگىت ،
يىگىتتە يوق ھىچقانداق نۇقسان ۋە چىكىت.
ئۆتتى يەنە ئىللىق ئىككى ياز ،
مۇھەببەتكە تولغان ،
ھەربىر كۈنىدە ھەسەل كەبىي ،
شىرىنلىك بولغان .
قىز قەلبىنى ، ھەممە بارىنى
ئاللىقان شاھزادىسىگە ئاتاپ بولغان .
مۇھەببەت دىگەن شۇمىدۇر ،
بىر كۈن كۆرمىسە چىداشمايدىغان ،
پاراڭلىرى ھەم تۈگىمەيدىغان ،
يىگىت ماڭدى قىزدىن بۇرۇن ،
ئوقۇشى تامام بولغاچ ،
ياق ئوقۇشلا ئەمەس ،
قىزنىڭ بارلىق ئارزۇسى ، ئۈمىدى ،
يىگىتنىڭ بەرگەن ۋەدە-قەسىمى ،
ئايدىڭ ئاخشامدىكى شىرىن سۆھبەتلەر ،
قىزنىڭ قىزىرىپ تۇرغان يۈزىدىكى بەخت كۈلكىسى ،
تۇنجى سۆيۈشنىڭ ئۆچمەس ئىزناسى ،
ھەممە - ھەممىسى تامام بولغان .
چۈنكى يىگىت ئانىسى ،
تەييار قىلغانىدى
ئارزۇلۇق ، جانۇ - جىگەر ئوغلىغا
قايسى بىر باشلىقنىڭ گۈزەل قىزىنى !
يىگىت ئېيتقان ئىدى ،
بار بۇلۇپ بولغان ۋاپادارىنى ،
ئېيتقان ئىدى ئانىمۇ ئوغلىغا
ئاشۇ قىزنى رەت قىلىشنىڭ سەۋەپ بارىنى :
__ قىز ئانىسى بىر ئاجىزە تۇل ،
كىيىملىرى ئاددىي ھەم جۇلجۇل ،
يوق ئۇلاردا نام - ئاتاق ئابروي ،
ھەم ئۈمۈد يوق قىزىنىڭ خىزمىتىدە يول !
يىگىت ئاڭلاپ ئانا سۆزىنى ،
ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى
قىزنىڭ ئەسلى-تىگىنى ،
تۈگىمىگەن ئوقۇش ئىشىنى !
ھەم ئانىنى خوش قىلماق بۇلۇپ
ماڭدى ھەم كۆرمەك بۇلۇپ
باشلىقنىڭ ئەتىۋارلىق يالغۇز قىزىنى ...
تۇرۇپ قالدى قىز ،
گويا ئاسمان ئۆرۈلگەندەك ،
يەر يېرىلغاندەك ،
يۈرىكىنى گويا بىر مەخلۇق
ئامبۇر بىلەن كۈچەپ قىسقاندەك
قولىدىكى يىگىتنىڭ خېتى
كۆزىگە ئەزرائىلنىڭ خېتى بۇلۇپ كۆرۈنگەندەك .
شۇنىڭدىمۇ ئاڭكۆڭۈل مەسۇمە قىزچاق
ئۈزمىدى ئۈمۈد ،
خۇددى يىگىتنىڭ ئېيتقانلىرىغا
ئىشەنمىگەندەك.
مۇڭلانماقتا كونا جاي __ ئۆستەڭ بۇيىمۇ ،
گويا قىز ئۈچۈن ،
پاك سۆيگۈ ئۈچۈن ،
تۇنجى مۇھەببەت ئۈچۈن ،
ھازا تۇتقاندەك .
يىگىت تۇراتتى
گويا ھىچقانداق ئىش بولمىغىنىدەك ...
گويا قىزنىڭ يىغلاشلىرىنى
«نىمە ئۈچۈن»دەپ سۇئال قۇيۇشلىرىنى
قىلچىمۇ ئاڭلىمىغاندەك.
گويا ئىككى يىل بۇرۇن ،
دەل مۇشۇ جايدا ،
قىزدىن ماقۇل جاۋاپ ئالغاندا ،
ھاياجاندىن تىلى تۇتۇلمىغاندەك .
گويا ئىككى يىل بۇرۇن ،
تۇنجى بۇلۇپ قىز قولىنى تۇتمىغىنىدەك ،
گويا ئىككى يىل بۇرۇن
لەۋلىرىنى لەۋلىرىگە يېقىپ تۇرۇپ
مەڭگۈلۈككە ۋەدە بەرمىگىنىدەك ...
يىغلىدى قىز يېلىنىپ يالۋۇرۇپ ،
ئىككى يىلنىڭ ھەربىر كۈنىنى ،
شىرىن - تاتلىق ئەسلىمىلەرنى شىپى كەلتۈرۈپ .
ئەپسۇس ، لەنىتى يىگىت
ۋىجدانىدىن كەتتى يۈز ئۆرۈپ .
