- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 32
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 32
- تىزىملاتقان
- 2014-2-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-27
- UID
- 58654
- يازما
- 32
- تېما
- 4
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 32
- تىزىملاتقان
- 2014-2-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-27
- توردا
- 20 سائەت
|
بۇ مىللەتتە ئۈگىنىدىغانلار يوق دىسىڭىز قارايۈزلۈك بولۇپ قالارمىكىن ،تۇغقىنىم، ئەگەر ئانچە-مۇنچە باردەپ قارىسىڭىز يالغانچى بولىسىز، يەنە شەخسىيەتچىلىكنى مىللەتنىڭ ئەيىبى دەپسىز، ئەپسۇسكى شەخسىيەتسىزلەر ھەم ئارىمىزدا بار، ئۇلار ئۇيغۇر ئەمەسمۇ؟ سىزگە دەي كىم بولۇڭ . قايتا ئويلاڭ، سىز دەۋاتقان ئۇ نەرسىلەر بىرپۈتۈن مىللەت توپىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ماركا ئەمەس، بەلكى سىز دەراتقان بۇ پىكىرلەر بىزلەر يىگىرمە يىللاپ كېيگەن كونا جەندە، شۇنداقلا ئۇ نۆلاۋەتتىكى مىىللىي ئىپتىخارنى يۇيۇۋېتىدىغان پاسسىپ فورماتلاش تىپىدىكى مىڭە يۇيۇش ئۇرۇنۇشىدۇر خالاس. سىز ئەڭ ياخشىسى ئۈزىڭىز ئۈگىنىشنى ئۈگىنىۋېلىڭ، شەخسىيەتسىزلىكنى ئۈگىنىۋېلىڭ، ماددىي دۇنيادىكى ئېتىقاد، ئىقتىساد ۋە ئىجتىھاد ئارقىلىق كەيپىياتىڭىزنى، پىسخىك تەڭپۇڭلۇقىڭىزنى تەڭشەشنى ئۈگىنىۋېلىڭ. سۇندۇك كېچىسى ئۇۋىسىدا پۇتىنى ئاسمانغا قارىتىپ ياتارمىش، ئۇ خىيالىدا ئاسمان ئۆرۈلۈپ كەتسە يۈلىۋېلىشنى ئويلارمىش. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، ئاللاھ بىرىگە بىرياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇنى پۈتۈن دۇنيا بىرلىشىپمۇ ئېلىۋالالمايدۇ، ناۋادا بىر يامانلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇنى پۈتۈن دۇنيا بىرلىشىپمۇ ئۇنى پوسۇۋالالمايدۇ. سىز مىللەتنى قۇتقۇزۇشنى ئەمەس، ئۆزىڭىزنى ئاخىرەتنىڭ مالامىتىدىن قۇتقۇزۇشنى ئاۋۋال ئويلاڭ سۇندۇكقا ئوخشاش يۈزەكى پىكىر قىلىشتىن قول ئۈزۈپ كۆپ قاتلاملىق پىكىر قىلىشقا ئادەتلىنىڭ، كىتابنى كۆپ ئوقۇش ئۈگىنىش بولمايدۇ. پايدىلىق كىتابنى، لازىملىق كىتابنى تاللاشمۇ بىر ھۈنەر. ‹ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىقى›دىگەن بىر ئەسەر بار توردا، تېپىپ ئوقۇپ بېقىڭ ھەم پىكىر قىلىشتا سىناپ بېقىڭ. شەخسىيەتچىلىك سىزدە ھەم مەندە بولىدۇ، ئۈگەنمەسلىكمۇ شۇنداق، ئۇنى مىللەتكە ئارتىپ قويسىڭىز تۇزكور بولىسىزتۇزكور، كۆپ سۆزلەپ سالدىم ، كەچۈرۈڭ. |
|