يولۋاس يانماس ئىزىدىن ،
يىگىت يانماس سۆزدىن ،
ئەمما بۇ يىگىت ياندى ھەممە سۆزىدىن ،
تېنىۋالدى ھەتتا ئوتلۇق ۋەدىدىن ،
تېنىۋالدى ھەم قىزنىڭ پاك سۆيگۈسىدىن .
يازنىڭ يامغۇرلۇق شۇنداق بىر كۈنى ،
قىز قولىدا يىگىت باغىقى .
چۈنكى قىزنىڭ يوق باشلىق دادىسى ،
يوق ھەم تېخى مۇقىم خىزمىتى ،
تېخىمۇ يوق باشلىقنىڭ قىزىدەك
مودا كىيىم ، مودا قامىتى،
ھەم زامانغا لايىق مودىلىق ئېڭى ...
قىز يىغلىدى ،
ۋىجدانسىز يارىنى ئەسلەپ ،
ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغانلىرىغا پۇشايمان يەپ ،
دەيتتىغۇ يىگىت :
ئايرىلمايمەن سىنىڭدىن مەڭگۈگە ، دەپ .
دەيتتى يەنە :
ئايرىلغۇم يوق سىنىڭدىن پەقەت ،
ئەگەر ھاياتتا بولسا شۇنداق بىر پۇرسەت ،
كىشى ئۆزگىرەلەيدىغان ،
خالايتتىم ئۆزگىرىپ
سەندىكى بىر دانە خالغا
ئايرىلماي سەندىن ئۆتسەم تائەبەت !
ئاقباش موماي ماختانغان شۇ كۈن ،
چوڭ باشلىق قۇدىسىدىن ،
ھەم خىزمىتى بار مودا كىلىندىن ،
ئوغلىنى قايىل قىلغىنىغا شادلانغان شۇ كۈن ،
يېڭى كىلىن كۆچۈرۈلگەن كۈن ،
يىگىت ئېچىنىشلىق ئىڭراپ تاشلىدى ،
ئەمما قىلچىمۇ چىقىرالمىدى تىۋىش ياكى ئۈن .
يېڭى كىلىن كۆچۈرۈلگەن كۈن ،
يىگىت قەلبى قان تولغان شۇ كۈن ،
غۇرۇر يەرگە پايخان بولغان كۈن ،
پاكلىقنىڭ نامىغا داغ چۈشكەن شۇ كۈن .
ئەمما يىگىت
باشلىق «دادىسى» ئۈچۈن ،
خوشاللىقى چېكىگە يەتكەن ئاقباش ئانىسى ئۈچۈن ،
نىمە دەپمۇ چىقىرىدۇ ئۈن ؟
قىزمۇ يىغلىغان
تاشلىۋېتىلگەن سۆيگىنى ئۈچۈن
ۋاپاسىزغا كۆيگىنى ئۈچۈن ،
خارلانغان ئەقىدىسى ئۈچۈن.
دەل ئاشۇ كۈن ، يىگىت يىغلىدى ،
قىلغان بارلىق ئەمەللىرى ئۈچۈن .
چۈنكى
قىز يىغلىسا زىمىن سىلكىنۇر ،
قىز يىغلىسا ئايمۇ مۈكۈنۈر ،
قىز يىغلىسا قاغىشى تۇتۇر ،
قىز ئاھلىرى ئاللاغا يىتۇر .
مانا بۈگۈن ئاقباش موماي دوختۇرخانىدا ،
قارايدۇ تەڭتۇشىنىڭ بۇ كىلىنىگە ،
مۇقىم خىزمىتى بار ،
مىجەزىنىڭ ئېپى - جېپى بار ،
تاماققا ھەم خويمۇ ئېپى بار .
تۇيۇقسىز ئاقباش موماي يادىغا يەتكىنىدە
باشلىق قۇدىسىنىڭ ئەتىۋارلىق مودا قىزى ،
ئىسىگە كىلىپ تېخىچە يەپ باقمىغان بىر قاچە تامىقى ،
بىرەر قېتىم ئېسىلىپ ، ئېچىلىپ - يېيىلىپ ئەركىلىمىگىنى ،
ھەتتا يەتتە كۈنگىچە بىرەر قېتىممۇ يوقلاپ قويمىغىنى ،
كۆز ياشلىرىنى تۇتۇۋالالمىدى ،
قىزبالىغا ئامراق ئاجىز يۈرىكى .
ئاقباش موماي يىغلاپ سالدى ،
بىرچاغدا
قىزمۇ يىغلىغان
نىسىپ بولمىغىنىغا مۇشۇ ئانىنىڭ خىزمىتىنى قىلغىلى !
راست ، ئاقباش موماي يىغلاپ سالدى
چۈنكى
قىز يىغلىسا زىمىن سىلكىنۇر ،
قىز يىغلىسا ئايمۇ مۈكۈنۈر ،
قىز يىغلىسا قاغىشى تۇتۇر ،
قىز ئاھلىرى ئاللاغا يىتۇر .
بىغۇبارىم..........شەھىرى كۈسەن .....